مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 673|ئىنكاس: 8

باشقىلارغا ئەڭ ياخشىسنى بېرىڭ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86414
يازما سانى: 75
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1126
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 488 سائەت
تىزىم: 2012-10-23
ئاخىرقى: 2015-1-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-25 07:49:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   ھەپتە ئاخىرىدا يېزىدىن بىزنى يوقلاش ئۈچۈن كەلگەن دادام چوڭ ئۆيدىن يوغان بىر تاغار كۆكتات ئېلىپ كەلگەن ئىدى.ئادەتتە ئۆيدە مەن ھەم ئايالىم  ئىككىمىزلا بار.ئۇنىڭ ئۈستىگە چۈشلۈك تاماقنى سىرتتا يەيدىغان تۇرساق،بۇنچە كۆپ كۆكتاتلارنىڭ بۇزۇلۇپ قېلىشى ئېنىق-دە!

مەن كۆڭلۈمدىكىنى دادامغا ئېيتىشىمغا،دادام:-ئۇنداقتا قوشنىلىرىڭغا ئازراق ئەچىقىپ بېرەمدۇق؟-دېدى.مەنچە بولسا بولىدىغان گەپ.شۇنىڭ بىلەن بىر قانچە خالتا ئەكىلىپ كۆكتاتنىڭ قولۇمغا چىققانلىرىنى قاچىلاشقا باشلىدىم.دادام:-بۇنداق قاچىلىمايسەن،باشقىلارغا بۇنداق بەرسەڭ ياخشى بولمايدۇ!-دەپ مىنى توختىتىۋېلىپ،تىزلىنىپ ئولتۇرغىنىچە خالتىدىكى كۆكتاتلاردىن ياڭيونىڭ يوغان ھەم بۇزۇلمىغىنىنى،كۆك سەيلەرنىڭ يۇپۇرماقلىرى سولاشمىغان،يېڭىلىرىنى ئىنچىكىلىك بىلەن تاللاشقا باشلىدى.مەن دادامنىڭ تاللىغىنىغا قاراپ چىداپ بولالماي:-بۇنچە ئاۋارە بولغىچە خالىغانچە قاچىلاپلا بىر خالتا قىلىپ بەرسەك بولمامدۇ؟-دېيىشىمگە،دادام بېشىنى كۆتۈرۈپ قەتئىيلىك نەزىرى بىلەن:-باشقىلارغا بەرمەكچى بولساڭ ئەڭ ياخشىسىنى بەر.بۇنداق قىلىش سېنىڭ باشقىلارنىڭ قەلبىدىكى ئورنىڭغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.-دېدى.شۇنىڭ بىلەن دادام ئىككىمىز كۆكتاتلارنى ئەستايىدىل تاللاپ چىقىپ،خالتىلارغا بۆلۈپ قاچىلاپ ئاندىن قوشنىلارغا بەردۇق.

بۇ ئىشتىن كېيىن مەنداڭلىق يازغۇچى لىن شى نىڭ <<قولى ئۇچۇق بېخىل>>ناملىق ئەسىرىدىكى بىر ۋەقەلىكنى ئويلاپ قالدىم:-بىر ئاتا ئوغلىنى ئەگەشتۈرۈپ باشلىقىنى يوقلىغىلى بارغاندا باشلىقى ئۇلارغا بىر يىشىك ئالما سوۋغا قىلىپتۇ.ئۆيگە ئەكىلىپ قارىسا ھەممىسى توڭ ئۇششاق ئالما ئىكەن.ئوغلى چىدىيالماي:-قانداق گەپ بۇ ئەمدى؟بىزنىڭ ئۆيدىكى ئالما بۇنىڭدىن ياخشىراق،بۇ ئالمىنى تاشلىۋەتسىمۇ تېرىۋالىدىغان ئادەم چىقمايدۇ!-دەپ سۆزلەپ كېتىپتۇ.دادىسىمۇ ئوغلىغا بولۇشۇپ:-شۇ،قانداق گەپ بۇ ئەمدى؟بالام،ئىسىڭدە بولسۇن.ئۆزۈك ياقتۇرمايدىغان ۋە لازىم قىلمايدىغان نەرسىلەرنى باشقىلارغا سوۋغا قىلماقچى بولغاندا سەنمۇ بۇ ئىشنى ئويلا!-دەپتۇ.

