مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3228|ئىنكاس: 30

پارلاق:توي قاچقۇنلىرى (پوۋېست) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ھەر كىمنىڭ ئۆزى

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2114
يازما سانى: 600
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 15081
تۆھپە نۇمۇرى: 584
توردا: 5254 سائەت
تىزىم: 2010-6-2
ئاخىرقى: 2015-4-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-25 11:08:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

2010110550628345_副本.jpg

توي  قاچقۇنلىرى


(پوۋېست)


(مۇكاپاتلىق ئەسەر)


(1)

-ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم،ئابلەتجان،ئامىنخان،ئەلچىگە ئۆلۈم يوق دەپ ئالدىلىرىغا يەنە كېلىپ قالدىم-دېدى ئىشىكتىن قورۇنۇپراق كىرگەن  غوپۇرئاخۇن ـ بىر ئۆينىڭ ئىشىكىنى ئالتە قېتىم چەكمەك ئاسان ئەمەس،لېكىن شۇ ئىككى بالا كېلىشىپ قاپتىكەن،بالىلارغا قاراپ بولسىمۇ ،قەلبىڭلاردىكى مۇزلار ئېرىپ قالارمىكەن دەپ،ھېلىمخاننىڭ بىر تال ئوغلىغا يەنە شۇ تاتلىق قىزىڭلارنى سوراپ كىردىم.

-ماڭا قارىسىلا غوپۇركا،بىز جاۋابنى بېرىپ بولغان،ئاق-قارىنى بىلمەيدىغان ،تۇرمۇشنىڭ نېمىلىكىنى قىلچە چۈشەنمەيدىغان نادان بالىلارغا قاراپ ئېرىپ كەتكىلى تۇرساق،بىزمۇ ئاللىقاچان ئاشۇ ھېلىمخاندەك ئەسكى تامنىڭ ئىچىدە قالار ئىدۇق.كۆڭۈل دېگەنگە نېمە كېلىدۇ؟ -دېدى ئامىنخان چىرايىنى پۈرۈشتۈرۈپ-ئۇنداق ئۆيى بىلەن ھويلىسىنىڭ پەرقى يوق،يىقىلسا يۆلەنگۈدەك تېمى يوق تۇل خوتۇننىڭ يېتىم ئوغلىغا بېرىدىغان قىزىم يوق.مەن بىر ساخاۋەت ئورگىنى ئاچمىدىم ،يېتىم ئوغۇلغا قىز ئىئانە قىلىدىغان!

-ئۇنداق دېمەڭ ئامىنخان،جان دېگەن خۇدانىڭ قولىدا ،كىم بىلىدۇ بىزدىكى بۇ جان ئەتە يەنە بارمۇ-يوق؟ رەھمەتلىك ياسىن تولىمۇ ئېسىل بالا ئىدى ،خۇداغا ياراپ قالغاچقا ،گۇناھلىق بۇ ئالەمگە بىزنى تاشلاپ بالدۇر كېتىپ قالدى.ئوغلى مۇرات ئاتىسىنى كىيىپلا چىقتى.ۋىجدانلىق،غۇرۇرلۇق،يامان ئىشتىن يىراق،ۋاپادار بالا بولدى.قىزىڭلارمۇ شۇ يېرىگە كۆيىدۇ تايىن.ھېچكىم سىزنى تۇل خوتۇنغا قىز ئىئانە قىلىڭ دېمىدى،ئۇمۇ بىر تال ئوغلىنىڭ تويىنى ئەل قاتارى قىلىدۇ.

-نېمىسىگە ئەل قاتارى قىلغۇدەك؟ خەقتىن ئاشۇرۇپ ئەكەلسىمۇ ،ئۇنىڭ بىلەن قۇدىلاشمايمەن!-ئامىنخان سۆزلىگەنچە چىشلىرى كىرىشىپ كېتىۋاتاتتى-مال تۈرى بىلەن ،ئادەم خىلى بىلەن،

ئۇ  بىزنىڭ خىلىمىز ئەمەس!

-خەق بېرىپ باق دېسىلا كېلىۋېرەملا ئۆيۈمگە؟-باياتىن جىممىدە ئولتۇرغان ئابلەتكە ئۈن كىردى-ئىككى ئائىلە بىر-بىرىگە لايىق كەلسە ئەلچىلىككە ماڭسىلا بولىدۇ،توي پۈتۈپ ساۋاب تاپىلا،لېكىن ئۇ ھېلىمخاننىڭ ئوغلىغا قىزىمنى لايىق كۆرۈپ كەلگەنلىرىگە قاتتىق ئاچچىقىم ئەمەس غەزىپىم كېلىۋاتىدۇ.بىز شۇلارنىڭ خىلىما؟ بېشىلىرىغا قولۇمغا چىققان نەرسىنى ئېتىشتىن بۇرۇن ئاستا كېتىپ قالسىلا.

غوپۇر ئاخۇن يەنە گەپ قىلىشنىڭ ئورنى يوقلىقىنى ھېس قىلدى –دە كەينىگە بۇرۇلدى.ئۇ ئىككى قەدەم مېڭىپ ئارقىسىغا ئۆرۈلدى:

-ئادەم دېگەننىڭ ئېگىز-پەسى يوق،بۇنچىلىك قىلىپ كەتمەڭلار،ئۇكىلىرىم،مال-دۇنيا بېشىغا چىققانلارنى تولا كۆرگەنمەن،سىلەرنى شۇ قاتاردا كۆرۈپ قالماي-دېدى ۋە ئىتتىك قەدەملەر بىلەن ئۇلارنىڭ ھويلىسىدىن چىقىپ كەتتى.

دەرۋازا تۈۋىدە غوپۇرئاخۇن بىلەن ئۇچرىشىپ قالغان ئادىلە تېز قەدەملەر بىلەن ئۆيىگە كىردى.ھويلىدىكى خان كارىۋاتتا چىرايلىرىنى پۈرۈشتۈرۈپ ئولتۇرغان ئاتىسى بىلەن ئاپىسى ئادىلەنى كۆرۈپ ،چىرايلىرى تېخىمۇ تۇتۇلۇپ كەتتى.

-بالىلىرىمنىڭ چوڭى سەندەك ئەقىلسىزبولسا،قالغانلىرىدىن نېمە ئۈمىد كۈتەرمەن؟ئىسىت سېنى باققانلىرىم.ھايات دېگەن كىنودەك تاتلىق،رومانتىك بولىۋەرمەيدۇ،ئىككى نانغا زار بولغان چېغىڭدا ،ئاپام ئەجەب توغرا قىلىپتىكەن دەپ مەندىن رازى بولىسەن.ئاۋۇ مۇرات دېگەن بىر نېمىگە ئەمدى مېنى ئىزدىمە، سەن مېنىڭ خىلىم ئەمەس دېگىن،بولمىسا كۆرىدىغان كۈنۈڭ بار!-دېدى ئاپىسى ئاغزىدىن مۆلدۇر ياغدۇرۇپ.

-ئاپا، مەلىكىلەر چېغىدا پادىچىلارغا ياتلىق بولىدىغان تۇرسا،مەن نېمىتىم؟چىرايىم ئادەتتكىچە،ئوقۇغان مەكتىپىممۇ مۇراتنىڭكىدەك ياخشى ئەمەس،ئۇلاردىن تۇرمۇشىمىز ئانچىكى ياخشى بوپ قالسىلا،ئۇ مېنىڭ خىلىم بولالمامدىكەن؟-دېدى ئادىلە تۇنجى قېتىم يۈرەكلىك ھالدا.

-ئاغزىڭنى يۇم! سېنى ئالىم لوپىنىڭ ئوغلىغا بېرىمەن،ئۇنىمىساڭ مېنى ئاتا دېمە!-دېدى ئابلەت.

-ھە؟ ھېلىقى تۈزۈكرەك مەكتەپ يۈزىمۇ كۆرمىگەن ئويۇن قېپىغىما؟-دېدى ئادىلە قۇلىقىغا ئىشەنمەي-ئىشىڭلارنى قىلىڭلار،مەن ئۆلسەممۇ ئۇنىڭغا تەگمەيمەن.

-مەكتەپتە ئوقۇغاننىڭ نېمىسى ياخشى؟ پۇلى بولسىلا بولدى.ئۈچ يەردە زېمىن ئۆيى بار،بىر تال ئوغۇل،مىراس تالىشىدىغان ئىشمۇ يوق.ماشىنىسى مېنىڭكىدىن ئېسىل،ھازىرچە بۇ مەھەللىدە بىزگە قۇدا بولۇشقا ئەڭ لايىق كېلىدىغان نامزات ئاشۇ.

-ئاتا،ئۇ ئويۇن قېپىنىڭ بىرەر ئېغىز ياخشى گېپىنى ئاڭلاپ باقتىڭمۇ؟ئۇنىڭغا ياتلىق بولسام،ئىككى كۈنگە قالماي ئۇرۇشۇپ يېنىپ كېلىمەن.كەينىنى ئويلا.

-سەن يول قويساڭلا بولدى،ئايال دېگەن بويسۇنۇشنى بىلسە ئېيىق بىلەنمۇ ئۆي تۇتۇپ كېتەلەيدۇ.

-ئاپا،مۇرات ئوقۇغان ...

- ئوقۇغاننىڭ نېمە پايدىسى؟ يول ماڭغۇدەك باشلىق تۇغقىنى،ئارقا ئىشىككە سۈڭگۈتكىدەك پۇلى بولمىسا بىكار! ئۇنىڭدەك ئوقۇپ كېلىپ بىكار يۈرگەن ئاق نانچىلار ساماندەك،ھېچكىم ھەيران قالمايدۇ.مۇراتنىڭ ئىسمىنى ئاغزىڭغا ئالما!-دېدى ئامىنخان ئادىلەنىڭ گېپىنى بۆلۈپلا.

ئادىلە سۆزلەپ ھاردى،بۇ ئىككى ئىنساندىن تۆرەلگىنىگە ھەيران بولدى.مال-دۇنيا كۆزىنى توسۇۋالغان ئاتا-ئانىسىغا ئەمدى گەپ تەسىر قىلمايدىغانلىقىنى بىلىپ يەتكەن ئادىلە ھۇجرىسىغا قاراپ ماڭدى.

-گەپ ئاڭلا،قىزىم،پات يېقىندا تويۇڭنى قىلىمىز،يېشىڭمۇ بىر يەرگە باردى،ئاتا-ئانىسىغا بويسۇنغان قىز ياخشى قىز-دىدى ئاپىسى.

