2012-6-12-كۈنى شىنجاڭ كۈئىلۇن مىھمانخانسىدا شىنجاڭ مىللى سودا ئۇيۇشمىسى قۇرۇلدى.
بۇ توغرىسدىكى تېمىنى شۇ ۋاقىتتا مەن مىسرانىم تورىغا يوللىغان،ھازىر بۇ كونا تىمىنى ئوتتۇرىغا چىقرىشىمدىكى مەخسەت،يېقىندىن بۇيان شىنجاڭ پۇتبولچىلقى توغرىسدىكى بەس مۇنازىرە جەميەتتە كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىماقتا . ئىسىمدە قېلىشىچە شىنجاڭ مىللى سودا ئۇيۇشمىسىنىڭ پىلانلىرى يەنى 2012-يىلىدىن2016-يىلىغىچە بولغان پىلانىدا "سودا ئۇيۇشمىسى پۇتبول كۇلۇبى"ۋە "ئۇيۇشما پۇتبول كوماندىسى"قۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلغان. مىنىڭچە بۇ پىلاننى 2016-يىلىغا بىر كۈن قالغاندا ئىجرا قىلسىمۇ ۋە ياكى بۇ يىل ئىجرا قىلسىمۇ بولىدۇ،بەرىبىر شۇلارنىڭ پىلانى ئىچىدە.مانا ھازىر پۇرسەت پىشىپ يېتىلدى،ئەگەر بۇ ئۇيۇشما ئىسمى جىسمىغا لايىق قۇرۇلغان بولسا،تاشئالما كۇماندىسىنى بىر كارخا قۇردى،ئەجىبا بىزنىڭ بۇ ئۇيۇشمىمىز شۇ بىر كارخانچىلىك بولالماسمۇ؟
پەقەت بولمىغاندا ئارمان،ئىخلاس،مەشرەپ،تەبەسسۇم دىگەنلەرنىڭ تېلۋېزوردىكى كۈندە نەچچە قېتىم بىرلدىغان ئېلانى قىسقارتىلسۇن،كۇلۇپ قۇرۇشتىنمۇ ئوشۇق ئېلان تەشۋىقات بولامدۇ...ئەمەليەتتە بۇ بىر جانلىق تەشۋىقات ۋاستىسى .
مەسلەن: گەرچە بىز گۇاڭخۇينىڭ بىرەر مەسھۇلاتىنى سېتۋالمىغان بولساقمۇ،بىراق ھازىر شىنجاڭ ئەمەس بەلكى جوڭگودا گۇاڭخۇي دىسە (ۋاسكىتبولغا قىزقىدىغانلارنىڭ ھەممىسى)خېلى كۆپ ئادەملەر بىلىدۇ.
ئادىل ھۇشۇر تېلۋىزوردا ئېلان بەرمىدى بىراق ئۇنىڭ داۋازلىق ماھارىتنى پۈتۈن جوڭگو ھەتتە بەزى چەتئەللىكلەرمۇ بىلىدۇ.
بۇنداق مىساللار نۇرغۇن،نۇرغۇن..........
مەخسەت،ئۇيۇشما كۇماندىسى قۇرۇلسا،جۇڭگوغا تونۇلسا،سىلەرنىڭ ئىلانىڭلار تېلۋىزوردا كوريەنىڭ كىنوسىدە ئۇزۇن چىقسىمۇ ھەرگىز قانال يۆتكىمەي كۆرىمىز،چۈنكى ئۇ ۋاقىتتا بىز سىلەردىن ھەقىقىي پەخرلەنگەن ھالدا كۆرۈمىز. خەلق سىلەرنى قوللىدى،شۇڭلاشقا بۈگۈنكىدەك كۆكلىدىڭلار،ئەمدى نۆۋەت سىلەرگە كەلدى.