مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1003|ئىنكاس: 12

قىسمەتلىرىم (شاتيار) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91263
يازما سانى: 435
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 988
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 479 سائەت
تىزىم: 2013-2-6
ئاخىرقى: 2015-5-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-26 01:35:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

قىسمەتلىرىم


ئەقلىمگە كەلسەم دادام تۈگەپ كىتىپتىكەن، جاپاكەش ئانام،  ئاكام، ئاچام ئۈچىمىزنى بىر جۈپ قولىغا تايىنىپ ھالال مىھنەت بىلەن بېقىپ چوڭ قىلغان ئىدى.  ئانامنىڭ بىز پەرزەتلەر ئۈچۈن چەكمىگەن جاپالىرى قالمىغان ئىدى، ھەركۈنى ئەتىگەن تۇرۇپ كەچ ياتاتتى، تىرىكچىلىك ئۈچۈن ئۆپكە-ھىسىپ قۇيۇپ ساتاتتى، سەي-كۆكتاتلارنى ساتاتتى. مەنمۇ مەكتەپتىن يېنىپ كىلىپلا ئانامغا ياردەملىشەتتىم. چىرايىنى ئىسىمگە ئالالمايدىغان، بۇرۇنلا تۈگەپ كەتكەن دادامنى سېغىناتتىم، بەلكىم دادام ھايات بولغان بولسا ئاناممۇ بۇنچە چاپالارنى چەكمىگەن بۇلاتتى دەپ ئويلايتتىم. يەنە دادام توغۇرلۇق جىق خىياللارنى قىلاتتىم.

ئانامنىڭ جاپاسىنى يەڭگىللەتكۈم،  ئازراق بولسىمۇ ئانامغا بىر ئىشلارنى قىلىپ بەرگۈم كىلەتتى، لىكىن مەن كىچىك بولغاچقا ئانامغا ئاز-تۇلا ياردەملىشىپ جاپاسىنى يەڭگىللەتكەندەك قىلغىنىم بىلەن ئانامغا ئۇنىڭدىن چوڭ ئىش قىلىپ بىرەلمەيتتىم.

ئانام بىر كۈنلۈك سودا-سېتىق، ئۆي ئىشلىرىنى تۈگەتكەندىن كىيىن يەنە ھېرىپ چارچىغىنىغا قارىماي ئانىلىق مىھرى بىلەن مەندىن مەكتەپتىكى ئۇقۇش ئەھۋالىمنى سوراپ تۇراتتى. ھەمدە ھايات بولسىلا مىنى چۇقۇم ئالىي مەكتەپتە ئۇقۇتىدىغانلىقىنى دەپ پىشانەمنى ئىسسىق ئالقانلىرى بىلەن سىلايتتى.

گەرچە تۇرمۇشىمىز غورىگۈل ئۆتسىمۇ لىكىن يەنىلا خۇشال ياشايتتۇق، ئاكاممۇ تۇلۇقسىزنى پۈتتۈرۈپلا بىر قۇرۇلۇش ئورنىدا ئىشلەپ ئائىلىمىزنىڭ يۈكىنى يىنىكلىتىشكە باشلىغان ئىدى.

ھەش-پەش دىگۈچە 5-6 يىل ئۆتۈپ كەتتى، بۇ ئارىدا بىز ئاچامنىڭ تويىنى قىلدۇق. مەنمۇ تۇلۇقسىزنىڭ 3- يىللىقىغا چىقتىم. ئائىلە ئەھۋالىمىزمۇ بۇرۇنقىدىن كۆپ ياخشىلانغان ئىدى. مەكتەپتىن كىلىپلا ئائىلە ئىشلىرىغا ياردەملىشەتتىم. ئانامنىڭ، ئاكامنىڭ كىلىشىگە تاماق ئەتكەچ تۇراتتىم. ئۈچىمىز دەرقەمدە ئولتۇرۇپ بىللە تاماق يەيتتۇق، ھەرھالدا ئائىلىمىز خاتىرجەم ھەم خۇشال كەيپىياتتا ئىدى. بەزى مال دۇنياغا كۈمۈلۈپ ياتقان باي كىشىلەرنىڭ ئۆيىدىن تېپىلمايدىغان خۇشال كۈلكىلىلەر، خاتىرجەملىك بىزنىڭ ئۆيدە تېپىلاتتى.

