|
|
|
|
ھايات ئادەمگە پەقەت بىر قېتىملا كېلىدۇ. بۇ ھەممىزگە ئايان. بۇ بىر قېتىملىق ھاياتتا بېشىمىزغا كېلىدىغان كەلمىشلەرگە ھىچقايسىمىز بىر نەرسە دېيەلمەيمىز ئەلۋەتتە! شۇنداق، بۇ يىل ھاياتىنىڭ 41- باھارىنى كۈتىۋېلىش ئالدىدا تۇرغان بىر ياش ئانا بۆرەك ئالماشتۇرۇش ئوپراتسىيىسى قىلدۇرۇش ئۈچۈن جىددىي تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ . ھازىرچە خامچوتتا 300 مىڭ يۇەن مۆلچەرلەنگەچ ، ئائىلە تاۋابىئاتلىرى بار بىساتى ۋە قورا جايلىرىنى سېتىپ 200 مىڭ يۈەن تەييارلىغان، ئەمما يەنە 100مىڭ يۈەنگە ھىچ ئامال بولمىغاچ يۈزلىرى قىزارغان ھالدا بۇ مۇراجەتنامىنى چىقىرىپ بېرىشىمنى ئۆتۈنۈپ ئالدىمغا كەپتۇ. دوختۇرنىڭ دېئاگنۇز ى تۆۋەندىكى رەسىملەردە كۆرسىتىلگەندەك:
بۇ بىچارە ئانا داۋالىنىۋاتقىلى 7 يىل بولغان بولۇپ ، ھەر ئىككى بورەك زەئىپلەشكەنلىكتىن داۋالاش ئۆز ئۈنىمىنى كۆرسىتەلمەي ، ئىزچىل تۈردە قان سۈزدۈرۈش بىلەنلا ھاياتىنى ساقلاپ كېلىۋەتقان بولغاچقا ، ئاق كۆڭۈل دوستلارنىڭ ياردەم قىلىشىنى سەمىمىي ۋە تۆۋەنچىلىك بىلەن ئۆتۈنىدۇ. نارىسىدە ئىككى پەرزەنتىنىڭ يېتىم قالماسلىقى ئۈچۈن بۇ بىچارىنى ياشاش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن دوستلارنىڭ ياردىمىنى ئايىماسلىقىنى ئۈممۈد قىلىمەن. مانا بۇ بىمارنىڭ كىملىكى
ياردەم قىلىشنى خالايدىغان دوستلارنىڭ تۆۋەندىكى ئادەم بىلەن ئالاقە قىلىشىنى خالايمىز. ئىسمى : يۇنۇسجان يۈسۈپجان ( بىمارنىڭ ئىنىسى) تېلىفون نومۇرى: 13779133077 كارتا نومۇرى: 工商银行:622202 300600 2122749 农业银行:622845 297002 3019712 كارتا ئىگىسى: يۈنۇسجان يۈسۈپجان 玉努斯江.玉苏甫江 بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Aytugh تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-2-27 12:59 AM
|
|
|
|
|
|