ئاندىرويىد يانفۇنىدا سىمسىز تور تارقىتىش ئۇسۇلى
ئاندىرويىد يانفۇنلارنىڭ(گوگىل شىركىتىنىڭ ئۇچۇق كودلۇق ئاندىرويىد مەشخۇلات سېستىمىسى ئىشلىتىلگەن يانفۇنلار قىسقارتىلىپ ئاندىرويىد يانفۇنلار دىيىلدۇ)باھاسىنىڭ بىر قەدەر مۇۋاپىقلىقى ،قوللىنىشچان ئەپلىرىنىڭ كۆپلىگى بىلەن ئەقىلسىز يانفۇنلارنىڭ ئورنىنى ئىگەللەپ جۇڭگۇ بازىرىغا ئومۇملاشتى ،گەرچە ئەقلىيفون ساھەسىدە ئالما مەھسۇلاتلىرى ئالدىنقى قاتاردا تۇرسىمۇ ئختىسادى ئانچە ياخشى بولمىغان ئەمما مودىدىن قالمايدىغان جۇڭگۇ بازىرىدا قاتتىق ئالقىشقا ئېرىشىپ باھاسىنىڭ يۇقىرلىغى،كۆپلىگەن يۇمشاق دىتاللىرىنىڭ ھەقلىق سەۋەپلىك، خۇددى پاخالغا ئوت كەتكەندەكلا بېسىقىپ قېلىشتى. شۇ قاتاردا مەنمۇ قۇلۇمدىكى ئەقىلسىز يانفۇنۇمنى تاشلاپ ئۇيغۇرچىنى نىگىزىدىن قوللايدىغان ئەقىللىق يانفۇندىن بىرنى سېتىۋالدىم(ئالمىغا ھەۋەس بار بولمىسا ئەمما يوتقانغا قاراپ پۇت سۇنغۇلۇق ،شۇڭا ئەنجۈر بولسىمۇ ئىشلىتىپ تۇردۇق)ئاندىرويىد ئىشلەتكەندىكى مىنى ئەڭ ھاياجانلاندۇرغىنى خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە لۇغەتنى نورمال ئىشلىتەلىشىم،GPS (يەر شارى ئورۇن بەلگىلەش سېستىمىسى) ۋەسىمسىز تور تارقىتىش ئىختىدارى بولدى .مىنىڭچە ھازىر كۆپىنچىمىىزنىڭ ئىشلىتىۋاتقىنى ئاندىرويىد يانفۇنلار ،ئەگەر تېلفۇنىڭىز ئۇيغۇرچىنى نورمال قوللىسا سىزنىڭمۇ لۇغەت قاچىلىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن.
ئەمدى تىمىغا قايتىپ كەلسەك ، سىمسىز تور سىگنالىنى نورمال قۇبۇل قىلالايدىغان ھەرقانداق ئاندىرويىد يانفۇنلار ھەم شۇنداقلا سىمسىز تور(WIFI) سىگنالى تارقىتالايدۇ(يۈزنىڭ ئىچىدە بىر ئىككىسى سىمسىز تور تارقىتالمايدىكەن)بۇنى ئاندىرويىد ئىشلىتىۋاتقانلار ئاساسەن بىلىشى مۇمكىن ،بۇنىڭغا ھىچقانداق ئەپ قاچىلىمايسىز بۇ ئاندىرويىد سېستىمىسىنىڭ بىر قوللىنىشچان پىروگراممىسى،ئىشلىتىش ئۇسۇلى تۆۋەندىكىچە:
1.设置-无线和网络-绑定写便携式热点 غا كىرىپ便携式WLAN热点 پىروگراممىسىنى قوزغاتسىڭىز بولىدۇ(便携式WLAN热点 دىگەن كاتاكچىگە توغرا بەلگىسى ئۇرىۋەتسىڭىز قوزغىلىدۇ،كۆپىنچە يانفۇنلارنىڭ ئىشلىتىش ئۇسۇلى مۇشۇنىڭغا ئوخشايدۇ)
2.ئۇنىڭدىن كىيىن 便携式WLAN热点设置-配置WLAN热点 غا كىرىپ تەڭشەش ئېلىپ بارىسىز.
تەڭشەش ئۇسۇلى:
1) 网络 SSID غا تارقاتماقچى بولغان سىمسىز تورنىڭ نامىنى يازىسىز (خالىغانچە يازسىڭىز بولىدۇ)
2) 安全性 نى WPA/WPA2 PSK غا توغۇرلايسىز(ئەگەر open غا توغۇرلاپ قويسىڭىز ،پارولسىز ھالەتتە سىمسىز تور تارقىلىپ باشقىلار خالىغانچە قۇبۇللاپ ئىشلىتىپ كىتىدۇ)
3) 密码 غا كىرىپ ئاز دىگەندە 8خانىلىق پارول ئورنىتىسىز
4) 保存 قىلىۋەسىڭىزلا ئىش تامام!
ئەمدى سىز يەنە بىر سىمسىز تور قۇبۇللىيالايدىغان ئۈسكىنىڭىزنىڭ ( ئالما شىركىتىنىڭ iفامىلىلىك ئۈسكىنىلىرى،ئاندىرويىد يانفۇن ۋە تاختا كومپىيۇتىر ،سېمبىيانs60 v3 v5 سېستىمىلىق سىمسىز تورنى نورمال قۇبۇللىيالايدىغان نوكىيا يانفۇنلارۋە سىمسىز تور كارتىسى سەپلەنگەن خاتىرە كومپىيۇتىر) WLAN نى قوزغاتسىڭىز ،سىز تارقاتقان سىمسىز تورنى ئىزدەپ تاپىدۇ پارولنى كىرگۈزۈپ 连接 نى بېسىپ تورغا چىقىشنى باشلىسىڭىز بولىدۇ، ئادەتتە سىمسىز تور قاپلىنىش دائىرىسى 8-10 مىتىر دائىرە ئىچىدە ،كۆپ بولغاندا 8دانە ئۈسكىنىدە بىر لا ۋاقىتتا تورغا چىقىش ئۈنۈمىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن تىما تامام ۋەسسالام!
ئەسكەرتىش:مەزكۇر تىمام ئۇيغۇر QQ تورىدا ئېلان قىلىنغان،تېخىمۇ كۆپ تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن مىسرانىم مۇنبىرىگە يوللاندى!