«مېھرىبانلىق» فىلىمى توغرىسىدا
(بۇ فىلىمنى تەڭرىتاغ كىنو ستودىيىسى بىلەن شاڭخەي شاڭشىڭ كىنو ستودىيىسى بىرلىشىپ ئىشلىگەن.) سىنارىست-خې باڭرۇي؛ رىژىسۇر-يەن گاۋشەن. ئاساسلىق روللاردا: ئەلى- ئىكسان تاھىر؛ ئابدۇللا-ئابدۇرىھىم مەمەت قاتارلىقلار قىسقىچە مەزمۇنى: بىر بەختلىك ئائىلە يەر تەۋرەش سەۋەبىدىن ئاتا-ئانىسى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن ئايرىلغان كىچىك ئەلى كۈچلۈك زەربىگە ئۇچرايدۇ. ئەلى ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلىش ئازابىنى باشتىن كەچۈرگەندىن كىيىن ئۇ ئىزچىل تۈردە يەر تەۋرەش ئاپىتى ئۇنىڭغا ئېلىپ كەلگەن قارا سايە ئىچىدە ياشايدۇ. بىر-ئىككى قېتىملىق يەر تەۋرەشنى باشتىن كەچۈرگەن بەش تۇغقىنىدىن ئايرىلىپ قالغان ئابلا بوۋاي كىچىك ئەلىنى بېقىۋالىدۇ ھەم ئەلىنىڭ قەلب دۇنياسىغا سىڭىپ كىرىپ،ئۇنىڭغا قىزغىن يارىدەم قىلىدۇ. ئاخىرى ئەلى بۇرۇنقىدەك قوياش نۇرىغا ئېرىشىپ، ئىلگىرىكىدەك خوشال-خورام كۈنلىرى ئەسلىگە كېلىپ، قايتىدىن مەكتەپكە كىرىدۇ. بۇ فىلىم ئىران خەلقارا ياش-ئۆسمۈر بالىلار كىنو بايرىمىدا ئاسىيا بويىچە ئەڭ ياخشى فىلىم مۇكاپاتى بولغان «ئالتۇن كىپىنەك» مۇكاپاتىغا ئېرىشىدۇ. بۇ فىلىم تەڭرىتاغ كىنو ستودىيىسى بىلەن شاڭخەي شاڭشىڭ كىنو ستودىيىسى بىرلىشىپ سۈرەتكە ئالغان. بۇ فىلىم 2003-يىلى شىنجاڭنىڭ مارالبېشى ناھيىسى چوڭقۇرچاق يېزىسىدا يۈز بەرگەن بىر قېتىملىق ئاز كۆرۈلىدىغان يەر تەۋرەش ئاپىتىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىغا ئاساسەن ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن. فىلىمدە ئاساسەن ئۇيغۇر ئابلا بوۋاينىڭ مۇشۇ قىتىمقى يەر تەۋرەشتە يىتىم بالا ئەلىنى بېقىۋالغانلىقى بايان قىلىنىدۇ. بۇ ئىككى قانداشلىق مۇناسىۋىتى يوق كىشى ئورتاق تۇرمۇش كۆچۈرۈش ئارقىلىق ئۆزئارا تونۇشۇش، ئىشىنىش ۋە بىر-بىرىنىڭ كۆڭلىنى چۈشۈنۈشتەك، جەريانلارنى باشتىن كۆچۈرۈدۇ. رىژىسۇر يەنگاۋشەن 2004-يىلى «سىغىنىش» ناملىق كىنونى ئىشلەپ، تۇنجى قىتىم 19-نۆۋەتلىك ئىران خەلقىرا بالىلار كىنو بايرىمىغا قاتنىشىپ، ئۈچ يىلدىن كىيىن ھەقىقىي نەتىجىگە ئېرشىدۇ. بۇ فىلىمنىڭ بۇنداق مۇكاپاتىقا ئېرىشىشى بۇ فىلىمنىڭ جوڭگۇ كىنوچىلىقىدا جۇڭگو خەلقىنىڭ دوستانە مىھرى-مۇھەببەتكە تولغان دوستانە خاراكتىرىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ. كىنوچىلىق ساھيەسىدىكى زاتلارنىڭ تونۇشتۇرىشىچە، ئىران خەلقارا بالىلار كىنو بايرىمى بولسا-دۇنيا بويىچە بالىلار فىلىمىنى ئاساس قىلغان خەلقارالىق كىنو بايرىمى بولۇپ، ھەر يىلدا بىر قىتىم ئۆتكۈزۈلىدۇ. فىلىمدە پىرسۇناژلار ئوبرازى جانلىق يورۇتۇپ بېرىلگەن. تەييارلىغۇچى-ئابدۇمىجىت مۇھەممەتئېلى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا karluk2009 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-2-26 09:10 PM
|