مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 489|ئىنكاس: 3

ئەل قاتارى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89597
يازما سانى: 133
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 398
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 78 سائەت
تىزىم: 2013-1-5
ئاخىرقى: 2015-4-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-26 01:09:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ قوشنامنىڭ ئىسىمى سەمەت. گەرچە يېشى مەندىن خېلىلا چوڭ بولسىمۇ، كىرىش -چىقىشىمىز بەكلا قۇيۇق. بۇلۇپمۇ ئۇنىڭ مىنىڭكىگە كىرىشى بەكلا تولا. بىر كۈنى پۇل ئۆتنە ئالغىلى كىرسە، بىر كۈنى بىرەر جابدۇق - سايماننى، ھىچ بولمىسا ئۈچ چاقلىق توك سىكىلىتىمنى سوراپ كىرىدۇ. يېقىنقى يىللاردا ئۇنىڭ ئۆيىدە ئۈزۈلمەي مەرىكە بۇلۇپ تۇردى. ئۇنىڭ ئۈچ قىزى بار ئىدى. ئۆتكەن يىلى چوڭ قىزىنى ياتلىق قىلىپ بولغان ئىدى. بۇ يىلنىڭ بېشىدا ئوتتۇرانچى قىزىنى ياتلىق قىلىدى. مانا ئەمدى چوڭ قىزىنىڭ يېڭى تۇغۇلغان بالىسىغا بۆشۈك توي قىلىشقا تەييارلىق قىلىۋىتىپتۇ.
- بىراۋ سىزنى ئالدىراتمىغانىكىن سەمەتكا ،- دېدىم بىر كۈنى،- بالىلېرىڭىزنىڭ مەرىكىسىنى يىل ئاتلاپ قىلسىڭىزمۇ بوپتىكەن؟
- قانداق دەيسىز؟- سورىدى ئۇ ھەيرانلىق كۆزلېرىنى ماڭا تىكىپ.
-يۇرت- مەھەللە سىزنى پۇل -پۈچەك يىغىۋىلىش ئۈچۈن مەرىكە قىلىدىكەن، دېمىسۇن يەنە؟
-خەق بىلەن نېمە كارىم،- دېدى ئۇ كايىغاندەك قىلىپ،- نېمىلا بولمىسۇن مەنمۇ ئەل قاتارى قىلدىمغۇ؟
- ئۇنىڭ ئۈستىگە كۈندۈزى ئۆيىڭىزدە، كەچتە رېستۇراندا قىلىدىكەنسىز. نېمىمۇ قىلارسىز ئۇنچىلىك ھەشەم قىلىپ؟
-بۇمۇ ئەل قاتارى بولغان ئىش ئۇكام، ئۇمۇ ھازىرقى يېڭى يۈزلىنىش تۇرسا؟
مانا مۇشۇنداق ئۇ نېمىلا قىلسا ئاشۇنداق ئەل قاتارى قىلىدۇ.
ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇ يەنە كىچىك قىزىنىڭ تويىنى قىلماقچى بولۇپ، بىر تۇتام باغاقلارنى كۆتىرىپ ئۆيۈمگە كىرىپ كەلدى.
-باغاقلارنى تارقىتىشىپ بەرسىڭىز ئۇكام؟
ماقول دىمەي ئامال يوق قوشنىدارچىلىقتا، باغاقلارنى ئۇنىڭ قولىدىن ئېلىپ كۆرۈپ چىقتىم.
-ۋاي بۇ قانداق يازغىنىڭىز سەمەتكا، باغاقلارنىڭ ھەممىسى بىر ئادەمگە ئىككىدىن يېزىلىپ قاپتىغۇ؟- سورىدىم ھەيران بۇلۇپ.
-ئەمدى ئۇكام بۇمۇ ئەل قاتارى دەڭە، بىرى ئۆزۈمنىڭ نامىدا، بىرى قىزىمنىڭ نامىدا شۇ. ئادەمگەرچىلىك دىگەننى كېيىن چوقۇم قايتۇرىدىغان گەپ. شۇڭا شۇنداق يېزىپ قويدۇم.
-ھە چۈشەندىم. ئادەمگەرچىلىكنى ئىككى كىشلىك يىغاي دەپسىز- دە؟
ئۇنداقتا ماڭىمۇ ئىككىنى يېزىپسىزغۇ؟
-ئۇكام ئەمدى شۇ قوشنىدارچىلىقتا ئەل قاتارى دەپ .....- ئۇ گېپىنىڭ ئاخىرىنى يۇتىۋەتتى.
-بولىدۇ. مەنمۇ <<ئەل قاتارى>> قىزىڭىزغا بىر كىشلىك، سىزگە بىر كىشلىك ئادەمگەرچىلىك قىلاي. -ئۆزۈمنى تەستە بېسىۋېلىپ.
كۈزگە يېقىن مەنمۇ توي قىلىدىغان بۇلۇپ قالدىم. بۇ <<ئەل قاتارى>>ئىش قىلىدىغان قوشنامنىمۇ ئۇنتۇپ قالمىدىم. مەن رەڭ ۋە گۈل نەقىشلېرى ئوخشىمايدىغان ئالتە دانە باغاقنى سېتىۋېلىپ، يېزىپ ئۇدۇل ئۆيىگىلا كىردىم.
-ۋۇي بۇ .........ئۇكام، ھەممىسىنىلا ماڭا يېزىپسىزغۇ؟ دېدى ئۇ چىرايى تاتارغىنىچە.
-ئەل قاتارى يېزىپ قويدۇمغۇ سەمەتكا!- شۇنداق جاۋاپ بېرىپلا كەينىمگە ئۆرۈلۈپ چىقىپ كەتتىم.
ئۇ ئۆڭسۇلى ئۆچكەن ھالدا بوسوغۇسىدىلا قالدى. ئىشىنىمەنكى ئۇنىڭ شۇ چاغدىكى ھېسياتى كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭ بىر ئادەمگە ئۈستى - ئۈستىلەپ بىر ئادەمگە يېزىپ ئەۋەتكەن باغاقلېرىنى تاپشۇرۋالغان چاغدىكى ھېسياتى بىلەن ئوپمۇ -ئوخشاش مۇقەررەر شۇنداق!
تۇرپان گېزىتىدىن ئېلىندى.


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26699
يازما سانى: 394
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6483
تۆھپە نۇمۇرى: 290
توردا: 721 سائەت
تىزىم: 2011-1-18
ئاخىرقى: 2015-4-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-26 10:17:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇ ئەل قاتارى دەپ كۆپ پۇل ،ۋاقىت ۋە، زىھنىمىزنى ئىسراپ قىلۋېتىپ بارىمىز

مەنمۇ ئەل قاتارى ئىنكاستىن بىرنى يىزىپ قوياي ئەمسە

ئوت بىلەن ئويناشماڭ ،قىز

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90265
يازما سانى: 385
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 900
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 174 سائەت
تىزىم: 2013-1-18
ئاخىرقى: 2015-4-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-26 11:07:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
جەمىيىتىمىزدە ھەقىقەتەن مۇشۇنداق ئادەمنى بىزار قىلىدىغان ئىشلارنى يوق دىگىلى بولمايدۇ.نىمىدىگەن سەتچىلىك -بۇ......
تېمىڭىزغا رەھمەت.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5575
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32245
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3400 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-27 09:42:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەل قاتارى ئاشۇ توي-مەرىكىلەرنى قىلالماي قالساق ئەل قاتارىدىن چىقىرىۋەتمەس.

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش