مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1111|ئىنكاس: 19

ئىسىملارنىڭ سانلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ساقىشچى

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5386
يازما سانى: 680
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 17000
تۆھپە نۇمۇرى: 1105
توردا: 1894 سائەت
تىزىم: 2010-8-1
ئاخىرقى: 2013-6-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-27 01:06:18 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
      ئەڭ قەدىمقى دەۋىرلەردىن بېرى ،سانلار پەقەت ھىساپلاش ئېيتىياجى ئۈچۈنلا قوللىنىلمىغان،بەلكى ئىسىملارنى ئىپادە قىلىش رولىنىمۇ ئوينىغان.يۇنانلىق پەيلاسوپ ۋە ماتىماتىك پىفاگور ھەرقانداق نەرسىنى سانلارنىڭ ئاھاڭى بىلەن ئېنىقلايتتى .قەدىمقى جۇڭگولۇقلار سانلارغا مەنىلەرنى بەرگەنىدى.بىرەر ئىشقا دۇچ كەلسە ،ئۇنى سانلارنىڭ مەنىسىنى ئېنىقلاش ئارقىلىق تەتقىق قىلىشقا ئۇرۇناتتى.سانلارنىڭ مەنبەسى ساناقسىزدۇر،ئۇنىڭ مەنىسى ۋە تەبىرىمۇ شۇنداق.مۇنداقچە ئېيتقاندا ئىسىملارنىڭ بىر ئۇچى باتىل ئېتىقاد،ئىشەنچىلەرگە،يەنە بىر ئۇچى ھەرقايسى خەلقلەرنىڭ تەبىئەتنى چۈشۇنۇش ۋە ئۇنى بىلىش دەرىجىسىگە تايىنىدۇ.قەدىمقى مىسىردا ،بابىلوندا ،قەدىمقى يۇناندا ،ئىسلامدىن ئىلگىركى تۈرۈكلەردە ،ئەرەپلەردە سانلارنىڭ نۇرغۇن مەنىلەرگە ئىگە بولغانلىقى تەتقىقاتلار ئارقىلىق بىزگە ئايان بولماقتا.قەدىمقى مەدەنىيەتلىك خەلقلەرنىڭ پازىللىرى ۋە پەيلاسوپلىرى سانلارنىڭ خەلق ئارىسىدىكى مەنىسىگە يېڭى-يېڭى مەنىلەرنى قوشقان.
يۇنانلىق داڭلىق پەيلاسوپ ۋە ماتىماتىك پىفاگورنىڭ چۈشەنچىسىگە قارىغاندا ،سانلار تۆۋەندىكىدەك مەنىلەرگە ئىگىدۇر:
بىر شېئىرنى؛ئىككى زىتلىق،ئۆزگۈرۈشچانلىقنى ؛ئۈچ پۈتۈنلۈك،باشلىنىش،ئوتتۇرا ۋە ئاخىرىنى ،يەنە ئىلاھى كۈچنى؛تۆت توغرىلىق،ئادالەت،دۇنيانى ؛بەش ئۆيلەنگەنلىكنى؛ئالتە شانلىق ،پارلاقلىقنى؛يەتتە غايىۋى كۈچنى؛سەككىز ساغلاملىقنى ؛توققۇز ھەممە سانلارنىڭ مۇجەسسىمىنى ؛ئون ئاخىرى بولمىغان يېڭى بىرساننىڭ باشلانمىسىنى بىلدۇرەتتى.بۇ سانلارنىڭ ھەربىرى ئۆزگىچە مەنىگە ئىگە بولۇپ،بىز بۇ سانلار ئارقىلىق ئىسىمنى ئىپادىلەپ،ئۇنىڭغا مۇناسىپ مەنە بېرەلەيمىز.بۇنداق مەنىلەرنى بىز ھەرقايسى دىننىي ئېتىقاتلاردىن،ئەپسانە رىۋايەتلەردىن،خەلق بىلىمى ئومومىيىتىدىن ۋە ماقال تەمسىللەردىن كۆپلەپ تاپالايمىز.
سانلار ۋە سىز
ھەر بىر ساناق ساننىڭ ئۆز ئالدىغا مەنىسى ۋە ئالاھىدىلىكى بار.سىزمۇ ئۆز ئىسىمىڭىزغا مۇناسىۋەتلىك ساننى تۆۋەندىكى جەدۋەلنىڭ ياردىمى بىلەن يېشىشكە مۇۋەپپەق بولالايسىز ۋە ئىسىمىڭىزنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى بىلىۋالالايسىز.
سانلار ھەرىپلەر
1 ئا ئې ئى ژ ي
2 ب ق ك ل
3 ج چ گ غ ر س ش
4 د م ت
5 ئە ھ ن ڭ
6 ئۇ ئۈ ۋ
7 ئو ئۆ ز
8 ف پ
ئىسىمىڭىزنىڭ ھەرپلىرىنى كۆرسەتكەن سانلارنى جەدۋەلگە قاراپ قوشسىڭىز ،ئىككى خانىلىق نەتىجە ھاسىل بولىدۇ.ئۇلارنى يەنە ئۆز-ئارا قوشسىڭىز،ئۆزىڭىز مەنىسىنى تاپماقچى بولغان ساننى ھاسىل قىلالايسىز.
مەسىلەن:
ئەرىكزاد
5+3+1+2+7+1+4=23=5
دېمەك ، ئەرىكزادنىڭ ئۆيلەنگەن ئەرلىكىنى بىلدۇرىدۇ.
باشقا تەرىپىنى 5 دىن بىلىڭ !