-پۇل ئۈچۈن بۇنچىلىك قىلىپ كەتمىسەڭلار بولاتتى،ۋىجدان،ئىنساپ،قانائەت دېگەنلەرنى كىمگىمۇ بېرىۋەتكەنسىلەر؟ مۇراتنىڭ ئۆيىدىكىلەرگە ئېگىلمىگەن شۇ بېشىڭلارنى خەق ئالدىدا تۆۋەن قىلىپ قويسام ،مەندىن ئاغرىنماڭلار!-دېدى ئادىلە ئۆزى-ئۆزىگە پىچىرلاپ.


-ئاڭلىدىڭلارمۇ،ئامىنخانلار ھېلىمخاننىڭ ئەلچىسىنى ئالتىنچى قېتىم ياندۇرۋېتىپتۇ.

-ئاڭلىمامدىغان بۇنداق چوڭ ئىشلارنى!ئامىنخانچۇ  ھېلىمخاندەك يالاڭ تۆش تۇل خوتۇنغا بېرىدىغان قىزىم يوق دەپ غوپۇرئاخۇننى ھويلىسىدىن قوغلاپ چىقىرۋېتىپتىمىش!

-ھالىغا باقماي ئېگىز ئوقۇرغا ئېسىلغاندىكىن ھېلىمخانغىمۇ ئاز!

-بالىلىرى ئارىلاشقىلى سەككىز يىل بوپتىكەنغۇ ئاڭلىسام...

-سەككىز يىل خەق سۆرەپ يۈرگەن قىزىنى كىممۇ ئالار؟ نامرات كۆرمەي بەرسىلا بولمامدۇ ئۇلارمۇ..

-خەق دېگەننىڭ پۇلى بار،ئۈستەك بېرىپ بولسىمۇ بېرىدۇ بەرگىسى كەلگەن ئادىمىگە.

-پۇل دېگەنمۇ چوڭ نەرسە ئەمەس.

-ھېلىمخانمۇ ئۆزىنى بىلسە،ئۆزىنى دەڭسەپ بىر ئىش قىلسا بولماسمىدى؟ خىيالىدا ئوغلۇم سۆرەپ يۈرسىلا ،ئۇ كاتتا بايلار بىلەن قۇدا بولىمەن ،دەپ چۈش كۆرۈپتۇ-دە!

-مۇراتنىڭ خىزمىتى ھەل بوپ كەتسە كاتتا بالا ئادەم بولۇپ كېتىدۇ ئۇ! قىزىم بولغان بولسا مەنلابالا قىلىۋالاتتىم.

-بالا ھەر قانچە كاتتا بولسىمۇ،يېتىم-دە! بىر قانىتى يوق قۇش يىراققا ئۇچالمايدۇ.

...

كوچىدىكى بىكارچى خوتۇنلارنىڭ ئاغزى مۇشۇنداق قىزىق تېما تېپىۋالسا ئېچىلىپلا قالىدۇ.بۇ گەپلەر قۇلىقىغا كىرگەن ھېلىمخان قاتتىق خورلۇق ھېس قىلدى.ئۆزى سۆيگەن ياسىن ئۈچۈن،ياسىننىڭ بىردىنبىر تەۋەرۈكى،دىل خۇشلىقى مۇرات ئۈچۈن ئۇ نېمە جاپالارنى تارتمىدى؟ ئىش قىلغانغا ئادەم ئۆلمەيدۇ دەپ ئۆز-ئۆزىگە تەسەللىي بېرىپ بىر تال مۇراتنى ئوقۇتۇپ ياراملىق ئادەم قىلدى.كۆڭلى ئانچە راۋا كۆرمىسىمۇ ،ئوغلىنى دەپ،ئوغلىنى سۆيگەن پەرىشتىدەك ئادىلەنى دەپ ئاشۇ سوغۇق چىرايلارنىڭ ئالدىغا ئالتە قېتىم ئەلچى ئەۋەتتى. ئەمدى ئۇنىڭمۇ چىدىغۇدەك يېرى قالمىغان ئىدى:

-سىلەر ئۆزۈڭلارنى ئادەم سانىساڭلار ،مەنمۇ ئۆزۈمنى ئادەم،ئادەم بولغاندىمۇ چىن مەنىدىكى ھەقىقىي ئادەم سانايمەن.سىلەردەك مىراس ئۈچۈن قېرىنداشلىرىنى ئۇنتۇپ،خەق ھەققىگە سەمىرىگەن نائەھلىلەرگە قۇدا بولىدىغان ھېلىمگۈل يوق!

-مۇرات،جېنىم بالام-دېدى ھېلىمخان –مەن جىق تىرىشتىم،لېكىن ئامال بولمىدى،ئادىلە ئىككىڭلارنىڭ پېشانىسىگە پۈتۈلمىگەن ئوخشايدۇ.

-ئاپا.سېنى جىق دىشۋارغا قويدۇم،مېنى كەچۈر-دېدى مۇرات ئاپىسىنى قۇچاقلاپ-لېكىن ئادىلە ھەقىقەتەن ئېسىل قىز ئىدى...

-شۇنداق بالام،بۇنى بىلىمەن،ئۇنى شۇلارنىڭ قىزى قىلىپ ياراتقان تەغدىردىن ئاغرىنماقتىن باشقا ئىلاج يوق.


-مۇرات ،مەن سىزدىن كەچمەيمەن-ئادىلەنىڭ كۆز يېشى يامغۇر بولۇپ قۇيۇلدى-ئاتا-ئانام ھامان بىر كۈنى مېنى چۈشىنىدۇ.

-لېكىن ئادىلە ،بىزگە چارە يوق-مۇرات قاتتىق ئۇھسىندى-ئاپامنى قايتا ئازاب تارتقۇزسام بولمايدۇ،ئايرىلىپ كېتەيلى!

-مۇرات،مەندىن كەچتىڭىز؟

-كەچمىدىم ھەم مەڭگۈ كەچمەيمەن،لېكىن بۇنى قەلبىمدىلا قىلالايمەن،رېئاللىق بۇنىڭغا يول قويمىدى.

-مۇرات...

ئازاب ئۇلارنى چىڭ قۇچاقلاپ .ھەسرەت قوينىغا ئۇزىتىپ قويدى.بۇلۇت كەينىگە مۆككەن ئاي ئۇلار ئۈچۈن تازا قاتتىق يىغلىدى.دەرەخلەر سۈكۈتتە،قۇشلار ئۇيقىدىن بىدار،تار يولدا ئۇزاپ كېتىۋاتقان ئادىلە مۇراتنىڭ يۈرىكىنى ئاستا-ئاستا سۇغۇرۇپ ،ئۇنىڭدىن يىراقلىماقتا ئىدى.

ھەي،ئادىلە ،ۋاز كېچىش ئىنتايىن تەس بىر قىز ئىدىڭ!

ئادىلە كەينىگە ئۆرۈلدى،مۇرات بوراندا ئۆرۈلۈپ كېتەي دەپ قالغان تېرەكتەك قىيسىيىپ تۇراتتى.

ھەي،مۇرات،يۈرەككە چوڭقۇر يىلتىز تارتقان قارىغاي ئىدىڭ!


مۇراتتىن ئۇيقۇ قاچتى.سەككىز يىللىق سۆيگۈ گۈلى ئۈششىگەن ئىدى.

ئاق كېسەل دەپ ھېچكىم يېقىن يولىمايدىغان نۇرنىسا ئادىلەنىڭ يېقىن دوستى ئىدى.ھېچكىم نۇرنىسا بىلەن پارتىداش بولۇشنى خالىمايتتى.لېكىن ئادىلە:

-مۇئەللىم ،مېنىڭ نۇرنىسا بىلەن بىللە ئولتۇرغۇم بار،باشقىلار نۇرنىسانى تارتىۋېلىشتىن بۇرۇن مېنى ئۇنىڭ يېنىغا ئولتۇرغۇزۇپ قويىڭە-دېدى.ئادىلەنى مۇراتنىڭ دۇنياسىغا باشلاپ كىرگىنى ئۇنىڭ دەل مۇشۇ سۆزى ئىدى.شۇندىن كېيىن مۇرات ئادىلەنى يوشۇرۇن كۆزىتىدىغان بولۇپ قالدى.

ئۇ دائىم نۇرنىسانىڭ قولىنى قولتۇقلاپ ماڭاتتى.نۇرنىسا مەكتەپكە ئەكەلگەن نانلارنى،يەل-يېمىشلەرنى تالىشىپ يەيتتى.باشقا ساۋاقداشلىرى ئۇنىڭغا ھەيران بولاتتى.

سىنىپ ئازراق مەينەت بوپ قالسىلا ،قولىغا سۈپۈرگە ئالاتتى.

دوسكا سۈرتۈش ئۇنىڭ ھۆددىگە ئېلىۋالغان ئىشىدەك باشقىلارغا ئاشمايتتى.

بىرەرسىگە ئازار بېرىپ باققىنىنى ھېچكىم ئەسكە ئالالمايتتى.


مەھەللىدىكى يېگانە موماينىڭ سۈيىنى توشۇپ،ئۆيىنى تازىلاپ،كىيىملىرىنى يۇيۇپ...موماينىڭ يالغۇزلىقىنى ئۇنتۇلدۇرغان تاتلىق ئادىلە بۇ ئىشلارنى بىر كىمگە تىنمىغان ئىدى،لېكىن مۇرات بۇ ئىشلاردىن خەۋەردار ئىدى.

...

ئادىلەنىڭ كۈلۈپلا تۇرىدىغان بىر جۈپ كۆزى،كىبىرسىز ئىش-ھەرىكەتلىرى مۇراتقا ئۇنى پەرىشتە سىياق كۆرسىتەتتى. ئەپسۇس...

مۇرات تولغىناتتى،ئىچ-ئىچىدىن كۆيۈپ ئازابلىناتتى.ئۇ ئاپىسىنى ئويلىدى،ئاپىسىنىڭ ئازابى ئالدىدا ئۇنىڭ ئازابى نېمە ئىدى؟ بىر ئۆمۈر غۇرۇر بىلەن ياشاپ،غۇرۇرسىز ئىنسانلارغا باش ئېگىش،ئۇلار تەرىپىدىن قايتا-قايتا ھاقارەتلىنىش ئازابلارنىڭ شاھى ئەمەسمۇ؟

ئادىلە ئالىم لوپىنىڭ ئوغلى بىلەن كۆرۈشتى.ئۇنىڭ نەزىرىدە بۇ كۆرۈشۈش بەرىبىر ئىدى.

ئالىم لوپا مۇشۇ مەھەللىدىكى ئوغۇتچىلىق بىلەن بېيىغان دېھقان تىجارەتچى بولۇپ،ئۆزى قوپال،قارا قوساق بولسىمۇ ،تىجارەتكە ئېپى بار ئىدى.ئايالى زۆھرە دائىم يالغان ھىجىيىپ يۈرىدىغان،ھىيلىگەرلىكى چىرايىغا چىقىپلا قالغان پاكارراق ئايال ئىدى.ئادىلەگە لايىق قىلىپ تاللىغان ئوغلى نىجات بولسا ،ئويۇن قېپى،ماشىنىسىدىن چۈشمەي .مەھەللىمۇ-مەھەللە ئارىلاپ يۈرىدىغان بىكار تەلەت،مەھەللە زومىگىرى ئىدى.

توينىڭ تەييارلىقى ئىنتايىن تېز بولىۋاتاتتى.يۇۋاشلىنىپ ئىتائەتمەن بولۇپ قالغان قىزىدىن سۆيۈنگەن ئاتا-ئانا قىزىنى خەق ئەللىك يىلغىچە ئۇنتۇمىغۇدەك توي قىلىپ چىقىرىپ بېرىشنىڭ غېمىدە ئىدى.

ئەتە ئادىلە بىلەن نىجاتنىڭ تويى.

مۇرات ئۆيدىن چىقماي ئولتۇرغىلى ھەپتە بولدى.ھېلىمخاننىڭ ھالى ئوغلىدىن بەتەر ئىدى.دۇنيالىقتىكى بىردىنبىر ئەرمىكى بولغان بىر تال ئوغلىغا قاراپ ئۇمۇ ساماندەك سارغىيىپلا كەتتى.

ئادىلەنىڭ ئىپادىسىز چىرايىغا قاراپ ،دوستلىرى بىر-بىرىگە چۈشىنىكسىز قاراشتى.

-ئادىلە،نېمىنى خىيال قىلىۋاتىسەن؟-ماينۇر سۆز باشلىدى-ئەتە تويۇڭ بولىدۇ،قانداق تۇيغۇدا بولىۋاتىسەن؟

-توي يىگىتى مۇرات بولغان بولسا دەپ خىيال قىلىۋاتىسەن-ھە؟!-دېدى زەينۇرە.

-قالايمىقان سۆزلىمە!-دېدى قىزلارنىڭ ھەممىسى زەينۇرەگە جىلە بولۇپ-ئادىلەنى نېمە بولسۇن دەيسەن؟

-مەن ھېچنېمىنى ئويلىمايۋاتىمەن،خۇددى خاتىرىسىنى يوقاتقان ئادەمدەك-دېدى ئادىلە.

-نېمىلا بولىشىدىن قەتئىينەزەر ،نىجاتقا تېگىشنى قارار قىلغانكەنسەن،مۇراتنى ئۇنتۇپ كەت.

-توغرا،مۇراتنى خاتىرەڭدىن ئۆچۈر،بولمىسا ياخشى كېلىن بولالمايسەن،ئاتا-ئاناڭنىڭ يۈزىنى تۆكىسەن .

-ئۇنتۇش شۇنداق ئاسانما؟-دېدى زەينۇرە-مەن سېنىڭ نىجاتقا ماقۇل بولغانلىقىڭغا ھەيران بولىۋاتىمەن،مەن بولسام مۇراتتىن كەچمەيتتىم،ئاتا-ئانام ئۇنىمىسا،ئۆلىۋالىمەن دەپ قورقۇتاتتىم.

-ماۋۇ ساراڭنىڭ ئاغزىنى يەملەپ قويايلىچۇ-دېيىشتى قىزلار.


ھەشەمەتلىك ھويلا سەھەردىلا ئاۋاتلىشىپ كەتتى.مۇراسىم كىيىمنى پۇرقىرىتىپ كېلىنچەكتەك ياسىنىۋالغان ئامىنخان ۋە ئۇنىڭ ئوخشاش كىيىنىۋالغان ئون قولدىشى دەرۋازا تۈۋىدە قاتار تىزىلىپ مېھمانلارغا ئېگىلىپ سالام قىلماقتا ئىدى.بۇرۇن بۇ ھويلىغا كىرىپ باقمىغانلار ھويلىنى ئاغزى تالغىچە ماختىدى.بۇ ماختاشلارنى ئاڭلاپ ،چىرايلىق ،داچىدەك سېلىۋالغان بۇ ئۆيۈمنى كۆرمىگەنلەرگە كۆرسىتىمەن دەپ توينى رېستۇراندا ئەمەس ئۆيىدە قىلغانلىقىدىن مەمنۇن بولغان ئامىنخاننىڭ چىرايى ئاپتاپتەك ئېچىلىپلا كەتتى.

ئابلەت ۋە ئۇنىڭ قولداشلىرىمۇ ئاياللاردىن قېلىشماي ،سالاپەتلىك كىيىنىپ گۈللەرنى مەيدىسىگە تاقاپ ،باشلىقىنى قارشى ئېلىۋاتقان يېڭى ئەسكەرلەردەك ئاياللارنىڭ قارشى تەرىپىدە رەتلىك تىزىلىپ تۇراتتى.

ئۈستەللەرگە تىزىلغان ھۆل-قۇرۇق مېۋە چېۋە، قورۇما-تاماقلارنىڭ كۆپلىكىدىن كىشىلەر قاراپلا تويۇپ قېلىۋاتاتتى.

-پۇل بولسا، ئەل-جامائەتكە مۇشۇنداق ئېسىل داستىخان سالسا،خەقمۇ رازى بولۇپ دۇئا بەرسە توي ئىگىسىنىڭمۇ ھاردۇقى چىقمامدۇ؟

-لېكىنزە،پۇلى تۇرۇپ تۈزۈك داستىخان تارتمايدىغان بېخىللارمۇ جىق جۇمۇ؟ ئامىنخان جاھاننىڭ ئىشلىرىنى بىلگەچكە مۇشۇنداق داستىخان سالالىدى.

-...

مېھمانلارنىڭ يۇقىرى ئاۋازدا داڭلاشلىرىنى ئاڭلىغان ئامىنخان تېخىمۇ ئېچىلىپ كېتىۋاتاتتى.

-ئامىنخان جېنىم دوستۇم،نېمانداق كاتتا توي قىلدىڭىز دەيمەن؟-دېدى بىرى-ئاۋۇ تىزىۋەتكەن يوتقان كۆرپە ،ياستۇق،گىلەم ،ئائىلە جابدۇقلىرىنىڭ جىقلىقىغا قاراپ بېشىم ئايلىنىپ قالايلا دەپ قالدى.خۇدايىم ماڭا ئوغۇل بەرگەن بولسا ،ئىشىكىڭىزدە يېتىۋېلىپ بولسىمۇ سىز بىلەن قۇدىلىشاركەنمەن.ھى-ھى-ھى

-ھېلى قىزنى سالامغا ئاچىققاندا ئالتۇن جابدۇقلارغا قاراپ ھوشۇمدىن كەتمىسەملا بولاتتى-دېدى يەنە بىرى يالغان كۈلۈپ-چىشىم چىقىپ بۇنداق ئېسىل توينى كۆرمىگەنمەن ،جۇمۇ!

-سىز مۇشۇنداق كاتتا توي قىلىپ .ئېسىل جابدۇپ قىزىڭىزنى ياتلىق قىلسىڭىز،بىزنىڭ قىزلارغا ئەلچى كەلمەسمىكىن –ئېشەك ئېشەكتىن قالسا قۇلىقىنى كەس دېگەندەك يەنە بىر خۇشامەتچى مېھمان سۆز باشلىدى-قىز دېگەننى سىزلا تۇغسىڭىز بوپتىكەن،پۈتۈن مەھەللىگە تارقاتقۇدەك قىلىپ.

مېھمانلار بىر قۇر تاراپ بولغاندىن كېيىن ،قۇدىلار قىزنى كۆچۈرگىلى كەلدى.قاتارلىشىپ كېلىۋاتقان 99 ماشىنىنى ساناپ بولالماي ،مەھەللىدىكىلەرنىڭ كۆزى تالدى.

-توۋا،تۈگىمەس ماشىنىمۇ نېمە بۇ؟ بىرنى ساناپ بولغىچە بىرى كېلىۋاتقان،ماركىلىرىنىڭ ئېسىللىقىچۇ تېخى!

-ئاپا،مەنمۇ توي قىلسام ،تۈگىمەس ماشىنا بىلەن كۆچۈرەمدۇ؟

-ئاپا بۇ توي قىزى مەلىكىمۇ؟

-...

كوچىدىكى چوڭ-كىچىك ھەممىسى ھەيرانلىق بىلەن قارىشىپ قالدى.


شادلىقى دەريا،كۈلكىسى جانان،

بىر جۈپ ياش كېلۇر ،تويلار مۇبارەك.


داپ-دۇمباقلارنى چېلىپ يىگىتلەر قىز ئولتۇرغان ئۆينىڭ ئىشىكىنى چەكتى.

-قىزلار ،يىگىتلەر كەپتۇ.ئىشىكنى چىڭ تاقاڭلار!

-ئالدىراپ ئاچماڭلار،تازا يېلىندۇرايلى.

-مەرھابا ئىشىكتە سەن تۇرساڭ،ئوغۇللار ئاچالمايدۇ.ساڭا ئىشىنىمىز.

يىگىتلەر سىرتتا غودۇراۋاتتى.

-ئېچىڭلار ،ھەي،ئېچىڭلار

-ئالدىدىكى بالىلار كۇچىمەمسىلەر،قىزلارغىمۇ كۈچۈڭلار يەتمەمدۇ؟

-قىزلارنى بىردەم خۇش قىلىپ قويدۇق،بىر كۈچەپلا ئېچىۋەتسەك قىزىقى بولمايدۇ،بىچارە قىزلارنىڭ كۈچىگىنىگە يارىشا ئازراق ھايال بولمامدۇق.

-ۋاي ،مەن ساقلاپ كەتتىم،ئاداشلار-دېدى نىجات

-ئەمىسە ،كىردۇق-يىگىتلەر بىر كۈچەپلا .ئىشىكنى ئېچىۋەتتى.

