ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ﷲنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن
بارلىق ماختاش ۋە ئۇلۇغلۇق ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ﷲغا خاستۇر.ﷲ ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مىھرىباندۇر.رەببىمىز ساڭىلا ئىبادەت قىلىمىز ۋە سەندىنلا ياردەم سورايمىز، بىزنى سەن ئىنئام قىلغان، سەن رەھىم قىلغان،نىجاتلىققا ئېرىشتۈرگەن كىشىلەرنىڭ يولىغا باشلىغىن،ئامىن!
سالام ۋە دۇرتلار ئالەملەرگە رەھمەت قىلىپ ئەۋەتىلگەن،بىزلەرگە توغرا ھەق يولنى كۆرسىتىپ بەرگەن پەيغەمبىرمىز مۇھەممەد مۇستاپا ئەكرەم سەللەلاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە ۋە ئۇ زاتنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا،شۇنداقلا ساھابە كىراملىرمىزغا،ھەمدە تا قىيامەتكىچە ئۇل زاتقا ئەگىشىپ ھەقتىن تېيىپ كەتمىگەن،ﷲغا بەرگەن ۋەدىسىدە ئۈزۈل-كېسىل تۇرۇۋاتقان بارلىق ياخشى كىشلەرگە بولسۇن،ئامىن!
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ئېزىز قېرىنداشلار قېرندىشىڭلار مۇھەممەد ئەلى دەستۇر دىن سىلەرگە سالام.ئاللاھنىڭ ھەق ۋەدىسى شۇكى "زامان بىلەن قەسەمكى،ئىمان ئېيتقان،ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان بىر-بىرىگە ھەقنى تەۋسىيە قىلىشقان،بىر-بىرىگە سەۋرىنى تەۋسىيە قىلىشقان كىشىلەردىن باشقا ھەممە ئادەم زىيان ئىچىدىدۇر".ئۇشبۇ ئايەت كەرىمىنىڭ ئىلھامى ۋە دىن يولىدا ئۈزلۈكسىز تېرىشىپ تۆھپە قوشۇپ كېلىۋاتقان بىر قىسىم قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ بەختى ئۈچۈن كۆيگەن ئوتلۇق يۈرىكى پېقىر مۇھەممەد ئەلىنى ھەم ﷲ يولىدا مىللىتىمىزنىڭ خىزمەتلىرىدىن بولغان ئازراق تىلغا ئالغۇچىلىكى بولمىغان بىر ئىشقا ئۆزنى قىزىقتۇرۇپ كەلدى.مەن تۇنجى قېتىم "ياخشى كىشىلەرنىڭ باغچىسى"ناملىق بۇ كىتابنى قولغا ئالغىنىمدىن باشلاپ مىنىڭ سۆيۈپ ئوقۇيدىغان ئۈچ كىتابنىڭ بىرى بولۇپ قالدى،ئۇ ئۈچ كىتابنىڭ بىرىنچىسى بولسا ﷲ ھەق سۇبھانى ۋەتالانىڭ ئۇلۇغ كىتابى دەستۇرىمىز" قۇرئان"،ئىككىنچىسى بولسا ئۇشبۇ "ياخشى كىشىلەرنىڭ باغچىسى"،ئۈچۈنچىسى بولسا "ساھابىلار ھاياتىدىن تاللانما"دېگەن كىتابىدۇر.يېقىندىن بىرى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئىزچىل تىرىشچانلىقى بىلەن قۇرئان شۇنداقلا ساھابىلار ھاياتىدىن تاللانما دېگەن كىتابلار ئاندرويد ئەپلىرى قىلىپ ياسىلىپ كەڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئىلىم تەشنالىقىنى قاندۇردى، شۇنداقلا تېلېفون بولسىلا ماشىنىدا سەپەر قىلۋاتقان بولسۇن، ياكى بولمايدۇ ئازراق بوش بىكار ۋاقتى بولسۇن ئاشۇ قىممەتلىك ماتېرىياللاردىن ئازدۇر-كۆپتۇر مەنپەت ئالدى، شۇ سەۋەبتىن مەن مۇشۇ كىتابلارنىڭ بىرسى بولغان "ياخشى كىشىلەرنىڭ باغچىسى"دەك مۇشۇنداق ياخشى كىتابنىڭ بولماسلىقى بۇ ساھەدىكى بىر بوشلۇق دەپ ئويلاپ مۇشۇ بوشلۇق قاچان بىر پۈتەر دەپ ئۇزاق زامان كۈتتۈم،لېكىن تا ھازىرغىچە بۇ جەھەتتە يېتەرلىك بىر خىزمەت ئىشلەنمىدى.شۇنىڭ بىلەن ﷲ سۆيەر بىرقانچە دوستلىرىم بىلەن مەسلىھەت قىلىپ ئۇشبۇ ئۇلۇغ خىزمەتكە تۇتۇش قىلماقچى بولۇشتۇق،لېكىن بىزنىڭ ئەرەبچىدىن خەۋرىمىز بولمىغاچقا،ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى تەرجىمە قىلغان "ياخشى كىشىلەرنىڭ باغچىسى"ناملىق كىتابنى ئۆزىمىزنىڭ ماتېرىيال مەنبەسى قىلماق ئۈچۈن تاللىدۇق،شۇنىڭ بىلەن ئىش باشلاشتىن ئىلگىرى ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزىدىكى قېرىنداشلار بىلەن ئالاقىلىشىپ ئۇلارنىڭ رۇخسىتىنى ئالدۇق ۋە ﷲنىڭ ئىلتىپاتى بىلەن بۇ خىزمەتنى قولىمىزدىن كېلىشىچە سۈپەتلىك قىش ئۈچۈن تىرىشتۇق، گەرچە قولىمىزدىن كېلىشچە تىرىشقان بولساقمۇ،لېكىن بىلىم سەۋيىمىزنىڭ تۆۋەن بولىشى، تىرشچانلىقىمىزنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بۇ دېتالنى تەرجىمە قىلىپ تەييارلاش، رەتلەش جەريانىدا يەنە نۇرغۇنلىغان مەسىلىلەر ساقلانغان بولىشى مۇمكىن,شۇڭا قېرىنداشلارنىڭ ساقلانغان مەسىلىلەرگە قارتا قىممەتلىك تەكلىپ-پىكىرلەرنى بېرىشلىرىنى تۆۋەنچىلىك بىلەن سورايمىز،ھەمدە بۇ دېتالنىڭ سىلەرنىڭ قىممەتلىك ھاياتىڭلاردا ياخشى بىر يول باشلىغۇچى ۋە ياردەمچى بولۇپ قېلىشنى ئارزۇ قىلىمىز.
ئاخىردا ﷲنىڭ ھەر بىر ياخشى ئىش قىلغۇچى بەندىسى قاتاردا بىزنىڭ بۇ ئەملىمىزنى قوبۇل قىلىشىنى،شۇنداقلا قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بۇ دېتالدىن ھەر بىر پايدىلانغان ۋە ئوقۇغان ۋاقىتلىرىدا مۇشۇنداق ئېسىل ھىكمەتلەرنى بىزلەرگە مىراس قالدۇرغان سۆيۈملىك پەيغەمبىرىمىز موھەممەد مۇستاپا ئەكرەم سەللەلاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ نامىدا شۇنداقلا مۇشۇ كىتاپنى يېزىش ئۈچۈن ئەجىر قىلغان مىھنەتكەش ئۇستازلىرمىز ئىمام نەۋىۋى،ئىمام مۇسلىم،ئىمام بۇخارى قاتارلىق ئۇستالارنىڭ نامىدا ھەمدە ئۇيغۇر تەرجىمە گۇرۇپپىسىدكى قېرنداشلار ۋە بىزلەرنىڭ نامىمىزدا خەيرلىك دۇئا قىلىپ قويۇشلىرىنى ئۈمىد قىلىمىز.
مۇھەممەد ئەلى باشچىلىقىدىكى دەستۇر ئۇيغۇر ئىجادىيەت گۇرۇپپىسىدىن.(بۇ گۇرۇپپا بولسا مۇشۇ ئىشنى تۇنجى قىلىش مەقسىتىگە بىر يەرگە توپلانغان دوستلارنىڭ بىر يەرگە جەم بولىشى بىلەن قويۇلغان بولۇپ تېخى ھىچ بىر ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقارماي تۇرۇپلا مۇشۇنداق نامنى قويۋالغانلىقىمىزنى مەسخىرە قىلماسلىقىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز،لېكىن ﷲ خالسا بىز دېنىمىمىزنى، مىللىتىمىزنى سۆيۈشتە ھەقىقەتكە مەھكەم ئېسلىپ مېڭىشتا دەس تۇرغۇچىلارمىز!بىز ئۇلۇغ دەستۇرمىز قۇرئانغا ئەمەل قىلشتا دەس تۇرغۇچىلارمىز! بىز ﷲنىڭ كالامى ۋە سۈننىتى مۇھەممەدىيەنى مىللىتىمىزگە يەتكۈزۈشتە دەس تۇرغۇچىلارمىز! )
2013-يىلى 2-ئاينىڭ 17-كۈنى .
دېتال يوللانغان ئەسلى ئادرىس:
http://alip.biz/thread-7457-1-1.html
ئەسكەرتىش:ئالىپ توردىن ئۇلانما قىلىندى.
دېتالدىن بىرقانچە كۆرۈنۈش:
7 كۈن ئالدىدا چىقىرىش
چۈشۈرۈش (199.73 KB)
7 كۈن ئالدىدا چىقىرىش
چۈشۈرۈش (108.06 KB)
7 كۈن ئالدىدا چىقىرىش
چۈشۈرۈش (101.65 KB)
7 كۈن ئالدىدا چىقىرىش
چۈشۈرۈش (105.06 KB)
7 كۈن ئالدىدا چىقىرىش
چۈشۈرۈش (235.85 KB)
7 كۈن ئالدىدا چىقىرىش
چۈشۈرۈش (219.29 KB)
7 كۈن ئالدىدا چىقىرىش
چۈشۈرۈش (52.18 KB)
7 كۈن ئالدىدا چىقىرىش
چۈشۈرۈش (221.66 KB)
7 كۈن ئالدىدا چىقىرىش
چۈشۈرۈش (215.96 KB)
7 كۈن ئالدىدا چىقىرىش
چۈشۈرۈش (215.81 KB)
7 كۈن ئالدىدا چىقىرىش
چۈشۈرۈش (104.77 KB)
7 كۈن ئالدىدا چىقىرىش
چۈشۈرۈش (6.19 KB)