بىر (1 )نىڭ مەنىسى
ھەرقانداق دەۋىر دە باشقۇرغۇچى (ھاكىم)بولالايسىز.چۈنكى سىز ۋەزىيەتكە چىچەنلىك بىلەن ماسلىشالايسىز ۋە باشقىلار تېخى بايقىمىغان مەسىلىلەرنى بايقىيالايسىز.ئۆز ئالاھىدىلىگىڭىز بىلەن بىر مەسلەك ھاسىل قىلىپ كۆپلىگەن ئەگەشكۈچىلەرنى ئۆزىڭىزگە قارىتالايسىز ۋە نىشاننى ئېنىڭ قىلىپ ،پۇختا ،قەدەم باسقۇچلۈق ھالدا ھەركەت قىلىپ غەلبە قىلالايسىز.
ئۆز دەۋرىڭىزدە بىرەر تەشكىلات ياكى جەمىيەتنىڭ داھىسى بولالايسىز.ئۆزىڭىزنىڭ چىۋەرلىكى بىلەن تېخنىك ساھەسىدە ۋە ئىختىرا،كەشپىيات ساھەسىدە ئىقتىدارىڭىز بىلەن باشقىلارنىڭ دىققىتىنى ئۆزىڭىزگە قارىتالايسىز.بويرۇق ۋە ئىتائەت قىلىدۇرۇش كۈچىڭىز(ئابروي ئىناۋىتىڭىز)بىلەن ناھايىتى ئۆتكۈر مەسىلىلەرنى بىر ياقلىق قىلالايسىز.لېكىن پەۋقۇللادە جۈشقۇن،ئالدىراخسان،ھاياجان تىپىدىكى تىپىدىكى كىشىلەردىن ئۆزىڭىزنى قاچۇرۇشىڭىز كېرەك.بولمىسا بىكاردىن بىكار ئۆزىڭىزگە دۈشمەن تېپىۋېلىپ ،ئىشلىرىڭىزنى ئاقسىتىپ قويىسىز.ئۆمومەن بەخت -تەلەي نىشانى بولغان ھوما قۇشى ھەر دائىم بېششىڭىزدا ئەگىپ يۈرۈيدۇ.
ئىككى(2)نىڭ مەنىسى
خۇسۇسىيىتىڭىز ۋە مىجەزىڭىز سىزنى ھىس تۇيغۇنىڭ ياردىمى بىلەن ھەركەت قىلىدىغان،خاراكتىرى كۈچلۇك،خىيالىي ئىنسانغا ئايلاندۇرۇپ قويغان.كىشىلەر كۆپ توپلاشقان،شاۋقۇن سۆرەن،جىدەل-غەۋغا بولمىغان،خاتىرجەم خىيالسۈرۈشكە ئەپلىك بىرەر خىلۋەت جايدا ياشاش ئىستىكىدە يۈرۈسىز.ئۆزىڭىزگە ئېتىبار بىلەن قاراپ ،ئۇستى بېششىڭىزنى تۈزەپ تۇرىشىڭىز ۋە بىرەر ئىشتا غەلبە قىلىپ قېلىشىڭىز بۇ ھاياتلىقتىكى سىزگە بېرىلگەن مۇكاپاتتۇر.شۇ چاغدا تېخىمۇ كۈچلۈكلەر بىلەن رىقابەتلىشىپ بېقىش خىيالىدا بولۇپ قالىسىز.ئۆز ئالاھىدىلىگىڭىز بويىچە بىرەر ئىشقا كىرىشىپ كەتسىڭىز،ئەسلىدىكى خىيالچانلىقىڭىز نەلەرگىدۇر يوقاپ كېتىدۇ،ئەمما سىز ئاشۇ خىيالى دۇنيارىڭىزنى تۇلا ئارمان قىلىپ ،ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۇنى تېپىۋالىسىز ۋە بۇ شېرىن ئالەمگە باشچىلا كىرىپ كېتىسىز.