يازغىنىمدىن ، ئازغىنىم تولا
(نۇرشاھ شئېىرى)
يازغىنىمدىن ، كۆپ بوپ كەتتى ئازغىنىم ،
<<ئالتۇن قازغىن>> ، دىدىم ، يوق تۇرۇپمۇ قازغىنىم .
قەلەم ئالدىم ، قورال ئەمەس قولۇمدا ،
ھۇررا !!! دىدىم ، شۇئار بولدى يازغىنىم .
<< قارا >>دىدىم ، خۇددى ئۆزۈم ئاپئاقتەك ،
بۇ دۇنيادا مەندىن باشقا قاپاقتەك .
كۆرمەي تۇرۇپ كىسەل دىدىم ، قەلەمدە ،
تېنىم ساغلام ، جاراھەتسىز ، ساپساقتەك .
كىمنى كۆرسەم ، <<ئادەم بول>>دەپ چاۋاكلاپ ،
<<سەن ،بىز ، كىم؟>>دەپ ، ئەھمىيەتسىز ۋالاقلاپ .
ئۆزۈم كېرىپ ئوت ، سۇلارغا بىر قېتىم ،
شۇ ناداننى قويالمىدىم ساۋاقلاپ .
پەتىۋا كۆپ ، ئۆز-ئۆزۈمچە ياخشىغا ،
چاۋاك چالدىم ، ئۆزبەك ، ھىندى ، ناخشىغا .
كىمدىن ئۆتەر سەۋەنلىك دەپ ، كۆپ ئىزدەپ ،
تەنقىدلىدىم ، نۆۋەت بەرمەي باشقىغا .
بوۋام ئېيتتى ، دىدىم ئەمما ، ھەرىكەتسىز ،
شۇ ھېكمەتلەر ، ئۆز بەدەندە ، بەرىكەتسىز .
راست دىسىڭىز بۇ سۆزلەرنى ھەي دوستۇم ،
ئەپسۇس ، سىزمۇ ، ماڭا ئوخشاش ئىكەنسىز .
مەنبە : نۇرشات نۇرمۇھەممەد (نۇرشاھ) شېئىرى
2013-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا xarari تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-2-24 11:22 PM