كىشىلەر بىلەن ئېلىم-بېرىم قىلغاندا سىز باشقىلارغا قانداق مۇئامىلە قىلسىڭىز،باشقىلارمۇ سىزگە شۇنداق مۇئامىلە قىلىدۇ.سىز ئۆزىڭىز ياقتۇرمايدىغان ياكى لازىم قىلمايدىغان نەرسىلەرنى باشقىلارغا سوۋغا قىلغاندا باشقىلارمۇ سىزگە شۇنداق قىلىدۇ.سوۋغاتنىڭ قىممىتى -سىزنىڭ باشقىلارنىڭ قەلبىدىكى ئوبرازىڭىزغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.سوۋغا قىلسىڭىز ئەڭ ياخشىسىنى قىلىڭ،بولمىسا سوۋغا قىلماڭ.باشقىلارنى ئۆزىڭىزگە ئوخشاش تۇرمۇشنىڭ گۈزەللىكىدىن بەھرىلەندۈرەلىسىڭىز ئاندىن ھۆرمەتكە ئېرىشەلەيسىز!



تەرجىمە قىلغۇچى:جىياڭسۇ ئۆلكىسى ۋۇشى شەھىرى  ئەقىدە قاشتېشى دۇكىنى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5563
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32162
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3366 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-25 11:50:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
باشقىلار ئېھتىياجلىق نەرسە سىزدە بولسا ،باشقىلارنى ھوزورلاندۇرالايدىغان بولسا بەرسىڭىز بولىدۇ،

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90265
يازما سانى: 385
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 898
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 174 سائەت
تىزىم: 2013-1-18
ئاخىرقى: 2015-2-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-25 11:54:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەربىيىۋى ئەھمىيىتى كۈچلۈك تېما ئىكەن.بولۇپمۇ‹‹كىشىلەر بىلەن ئېلىم-بېرىم قىلغاندا سىز باشقىلارغا قانداق مۇئامىلە قىلسىڭىز،باشقىلارمۇ سىزگە شۇنداق مۇئامىلە قىلىدۇ.سىز ئۆزىڭىز ياقتۇرمايدىغان ياكى لازىم قىلمايدىغان نەرسىلەرنى باشقىلارغا سوۋغا قىلغاندا باشقىلارمۇ سىزگە شۇنداق قىلىدۇ.سوۋغاتنىڭ قىممىتى -سىزنىڭ باشقىلارنىڭ قەلبىدىكى ئوبرازىڭىزغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.سوۋغا قىلسىڭىز ئەڭ ياخشىسىنى قىلىڭ،بولمىسا سوۋغا قىلماڭ.باشقىلارنى ئۆزىڭىزگە ئوخشاش تۇرمۇشنىڭ گۈزەللىكىدىن بەھرىلەندۈرەلىسىڭىز ئاندىن ھۆرمەتكە ئېرىشەلەيسىز!››
تېما ئىگىسىگە رەھمەت.

شۈكىرى ئاللاھ

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2267
يازما سانى: 2189
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 19518
تۆھپە نۇمۇرى: 360
توردا: 5359 سائەت
تىزىم: 2010-6-3
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-26 01:24:38 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يۈزەكىلىك بىلەن قىلىنغان ئىش ياكى دىيىلگەن سۆز ئۆزىمىزگە زىيان .

غىمىمىزنى ئاخىرەت قىلساق بۇ دۇنيادىكى غىمىمىزنى  ئاللاھ ئۆز ئۈستىگە ئالدۇ.

!!!افۇرقان !!!

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89998
يازما سانى: 1090
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6960
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 593 سائەت
تىزىم: 2013-1-13
ئاخىرقى: 2015-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-26 10:00:06 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆزىمىزگە ياخشى كۆرگەننى باشقىلارغىمۇ ياخشى كۆرىشىمىز !  ئۆزىمىزگە يامان كۆرگەننى باشقىلارغىمۇ يامان كۆرىشىمىز كىرەك  !