چىرايلىق ئەتلەس لىباسنىڭ ئىچىدىكى ئادىلە قوقاس بولۇپ كۆيۈۋاتاتتى.ئۆيدىكى قىز-يىگىتلەرنىڭ چاقچاقلىرى ئۇنىڭغا ئاڭلانمىدى.قانداق ئورنىدىن تۇرۇپ بۇ ئۆيدىن چىقتى،سالامغا چىققاندا نېمە ئىشلارنى قىلدى،كىملەر قانداق بېيىتلەرنى ئېيتتى ئۇ ھەممىدىن بىخەۋەر، خۇددى تويغا كەلمىگەن مۇناسىۋەتسىز ئادەمدەك ئىدى.

يىگىت تەرەپتىكى كۈتۈش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن قىز-يىگىت قولداشلىرى بىلەن بۇ شەھەردىكى ئەڭ ئېسىل گىرىمخانىغا كەچلىك زىياپەت ئۈچۈن ياسانغىلى ماڭدى.يىگىتلەر ئادىلە بىلەن زەينۇرەنى گىرىمخانىغا ئاپىرىپ قويۇپ،گىرىم تۈگىگەندە ئالغىلى كېلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ چىقىپ كېتىشتى.

ئادىلە تۇيۇقسىزلا جانلىنىپ كەتتى.ئۇ زەينۇرەنىڭ قۇلىقىغا بىر نېمىلەرنى پىچىرلىغاندىن كېيىن ،كىيىملىرىنى ئالماشتۇرۇپ گىرىمخانىدىن چىقىپ كەتتى.

-ئاۋال مېنىڭ گىرىمىمنى قىلىپ تۇرۇڭلار،ئۇنى يىگىت چاقىرۋاتىدۇ،ھېلىلا كېلىدۇ-دېدى زەينۇرە ئەينەك ئالدىغا كېلىپ.

زەينۇرەنىڭ گىرىمى تۈگىگىلى خېلى بولدى،لېكىن ئادىلە كەلمىدى.

-كېلىنچەكنى چاقىرىڭ،كەچ بولۇپ كېتىۋاتىدۇ،ئەمدى كەلمىسە بولمايدۇ.

زەينۇرە نىجاتقا تېلىفون قىلدى:

-ۋەي،مەن زەينۇرە،ئادىلە سىزنى چاقىرىۋاتىدۇ دەپ يېنىڭىزغا كەتكەن،كەلمەيدۇغۇ تېخىچە!

-مېنىڭ يېنىمغا؟ ئۇ كەلمىدى-دېدى نىجات.

-كەلمىدى؟ قانداق ئىش بۇ؟ تېزدىن ئادىلەنى تېپىڭ-دېدى زەينۇرە.

نىجات دەرھال گىرىمخانىغا كەلدى.

-ئۇ قاچان چىقىپ كەتكەن؟-سورىدى نىجات.

-كەينىڭىزدىنلا –دېدى زەينۇرە جىددىيلىشىپ-بىرەر ھادىسە يۈز بەرمىگەندۇ-ھە؟ جېنىم  دوستۇم!

-يىغلىماڭە ئىچىمنى سىقىپ-دېدى نىجات چىشلىرىنى كىرىشتۈرۈپ.

نىجاتنىڭ تېلىفونى سايرىدى.

-ئادىلەمىكەن؟ تېز ئېلىڭ-دېدى زەينۇرە.

-ياق-دېدى نىجات تېلىفوننى ئېلىپ-ۋەي ،ئەنۋەر نېمە ئىش؟

-مېھمانلارنىڭ ھەممىسى كېلىپ بولدى،ئاداش،نېمانداق كەلمەيسىلەر؟

-ئادىلە يوقاپ كەتسە ئاناڭنى ئېلىپ بارامدىم زالغا؟

-نېمە ؟كېلىنچەك يوقاپ كەتتى؟


نىجات ئاچچىقىدا:

- ئۇنداق خوتۇننى ئوتتۇز تالاق قىلدىم،كۆزۈممۇ كۆرمىسۇن ئۇنىڭ ئۆيىدىكىلەرنى!ھېچكىم ئۇنى ئىزدىمىسۇن-دېگىنىچە گىرىمخانىدىن چىقىپ كەتتى.

زالدىكى ،مەھەللىدىكى ھەممە كىشى ئادىلەنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى بىلدى.ئامىنخان بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ داراڭڭىدە كەينىگە ئۇچۇپ كەتتى.

ئەتىسى ئابلەت بىلەن ئامىنخان ھېلىمخاننىڭ دەرۋازىسىنى غەزەپ بىلەن قاقتى.ئادىلە دەرۋەقە ئۇلارنىڭ ئۆيىدە ئىدى.

-قىزىمنى بۇلاپ قاچقان بۇلاڭچى پەس-ئامىنخان كىرىپلا ھېلىمخاننىڭ چېچىغا ئېسىلدى.

-ئۆزۈڭنى تۇتۇۋال-دېدى ئابلەت –ھېلىمخان ،بۇ نېمە قىلىق؟

-مەن قىزىڭلارنى كېلىن قىلىشتىن ئاللىقاچان كەچكەن-دېدى ھېلىمخان –ئۇنىڭ يېنىمغا كېلىشىدىن قىلچە خەۋىرىم يوق.

-قىزىم كىچىك ھېچنىمىنى بىلمەيدۇ،سەن ئۆگەتمىسەڭ بۇنداق ئىشلارنى قىلىش ئۇنىڭ كاللىسىغا كىرىپ چىقامدۇ؟ئۇزۇن يىل تۇل ئولتۇرۇپ كېتىپ قاقباش بولۇپ كەتكەن سۇخەنچى-ئامىنخاننىڭ بالا ئېغىزى يەنە ئېچىلدى.

-ئاپا –دېدى ئادىلە-بۇ ئىشلارنى مەن سىلەر مۇراتلارنىڭ ئەلچىسىنى ئاخىرقى قېتىم  ياندۇرۋەتكەن كۈنىلا ئويلاپ قويغان،ئەسلى توي كۈنى ئەمەس،ئۇنىڭدىن بۇرۇن قېچىپ كەتمەكچى ئىدىم،لېكىن قەتئىي پۇرسەت بولمىدى.تۈنۈگۈن ئاخىرقى پۇرسەت ئىدى.مۇرات ۋە ئۇنىڭ ئاپىسىدا گۇناھ يوق!

-قىزىڭلارنى بىر ئاخشام يېنىمغا سېلىپ،قىزىم قىلىپ ياتتىم،ئۇنى ئېلىپ قالمىسام،ئۇ ئۆيدىن چىقىپ كېتىمەن دېدى.مۇراتمۇ ئۆيدە يوق،شەھەردىكى تاغىسىنىڭ ئۆيىگە كەتكەن،شۇڭا ئېلىپ قالدىم.راۋا كۆرۈپ يېنىمدا قويۇپ قويساڭلار داۋاملىق قىزىم قىلىۋالىمەن ،ئېلىپ كېتىمىز دېسەڭلەرمۇ مەيلىڭلار،مېنىڭ تۇتۇپ قالغۇدەك ھوقوقۇممۇ يوق-دېدى ھېلىمخان .

-مەن كەتمەيمەن-دېدى ئادىلە.

-يۈر .بۇنداق قىزىمىز يوق،بۈگۈندىن باشلاپ سېنى ئۆيىمىزنىڭ نوپۇسىدىن ئۆچۈرۈپ تاشلىدىم-ئابلەت كەينىگە بۇرۇلۇپلا ماڭدى.

-توختاڭ،مۇشۇنداقلا بولدى قىلىمىزما؟-دېدى ئامىنخان.

-ماڭمىساڭ ،سەنمۇ قال!

ئامىنخان ئۇنىڭغا ئەگەشتى.

-بەرىبىر خەقمۇ قىزىڭنى تالاق قىلىپ بولدى.يۈزىمىزنى تۆكۈپ بولدى،ئەمدى ئۇنى بۇ يەردە قويۇپ كەتمىسەك بېشىڭغا گۈل قىلىپ تاڭامسەن؟

-لېكىن ماۋۇ مەرەز تۇل خوتۇننى بىر نېمە دېمەمدۇق؟

-نېمە پايدىسى؟ دېدىمغۇ،ئۇ قىزىڭدىن كەچ،بولمىسا خەق ئالدىدا يۈزىمىزنى قايتا كۆتۈرۈپ يۈرەلمەيمىز.ئۇنداق ئەقلى يوق قىزىڭ مۇشۇ خوتۇنغا قىز بولۇشقا لايىق.

خەق ئەللىك يىل ئۇنتۇمىغۇدەك توي قىلىمەن دېگەن ئامىنخان خەق ئەللىك يىل سۆز-چۆچەك قىلغۇدەك توي قىلدى.

ئالىم لوپا بىلەن زۆھرە بۇ ئاچچىققا چىدىمىدى.ئەتىسى ئۇلارمۇ ئامىنخان بىلەن ئابلەتنىڭ ئىشىكىنى غەزەپ بىلەن قاقتى.

-بىزنى نېمە كۆرۈپ قالدىڭلار؟-زۆھرەنىڭ ئاغزى ئىشىك بىلەن تەڭ ئېچىلدى-ئوغلۇمنى نېمە كۆرۈپ قالدىڭلار؟بىز قىز تېپىلماي سىلەرنىڭ قىزىڭلارنى سوراپ كەلگىنىمىز يوق،ئۇچرىغان يەردە يول توسۇپ ،قىزىمنى سىلەرگە بەرگۈم بار دېمىسەڭلار،سىلەر بىلەن قۇدا بولۇش ئۇخلاپ چۈشىمىزگىمۇ كىرمىگەن بىزنىڭ!

-قېنى ئىچىكىرىگە مەرھەمەت-دېدى ئامىنخان يالغان ھىجىيىپ-چاي ئىچكەچ پارڭلىشايلى،بىزمۇ سىلەرنىڭكىگە بېرىپ ،ھال سورايلى دەپ تۇراتتۇق.

-بىز ئىچىدىغان چېيىمىز يوق كەلمىدۇق-دېدى ئالىم لوپا-ھە،ئابلەت ،نېمە دېيىشىۋالىمىز؟

-ئولتۇرە ،ئاغىنە-دېدى ئابلەت كرسلونى كۆرسىتىپ-گېپىڭ بولسا ئاچچىقلانماي دېگىن ،مەن ئاڭلايمەن.

