|
|
|
|
تەخمىنەن بىر مىليون ھىندى دىنى مۇرىتى نىپالدىكى كىچىك كەنت بارىياپۇرغا يىغىلىپ، بىر تۈرلۈك چوڭ كۆلەملىك نەزىر-چىراق ئادىتىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن، نەچچە مىڭلىغان ھايۋان ئۆلتۈرۈلگەن، بۇ نەزىر-چىراق خەلقئارانىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىغان.
دىن مۇرىتلىرى ئۇزۇن سەپەرنى بېسىپ بۇ ئەنئەنىۋى گادخىماي بايرىمىغا قاتناشقىلى كەلگەن بولۇپ، بەزى مۇرىتلار ھىندىستاندىن كەلگەن. گارخىماي بايرىمىدىكى نەزىر-چىراق ھوقۇققا سىموۋول قىلىنىدىغان ھىندى ئايال ئىلاھى ئۈچۈن ھەر بەش يىلدا بىر قېتىم نىپالنىڭ جەنۇبىي قىسمىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ.
ئېيتىشلارغا قارىغاندا بۇ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ نەزىر-چىراق بايرىمى بولۇپ، ھەر قېتىمدا نەچچە يۈز مىڭ كالا، چوشقا، قوي، توخۇ دېگەندەك ھايۋانلار بۇ ئىككى كۈندە ئۆلتۈرۈلىدىكەن، ئۆتكەن يىلى بولسا سانى 300 مىڭغا يەتكەن.
كىشىلەر گادخىمايغا يېقىن يەردە، قولىغا پىچاق ئالغان 250 نەپەر كىشىنىڭ چوڭ كۆلەمدە قەتل قىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدۇ. مۇرىتلار ئېلىپ كەلگەن 20 مىڭدەك سۇ كالىسى بۇ يەردە ئۆلتۈرۈلىدۇ.
كىشىلەر گادخىمايغا يېقىن يەردە، قولىغا پىچاق ئالغان 250 نەپەر كىشىنىڭ چوڭ كۆلەمدە قەتل قىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدۇ. مۇرىتلار ئېلىپ كەلگەن 20 مىڭدەك سۇ كالىسى بۇ يەردە ئۆلتۈرۈلىدۇ.
ھىندى دىنى مۇرىتلىرى يەنە بۇنداق غەلىتە ئۇسۇل بىلەن شىۋا ئىلاھىغا نەزىر-چىراق قىلىدۇ.
تېخىمۇ ۋەھشى بولغىنى، بەزى مۇرىتلار قەبرىدىن ئۆلگەن كىشىلەرنىڭ جەسەت سۆڭەكلىرىنى قېزىپ چىقىرىپ، ئۇلارنى كوچىمۇ-كوچا سازايى قىلىپ، بۇ ئارقىلىق شىۋا ئىلاھىغا تەسەللى بېرىدۇ
ئاشۇرا ئېيى ئىسلام كالېندارى بويىچە 1-ئاينىڭ 10-كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، بۇ بايرام ئارقىلىق مۇھەممەد پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ نەۋرىسى ئىمام ھۈسەيىن خاتىرلىنىدۇ، ئۇ مىلادى يەتتىنچى ئەسىرىدىكى بىر قېتىملىق ئۇرۇشتا قۇربان بولغان.
مەنبە نۇر تورى
|
|
|
|
|
|