ئائىلىمىزگە كۆز تەكگەندەك ئانام تۇيۇقسىزلا بىر كۈنى ناماز بامداتقا يېقىن بىزنى تاشلاپ بۇدۇنيادىن خوشلاشتى، باشتا ئانامنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىكىگە پەقەت ئىشەنگۈم كەلمىدى، گاراڭ ھالەتتە تۇردۇم، كۆزلىرىمدە ياشمۇ يوق ئىدى، ئۆزۈمنىڭ قانداق ھىيسياتتا ئىكەنلىكىمنىمۇ بىلمەيتتىم.  قارلىق كىيىملەرنى كىيىشكەن قۇلۇم-قوشنىلار، ئۇرۇق-تۇققانلارنىڭ ئالدىراش بىر ئىشلارنى قىلىۋاتقانلىقىغا ئىتىبارسىز ھالەتتە قاراپ ئولتۇراتتىم، خىيالىمدا ئانامنىڭ ئۈلۈپ كەتكەنلىكىنى، مىنى تاشلاپ كەتكەنلىكىنى پەقەت ئىتىراپ قىلغۇم كەلمەيتتى، بۇنىڭ بىر چۈشۈم بولۇپ قېلىشىنى، بۇ چۈشتىن تىزراق ئويغىنىپ كىتىشنى خالايتتىم. يىغلاپ ئولتۇرغان ئاچامغا، بىلىگە ئاق پۇتا باغلىۋالغان ئاكامغا تەئەججۈپ بىلەن قارايتتىم.

-يىغلىۋالغىن سىڭلىم، ھەممىنى ئىچىڭگە يۈتۈپ ئولتۇرما.

ئاچام مىنى قۇچاقلاپ يىغلاۋاتاتتى، ئاچامغا قۇشۇلۇپ بىر قوشنىمىزمۇ ماڭا سۆزلەشكە باشلىدى.

-بولدى قىزىم، كەتكەننىڭ كەينىدىن كەتكىلى بولمايدۇ، بەك ئىچىڭگە ئېلىپ كەتمە. يىغلىغۇڭ بولسا يىغلىۋالغىن قىزىم.

ئەجىبا ئانام راستىنلا ئۆلۈپ كەتتىمۇ، ئانام راستىنلا مىنى تاشلاپ كەتكەنمىدۇ.  

-مەۋھۇمنى يۇيۇپ تاراپ بولدۇق. يۈزىنى كۈرىۋېلىڭلار.

مەھەللىمىزدىكى ياشتا چوڭ دىنىي بىلىمى يۇقىرى تۇنىساخان ئانا شۇنداق دېدى.

چۈچۈپ ئۇنىڭغا قارىدىم، ئەجىبا راستىنلا ئانام ئۆلۈپ كەتكەنمىدۇ. ئورنۇمدىن چاچراپ تۇرۇپ باشقىلار كۆرسەتكەن ئۆيگە ئۇچقاندەك ئېتىلىپ كىردىم.

ئانامنىڭ يۈزىنى نىپىر بىر قەۋەت ئاق رەخت بىلەن يۆگەپ قويغان ئىدى. بۇ ۋاقىتتا كۆز ياشلىرىمنى كەلگۈندەك تۈكۈلۈشكە باشلىدى. بايا مىنىڭ يىغلاپ ئىچىمنى بۇشىتىۋېلىشىمنى دىگەن كىشىلەر ئەمدى يىغلىماسلىق ھەم سەۋىر قىلىش توغۇرلۇق ۋەز-نەسىھەت قىلىشىۋاتاتتى.

ئانامنىڭ ئۆلىمىدىن كىيىن ئىچكى جەھەتتىن خېلىلا زەربىگە ئۇچرىغان ئىدىم. ئۆيگە كىرسەملا كۆزۈمگە ئانامنىڭ سىماسى كۆرۈنەتتى، مەيلى ئۆينىڭ قايسى يىرىگە قارىماي ئانامنىڭ قولى تەكگەن نەرسىلەر، قايسى يەرگە قارىماي ئانامنىڭ سىماسى بار ئىدى. بەزىدە ئانامنىڭ كىيىملىرىنى باغرىمغا يېقىپ، يۈزلىرىمگە سۈرتۈپ يىغلاپ كىتەتتىم. يىغلاپ قاقشاپ دىگەندەك بىر يىلمۇ ئۆتۈپ كەتتى. ئانامنىڭ يىل نەزىرىسىنى بەردۇق.

مەنمۇ تۇلۇقسىزنى پۈتتۈردۈم. مىنى ئەمدى ئالىي مەكتەپكىچە ئۇقۇتىدىغان ئانام يوق ئىدى.

بىر كۈنى ئۆيدە بىر ئىشلارنى قىلىپ تۇراتتىم. ئاچام مىنى چاقىرىپ قالدى.

-سىڭلىم سەنمۇ ئۇقۇشىڭنى تۈگەتتىڭ، ساڭىمۇ بىر ئائىلە لازىم. بىزمۇ ساڭا ھەمىشە ھەمراھ بۇلالمايمىز، ئاكاڭمۇ ئۆيگە ھەركۈنى كىلىپ بۇلالمايدىكەن. بەزىدە ئىشلىگەن يەردە قۇنۇپ قالىدىغان ئەھۋاللارمۇ بولىدىكەن. سەندىن ئەنسىرەپ قالىدىكەنمىز، ساڭا ياخشى يەردىن ئەلچى كەپتىكەن، شۇڭا تۇيۇڭنى قىلىۋىتەيلى دەپ ئويلاشتۇق،-دېدى.

بۇ گەپنى ئاڭلاپ چۈچۈپ كەتتىم. تېخى ئەمدىلا 15 ياشقىمۇ كىرمىگەن ئىدىم. قىزلارنىڭ 13-14 يېشىدا توي قىلىدىغان ئىشلىرىنى يىراق ئۆتمۈشتىكى ئىشلار دەپ ئويلايتتىم. مىنىڭ تېخى ئۆزۈم توغۇرلۇق نۇرغۇن پىلانلىرىم بار ئىدى، لىكىن ئەمدى ھەممىسى يوق بولغان ئىدى. مىنىڭ رايىمغا بېقىپ ئۇلارنىڭ قىلىپ بىرىدىغان دادام، ئانام يوق ئىدى. ئاچامنىڭ قىلىپ بەرگۈسى بولسىمۇ لىكىن قىلىپ بىرەلمەيتتى، ئاكام ماڭا بىر ئىش قىلىپ بەرگۈدەك ياشتا ئەمەس ئىدى.

باشتا بۇ توينى رەت قىلدىم، لىكىن ئاچامنىڭ، شىرەم تۇققانلىرىمنىڭ ماڭا ئارقا-ئارقىدىن خىزمەت ئىشلىشى بىلەن بۇ تويغا رازىلىق بەردىم.

شۇنداق قىلىپ مىنىڭ تويۇم بولدى. توي كۈنى ئانامنى ھەر قېتىمقىدىنمۇ بەكرەك سېغىندىم. تويۇمنى ئانام كۆرەلىگەن بولسا قانچە ياخشى بۇلار ئىدى ھە! ئانامنىڭ تۆت سۇڭلۇق رەسىمىگە قاراپ يىغلاپ كەتتىم.

ئاھ! مىھرىبانىم، جانىم ئانا. كۆرۈۋاتامسەن قىزىڭنىڭ ھالىنى. شۇ تاپتا يېنىمدا بولغان بولساڭ ئۆزۈمنى باغرىڭغا تاشلاپ تازا بىر يىغلىۋالغان بولسام خىلىلا يىنىكلەپ قالاتتىم. سىنىڭ باغرىڭ بەكلا ئىللىق ھەم راھەت ئىدى. ھەر قانچە ئازاپ تارتساممۇ بۇ ئازاپلارنى سىنىڭ مىھرىڭ بىلەن ئۇنتۇمايتىممۇ ئانا!

ئانامغا ئىچىدە ئۈنسىز نىدا قىلدىم. كۆز ياشلىرىمنى تاراملاپ تۈكۈلمەكتە ئىدى.

تويمۇ ئاخىرلاشتى. مەن تېخى بىرەرىگە خۇتۇن بولغۇدەك،  تويدىن كىيىن يولدىشىمنىڭ ھەم يولدىشىمنىڭ ئۆيدىكىلىرىنىڭ ھالىدىن تۇلۇق خەۋەر ئالالىغۇدەك ياشتا ئەمەس ئىدىم.

تويدىن كىيىن بىرەر ئايغىچە يولدىشىممۇ، يولدىشىمنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭمۇ ماڭا بولغان مۇئامىلىسى بەك ياخشى بولدى. كىيىن نىمىنى خاتا قىلغانلىقىمنى بىلمىدىم. ئۇلارنىڭ ماڭا بولغان قىزغىن مۇئامىلىسى سۇسلاشقا باشلىدى.

-ھەي ئەر كىشىدەك بولساڭ بولمامدۇ، خۇتۇنۇڭغا نىمانچە ۋاي دەپ كىتىسەن، توي بوپ بولغىلى بىر ئايدىن ئاشتى. خۇتۇن كىشى دىگەنگە قانچە ۋاي دىگەنسىرى شۇنچە ئېشىۋالىدىغان. يامان كۆندۈرۈپ قۇياي دەمسەن؟

قېينانامنىڭ يولدىشىمغا دىگەن بۇ گىپىنى تۇيۇقسىز ئاڭلاپ قالدىم. لىكىن ئۇ گەپنى ئاڭلىمىغان بولۇپ بۇرۇنقىدەكلا يولدىشىمنىڭ ھەم بۇ ئائىلىدىكى كىشىلەرنىڭ خىزمىتىنى قىلدىم.

كەچ تەرەپتە يولدىشىم ماڭا ئانىسىنىڭ دىگەن گىپىنى ئۆز ئەينى يەتكۈزدى. يولدىشىمنىڭ بۇ گەپنى ماڭا ئىشىنىپ ئۇدۇللا دىگىنىدىن خۇشال بولدۇم ھەم ۋاي دىگەنسىرى ئېشىپ قالمايدىغانلىقىمنى، ئاياللىق مەجبۇرىيىتىمنى تۇلۇق ئادا قىلىدىغانلىقىمنى دېدىم.

بىر نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كىيىن قېينانام ماڭا،-ئوغلىمغا ئاياللىق مەجبۇرىيىتىڭىزنى تۇلۇق ئادا قىلىدىغانلىقىڭىزنى دەپسىز، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئۆزىڭىزنىڭ بۇ ئائىلىنىڭ كىلىنى ئىكەنلىكىڭىزنى ھەم كىلىنلىق مەجبۇرىيىتىڭىزنىمۇ ئۇنتۇماڭ دېدى.

بۇ گەپنى ئاڭلاپ تۇرغان يىرىمدە تۇرۇپلا قالدىم. قايسى ئىشتا كەتكۈزۈپ قويغانلىقىمنى بىلمىدىم، بولمىسىغۇ بۇ ئائىلىگە كىلىن بولۇپ كىرگەندىن بىرى قېينانام-قېيناتاملارنى ئۆز كۆرۈپ خىزمىتىنى قىلدىم. بولۇپمۇ قېينانامنى ئۆز ئانامدەك كۆردۈم. ئۆز ئانامدىن بۇرۇنلا ئايرىلغاچقا بۇ ئانامنىڭ خىزمىتىنى ياخشى قىلىپ ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئېلىشنى ئويلايتتىم. بۇ ئائىلىدە ھېچكىم ئورنىدىن تۇرمىغاندا ئورنۇمدىن تۇرۇپ بىر كۈنلۈك خىزمىتىمنى باشلىسام كەچ تەرەپتە يەنە ھەممىدىن كىيىن ياتاتتىم. ئائىلە ئىشلىرى دەپ چوڭ بىلمىگەن بىلەن ئائىلە ئىشلىرىمۇ خېلىلا كۈچ ھەم ئەقىل كىتىدىغان خىزمەت. بىر ۋاخ تاماق ئىتىش ئۈچۈنمۇ خىلى كۈچ ھەم ئەقىل كىتىدۇ. بىر ۋاخ تاماققا سېلىنىدىغان خۇرۇچلارنىمۇ تەڭشەپ سالالمىسا ئۇ تاماق ھېچكىشىگە تېتىمايدۇ. يەنە كىلىپ بۇ خىزمەتتە پەقەت دەم ئېلىش يوق. باشقىلارنىڭ ئىتىبارىغىمۇ ئىرىشمەيدۇ.

بارا-بارا يولدىشىم بىلەن مۇناسىۋىتىمىز يىرىكلىشىشكە باشلىدى. يولدىشىمنىڭ كۆڭلۈمدىكى ئوبرازىمۇ خۈنۈكلىشىشكە باشلىدى. چۈنكى ئۇ قېينانام دىگەن گەپلەرنى ئۆز پېتى ماڭا دەيتتى، مەن دىگەن گەپلەرنىمۇ ئۆز پېتى قېينانامغا دەيدىكەن. بۇ ئائىلىدە شۇنچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ئۇلارنىڭ رازىلىقىغا ئىرىشىشى ئويلىساممۇ لىكىن كۈتكىنىمدەك ياخشى مۇئامىلىگە، كۈيۈنۈشكە، ئاسراشقا ئىرىشەلمىدىم.

ئىشلار بەك چېكىدىن ئېشىپ كەتكەندە بىر قانچە قېتىم ئاچاملارنىڭ ئۆيىگە كەتكەنمۇ بولدۇم، قېينانامنىڭ ماڭا بولغان مۇئامىلىسى بارغانسىرى ناچارلىشىپ كىتىۋاتاتتى. مەن ئەتكەن تاماقتىن، قىلغان ئىشىمدىن قۇسۇر چىقارماي قالمايتتى. شۇ ۋاقىتلاردا مىنىڭ تويلۇق ئالتۇن ھالقام بىلەن ئالتۇن ئۈزۈكۈم يۇقاپ كەتتى. ئۇ زىبۇ-زىننەتلەرنى مۇشۇ ئۆيدىن بىرى ئالغانلىقى ئىنىق. ھېچقاچان مەندىن زىبۇ-زىننەتلىرىمنى سورىمايدىغان قېينانام ئۇ نەرسىلەر يۈتۈپ ئىككى كۈندىن كىيىنلا مەندىن ئۇ نەرسىلەرنى سورىدى. مەن يۈتۈپ كەتكەنلىكىنى بەكمۇ تەستە ئېغىزىمدىن چىقاردىم. شۇ گەپنى دىيىشىم بىلەنلا قېينانامنىڭ ئاغزى ئېچىلىپ كەتتى. مىنى ئۇ نەرسىلەرنى يۇشۇرىۋالغانغا، ئىرىگە خىيانەت قىلغان خىيانەتچى ئايالغا چىقاردى. مىنى يولدىشىمغا چېقىشتۇرۇپ ئائىلىمىزدە قاتتىق بىر مەيدان جىدەل چىقاردى.

مەن بۇ ئەلەمگە چىدىماي يەنە ئاچاملارنىڭ ئۆيىگە يېنىپ كەلدىم. ئۇلارغا بۇ قېتىم ھەممە دەرت-ئەلىمىمنى تۆكۈپ يىغلىدىم. شۇ ئىشلار بولۇپ كۆپ ئۆتمەي بىز ئاجرىشىپ كەتتۇق. يولدىشىم بىلەن تۆت ئايدەك ئۆي تۇتۇپ ئايرىلىپ كەتتىم. 15 ياشقا تۇلۇق كىرمەي تۇرۇپلا بىر توي قىلىپ ئاجراشقان ئايال بولدۇم. بۇ بەختسىز ئاخىرلاشقان نىكاھىم قەلبىمدە تۇرمۇشقا بولغان ئىشەنچىمنى پۈتۈنلەي تۈگەشتۈرگەن ئىدى. بۇرۇنقى ئىشلارنى ئويلاپ ئازاپتىن يۈرىكىم ئۆرتىنىپ كىتەتتى. مىھرىبان ئانامنىڭ رەسىمىگە قاراپ تارام-تارام ياش تۈكۈپ يىغلاپ كىتەتتىم.

يېرىم يىلدەك ۋاقىت شۇنداق ئۆتتى. گەرچە ئاچام بىلەن يېزنەم ماڭا بەك ياخشى مۇئامىلە قىلىۋاتقان بولسىمۇ ئەمما ھېچ ئىش قىلماي ئولتۇرىۋىرىشكە كۆڭلۈم ئۇنىمىدى. ئىش تېپىشنى ئويلىدىم، بۇنداق بولغاندا بىر تەرەپتىن ئىقتىسادىي ئۆنۈمگە ئىرىشكىلى، يەنە بىر تەرەپتىن سىرتقى تۇرمۇش بىلەن تۇنۇشۇپ كەيپىياتىمنى تەكشىگىلى بولاتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر دوستۇم بىلەن بىللە شەھەردىكى بىر مۇقىم باھالىق كىيىم-كىچەك ساتىدىغان ئۇرۇندىن ئىش تېپىپ ئىشلەشكە باشلىدىم.  خىزمىتىمنى ياخشى قىلدىم. باشقا قىزلاردەك سىرتتا تۇيۇقسىزلا چىقىپ قالىدىغان ئىشلىرىممۇ يوق ئىدى. غۇجايىنلارمۇ مىنى ياقتۇرۇپ قېلىپ ئىش ھەققىمنىمۇ ئۆستۈرۈپ بەردى. بۇ دۇكاندىكىلەر مىنىڭ توي قىلىپ ئاجراشقانلىقىمنى بىلمەيتتى. ئۇنى پەقەت مەن بىلەن بىللە كىرگەن دوستۇملا بىلەتتى.

كۈنلىرىم ھەركۈنى ئەتىگەن دۇكانغا كىرىش، بىرىلىپ ئىشلەش، كەچتە ئۆيگە چىقىش، ئۆي ئىشلىرىغا ياردەملىشىش بىلەن كۆل سۆيىدەك تىپتىنىچ ئۆتەتتى. ئارىدىن بىرەر يىلدەك ۋاقىت ئۆتتى. ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ  بۇ تىپتىنىچ كۈنلىرىم ئاستا-ئاستا ئۆزگىرىپ دېڭىز سۈيىدەك داۋالغۇپ كەتتى.

شۇ كىيىم-كىچەك دۇكىنىغا قوشنا كىلىدىغان دۇكاننى ئاچىدىغان بىر يىگىت بار ئىدى. بۇ يىگىتىڭ ئىسمى ئابلەت ئىدى. باشتا مەن بۇ يىگىتكىمۇ بەكلا پەرۋاسىز قارىغان ئىدىم. لىكىن بۇ يىگىتنىڭ دۇكانغا بىر ئىشلارنى باھانە قىلىپ تۇلا كىرىشلىرى، ماڭا كۆڭۈل بۆلۈشلىرى نەتىجىسىدە مەنمۇ ئۇ يىگىتكە قىزىقىپ قالغان ئىدىم. لىكىن ئابلەت تېخى توي قىلمىغان ئىدى. ھەم مىنىمۇ توي قىلمىغان قىز دەپ ئويلايتتى، مەن ئابلەتكە ھەقىقى ئەھۋالنى دىيىشنى ئويلىدىم،-يۇ لىكىن ئابلەت ئىككىمىزنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئىنىق بىر مۇناسىۋەت شەكىللەنمىگەچكە ئۇ ئىشلارنى دىيىشىمنىڭ ھاجىتى يوق دەپ ئويلىدىم. ئارىدىن يەنە نەچچە ئاي ئۆتتى. ئابلەتنىڭ مىنى ئىزدەيدىغان ۋاقىتلىرى، باشقىلاردىن گەپ كىرگۈزىدىغان ۋاقىتلىرى كۆپىيىشكە باشلىدى. ئۇنىڭ بىلەن بىر قانچە قېتىم كۈرۈشۈش، پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇش جەريانىدا مىنىڭ ئۇنىڭغا بولغان قىزىشىم مۇھەببەتكە ئۆزگەرگەن ئىدى. مەن ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم. تۇنجى قېتىم بىرسىنى ياخشى كۆرسە قانداق بۇلىدىغانلىقىنى ھىس قىلدىم. مەيلى دۇكاندا بولسۇن، ياكى ئۆيدە بولسۇن ئابلەت خىيالىمغا كىرىۋالاتتى، قانداقلا بىر ئىش قىلماقچى بولسام ئۇ ئىشنى ئابلەتكە باغلىۋالىدىغان بولدۇم. خىيالىمدا ئۇنىڭ بىلەن مۇڭدىشىپ كىتەتتىم.

گەرچە ئابلەتنى ياخشى كۆرگەن بولساممۇ لىكىن ئۇنىڭ مۇھەببىتىنى قۇبۇل قىلالىغۇدەك جۈرئەت مەندە يوق ئىدى. ئەگەر ئۇ مىنىڭ توي قىلىپ ئاجراشقانلىقىمنى بىلسە مىنى قۇبۇل قىلالارمۇ؟ ئاتا-ئانىسى توي ئىشىمىزغا قۇشۇلارمۇ؟ بۇ مەن ئەڭ كۆپ ئويلايدىغان سۇئال بولۇپ قالغان ئىدى.

ئابلەت ئارىدا يەنە باشقىلاردىن گەپ كىرگۈزدى. ئادەم بىرسىنى ياخشى كۆرۈپ قالغان ۋاقىتتا ئەقىلنىڭ ھىيسىياتنى باشقۇرۇشى بەك تەس ئىكەن. شۇنداق قىلىپ مەن ھەقىقى ئەھۋالنى ئۇنىڭدىن يۇشۇرۇپ ئۇنىڭ تەكلىپىنى قۇبۇل قىلدىم. ھاياتىم يىڭىچە مەناغا ئىرىشكەندەك بولدى. لىكىن ئابلەتنىڭ سەمىمىيلىك چىقىپ تۇرغان ھەر بىر ئىشلىرىغا قاراپ ئۇنى ئالدىغىنىمغا پۇشايمان قىلدىم. ئۇنىڭغا راس گەپ قىلىشنى ئويلاپ، مۇۋاپىق بىر پەيتتە ئۇنىڭغا ھەممە ئەھۋالنى دېدىم. ئۇنىڭ مىنى قۇبۇل قىلىشىنى شۇنچىلىك ئۈمۈد قىلاتتىم.

ئەپسۇس! تۇلىمۇ ئەپسۇس! ئۇ مىنى رەت قىلدى. ئۆزى قۇبۇل قىلسىمۇ ئاتا-ئاناسىنىڭ قۇبۇل قىلالمايدىغانلىقىنى، لىكىن مىنى راسلا ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى، ئەمما مەن بىلەن ئايرىلىپ كىتىدىغانلىقىنى دېدى.

مىنىڭمۇ ئۇنىڭدىن ئايرىلىشتىن باشقا تاللاش يۇلۇم يوق. ئۇنى شۇنچە ياخشى كۆرسەممۇ ئۇنىڭغا بەخت تىلەشتىن باشقىسى قۇلۇمدىن كەلمەيتتى. ئۇنىڭغا بۇرۇنراق توي قىلغانلىقىمنى دىمىگەنلىكىمگە پۇشايمان قىلدىم. ئۇ ماڭا باشتا قىزىقىپ قالغان ۋاقىتلاردىلا ئۇنىڭغا ھەقىقى ئەھۋالنى دىسەم بوپتىكەن. ئۇ ۋاقىتتا ئۇ مەندىن ۋاز كەچكەن بولسا مەنمۇ ھازىرقىدەك ئازاپلارغا ئۇچرىماس ئىدىم.

شۇنداق قىلىپ بىز ئايرىلدۇق. ئۆزۈمنى شۇنچە ئەيىپلىدىم. لىكىن ئاخرىدا،- خەير بوپتۇ. تەقدىر شۇنداق ئوخشايدۇ.- دىيىش ئارقىلىق ئۆز-ئۆزۈمگە تەسەللى بىرىدىغان بولدۇم.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   شاتيار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-2-26 01:46 PM  


ئى ئاللا، خاتالىق ئۆتكۈزسەم باشقىلاردىن كەچۈرۈم سورىغۇدەك، باشقىلار خاتالىق ئۆتكۈزسە ئۇلارنى كەچۈرگىدەك جۈرئەت ئاتا قىلغىن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91263
يازما سانى: 435
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 988
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 479 سائەت
تىزىم: 2013-2-6
ئاخىرقى: 2015-5-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-26 03:43:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

تورداش دوستىلىرىمنىڭ تىمىدىكى «مەن» نى ماڭا باغلىۋالماسلىقىنى ئۈمۈد قىلىمەن.


ئى ئاللا، خاتالىق ئۆتكۈزسەم باشقىلاردىن كەچۈرۈم سورىغۇدەك، باشقىلار خاتالىق ئۆتكۈزسە ئۇلارنى كەچۈرگىدەك جۈرئەت ئاتا قىلغىن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81916
يازما سانى: 129
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4077
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 589 سائەت
تىزىم: 2012-6-21
ئاخىرقى: 2014-9-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-26 04:08:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كىرىشىمگە مۇزىكا چىقىپتى يازمىنى تاشلاپ مۇزىكىنىڭ چىققان يېرىنى ئىزدەپ كېتىپتىمەن،لېكىن ئەسەرگە ماس كەپتۇ

مېنىڭ نېمە دىيىشىمنى كۆرسىتىپ ئاۋارە بولما!ئۆزۈم بىلىمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72959
يازما سانى: 1509
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4801
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 283 سائەت
تىزىم: 2012-1-11
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-26 04:40:10 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خىلى ياخشى يىزىلغان ئەسەركەن

ئادەم ئۆزىگە تايىنىش كىرەك!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81628
يازما سانى: 1682
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7888
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1911 سائەت
تىزىم: 2012-6-15
ئاخىرقى: 2015-5-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-26 06:43:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇزىكىمۇ يىقىملىقكەن.......يازمىلىرىڭىز ئۈزۈلمىسۇن...

قۇياش نۇرى پاسكىنا يەرگە چۈشكەن بىلەنلا قەدىرسىز بولۇپ قالمايدۇ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81628
يازما سانى: 1682
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7888
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1911 سائەت
تىزىم: 2012-6-15
ئاخىرقى: 2015-5-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-26 08:36:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چۈشتىن بۇرۇن ئالدىراش بوپ قىلىپ تولۇق ئوقۇپ چىقىشقا پۇرسەت بولماپتى، ئەمدى ئۇزۇندىن ئۇزۇن ئوقۇپ چىقتىم، ھەييييي،ئادەمنىڭ بىشىغا قانداق كۈنلەر كىلىشنى ھىچكىم بىلمەيدۇ، ؟خىلى تەسىرلىك يىزىپسىز، بەزى يەرلىرىنى ئوقۇپ كۆڭلۈم يىرىم بولدى، تاسلا قالدىم يىغلاپ سالغىلى

قۇياش نۇرى پاسكىنا يەرگە چۈشكەن بىلەنلا قەدىرسىز بولۇپ قالمايدۇ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91351
يازما سانى: 115
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 312
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 108 سائەت
تىزىم: 2013-2-8
ئاخىرقى: 2014-12-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-8 03:44:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەر بىر ئادەم بۇ دۇنيادا بىر يازغۇچى ئىكەن ،دۇنيا شۇنداق قاراڭغۇمۇ؟؟؟؟

يوقاتقىنىممۇ ياكى ئىرىشكىنىممۇ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78403
يازما سانى: 1309
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8865
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 456 سائەت
تىزىم: 2012-4-5
ئاخىرقى: 2014-7-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-8 03:54:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

قىسمەت


1


2



ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90383
يازما سانى: 163
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1223
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 291 سائەت
تىزىم: 2013-1-21
ئاخىرقى: 2015-5-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-31 01:44:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك تەسىرلىك، بەك ياخشى يېزىپسىز، بولسا يەنە ئاخىرىنى داۋاملاشتۇرسىڭىز بوپتىكەن.


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91263
يازما سانى: 435
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 988
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 479 سائەت
تىزىم: 2013-2-6
ئاخىرقى: 2015-5-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-31 02:12:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نۇرنىسە يوللىغان ۋاقتى  2013-3-31 01:44 PM
بەك تەسىرلىك، بەك ياخشى يېزىپسىز، بولسا يەنە ئاخىرىنى  ...

بەرگەن باھايىڭىزغا رەخمەت.
مەنمۇ بۇنىڭ ئاخىرى باردەك ھىس قىلغان. لىكىن ئاخىرىنى قانداق داۋاملاشتۇرۇشنى بىلەلمىدىم.

ئى ئاللا، خاتالىق ئۆتكۈزسەم باشقىلاردىن كەچۈرۈم سورىغۇدەك، باشقىلار خاتالىق ئۆتكۈزسە ئۇلارنى كەچۈرگىدەك جۈرئەت ئاتا قىلغىن.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش