ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم ھەر ساھە ھەر كەسىپتىكى ھەر مىللەت قىرىنداشلار...
ئەزىز تەنلىرىڭلار سالامەت بولسۇن، سۆيۈملۈك پەرزەنتىڭلارنىڭ تەنلىرى سالامەت بولسۇن.
تۇرمۇشنىڭ ئىغىر يۈكى ھەممىمىڭنىڭ زىممىسىدە، بىزگە ھەم سىزگە ئوخشاش بۇ يۈكنى ھاردىم تالدىم دىمەي پەرزەنىتلىرىنى ئەمدىلا قاتارغا قوشقان غۇلجا شەھەر شىنخۇا غەربى يولى9-خاڭ 232-نومۇرلۇق قورۇدا ئولتۇرۇشلۇق تاشمۇھەممەت ئاكا تەغدىرنىڭ ئاچچىق سىنىقىغا دۇچ كەلمەكتە. ئۇنىڭ ئەمدىلا 3 ياشقا كىرگە سەبىي قىزى نەئىمەگە 2012-يىلى 12-ئايدا ئاق قان كىسىلى دەپ دىئاگىنوز قويۇلغاندىن بۇيان بۇ بىچچەرە ئاتا پەرزەنتىنى قۇتۇلدۇرۇپ قىلىش يولىدا ھازىرغىچە تاتمىغان جاپا چەكمىگەن ئازاپ قالمىدى. ئۇ ھازىرغىچە قىزىنى داۋالىتىش ئۈچۈن 280مىڭ يۈەن سەرىپ قىلىپ بولدى. دوختۇرخانىنىڭ تەلىپى بويىچە ئۇ يانا 600مىڭ يۈەن پۇل تاپشۇرىشى كىرەك ئىكەن. ئۇ ھازىر ئۆزىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىساتى بولغان قورۇ جايىدىنمۇ ئايرىلدى. بىر ئاتا ئۈچۈن ئۆز بىساتىنى ئەمەس ھەتتا پەرزەنتى ئۈچۈن ئۆز ھاياتىدىنمۇ كىچىشكە ئەرزىگۈدەك ئىش ھىسابلىنىدۇ.
ئەمما تىخى ئاغىزىدىن ئانا سۈتى كەتمىگەن بۇ گۈدەك سىڭلىمىز بۇنى ھىس قىلالىسىنمۇ، لىكىن بىز ھىس قىلالايمىز. پەرزەنتى ئۈچۈن سوقىۋاتقان بۇ يۈرەكنى بىز سىزەلەيمىز، لىكىن ئاڭلاپ يىتەلمەيمىز.
بىز بىر مۇسۇلمان بىر ئۇيغۇر بولۇش سۇپىتىمىز بىلەن مۇھتاجلارغا ياردەم بىرىشنى ئىنسانى بۇرچىمىز دەپ بىلىمىز، لىكىن قولىمىزدىن كەلگىنى مۇشۇنچىلىك، بۇنىڭدىن ئارتۇقىغا قولىمىز قىسقا كەلدى، بۇنىڭدىن كىيىنكى ياردەملەرنى جەمىيەتتىن، خزىر كەبى ئاتىلاردىن، پەرىشتە سۈپەت ئانىلاردىن، ئاكا ھەدىلەردىن ئىنى سىڭىللاردىن سورىماقتىن باشقا ئىلاج بولمىدى.
بىز ئىشىنىمىز ھەربىر ياردەم ئۈچۈن سۇنۇلغان قوللار جاۋاپسىز قالمايدۇ، ئەجىرسىز قالمايدۇ، سەبىيلەر بىزنىڭ كەلگۈسىمىز، سەبىيلەرنى سۆيگەنلىك كەلگۈسىنى سۆيگەنلىك....
رەھمەت ئەزىز تەنلىرىڭلار ئامان بولسۇن
ياردەم قىلىشنى خالايدىغانلار قولىمىزدىن كىلىشىچە ياردەم قىلايلى..ئۇ ئەمدى تىخى 3 ياش... بۇ مۇراجەتنامىنى مەن يەنى تۈرۈك كىنو تورىدىن ئۆز قولىمىز بىلەن يىزىپ جەمىيەتكە سۇندۇق. بىچچەرە قىزنىڭ دادىسى قىزىدىن بەكەرەك بولۇپ كىتىپتۇ...يىغلاپ ئالدىمغا كەلگەندە ئىچىلىرىم سىيرىلىپ كەتتى
بانكا كارتا ئۇچۇرلىرى
يىزا ئىگىلىك بانكىسى:6228480890779062714
سودا سانائەت: 6222023002019579070
تاشمۇھەممەت ئاكىمىزنىڭ ئالاقىلىشىش تىلفۇن نومۇرى: 13579704421
بىر قىسىم ئىسپاتلىرى تۈرۈك كىنو تور بىتىدە بار
http://trkino.com/murajat.htm
بىكەت باشلىقلىرى تور بىكتىمىزگە ئىلان چىقىرىپ قويساق ساۋابى بولۇپ قالار