غەمسىز ئۆتمەس دۇنيادىن ئىنسان(پىنھانى)
ئاپتۇرى:ئەمەتجان ئاۋۇت پىنھانى
بۇ دۇنياغا تەۋەللۇت بولۇپ،
تۇغۇلىدۇ ئادەم ئانىدىن.
سەۋەپچىسى ئاتا-ئانىدۇر،
يارالمىشى لىكىن تەڭرىدىن.
تەشنا بولۇر ئانا مىھرىگە،
تۇرۇپ تېخى بۆشۈك-يۆگەكتە.
ئۆسمۈرلىكتە ئاداشنىڭ غېمى،
ياشلىقىدا ئىشقى يۈرەكتە.
بىر ئۆي-ماكان تۇتقان چېغىدا،
ئەر-خوتۇنلۇق مىھرى باغلىنار.
كۆيۈپ-پىشىپ پەرزەنت ئىشقىدا،
بۇ تۇرمۇشتا تازا تاۋلىنار.
غەم قىلىدۇ بالىسىدىنمۇ،
غەم قىلىدۇ دادىسىدىنمۇ.
ۋۇجۇدىنى چىرمىۋالار ئائىلە،
ئارتۇق ئاڭا ئانىسىدىنمۇ.
بىساتىدىن قوي-كالا غېمى،
ئىشقى-مىھرىدىن شۇ بالا غېمى.
ياشاندى ئۇ مۈكچەيدى بىلى،
يەنە بار تېخى ئاتا-ئانا غېمى.
غەمسىز ئۆتمەس دۇنيادىن ئىنسان،
ياشاش ئۈچۈن ئۆلىدۇ ھامان.
بىزنى شۇنداق ياراتقان تەڭرى،
غەم قىلىمىز دەرگاھىڭ تامان.
ئاپتۇر:قەشقەر يېڭشەھەر ناھىيەسىنىڭ ھاراپ يېزىسىدىن