تىرىشچانلىق بىزدىن ، مۇۋەپپىقىيەت ئاللاھتىندۇر !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86474
يازما سانى: 78
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 650
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 67 سائەت
تىزىم: 2012-10-25
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-26 01:22:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئابدۇرېھىم گىرۈيىن دەيدىغان بىر ئامرىكىلىق مۇسۇلمان بار ئىكەن ئۇ ئىلگىرى پوپ ئىكەنتۇق،بىر رامىزان ۋاقتىدا ئۇ مىسىردىن سودا ئۈچۈن كەلگەن مۇھەممەد دەيدىغان مۇسۇلمان بىلەن ئۇچرىشىپ قاپتۇ،پوپ خىيالىدا بۇنى ئۆيۈمدە تۇرغۇزۇپ ئىنجىلنى ئۈگىتىپ بىر خىرىستىيان قىلۋىتەي دەپ ئويلاپتۇ.خىرىستىيانلار چىركاۋغا يىغىلغان سەدىقىلەرنى سېتىپ نامراتلارغا ياردەم بېردىكەنتۇق،بىر كۈنى ھېلقى مۇسۇلمانمۇ سېتىشقا ياردەم بېرىپتۇ ،ئۇ نەرسە كېرەكلەرنى ساتقاندا ئەڭ ياخشىسىنى تاللاپ سېتىپتۇ،لىكىن پوپ ئۇنىڭغا ئاۋال ناچارلىرىنى ساتىمىز دەپتۇ،مۇسۇلمان بىزنىڭ دىنىمىزدا .ۇنداق قىلساق بولمايدۇ دەپتۇ،پوپ ئۇنىڭغا بىر ئاز قايىل بوپتۇ،كىيىن .ئۇمۇ بىر ناماز ئوقۇپ باقماقچى بوپتۇ ھويلىسىدا ناماز ئوقۇغاندا ئاجايىپ ھۇزۇر ھېس قىپتۇ،ئۆيىگە كىرسە ئايالى ئۇنىڭدىن ئاجرىشىمەن دەپتۇ،پوپ مەن پەقەت ئۇ مۇسۇلماننى ئۆيىمىزدە تۇرغۇزدۇم ئۇنىڭ دىنىغا كىرمىدىم دەپتۇ ،لىكىن ئايالى مەن بىر مۇسۇلمان ئايال تۇرۇپ خىرىستىيان ئەر بىلەن بىر ئۆيدە ياشىيالمايمەن دەپتۇ،ھازىر بۇ پوپ بىر تەبلىغچى مۇسۇلمان بوپتۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91301
يازما سانى: 24
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 151
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 47 سائەت
تىزىم: 2013-2-7
ئاخىرقى: 2014-12-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-28 01:20:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن ياخشى يىزىپسىز

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91301
يازما سانى: 24
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 151
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 47 سائەت
تىزىم: 2013-2-7
ئاخىرقى: 2014-12-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-28 01:24:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
wolkanboy يوللىغان ۋاقتى  2013-2-28 01:20 PM
ھەقىقەتەن ياخشى يىزىپسىز

ياشاش ئاسان لىكىن ھەقىقى ئادىمىيلىك پەزىلەت بىلەن ياشاش تولىمۇ مۈشكۈل.بىراق چوقۇم تىرىشىشىمىز كىرەك ،ئۇنداق قىلالمىساق ئەھمىيەتسىز ياشىغان بولمامدۇق؟

خىيالچان مەلىكە!

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90969
يازما سانى: 324
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 804
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 120 سائەت
تىزىم: 2013-2-1
ئاخىرقى: 2014-3-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-28 01:33:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
باشقىلارغا سىز قانداق مۇھامىلە قىلسىڭىز باشقىلار سىزگىمۇ شۇنداق مۇھامىلە قىلىدۇ .بەزىلەر بار باشقىلارغا بەرسەم ئىست ئېشىم ،ئۆيدە قويسام سېسىق ئېشىم دەپ ،يا ئۆزى يەپ بولالماي ،يا باشقىلارغا بەرمەي سېسىتىپ تاشلايدىغان ،ياكى بولمىسا سېسىغاندا ئاندىن باشقىلارنى ئويلايدىغان ،بۇنداق ئادەملەرگە ھەيرانىمەن ،يېتىپ ئاشقانلىرى بولسا سېسىتىپ ئۆيدە قويغىچە ،ئازراق باشقىلارغا قولنىڭ ئۇچىنى سۇزۇپ قويسا بولىدۇ ئەمەسمۇ .

دۈشمىنىڭگە ئۆلۈم تىلىگىچە، ئۆزەڭگە ئۆمۈر تىلە!

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش