«جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلى ئاپتورلارنىڭ قەلەم ھەققىنى بانكا كارتىسى
ئارقىلىق ئەۋەتىشنى يولغا قويدى
دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلىنىڭ ئۇيغۇرچە نەشرى ئۆتكەن يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىم يىلدىن باشلاپ، ژۇرنالنىڭ ئىچكى قىسمىغا بولغان باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، خىزمەتتىكى بەزى يېڭىلىقلارنى مەيدانغا كەلتۈرۈپ، بىرقاتار ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ باردى. بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر يېڭىلىق ژۇرنالدا ئەسىرى ئېلان قىلىنغان ئاپتورلارنىڭ قەلەم ھەققىنى تور بانكىسى ئارقىلىق تارقىتىش بولۇپ، 2012 - يىللىق 6 - ساندىن باشلاپ مۇۋەپپەقىيەتلىك تارقاتتى. بۇ، ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە تۇنجى قېتىم «قەلەم ھەققىنى بانكا كارتىسى ئارقىلىق تارقىتىش»نى ئەمەلگە ئاشۇرغان مەتبۇئات بولۇپ، ئۇلارنىڭ بۇ خىل خىزمەت ئۇسۇلى جەمئىيەتتە ياخشى تەسىرلەرنى پەيدا قىلدى.
ئادەتتە، مەتبۇئاتلارغا ماقالە – ئەسەر ئەۋەتكەن ئاپتورلارنىڭ قەلەم ھەققىنى تاپشۇرۇۋېلىش جەريانى ئوخشاش بولمايدۇ. قەلەم ھەققى چېكىدىكى ئىسىم - فامىلە كىملىكتىكى بىلەن ئوخشاش بولغان ئەھۋالدا، ئاندىن پۇل چېكى ئارقىلىق ئەۋەتىلگەن قەلەم ھەققىنى پوچتا تارماقلىرىغا بېرىپ ئالغىلى بولىدۇ. ئەگەر خەنزۇچە يېزىلىشىدىكى خەتلەردە پەرق كۆرۈلسە، قەلەم ھەققىنى پوچتىدىن ئېلىش بىر مۈشكۈل ئىشقا ئايلىنىدۇ، يەنى پوچتا تارماقلىرى پۇل تاپشۇرۇۋالغۇچىدىن ئۆزى تەۋە ئىدارە، شىركەت ياكى ئاھالە كومىتېتىدىن تامغا باستۇرۇش ۋە ئىسپات ئەپكېلىشنى تەلەپ قىلىدۇ... ئاپتورلارنىڭ بۇ ئىسپاتلارنى ئېلىپ قەلەم ھەققىنى قولىغا ئېلىشى ئاسانغا توختىماي، ۋاقتى ۋە زېھنى ئىسراپ بولىدۇ. بەزى ئاپتورلار ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ تامغىسىنى باسقۇزالماي ياكى ئىسپات ئالالماي، بەلگىلەنگەن قەرەلى توشۇپ كەتسە، پوچتا تارماقلىرى مەزكۇر قەلەم ھەققىنى «ئەۋەتكۈچى تەرەپ»كە قايتۇرۇۋېتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن، مەتبۇئات ئورۇنلىرى پۇلنى پوچتىدىن قايتۇرۇۋېلىپ، ئاپتورلارغا يېڭىۋاشتىن ئەۋەتىشكە مەجبۇر بولىدۇ... بۇ مەتبۇئات ئورۇنلىرىدىكى مالىيە خادىملىرىنىڭ خىزمەت سالمىقىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.
«جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلى ئاپتورلارنى يۇقارقىدەك بىھۇدە ئاۋارىچىلىقلاردىن ساقلاش ۋە ئۇلارغا تېخىمۇ قولايلىق يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن، ئۆتكەن يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن باشلاپ ئەتراپلىق ۋە ئىنچىكە تەييارلىق قىلىش ئارقىلىق، قەلەم ھەققىنى بانكا كارتىسىدىن تارقىتىشنى پىلانلىدى. بۇنىڭدا، ژۇرنالنىڭ مالىيە خادىملىرى بىر قاتار ئىنچكە ۋە ئەستايىدىل خىزمەتلەرنى ئىشلەش ئارقىلىق، ماقالە - ئەسەرلىرى ئېلان قىلىنغان ئاپتورلار بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇلارنىڭ سودا - سانائەت بانكىسى ۋە يېزا ئىگىلىك بانكىسى ھېسابات كارتا نومۇرىنى توپلاپ، قەلەم ھەققىنى تور بانكىسىدىن ئاپتورلارنىڭ بانكا ھېسابات نومۇرىغا بىۋاسىتە ئەۋەتىشنى ئەمەلگە ئاشۇردى.
قەلەم ھەققى بانكا كارتىسىدىن تارقىتىلغاندا، پۇل بىۋاسىتە ئاپتورلارنىڭ بانكا ھېساباتىغا ئەۋەتىلىدۇ، شۇنىڭدەك ئاپتورلارنىڭ يانفۇنىغا قىسقا ئۇچۇر يوللىنىپ، قەلەم ھەققىنىڭ كېلىش مەنبەسى ئۇقتۇرۇلىدۇ. «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلى 2012 - يىللىق 6 - ساننىڭ قەلەم ھەققىنى مۇشۇ ئۇسۇل بويىچە تارقاتقاندىن كېيىن، كۆپلىگەن ئاپتورلار تېلېفون، ئېلخەت ۋە چ چ قاتارلىق تۈرلۈك ئالاقە ۋاسىتىلىرىدە، بۇ خىل ئۇسۇلنىڭ ناھايىتى ياخشى بولغانلىقىنى ھەمدە بۇنىڭ بىر خىل ياخشى باشلىنىش بولغانلىقىنى بىردەك مۇئەييەنلەشتۈردى.
( ژۇرنال تەھرىراتىدىن ھەسەنجان ئابدۇلئەھەد خەۋىرى )
( تور دۇنياسىدىكى مەنبەسى: Www.Arkzat.Com تورى )