ئۇلار ئولتۇردى،ئامىنخان چاي دەملەپ ،ھۆل-قۇرۇق مېۋىلەرنى تىزدى.

-بىلىسەن،قىزىمنى ھېلىمخاننىڭ ئوغلىغا بەرمىگەن ئىدىم،سەندەك ئېسىل بۇرادىرىم تۇرسا،ئۇنىڭ بىلەن قۇدىلاشسام بولماس؟ لېكىن ئەقىلسىز قىزىم ئاشۇ خوتۇننىڭ گېپىگە كىرىپ،بۇ قاملاشمىغان ئىشنى قىلىپ قويدى.مېنىڭ ئاچچىقىم سەندىن ئۆتە كەلدى،ئۇنىڭ بىلەن ئاتا-بالىلىقتىن كېچىپ قايتىپ كەلدىم.سىلەرگە ناماقۇلمەن!

-شۇنداق،شۇنداق ئەمدى ئۇنداق قىزىمىز يوق!-دېدى ئامىنخان.

-ئىككىمىز بۇ يۇرتتىكى ئىككىنىڭ بىرى،بۇ نادان بالىلارنىڭ ئىشى بىلەن ئاغىنىدارچىلىقىمىزغا دەز كەتمىسۇن،تويۇڭنىڭ بارلىق چىقىمىنى مەن تۆلەپ بېرەي،بۇرۇنقىدەك ئۆتىۋېرەيلى.

-سېنىڭ پۇلۇڭ ماڭا لازىم ئەمەس-دېدى ئالىم-بوپتۇ،قىزىرىشىپ يۈرسەك تېخىمۇ سەت،ھازىرقى سۆز-چۆچەكلەرمۇ يېتەرلىك .لېكىن ماڭا ئادەمگەرچىلىك قەرزىڭ بارلىقىنى ئۇنتۇما،شۇڭا بىر تەلىپىمگە قوشۇلغىن.

-ياخشى ئۆتۈپ كېتىدىغانلا ئىش بولسا،نېمە تەلىپىڭ بولسا مەن قوشۇلىمەن.

-قىزىم نۇربىيەنى ئوغلۇڭ ئادىلغا چېتىپ قويايلى.

-ناۋاتتەك گەپ بولدىغۇ بۇ؟-دېدى ئامنىخان ئاۋال ئىنكاس قايتۇرۇپ-سىلەردەك كەڭ قورساق كىشىلەر نەدە بار؟ قىزىڭلارنى بەرسەڭلار بىز تازىم قىلىپ ئالىمىز!

-ئابلەت سەن گەپ قىلمايسەنغۇ؟

-مەن دەيدىغاننى دەپ بولدىغۇ مانا-دېدى ئۇ كۈلۈپ.

ئالىممۇ كۈلدى.زۆھرە ئالىمنىڭ بۇ قارارىدىن ھەيران بولدى ھەم ئاچچىقى كەلدى.پولۇ،قورداق داستىخىنىدىن كېيىن ئۇلار قايتتى.

-ساراڭ بولدىڭىزمۇ-دېدى زۆھرە –بىزنىڭ يۈزىمىزنى تۆككەن شۇ خەقلەرگە قىزىمىزنى بېرەمدۇق؟

-ئەلۋەتتە-دېدى ئالىم كۈلۈپ-كاللاڭنى ئىشلەت خوتۇن،بۇ دېگەن قايتۇرما زەربە!

-چۈشەنمىدىم.

-مۇرات ئوقۇغان،بىلىم،چىراي جەھەتتە نىجات ئۇنىڭ قولىغا سۇمۇ قۇيۇپ بېرەلمەيدۇ،لېكىن ئابلەت نېمىشقا مەن بىلەن قۇدىلىشىدۇ؟ بىر تال ئوغلۇمنىڭ مىراسىنى دەپ! لېكىن ئۇ مۇرادىغا يېتەلمىدى،ئۇنىڭ بۇ ئۇسۇلىنى بىزمۇ ئىشلىتەيلى،ئۇنىڭ ئوغلىمۇ بىر تاللا،مىراس دېگەن شۇنىڭ.ئۇ يەتمىگەن ئارمانغا بىز يېتەيلى.

-بىراق...

-ئۇنىڭ بىلەن قارشىلىشىش ياخشى ئەمەس،بۇ يېزىدىكى يەرنىڭ تەڭدىن تولىسى شۇنىڭ،مېنىڭ ئوغۇتۇمنى ئۇنىڭ يېرىگە ئىشلەتمىسەك خېرىدار كەملەپ كېتىدۇ،بىر يولۋاسنى دۈشمەن قىلغاندىن تۇغقان قىلىپ ئولجىسىنى تەڭ يېگەن ئەلا!


(2)

نۇربىيە ئەمدىلا 16ياشقا كىرگەن،ئاكىسىغا قەتئىي ئوخشىمايدىغان جىمغۇر،خىيالچان قىز بولۇپ تولۇق ئوتتۇرىنىڭ بىرىنچى يىللىقىدا ئوقۇۋاتاتتى.ئادىل بولسا 22ياشتا بولۇپ،ساقچى-ئوفېتسىرلار مەكتىپىنى پۈتتۈرۈپ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىدە ئىشلەۋاتتى.چوڭلارنىڭ بۇ خىياللىرىدىن ئىككى بالا قىلچە خەۋەرسىز ئىدى.

سىرتتىكى سۆز-چۆچەكلەر تېخى بېسىقمىغان ئىدى.پۈتۈن يۇرت ئۇلارنىڭ ئالدىدا  ئوچۇق-ئاشكارا بىر نېمە دېيەلمىسىمۇ ،كەينىدىن كۈلەتتى.

ئابلەت بولۇپمۇ ئامىنخان توينى تېزراق قىلىپ خەقنىڭ ئاغزىنى بېسىقتۇرۇشنى ئويلايتتى.

-نۇربىيە ئەمدى 16گە كىرىپتۇ،قانداق قىلارمىز؟-ئامىنخان تامىقىنى چاكىلداتتى.

-يالغان توي خېتى ئېلىپ قىلىپ تۇرسا بولىدۇ توي دېگەننى-دېدى ئابلەت

-ئەمىسە تېزراق كىشى قويايلى،پۈتۈپلا قالغان ئىش بولغاندىكىن ئۆزىمىزلا بارامدۇق –يا؟-ئامىنخان كۆزلىرىنى تورۇسقا تىكتى.

-ئاۋال ئادىل  بىلەن بىر سۆزلىشىپ باقايلى-دېدى ئابلەت.

-سۆزلىشىپ نېمە قىلىمىز؟ئاتا-ئانا دېگەننىڭ گېپى پەرمان.

-قىزىڭغا گېپىڭ ئۆتتىمۇ؟

-لايىقىم بار دېسە ،بۇ تويدىن كېچەمدۇق،ئەمىسە؟

-ياق،ئابرويىمىزنى قايتا تىكلەيدىغان،دۈشمەندىن  بىرنى ئازايتىدىغان بۇ تويدىن ۋاز كەچسەك بولمايدۇ!

-ئەمىسە سورىمايلى.

-چىرايلىق گەپ قىلىپ بالىغا مەسلىھەت سالغان قىياپەتكە كىرەيلى،زورلىغاندەك تۇيغۇ بەرمەيلى.

-بولىدۇ،

ئۇلار ئادىلنى چاقىردى.

-بالام،سېنى ئۆيلەپ قويايلىمىكىن دېيىشىۋاتىمىز،سەنچە قانداق؟-دېدى ئابلەت.

-ئاچامنىڭ ئىشى تېخى بېسىقمايلا...

-سېنىڭ ئاچاڭ يوق-دېدى ئامىنخان ئىتتىكلا.

-مەن شېنجېندىكى بىر شىركەت بىلەن دېيىشىپ قويدۇم،ماڭا ئوخشاش ئېلىكترون كەسپىدە ئوقۇغانلارنى ئالىدىكەن،بېرىپ ئۆگەنگىنمنى بىر ئىشلىتىپ باقايمىكىن دەپ ئويلىغان،شۇڭا ھازىرچە توي قىلغۇم يوق.

-پۇل دېسەڭ بېرەي ،مۇشۇ يەردە بىر دۇكان ئاچقىن.

-مەندە ئەمەلىي بىلىم كەمچىل،بارغۇم بار ئاتا!

-قارشىلاشما،توي قىلىپ بولۇپ ،ئايالىڭ بىلەن تەڭ بېرىپ ئىشلەمسەن ،ئوقۇمسەن ئىختىيارىڭ.

-راستما؟

-ھەئە،ئۇنىڭ ئۈستىگە نۇربىيەنىڭ يېشىمۇ كىچىك كېلىپلا ئۆيدە ئولتۇرسا كۆنمەس،تەڭ ئوقۇڭلار بېرىپ.

-نۇربىيە دېگەن كىمۇ؟

-ئالىم لوپىنىڭ قىزى.

-ھە؟ئاچام...

ئامىنخان ئۇنىڭغا چەكچەيدى.

-ئۇلار بىلەن قۇدىلىشىش پېشانىمىزگە پۈتۈلگەن چېغى،تۇنجى قۇدىلىشىش ئەمەلگە ئاشمىغان بىلەن يەنە پۇرسەت كېلىۋاتىدۇ.

-خەق بىزگە قىزىنى بېرەمدۇ؟ بەرگەن ھالدىمۇ مەن ئالمايمەن.

-خەق ئۆزى بېرىمەن قىزىمنى دېگەن.ئالماي ھەددىڭ ئەمەس!

-ئاتا،ئاپا ،مەن ئۇلارنىڭ قىزىنى ئالمايمەن.

-شورى قۇرىغۇر ،تاللاش ھوقۇقۇڭ يوق.

-مەن قوشۇلمايمەن،مېنى زورلىماڭلار.

-بالام،ئاپاڭ قاتتىق گەپ قىلىپ قويدى،كۆڭلۈڭگە ئالما.بىزنى ئويلاپ قوي،ئادىلە دېگەن ۋاپاسىز تۆككەن يۈزىمىزنى سەن تىكلىمىسەڭ كىم تىكلەيدۇ؟ سەن دېگەن بىزنىڭ بىر تال ئوغلىمىز،قىز بالا دېگەن زادى ۋاپاسىز بولىدۇ.

-ئاتا،مېنىمۇ ئويلاپ قوي،ئاچامنىڭ ئىشىدىن ئىبرەت ئالمىدىڭمۇ؟كۆڭۈلنى زورلىغىلى بولمايدۇ.

-قىز بالىنىڭ چېچى ئۇزۇن ئەقلى قىسقا،بەرىبىر تالانىڭ ئادىمى،لېكىن سەن دېگەن ئوغۇل بالا، بىز ئۆلسەك ھەممە نەرسە ساڭا قالىدۇ.بىزنىڭ بىردىنبىر ۋارىسىمىز،ئۈمىدىمىز سەن بالام.

ئاتا،مېنىڭ كۆڭلۈمدە باشقا قىز بار،ئۇنىڭدىن باشقىسىنى ئالمايمەن،مېنى كەچۈر!

ئادىل سىرتقا قاراپ ماڭدى.

-ئادىل!-ئاتىسى كەينىدىن ۋارقىراپلا قېلىپ قالدى.

ئادىل چىۋىن يۇتۇۋالغاندەك بولۇپ قالدى.توۋا،ئاچىسى ئۇچرىغان بۇ قىسمەتكە ئۇمۇ دۇچار بولارمۇ؟

-بۇ ۋاپاسىز شۇملار ھە دېسىلا باشقا بىرىنى ياخشى كۆرەتتىم دەپ گېپىمىزنى ئاڭلىمايدا؟نېمە قويۇپتۇ ،بۇ بىر نېمىلەرگە مۇھەببەتلىشىشنى؟-ئامىنخان قايناپلا كەتتى-قايسى مىكىجىن بالامنىڭ بېشىنى قايدۇرۋالغاندۇ؟

ئالىم بىلەن زۆھرە توي ئىشى توغرىلىق پاراڭلىشىۋاتقاندا نىجات كىرىپ قالدى.

-كىمنىڭ تويىكەن؟

-نۇربىيەنىڭ.

-سىڭلىمنى ئەرگە بېرەمسىلەر؟

-چىرايلىقراق گەپ قىلە،ياتلىق قىلىمىز.

-كىچىك تۇرسا؟كىمگە بېرىسىلەر.

-ئابلەتنىڭ ئوغلى ئادىلغا.

-نېمە؟ ھېلىقى قاچقۇننىڭ ئىنىسىغىما؟

-ھەئە.

-كاللاڭلار ئېلىشىپ قالدىمۇ؟ مەن ھېلىقى ئاچچىقىمدىن تېخىچە يانمىدىم،سىلەرنىڭ ھېچيېرىڭلارغا كەلمىدىما؟

-بۇمۇ ياشاشنىڭ بىر يولى بالام،كېيىن بىلىپ قالىسەن.

نىجاتنىڭ يانفونى سايرىدى،ئۇ يەنە كوچىغا ماڭدى.

-نىجات ،كەچتە ئۆيگە قايتىپ كەل بالام!


مەلىكەم چىرايلىق قىز بولۇپ مەھەللىدىكى ئىمىن مۇئەللىم بىلەن خاسىيەت مۇئەللىمنىڭ ئەتىۋارلىق قىزى ئىدى.كۆزلىرىدىن شوخلىقى چىقىپ تۇرىدىغان بۇ قىز ئادىلدىن بىر ياش كىچىك بولۇپ ،ئادىلغا ئوخشاش ئېلىكترون كەسپىنى ئۆگەنگەن.ئادىلنىڭ مەلىكىسى ئىدى.تېخى  نەچچە كۈن بۇرۇنلا ئىككىسى بىرلىكتە نۇرغۇن پىلانلارنى تۈزگەن ئەمەسمىدى؟ مانا ئەمدى نېمە بولدى؟ ئاتا-ئانىسى نېمىنى ئويلايدىغاندۇ؟ بايلار بىلەن قۇدىلاشمىسىمۇ بايلىقى ئېشىپ تۇرمامدۇ ؟ئادىلنىڭ كاللىسى قالايمىقانلىشىپ كەتتى.

-سەن ئادىلدىن سوراپ باق،كىمنىڭ قىزىغا كۆيدىكىن؟-دېدى ئابلەت ئامىنخانغا.

-ماقۇل.

ئامىنخان جىمىيىپ پەرىشان بولۇپ قالغان ئوغلىنىڭ ھۇجرىسىغا كىردى.ئادىل بېشىنىمۇ كۆتۈرمەي كومپىيۇتېرغا قاراپ ئولتۇراتتى.

-بالام كىرسەم بېشىڭنىمۇ كۆتۈرمەيسەنغۇ؟

-نېمە ئىش بىلەن كىردىڭ؟

-كۆڭلۈڭدىكىنى بىلىپ باقاي دەپ كىردىم،دېگىنە كىمنىڭ قىزىغا كۆيدۈڭ؟

-دېمەيمەن.

-دېگىنە جېنىم بالام،ئاڭلاپ باقاي.

-دېسەممۇ بەرىبىر.ئىشقىلىپ مەن نۇربىيەنى ئالمايمەن.

-تولا جىلە قىلما،مەن دېگەن ئاپاڭ.

-

-سېنى ساقلاۋاتىمەن،ئەتە نۇربىيەنىڭ ئۆيىگە بوسۇغ ئاتلاپ بارىمىز .كۆڭلۈڭنى ئاياپ كىمگە كۆڭلۈڭ بارلىقىنى سورىسام،ئەجەب قاتتىقلىق قىلىسىنا؟

-مەن ئالمايمەن.

-ساڭا گېپىم يوق،يۇۋاشلىق بىلەن تويۇڭنى قىل! قوي ئۇنداق مۇھەببەت دېگەنلىرىڭنى.

-ئاچامنىڭ ئىشىدىن ئىبرەت ئالمىدىڭلارمۇ؟

-قوي ئۇنىڭ گېپىنى،ئىشىنىمەن،سەن ئۇنىڭدەك ئەقىلسىز ئەمەس.-دېدى ئامىنخان ئىشىكتىن چىققاچ.

-ئاپا،مەلىكەمنى بىلەمسەن؟ مەن شۇنى ئالىمەن.

-مەلىكەم؟ئىمىن مۇئەللىمنىڭ قىزىما؟

-دەل ئۆزى.

ئامىنخان جىممىدىلا چىقىپ كەتتى.

-كىمنىڭ قىزىكەن؟-سورىدى ئابلەت.

-بۇ بالىڭىز خېلى ئېسىل كىشىلەرنىڭ قىزىنى تېپىپتىكەن.ئەمما...

-كىمكەن؟

-ئىمىن مۇئەللىمنىڭ قىزى مەلىكەم.تولىمۇ چىرايلىق قىز بولدى ئۇ.

-بولدى،ئىككىلەنمەيلى.زىيالىيلار بىزگە ماس كەلمەيدۇ.ھەممە ئىشتا قائىدە سۆزلەپ ھاردۇرىدۇ كىشىنى.ئۇنىڭ ئۈستىگە ئالىمغا ماقۇل بولغانمەن.

-بۇ بالىلارنى نىيىتىدىن قانداق ياندۇرساق بولار؟

-بىز دېگەن يىگىت تەرەپ،بوسۇغ ئاتلاپ كىرمىسەك ،ئۇلار قىزىنى تاڭالمايدۇ.

ئامىنخان بىلەن ئابلەت ئۆزىلا توي ئىشىغا ماڭدى.

مېھمانلارنىڭ كېلىش نىيىتىنى بىلگەن نۇربىيە يىغلاپ كەتتى.

-ئاپا،مەن توي قىلىدىغان ياشقا يەتمىدىمغۇ-تېخى؟مەن ئوقۇيمەن.

-توي قىلىپ بولۇپ ئوقۇغىن.

-ياق،قوشۇلمايمەن.

بىزگە ئۇنداق دەيدىغان ھەققىڭ يوق.

نۇربىيەنى غەم باستى.توي دېگەنلەر ئۇنىڭ خيالىغىمۇ كىرىپ چىقمىغان ئىشلار ئىدىغۇ؟

ئاڭلىدىڭلارمۇ؟ئامىنخانلار بۇ قېتىم زۆھرەلەرنىڭ قىزىغا ئەلچىلىككە مېڭىپتۇ،زادى قۇدىلاشمىسا بولمايدىغان چېغى!

-شۇنى دەيمەن،نېمە ئىشتۇ بۇ؟

-ئوغلىنى ئوڭدا قويغان بىرىنىڭ ئىنىسىغا قىزنى بېرەرمۇ ؟

-خەقچۇ ھە دەپ بوپتۇ.

-جاھاننىڭ ئىشلىرى نېمانداق قىزىق!

-بايلارنىڭ ئىشلىرى دېسىلە!

كوچىدا يەنە بۇ ئائىلىنىڭ گېپى .

بۇ تويمۇ ئالدىنقى تويدەكلا تېز پۈتۈپ بولدى.بالىلارنىڭ ئاھۇ-زارى ئاتا-ئانىلارنىڭ قۇلىقىغا كىرەي دېمەيتتى.نۇربىيەنىڭ يېشى توشمىغاچقا يالغان توي خېتى ئالغاچقا،نۇرغۇن ۋاقىت تېجىلىپ قالغانىدى.

ئامىنخانلار توي مېھمانلىرىنى زەپەر رېستۇرانىغا،زۆھرەلەر بولسا خانىش رېستۇرانىغا چىللىدى.قائىدە بويىچە ئەتىگەندە ئاخۇنۇملار قىزنىڭ ئۆيىگە نىكاھ ئوقۇغىلى مېڭىش تەييارلىقىنى قىلدى.لېكىن يىگىتنى ھېچ يەردىن تاپالمىدى.رېستۇرانغا ئالدىراۋاتقان ئامىنخان بىلەن ئابلەتنىڭ ئىچى سىقىلدى.ئەمدى قانداق قىلغۇلۇق؟

-يىگىت بىرسىنى ۋەكىل تۇتسۇن،نىكاھ ئوقۇغىلى شۇ كىشى بارسا يىگىت بارمىسىمۇ بولىدۇ-دېدى بىر قارىم.

-مەيلى،مەيلى شۇنداق بولسۇن-دېدى ئىككىسى خۇشال بولۇپ.

ئاخۇنۇملار كەتكەندىن كېيىن ئۇ ئىككىسى ئادىلنى ھەر تەرەپتىن ئىزدىدى.

ئاخۇنۇملارنىڭ نىكاھ ئوقۇغىلى كەلگەنلىكىنى كۆرگەن ئالىم بىلەن زۆھرەمۇ پاتپاراق بولۇشۇپ كەتتى.نۇربىيە جىن يۈتكەندەكلا ئەتىگەننىڭ ياقى ھېچ يەردە كۆرۈنمەيتتى.ئوغلىنى ئۇنى ئىزدىگىلى ئەۋەتەي دېسە ئۇ قۇلاق كەستىمۇ يوق.

-ئاھ ،خۇدا خەقنىڭ قىزنى قاچقۇن دەپ ما بىزنىڭ قىزىمىزمۇ قېچىپ كەتمىگەندۇ؟-دېدى ئالىم.

-ئاغزىڭىزنى ئۈشۈتمەڭ،بىزنىڭ نۇربىيەنىڭ بىرەر لايىقى بولمىسا كىم بىلەن قاچاتتى؟ئۇنىڭدا ئۇنچىلىك يۈرەك يوق!-دېدى زۆھرە.لېكىن ئۇنىڭ كۆڭلىمۇ بىر نەرسىنى تۇيغاندەك بىئارام بولىۋاتاتتى.

نۇربىيەنى ئىزدەش يۇقىرى  دولقۇنغا چىققاندا ،ئامىنخان بىلەن ئابلەت بېشىنى چاڭگاللىغانچە ئادىلنىڭ ھۇجرىسىغا قويۇپ قويغان خېتىنى ئوقۇۋاتاتتى.

-ئاتا،ئاپا،مېنىڭ سىلەرنى ئۈمىدسىز قويغۇم،ئەڭ مۇھىمى خەق ئالدىدا يەنە بىر قېتىم يەرگە قاراتقۇم يوق ئىدى.لېكىن ماڭا ئامال بولمىدى.ئاچام سىلەرگە ئۆز ھەرىكىتى ئارقىلىق نىكاھ دېگەننىڭ پۇل ،دۇنيا ئۈستىگە قۇرۇلمايدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەرگەن ئىدى.گەرچە ئەخلاق نۇقتىسىدىن ئاچامنىڭ قىلغانلىرىنى دەسلەپتە راۋا كۆرمىگەن بولساممۇ ،بېشىمغا كەلگەندە سىلەرنىڭ ئۆزۈڭلار ئۈچۈن بىزنىڭ قەلبىمىزنى ئويلاپ كۆرمەيدىغان شەخسىيەتچى ،مەنپەئەتپەرەسلىكىڭلار مېنىمۇ ئاچام ماڭغان ئاشۇ يولدا مېڭىشقا مەجبۇر قىلدى.مېنى باققان ئەجرىڭلارغا باشقىچە جاۋاب قايتۇرغىلى نېسىپ بولار.

مەلىكەممۇ مەن ئۈچۈن بەك زور قۇربانلىق بەردى.ئۇنىڭ بىچارە ئاتا-ئانىسى نېمە بولۇپ كەتكەندۇ؟ مەن ئۈچۈن ئۇلارغا ۋەدە  بېرىپ قويۇڭلار،ئۇلارنىڭ قىزىغا چوقۇم ياخشى قارايمەن!

سىلەردىن كەچۈرۈم سورىمايمەن،ئەمدى ئويغىنىڭلار!

-ئامىنەم،بالىلىرىمىز خاتا قىلىۋاتامدۇ ياكى بىزمۇ؟

-بىلمەيمەن،مېنىڭ بېشىمنى كۆتۈرۈپ خەققە قارىغۇدەكمۇ ھالىم قالمىدى.ۋۇي،بالا-قازا شۇملار،سىلەرنى تۇغقىچە توخۇ-توشقانلارنىڭ تۇغسامچۇ!

نۇربىيەنىڭ دېرىكىنى ئالالمايۋاتقان زۆھرە بىلەن ئالىممۇ تېرىكىپ ئولتۇراتتى.تۇيۇقسىز جىرىڭلىغان ئۆي تېلىفونى ئۇلارنى يۈگۈرتىۋەتتى.

-ۋەي ئاپا-قارشى تەرەپتىن نىجاتنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى-نۇربىيەنى ئىزدەپ ئاۋارە بولماڭلار.

-نىجات،نېمە ئىش قىلىۋاتىسەن،بالام ؟نۇربىيەنى تېزدىن قايتۇرۇپ ئەكەل-زۆھرەنىڭ ئاۋازى تىترەپ كەتتى.

-ئاپا،توي كۈنى كېلىنچەك قېچىپ كەتسە قانداق بولىدىغانلىقىنى ئۇلارمۇ  بىلىپ باقسۇن.

نىجات شۇنداق دەپلا تېلىفوننى قويۇۋەتتى.

زەپەر رېستۇرانى بىلەن خانىش رېستۇرانىغا يىغىلغان مېھمانلار توي ئىگىلىرىنى ساقلاپ تىت-تىت بولۇشتى.

-چاتاق بولدى،بۇ تويمۇ داۋام قىلمىغۇدەك ،يىگىت بىلەن قىز يوقاپ كېتىپتۇ.

ئىككىلا رېستۇراندىكى مېھمانلار ياقا چىشلىشىپ ئۆيلىرىگە قايتىشتى.

ئابلەت كۆزىنى ئېچىپ ئۆزىنى دوختۇرخانىدا كۆردى.

-ئامىنەم-دېدى ئابلەت –مەن نېمە بوپتىمەن؟

-قان بېسىمىڭىز ئۆرلەپ قاپتۇ،چوڭ ئىش يوق.-دېدى ئامىنخان تۆۋەن ئاۋازدا.

-بالىلار بىزنى تۈگەشتۈرىدىغان ئوخشايدۇ-دېدى ئابلەت كۆزلىرىنى تورۇسقا تىكىپ.


ئالىم بىلەن زۆھرەمۇ ئۆيىدە ئۈچەككە كىرگەن چاشقاندەك تۈگۈلۈپ ئولتۇراتتى.

-زۆھرە،بىز بۇ قېتىم يەنە يۈزىمىزنى تۆكۈۋالدۇق.خەققە قانداق قاراشنى بىلمەي قالدىم.

-نۇربىيە دېگەن ئەقىلسىز نىجات دېگەن نادان ئاكىسىنىڭ گېپىگە كىرىپ بىزنى بەكلا ئوسال قىلدى.خەپ، قايسى پۇتى بىلەن ئۆيگە ئاياغ دەسسەپ كىرەركىن؟

-كىچىك بالىنى توي قىلىمىز دەپ بىز خاتا قىلدۇقمۇ-يا؟


ئابلەت ئىككى كۈندىن كېيىن دوختۇرخانىدىن چىقتى.كىچىك قىزى ئابىدە ئۇلارنى سوغۇقلا كۈتۈۋالدى.

-مەكتەپكە باردىڭمۇ؟-سورىدى ئابلەت.

-باردىم،بالىلارنىڭ ھەممىسى قاچقۇن دەۋاتىدۇ.

-كاللىسىنىڭ سۈيى بار شۇملاركەن –دېدى ئامىنخان-سېنىچۇ شەھەردىكى مەكتەپكە يۆتكەپ قويىمىز،قورقما!

-ئاچام بىلەن ئاكام نېمىشقا ئۇنداق قىلىدۇ؟توي قىلىش شۇنچىلىك يامان ئىشما؟

-دۆتلىكىدىن شۇنداق قىلىدۇ،سەن ئۇلارنى دورىما!

-ئاتا،ئاپا ئۇلارنى بەكلا سېغىندىم.ئۆيىمىز بەكلا زېرىكشلىك بولۇپ قالدى.

ئابلەت بىلەن ئامىنخان جاۋاب قايتۇرمىدى.ئۇلارمۇ ئۆيىنىڭ جىمجىت،زېرىكىشلىك،سوغۇق بولۇپ قالغانلىقىنى ھېس قىلىۋاتاتتى.

كەچلىك تاماقتىن كېيىن ئۇلار بالدۇرلا يېتىپ قېلىشتى.

ئابلەت چۈش كۆردى:

رەھمەتلىك ئاتىسى ئۇنى ئالدىغا ئولتۇرغۇزۇپ نەسىھەت قىلىۋاتاتتى:

-بالام،يەر ئالتۇن قوزۇق دەپ تاپقان پۇلۇمغا يەرلا سېتىۋاپتىمەن.ئالتە بالامنى ئوخشاش كۈن كۆرسە،ھېچكىمنىڭ ھېچكىمگە كۈنى چۈشمىسە دەيمەن.يەر مېنىڭ،شۇنداقلا ھەممە بالامنىڭ.سەن مېنى باققانلىقىڭ ئۈچۈنلا ھەممە يەر سېنىڭ بولۇپ قالمايدۇ.ئېسىڭدە تۇت،ھارام نەرسە گېلىڭنى تېشىپ چىقىدۇ.ئاكا-ئاچىلىرىڭنىڭ يېرىنى قايتۇر!

-ئاتا،مەن قايتۇراي،مەن قايتۇراي-ئابلەت چۆچۈپ ئويغىنىپ كەتتى.

ئامىنخانمۇ چۈش كۆرىۋاتاتتى:

ئامىنخان چۈشىدە ئاپىسىنى كۆردى.

-بالام-دېدى ئاپىسى ئۇنىڭ چېچىنى تارىغاچ-مەن بۇ يۇرتنىڭ ئادىمى ئەمەس.مەن بۇ يەرگە مۇساپىر.توي قىلىدىغان ياشقا يەتكىنىمدە ،مېنى بىرىگە ياتلىق قىلدى.ئۆزىغۇ خېلى قاملاشقان يىگىتكەن.لېكىن ئۆي –ۋاقىسى ئاۋارە،بىر ئېغىز كونا كېسەك ئۆيدە ئالتە بالا بىلەن ئاتا-ئانىسى بىرگە تۇرىدىكەن.بىزگە ياندىكى بىر ئوقۇردىن سەللا ياخشىراق بىر ئۆينى ھۇجرا قىلىپ بېرىپتۇ.بىر-بىرىدىن بىچارە چىراي بالىلارغا قاراپ ،كېسەلمەن ئاتا-ئانىغا قاراپ ئىچىم سىقىلدى.كاللامغا بىرلا خىيال كەلدى.ئۇ بولسىمۇ قېچىش.

مەن ئاستا ئۆيدىن چىقتىم.يول ياقىلاپ مېڭىۋەردىم.بىر يەرگە كەلگەندە كۆمۈر باسقان بىر كالا ھارۋىسىنى كۆردۈم.ئىگىسى ھاجەتكە كەتكەن ئىكەن،مەن ئاستا چاپىمنىغا ئورىنىپ ھارۋىغا چىقىۋالدىم.ھارۋا بىر كۈن ماڭغاندىن كېيىن مەنزىلگە يەتتى.مەن ھارۋىدىن چۈشكەندە بىر مۇنچە ئادەم ماڭا ھەيرانلىق بىلەن قاراپ تۇراتتى.

-توختى،كۆمۈر ئالغىلى بېرىپ خوتۇنلۇق بولۇپ قايتىپسەن-دە؟

-كۆمۈر ئالسا خوتۇن مۇكاپات بېرىدىغان ئىش بولسا،بىزمۇ ئەتىلا ماڭايلى كۆمۈرگە.

-ئىسمى نېمە بۇ خوتۇنۇڭنىڭ؟

مەن نېمە قىلىشىمنى بىلەلمەي يەرگە قاراپلا تۇراتتىم.

-ھە،ئاتا-ئانىسى ئۆلۈپ كەتكەن قىزكەندۇق،مەن ئەكىلىۋالدىم،نەچچە كۈندىن كېيىن تويغا چاقىرىمەن.-دېدى ھارۋا ئىگىسى ۋە قولۇمدىن تارتىپ ئۆيىگە ئەكىردى.

-توختى،بۇ كىم بالام؟-ئىشىكتىن كىرىشىمىزگە ئۇنىڭ ئاپىسى بىزگە تىكىلدى.

-تونۇمايمەن.-دېدى توختى.-ھارۋامغا چىقىۋالغان بىر قىزكەن.

-كېلىڭە قىزىم،نېمە سەۋەبتىن بۇ يەرگە كېلىپ قالدىڭىز؟

-مەن،مەن-مەن دۇدۇقلاپ كەتتىم-ئاتام بىلەن ئاپام تەڭلا تۈگەپ كەتتى.يۇرتتا بىرمۇ يېقىنىم قالمىدى،شۇڭا...

-توۋا-دېدى توختى-مۇنداقلا دەپ قويغان گېپىم راست چىقىپ قالدىغۇ ئەمدى.

مەن يىغلاپ كەتتىم.ئۇنىڭ ئاپىسى مېنى باغرىغا باستى.

-يىغلىماڭ قىزىم،بىز بار.

شۇنداق قىلىپ مەن توختى بىلەن توي قىلدىم. سەن تۇغۇلدۇڭ.بۇ ئۆيدىكى ھېچكىم مېنىڭ توي كۈنى قېچىپ كەتكەن توي قاچقۇنى ئىكەنلىكىمنى بىلمەيدۇ.ئاقكۆڭۈل كىشىلەر مېنى قەتئىي يات كۆرمەي،چەتكە قاقماي ئارىسىغا سىڭدۈرۈپ كەتتى.

-ئاپا،سەنمۇ توي كۈنى قېچىپ كەتكەنما؟

ئامىنخانمۇ ئويغىنىپ كەتتى.

-سەنمۇ چۈش كۆردۈڭما؟-دېدى ئابلەت

-ئاپامنى كۆردۈم،ئۇمۇ...

-مەن ئاتامنى كۆردۈم...




(3)

ئابلەتنىڭ ھويلىسىدا قوش توي بولدى.

-قۇدىلار كەلدى ،ئامىنخان –دېدى زۆھرە-تۆش گۆشى قېنى؟

-مانا-مانا-دېدى بىرى.

چىرايلىق ياسانغان ھېلىمخان ئابلەت بىلەن ئامىنخاننىڭ بۇ ھەشەمەتلىك ھويلىسىغا ئىززەت-ئېكرام بىلەن قەدەم باستى.

ھاۋالاردا ئۇچىدىكەن كەپتەر بالاسى،

لاچىنلارغا سوقتۇرمايدۇ ئۇنىڭ ئاناسى.

ھۆرمەت بىلەن تۆش ئەكەلدى يىگىت ئاناسى،

ئىززەت بىلەن قوبۇل قىلسۇن قىزنىڭ ئاناسى.

قۇدىلارغا داستىخان تارتىلدى.

-يىگىتلەر كەلدى-دېدى زەينۇرە-ئادىلە يۈزۈڭنى ياپ!

- ساقچى مۇرات  ئىدارىسىدىكى ھەممە ئادەمنى باشلاپ كەپتۇمۇ –نېمە؟نېمانداق جىق.

-ئىمتىھاندىن ئاران دېگەندە ئۆتۈپ ساقچى بولغاندىكىن خىزمەتداشلىرى بىلەن بىزگە ھەيۋە قىلىۋالغۇدەكتە بۇ مۇرات!

-كىم ئاران ئۆتۈپتۇ ئىمتىھاندىن ؟بىرلا قېتىمدا ئۆتكەن جۇمۇ ئۇ-دېدى ئادىلە يۈزىنى ئېچىپلا.

-چىدىماي قالدى...

- ئادىلەنى بېرىۋەتتۇق،تېزراق مەلىكەمنى ئالغىلى بارايلى ئەمدى-دېدى ئالىم.

-قېنى مېنىڭ ئاكا-ئاچىلىرىم؟-دېدى ئابلەت-توي ئالغىلى ئەڭ ئاۋال شۇلار ماڭسۇن!




تۈگىدى

2013-2-25














بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   دىل گۈزەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-2-25 11:24 PM  


سەندە يېتۈك تالانت ۋە تولۇق ئىشەنچ بولمىسا ،"ئەدەبىيات"دېگەن "ئېزىتقۇ"غا ھەۋەسلەنمە!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 446
يازما سانى: 4544
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 28276
تۆھپە نۇمۇرى: 2354
توردا: 6038 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2015-5-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-26 12:06:55 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىلەرمەنلىك قىلغىنىم ئەمەس ، ئەسەر پوۋېست بولۇشقا سەل ئازلىق قىلىدىكەن .
باشقا تەرەپلىرى شۇنداق ياخشى چىقىپتۇ...

مۇھتاجىلىق بەك يامان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86252
يازما سانى: 258
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 773
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 232 سائەت
تىزىم: 2012-10-19
ئاخىرقى: 2013-10-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-26 12:29:23 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىمانداق كەڭ قۇرساق قۇدىلار ئۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91911
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 67
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 25 سائەت
تىزىم: 2013-2-19
ئاخىرقى: 2014-6-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-26 02:48:16 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى  يېزىلىپتۇ  بولسا كۆپرەك يوللاپ تۇرساڭلار

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91443
يازما سانى: 119
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 309
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 46 سائەت
تىزىم: 2013-2-10
ئاخىرقى: 2014-1-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-26 02:57:35 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ھىكايىمۇ ياكى ، پوۋېسىت ؟ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   del_Seri تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-2-26 02:58 AM  


ھەر كىمنىڭ ئۆزى

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2114
يازما سانى: 600
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 15081
تۆھپە نۇمۇرى: 584
توردا: 5254 سائەت
تىزىم: 2010-6-2
ئاخىرقى: 2015-4-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-26 08:48:30 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
XERHAN يوللىغان ۋاقتى  2013-2-26 12:06 AM
بىلەرمەنلىك قىلغىنىم ئەمەس ، ئەسەر پوۋېست بولۇشقا سەل  ...

ئۈچىنچى  بۆلەكتىكى  بىر قىسىم مەزمۇنلار يوللانماي قاپتۇ،شۇڭا سىز دېگەندەك پوۋېستقا سەل قىسقا بوپقاپتۇ،تولۇقلاپ يوللاپ  قويسام بولغىدەك...

سەندە يېتۈك تالانت ۋە تولۇق ئىشەنچ بولمىسا ،"ئەدەبىيات"دېگەن "ئېزىتقۇ"غا ھەۋەسلەنمە!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87132
يازما سانى: 2073
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 5530
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 636 سائەت
تىزىم: 2012-11-12
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-26 11:08:04 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەممە ھىكايە مۇشۇنداق ياخشى نەتىجە بىلەن ئاياقلاشقان بۇلسا ھە  !  بىزنى ساقلاتماي بىراقلا يۇللىغىنىڭىزدىن تۇلىمۇ خۇرسەن بۇلدۇم .

قايغۇرماڭ ، باتۇرلارچە ياشاڭ ، ئاللاھ ھەرگىز كېرەكسىز ئادەملەرنى ياراتمايدۇ !

مۇزىكا+پۇتبول

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 778
يازما سانى: 498
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13065
تۆھپە نۇمۇرى: 359
توردا: 3945 سائەت
تىزىم: 2010-5-25
ئاخىرقى: 2015-1-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-26 11:43:20 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يارايسىز  ....پارلاق سىڭلىم  
    بىر ئوقۇي ئەمسە  
   ئەمما ئەسەرلىرىڭىزنى سۆيۈپ ئوقۇيمەن

بىراۋلار ، ئەل ئۈچۈن قىلدى جېنىنى قۇربان ، بىراۋلار ۋەتەننى دەپ گۈللەتتى بوستان . ئالار قۇش تۈلكىنى ، ئۈنسىز تاۋۇشسىز ، قاقاقلار بىر تۇخۇم تۇققانغا مېكيان .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40998
يازما سانى: 684
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3806
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 894 سائەت
تىزىم: 2011-5-17
ئاخىرقى: 2014-6-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-26 01:08:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئادىلنىڭ توينىڭ جەرياننمۇ يوللغان بولسڭىز تىخمۇ تولۇق بولارئىكەن،

كومپىيۇتىر،يانفۇن ،ئىلكتىرئۈسكۈنلىرى ،توكچلق ئۇستاملىرى جەمگاھى ______http://www.xjefan.com/

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40998
يازما سانى: 684
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3806
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 894 سائەت
تىزىم: 2011-5-17
ئاخىرقى: 2014-6-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-26 01:08:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئادىلنىڭ توينىڭ جەرياننمۇ يوللغان بولسڭىز تىخمۇ تولۇق بولارئىكەن،

كومپىيۇتىر،يانفۇن ،ئىلكتىرئۈسكۈنلىرى ،توكچلق ئۇستاملىرى جەمگاھى ______http://www.xjefan.com/
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش