فىنلاندىيەنىڭ دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردىكى مائارىپى
ئىلاۋە : يېقىندا مەلۇم ماتىرىيالدىن فىنلاندىيە مائارىپى ھەققىدىكى بىر پارچە ماقالىنى كۆرۈپ قالدىم، ھەمدە ماقالىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئاساسلىق مەزمۇنلارنى كەڭ تورداشلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇنغۇم كەلدى.
فىنلاندىيە ‹‹دۇنيادىكى مائارىپى ئەڭ ياخشى دۆلەت›› دىگەن شەرەپكە ئۇدا ئالتە قېتىم ئېرىشكەن بولۇپ، مائارىپ سەۋىيىسى جەھەتتە دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.
فىنلاندىيەدە مائارىپ مىنىستىرلىقىدىن تارتىپ تۆۋەنگىچە ئەزەلدىن مەكتەپلەرنى رەتكە تىزمايدىكەن، ھەر بىر مەكتەپ ‹‹ياخشى مەكتەپ›› دەپ قارىلىدىكەن.
فىنلاندىيەدە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ جەمىيەتتىكى ئورنى يۇقۇرى، بۇ دۆلەتتە گەرچە ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى بولمىسىمۇ، باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ مۇئاشى مەمۇرلارنىڭ مۇئاشىدىن بىر ھەسسە، ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئىككى ھەسسە يۇقۇرى.
فىنلاندىيەدە نۇرغۇن كىشىلەر ئوقۇتقۇچى بولۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ. لېكىن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مۇنبەرگە چىقىشىغا رۇخسەت قىلىش تۈزۈمى قاتتىق. فىنلاندىيەدە ئوقۇتقۇچىلىققا تاللاشتا بەلگىلىمە ئالاھىدە قاتتىق بولۇپ، ئاخىرىدا تاللاپ چىقىلغانلارمۇ يەنە بەش يىل قاتتىق تەربىيەلىنىپ، ماگىستىرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەندىلا ئاندىن ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىگە ئېرىشىپ ، ئىش ئورنىغا چىقالايدۇ. ئوقۇتقۇچىلار ئىش ئورنىغا تەكلىپ قىلىنغاندىن كىيىن، قەرەللىك تەكشۈرۈش، باھالاش، تۈرلۈك ئىمتاھان-سىناقلارغا ئۇچرىمايلا قالماي، يەنە يۈكسەك دەرىجىدە ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولۇش ھوقۇقىغا ئىگە، قوللىنىلىدىغان ئوقۇتۇش مىتودىنى ئۆزلىرى تاللىسا بولىدۇ ھەم يەنە ئۆز ئالدىغا دەرسلەرنى تۈزسە ۋە تاللاپ ئۈگىنىدىغان دەرسلىك كىتابلىرىنى تۈزسىمۇ بولىدۇ ۋە ياكى دەرسلىك كىتابنى ئىشلەتمىسىمۇ بولىدۇ.
فىنلاندىيەدە ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىغا قەدەر ئوقۇغۇچىلاردىن ئېمتاھان ئېلىنمايدىغان بولۇپ، ئالىي مەكتەپكە كىرىشتىن بۇرۇن ئاندىن سەۋىيەسىنى باھالاش ئېمتاھانى ئېلىپ بېرىلىدۇ. باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدا ھەر مەۋسۈمدا ئائىلە باشلىقلىرىغا ئوقۇتۇش دوكلاتى بېرىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەقلىي قابىلىيىتى ۋە ئەخلاق پەزىلىتىگە باھا بېرىدۇ. مائارىپ مىنىستىرى ھاننا ۋىركۇنىن مۇنداق دەيدۇ: ‹‹ بىز بىر تۇتاش ئىمتاھاننىڭ پايدىلىق ئىكەنلىكىگە ئىشەنمەيمىز، ئوقۇغۇچىلار باشلانغۇچتىن تارتىپ ئوتتۇرا مەكتەپكىچە بولغان 12 يىلدا ، ھەممە ئىشلىرى ئۆگىنىش نەتىجىسى بىلەن مۇناسىۋەتسىز، پەقەت كىيىنكى ئۆگىنىشى ئۈچۈن ياخشى تەييارلىق قىلىۋېلىشى ئۈچۈنلا بولىدۇ، بىردىن بىر ئېمتاھان پەقەت ئالىي مەكتەپكە كىرىشتىن بۇرۇنلا ئېلىنىدۇ. ئىمتاھانسىز ئۆتكەن ئوقۇغۇچىلىق ھاياتى ئوقۇتقۇچىلار ۋە ئوقۇغۇچىلارنى تېخىمۇ كۆپ ۋاقىت بىلەن تەمىنلەيدۇ، ئۇلار ئۆزلىرى ياقتۇرغان ۋە ئۆگىنىشنى خالايدىغان نەرسىلەرنى ئۆگىنىدۇ، بىزنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرىمىز ھەرگىزمۇ ئېمتاھان ئۈچۈن دەرس ئۆتمەيدۇ، ئوقۇغۇچىلارمۇ ئېمتاھان ئۈچۈن ئۆگىنىش قىلمايدۇ،،، بىزنىڭ مەكتەپلىرىمىز تولۇق خۇشاللىققا تولغان ئۆگىنىش مەيدانى››
فىنلاندىيەلىك ئاتا-ئانىلار بالىلىرى كىچىك ۋاقتىدىن باشلاپلا بالىلىرىغا كىتاپ-ژورنال ئوقۇپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ قەلبىگە كىتاپ ئوقۇشنى ياخشى كۆرۈشنىڭ ئۇرۇقىنى چاچىدۇ، كۈتۈپخانىغا بېرىش بولسا ئارام ئېلىش پائالىيىتىدىكى ئالدىنقى تاللىشى بولىدۇ. فىنلاندىيەدە كۆپىنچە كۈتۈپخانىلار ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ھەقسىز ئېچىۋىتىلگەن ، ئوتتۇرا ھىساپ بىلەن 250 ئادەمگە بىردىن كۈتۈپخانا توغرا كىلىدىغان بولۇپ، دۇنيا بويىچە 1-ئورۇندا تۇرىدۇ.
فىنلاندىيە مەكتەپلىرىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەر كۈنلۈك دەرس ۋاقتى ئىنتايىن قىسقا بولۇپ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىمۇ چۈشتىن كىيىن سائەت ئىككى بىلەنلا دەرستىن چۈشىدىكەن، قىشلىق ، يازلىق تەتىلدە ھەر خىل تاپشۇرۇق دېگەنلەر يوق ئىكەن، ھەم ‹‹كونسىلتاتسىيە سىنىپى›› مۇ ئېچىلمايدىكەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا karluk2009 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-2-26 10:05 PM