سونېتلار
ياسىنجان ئوسمان ئەركزات
1
ۋەدە بەردىڭ كېلەي دەپ كېلەلمىدىڭ نەچچە رەت،
ياش تۆكۈلدى يولۇڭغا كۆزلىرىمدىن تاراملاپ.
شېرىن ۋىسال جامىدا مەي سۇنمىدىڭ، خەيرىيەت!
بەختىم ئايان كۆزۈڭدە نەگە باراي يامانلاپ.
كۈتكەن ئىدىڭ نەچچە يىل ساداقەتتە مېنىمۇ،
سالدى بىزنى ھەر كويغا ئۆتنە ئالەم ئىشلىرى.
قىينىمىغىن گۈزەلىم ئازابلىماي سېنىمۇ،
ھىجران يۇتساق رەقىبنىڭ ھىڭگايمىسۇن چىشلىرى.
سۆيۈش شېرىن ھەم ئازاب لەززىتى بار، دەردى بار،
ياپرىقىڭمەن بېغىڭدا ۋىسالسىراپ سارغايغان.
جاندىن كەچمەي جانانغا يېتەلىگەن نەدە بار؟
ئاشىقىڭغا رەھىم قىل چىن ۋەسلىڭگە زار بولغان.
كۈتىۋېرىپ جانانىم تولدى سەۋرى قاچاممۇ،
ئىچەر ۋىسال شەربىتى ئاتەش لەۋلەر قاچانمۇ!؟
2
مەي ئىچتىم لېۋىڭنى كەتسەم سېغىنىپ،
لېۋىڭنىڭ لەززىتى چىقمىدى مەيدىن.
چىدالماي خانەڭگە ماڭدىم يول ئېلىپ،
تاپارمەن ئەمدى يار سېنى قەيەردىن.
سېغىندىم غۇنچىدەك زىلۋا بويۇڭنى،
سۆيۈشۈڭ ئېسىمدىن كەتمىدى زادى.
ئاجايىپ ياقتۇرۇپ قالغاچ خۇيۇڭنى،
سەن ئۈچۈن جان بەرسەم بولىمەن رازى.
كەل جېنىم، ھىجراندا يۈرمەي تولغۇنۇپ،
شاد ۋىسال شەربىتى ئىچەيلى بىر رەت.
غەپلەتتە كۆز يۇمسام كەتتىم ئويغۇنۇپ،
كۆرۈشكە يار سېنى بولمىغاچ پۇرسەت.
تۇرساڭكەن ئالدىمدا گۈلدەك ئېچىلىپ،
باراتتىم ھىدلاشقا ئوقتەك ئېتىلىپ.
3
كۆزلىرىڭنى بەك سېغىندى كۆزلىرىم،
لەۋلىرىڭگە تەشنا بولدى لەۋلىرىم.
ئېيتىش ئۈچۈن يىغىلدى كۆپ سۆزلىرىم،
ئازابلىماي تېزراق كەلگىن دىلبىرىم.
دەريا بويى سەيلىمىزگە ئىنتىزار،
ئۇنۇتمايلى ۋىسال تاپقان باغلارنى.
كونا جاينى پات-پات يوقلاپ تۇرايلى،
ھىجران بىزنى يىغلاتمىسۇن زارى-زار.
قەدىرلەيلى گۈزەل ئالتۇن چاغلارنى،
ساداقەتتىن ۋىسال قەسرى قۇرايلى.
سەنسىز پىغان يۇتۇپ ئۆتەر كۈنلىرىم،
ۋىسالىڭغا تەشنا ھەر بىر تۈنلىرىم.
4
سېغىندىم، سېغىندىڭ كۆڭۈل پەرىشان،
ئۆرتەندى ۋۇجۇدلار ھەسرەتكە تولۇپ.
يۈرۈيسەن ئەزىزىم نەلەردە سەرسان،
ئىزدىدىڭ، ئىزدىدىم بىتاقەت بولۇپ.
كۈلكىلەر ئورنىغا ئالماشتى يىغا،
ۋىسالغا شۇ قەدەر بولدۇق ئىنتىزار.
ئۆتمىدى ھەلقۇمدىن ھېچقانداق گىياھ،
يۈرەكلەر بەك زەئىپ رېتىمسىز سوقار.
ئاشىقلىق شېرىن ھەم ئازابلىق ئىكەن،
چۈشەندۇق تۈتۈنسىز ئوتتا كۆيۈشۈپ.
سەزمىدۇق پۇتلارغا كىرسىمۇ تىكەن،
دەشت ئارا ھىجراندىن مەستخۇش بولۇشۇپ.
سۆيگۈڭگە بىر قاناي كەلگىن ئەي جانان،
چۆمۈلسۇن ۋىسالغا پۈتكۈل يەر-جاھان!
( تور دۇنياسىدىكى مەنبەسى: Www.Arkzat.Com تورى )