سىز بەزى رىئال مەسىلىلەرنى ئالدى بىلەن شىرىن خىيال بىلەن بىر تەرەپ قىلىۋېتىپ ئاندىن شۇ ئىشقا تۇتۇش قىلىسىز-دە،دائىم مىققا ئۈسۈۋالىسىز.سىز يىلتىزىڭىزدىن بىرەر ئىشنى كەينىگە سۈرۈپ ئادەتلەنگەنلىكىڭىز ئۈچۈن،بەزى رىئال مەسىلىلەرنى جىددىي ھەل قىلىدىغان چاغدا كەسكىن قارشىلىققا دۇچ كېلىسىز.
ئۈچ (3)نىڭ مەنىسى
ئۆز ئەتراپىڭىزدىكى كىشىلەر ئارىسىدا ئەڭ بەختلىك كىشى سىز بولىسىز.تېخى بىر مۇنچە ئۇيۇشما،جەمىيەتلەر ئارىسىدا ئەڭ كۆپ ئىزدىلىدىغان كىشى سىز بولۇپ قېلىشىڭىز مومكىن.چاققانلىق بىلەن ناھايىتى مۇناسىپ ۋە توغرا قارارلارنى چىقىرالايسىز.بۇ جەرياندا باشقىلارنىڭ چۈشەنچىلىرىنى توغرىلىۋېلىشىغا ياردەم بېرىسىز ۋە بىرەر مەسىلىنى ھەل قىلىشتا چاقماقتەك تېزلىك بىلەن ئۆز كارامىتىڭىزنى كۆرسىتىپ،ھەممە كىشىنىڭ ئالدىدا غەلبە شادلىقىغا چۆمەلەيسىز.جانلىقلىقىڭىز ۋە ھاياتنى قەدىرلىشىڭىز سىزنى نۇرغۇن يېقىن دوستلارغا ئۇچراشتۇرىدۇ.گۈللۈك ،مەنزىرلىك جايلارنى تاللاش ئىقتىدارىڭىزدىمۇ مەسىلە بولمايدۇ.باشقىلارنى كۆپ رەنجىتىپ قويىسىز.بەزى نىشانلىرىڭىز بەك يۇقىرى بولۇپ كەتكەنلىكتىن ،ئۆزىڭىزنىڭ بارلىق ھەيۋىتىڭىزنى ئىشقا ساللىسىڭىزمۇ،ئۇلارغا قۇدرىتىڭىز يەتمەيدۇ.
تۆت (4) نىڭ مەنىسى
يات كىشىلەر بىلەن چىقىشىپ كېتىش سىز ئۈچۈن ئوڭاي.ئەمما بۇنىڭ ئۇچۈن خېلى ئۇزۇن مۇددەت تىرىشىشىڭىزغا توغرا كېلىدۇ،قابىلىيىتىڭىز ئەمىلىي قوللىنىشچانلىققا ئىگە بولۇپ،ھەر قانداق چاغ ،ھەرقانداق جايدا جارىي قىلدۇرالايسىز.بەك تىرىشچانسىز،ئەمما بەزىدە تەڭسىزلىك كۆرۇپمۇ قالىسىز.ۋەقە ھادىسىلەر توغرىسىدا توغرا يەكۈن چىقىرالايسىز،تەھلىللىرىڭىز ئەتراپىڭىزدىكى كىشىلەرنى قايىل قىلالايدۇ.چۇشەنچە چوڭقۇرلۇقىڭىز ۋە ئەتراپلىق قابىلىيىتىڭىز ۋەزىيەت ئىنتايىن تۇراقسىز،داۋالغۇپ تۇرغان چاغدىمۇ سىزگە كۈچلۈك ياردەمچى بولالايدۇ،ئەممازورلاپ مىجەزىڭىزنى ئۆزگەرتىۋالسىڭىز،جورىڭىز،قېرىندىشىڭىز ۋە ئائىلىڭىز بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىڭىزگە زەرەر يەتكۈزۈپ قويىسىز.
بەش(5) نىڭ مەنىسى
تەرتىپلىك ۋە كۆپ تەرەپلىكسىز.بولۇپمۇ سىزنىڭ چۈشەنچىلىرىڭىز ئەمىلىي ئەمەس.ھەر ۋاقىت باشقىلارنىڭ پەرقلىق كۆز قاراشلىرىغا رەدىيە بېرىپ تۇرىسىز،بىرەر ئىشقا كىرىشسىڭىز شۇ ئىشتىن نان تېپىپ يىيەلەيسىز.مۇستەقىل ئىش قىلىش سىز ئۈچۈن بەك موھىم .كۈندىلىك ھاياتتا ئومومەن جىددىي ئىشلىمىسىمۇ بولىدىغان ۋە تېز ئاخىرلىشىدىغان ئىشلارنى تېپىپ قىلىسىز.سەيلى-ساياھەت قىلىشنى ،جاھانكەزدىلىكنى بەك ياقتۇرىسىز.ئاجايىپ چوڭ ئىش قىلىش ۋە باي بولۇش خىيالىڭىزمۇ ئىنتايىن كۈچلۈك.ئەمما سىز ساياھەت قىلغاندا يېقىن ئەتراپتىكى بىرەر تاغقا ياكى شەھەر ئەتراپىغا بېرىپ كېزىپ كەلسىڭىزلا يېتەرلىك بولار.باشقىلارنى بىر بىرىگە يېقىنلاشتۇرغۇچى قابىلىيەتكە ئىگىسىز.ئومومەن باشقىلارغا بەك سۇرلۈك كۆرىنىسىز.
ئالتە (6) نىڭ مەنىسى
ئويخۇمار بىر ئادەمسىز،سىز ئۈچۈن ئائىلىڭىزدىن باشقا ھېچقانداق نەرسە يوق.بوش ۋاقتىڭىزدا ئۆزىڭىز ئولتۇرغان تۆت تامنىڭ ئىچىدە زوقلىنىپ ئۆتكۈزىىسىز.ئىچ-ئىچىڭىزدىن ناھايىتى مول ھېسياتقا ئىگىسىز.ھەر كۈنى دىگىدەك چۈشلەر قوينىغا چۆكىسىز.ھاياتىڭىزدا ناھايىتى كەم ئەقلىي قابىلىيىتىڭىز سىزگە نۇرغۇنلىغان ئاۋارىچىلىقلارنى تېپىپ بېرىدۇ،تاپشۇرۇلغان ۋەزىپىلەرنى ئورۇنداش جەھلىڭىزنى قاتۇرسىمۇ،بۇنى غەلبىلىك تاماملاشقا مەجبۇر بولىسىز.
يەتتە (7 )نىڭ مەنىسى
يەتتە مىستىتىزم ۋە سىرلىق ۋەقە ھادىسىلەرنى ئىپادىلەپ كېلىدۇ.شۇ سەۋەپتىن سىزمۇ چوڭقۇر چۈشەنچىلەرگە ئىگە ۋە خىيال كۈچى بىلەن تولغانسىز.ئىسمى يەتتە بىلەن باغلىنىشلىق كىشىلەر ناھايىتى سىرلىق ۋە روھانىي قابىلىيەتكە ئىگىدۇر.كۈنلۈك ھاياتتا ئالتىنچى تۇيغۇڭىز سىزنى توغرا يولغا يىتەكلەپ تۇردىغانلىقتىن ،بۇ تۇيغۇ سىزنى خىزمىتىڭىز ياكى شەخسىي ھاياتىڭىزدا بىر قەدەم ئالدىغا چىقىرىدۇ.دۇنيا مەسىلىلىرى بىلەن ھەپلەشكەنلىكىڭىز ئۈچۈن،باشقىلار بىلەن نەچچە سائەتلەپ پەلسەپەلىك مۇنازىرىلەر قىلالايسىز.ئومومەن ،خىيالپەرس ۋە ئىغىر بېسىق كۆرىنىسىز.مۇشۇنداق مىجەزىڭىز تۈپەيلىدىن باشقىلار سىزدىن يىراقلىشىدۇ،ئۇرۇق تۇققان،دوست-بۇرادەرلىرىڭىز پەقەت سىزنىڭ ئىستىلىڭىزنى ياخشى دەپ قارىغاچقىلا ،سىز بىلەن قۇيۇق مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ قالىدۇ.ناھايىتى كۆپ بېرىش -كېلىش قىلىشمۇ سىز ئۈچۈن ئۇيغۇن ئەمەس.
سەككىز(8)نىڭ مەنىسى
كۈچلۈك ،قانداق ئارزۇدا ئىكەنلىكىڭىزنى بىلىدىغان ۋە مول ئېنىرگىيىگە ئىگە كىشىسىز.ھەركەتچان ۋە روھلۇق بولۇپ،ساغلام ھالەتتە تۇرىسىز،كۈچلۈك قابىلىيىتىڭىز ۋە قەتئىي ئىرادىڭىز بىلەن ئەڭ ئېغىر ۋەزىپىلەرنىڭ ھۆددىسىدىنمۇ چىقالايسىز.ئۆز ئالاھىدىلىكىڭىز بىلەن بىرەر ئىشقا باش بولغىنىڭىزدا غەلبىنى ساقلاپ قالالايسىز.ھەرقانداق ۋەزىيەتتە ئوتتۇرىغا چىقىپ ئاسان ياكى قىيىن بولسۇن ،ھەرقانداق مەسىلىنى يېشەلەيسىز.شامالغا قارشى ئىش تۇتسىڭىزمۇ ئىشىڭىز ئوڭغا تارتىپ تۇرىدۇ.دىندارلىقىڭىز بىلەن دىندارلار ئارىسىدىمۇ كۆپ نەتىجە يارىتالايسىز.باشقىلارغا تەمكىنلىك بىلەن يېقىنلىشالايسىز.سىزنى ياخشى تۇنىغانلار ناھايىتى تېزلا قەلبىڭىزنى ئۆزىگە رام قىلىپ بولىدۇ.
توققۇز (9) نىڭ مەنىسى
بۇيۇك نىشانىڭىز ئۈچۈن ھەرقانداق جاپا مۇشەققەتكە باش ئەگمەي يول ئالالايسىز ۋە نىشانىڭىزغىمۇ ئومومەن يېتەلەيسىز.ئەتراپىڭىزدىكى كىشىلەر بىلەن داۋاملىق مۇناسىۋەت قىلىپ تۇرىسىز ۋە يۈرۈشتۈرىدىغان ئىشلارنى ئۆزۋاقتىدا يۈرۈشتۈرۈپ تۇرالايسىز.رۇمانتىك مۇجەزىڭىز بىلەن جورىڭىزنىڭ كۆڭلىنى ئۇتالايسىز،خوشال -خورام ۋە قىزىقارلىق ھالىڭىز بىلەن باشقىلارنىمۇ ئۆزىڭىزگە قارىتالايسىز.دوستچانلىقىڭىز ۋە جۇشقۇنلۇقىڭىز سىزنى باشقىلار ياخشى كۆرىدىغان كىشىگە ئايلاندۇرىدۇ.شۇ ئارقىلىق يەنە يېڭى-يېڭى دوستلارنى تاپالايسىز.ئەمما سىز تېز ئىش قىلىدىغان مىجەزىڭىزنى كونتۇرول قىلىشىڭىز كېرەك،بولمىسا دوستلىرىڭىز سىزدىن زەرەر يەپ قالىدۇ.ئېغىر بېسىق بولمىسىڭىز بەزى مۇناسىۋەتلىرىڭىز زىددىيەتلىنىپ قالىدۇ.

بۇ ماقالە ماتېماتىكا بلوگىدىن كۆچۈرۈلدى، ئەسلى ماقالە ئادرىسى :  http://matimatik.blogbus.com/logs/152071135.html

http://matimatik.blogbus.com/ ھەر قانداق بىر قەۋم ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمىگىچە ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمەيدۇ.                               ---- سۈرە"رەئىد" (13-سۈرە)، 11-ئايەت

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 24820
يازما سانى: 1330
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 20476
تۆھپە نۇمۇرى: 354
توردا: 4060 سائەت
تىزىم: 2011-1-2
ئاخىرقى: 2013-5-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-27 11:40:17 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسىملىرى كۆپ مەنبەلىك بولۇپ،ئەرەبچە،پارىسچە،ساپ ئۇيغۇرچە ۋە ئەبجەش ئىسىملار بار،شۇنداقلا ئۇيغۇرلار سىرتتىن قوبۇل قىلغان ئىسىملارنى ئەسلى شۇ مىللەتنىڭ ئاتىشى بويىچە ئاتىماي  ئۆز تىل ئادىتىمىزگە ماسلاشتۇرۇپ ئاتايمىز،يەنە كېلىپ ئۇيغۇرچىدا يەرلىك شىۋە كۆپرەك،ئوخشاش بىر ئىسىمنى ھەرقايسى يۇرتلاردا پەرقلىق ئاتايدۇ.
مەسىلەن:مۇھەممەد(ئەرەبچە ئىسىم) نى ئۇيغۇرلار مەمەت،مەممەت،مەخەممەت،مۇھەممەت.....دەپ ئاتايدۇ.
ئابدۇلھەمىد(ئەرەبچە)نى ئابلىمىت،ئاۋلىمىت،يىمىت،ھىمىت،ھەمىد.....دەپ ئاتايدۇ.
فىردەۋىس(پارىسچە)نى پىردەۋىس دەپ ئاتايمىز.
مۇھەممەت تۇرسۇن(ئەرەبچە بىلەن ئۇيغۇرچە بىرىككەن)نى مەتتۇرسۇن،مەتتۇسۇن،مەتۇسناخۇن،مەمەتتۇرسۇن.....دەپ ئاتايمىز.
ئەكبەر(ئەرەبچە)نى ئەكپەر دەپ ئادەتلەنگەنمىز.
دېمەك ئىسملارنى سان بىلەن ئىپادىلەپ مەنا ئىزدەشتە زادى قانداق ئۆلچەمنى ئاساس قىلىش كېرەك؟بىزدە يەنە تۈپ ئىسىملارغا قوشۇمچە قوشۇپ ئاتاش ئادىتى بار،بەزىلار ئۆزىنىڭ ئىسمىنىڭ تولۇق تەلەپپۇزىنى ئەسلا بىلمەيدۇ.،مەسىلەن ئائىشە(ئەرەبچە)نى بىز ئايشىگۈل،ئايشەمخان،ئايشە ...دەپ ،خەدىچە(ئەرەبچە)نى خەلچە،خەلچىخان،خەلچەم،خەلچىگۈل....دەپ،نۇرئىمان(ئەرەبچە)نى نورىمان،نۇرمانگۈل،نۇرئىمانە،نۇرمانخان....دەپ ئاتاش ئادىتىمىز بار.
لېكىن ئالىم،تۇرسۇن،قۇتلۇق،دىلشات،توختى،غالىپ،يالقۇن دېگەندەك ئۇيغۇرچە تۈپ ئىسىملار تىلىمىزدا ئۆزگەرمىگەن،سان بىلەن ئىپادىلەش ئاسانراق.لېكىن ئىلتەبىر(ياكى ئېلتەبىر)،ئىرفان(ئېرفان،ياكى ئىرپان)،ئالپ(ياكى ئالىپ)دېگەن ئىسىملاردا ھەرپ ئۆزگۈرۈشى بار.ئشقىلىپ قالايمىقانچىلىق خېلى ئېغىر.

بىلمىگەننى بىلدىم ، كۆرمىگەننى كۆردۇم، ئاڭلىمىغاننى ئاڭلىدىم دېمە!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88432
يازما سانى: 112
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 215
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 86 سائەت
تىزىم: 2012-12-11
ئاخىرقى: 2013-5-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-27 12:37:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىكار ۋاقىتتا  قىلىدىعان ئويانكەن...

باش رەسىمى نىقابلانغان

كۆرۈش چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83294
يازما سانى: 167
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4329
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 203 سائەت
تىزىم: 2012-8-1
ئاخىرقى: 2013-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-27 12:59:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ھايا قىلمىساڭ خالىغىنىڭنى قىل

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74747
يازما سانى: 848
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6111
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 591 سائەت
تىزىم: 2012-2-4
ئاخىرقى: 2013-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-27 01:01:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چۇشۇنەمىدىم كەينىنى .....

بىزلەر خەقلىشىپ ، خەقلەر بىزلىشىپ ... !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72959
يازما سانى: 304
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2025
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 89 سائەت
تىزىم: 2012-1-11
ئاخىرقى: 2013-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-27 01:35:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالدىرماي تەكشۇرۇپ باقسام بولغۇدەك ...

قۇرۇق خىيال ھەقسىز كىنو

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72959
يازما سانى: 304
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2025
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 89 سائەت
تىزىم: 2012-1-11
ئاخىرقى: 2013-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-27 01:37:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالدىرماي تەكشۇرۇپ باقسام بولغۇدەك ...

قۇرۇق خىيال ھەقسىز كىنو

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72959
يازما سانى: 304
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2025
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 89 سائەت
تىزىم: 2012-1-11
ئاخىرقى: 2013-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-27 01:37:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالدىرماي تەكشۇرۇپ باقسام بولغۇدەك ...

قۇرۇق خىيال ھەقسىز كىنو

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80808
يازما سانى: 2566
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10762
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1276 سائەت
تىزىم: 2012-5-30
ئاخىرقى: 2013-6-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-27 02:18:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

‏سەجدە قىل ! ئىنسان ~ ئۆزۈڭنىڭ نەقەدەر ئاجىز ئىكەنلىكىڭنى بىلمەمسەن !؟

كۈتكەن پەيىتلەر چوقۇم كېلىدۇ .

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85909
يازما سانى: 995
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2386
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 898 سائەت
تىزىم: 2012-10-10
ئاخىرقى: 2013-6-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-27 03:47:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇنى پەقەت مۇنداقلا كۆرۈپ باقساق بولىدۇ ، ھەممىسى  يالغان  بۇنى دېمىسەممۇ ئۇقىسىلەر . . .

ئېھ ئۇلۇغ ئاللاھ ،  ماڭا مەن كۆڭلىنى رەنجىتكەنلەردىن كەچۈرۈم سورغىدەك  ،  كۆڭلىمنى ئاغرىتقانلارنى ئەپۇ قىلغۇدەك پۇرسەت ياراتقىن .   
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش