ھەسرەت
مەن بىر توي قىلىپ ئاجراشقان ئايال، بۇ يىل 20 ياشقا كىردىم. بىر قىزىم بار. تۇنجى نىكاھىم ئاتا-ئانامنىڭ ئۇرۇنلاشتۇرىشى بىلەن ئۆزۈم كۆڭلۈم يوق بىرى بىلەن باشلانغان ئىدى. بىر مەزگىل خۇشال-خۇرام بەختلىك ياشىدۇق. بىر قىزغا ئاتا-ئانا بولدۇق. لىكىن ھاياتنىڭ كۈلكىسىدىن يىغىسى كۆپ بولىدىكەن. گەرچە يولدىشىم بىلەن مۇناسىۋىتىم ياخشى بولسىمۇ لىكىن قېينانامنىڭ يوق يەردىن ئىش چىقىرىپ يولدىشىمغا ئەسكى كۆرسىتىشىلىرى بىلەن ئەر-ئايال ئىككىمىزنىڭ مۇناسىۋىتى يىرىكلىشىشكە باشلىدى. بولمىسىغۇ قېينانامنى ئۆز ئانامدەك كۆرۈپ خىزمىتىنى قىلاتتىم. ئۇنى رازى قىلىشقا تىرىشاتتىم. ئەمما قېينانامنىڭ نىمە سەۋەپتىن مىنى بۇنچە ئۆچ كۆرىدىغانلىقىنى ھېچ بىلمەيتتىم.
بىز ئاخىرى ئاجرىشىپ كەتتۇق، مىنىڭ كۈچلۈك تەلىپىمگە ئاساسەن قىزىمىزنى ئۆزۈم بېقىپ تەربىيلەيدىغان بولدۇم.
ئۇ مىنىڭ تۇنجى نىكاھىم بولغاچقا بىر مەزگىل بەكمۇ پەرىشان يۈردۈم، قىزىمنىڭ تىرىك يىتىم بولغانلىقىدىن يۈرىكىم ئۆرتىنەتتى. قىزىمنى تەربىيلىگەچ ئاتا-ئانامنىڭ يېنىدا يېرىم يىلدەك ئولتۇردۇم. كىيىنچە قىزىمنى ئۆيدىكىلەرنىڭ يېنىدا قۇيۇپ قۇيۇپ بىر تاللا دۇكىنىدا ئىشلىدىم.
ئائىلەمدىكىلەرنىڭ شارائىتى ياخشى بولغان بىلەن ئۇلار بىلەن ھەمىشە بىللە ئولتۇرىۋىرىشكە يۈزۈم چىدىمايتتى. مىنى بېقىپ چوڭ قىلدىڭلار، ئەمدى بالام ئىككىڭلارنىمۇ بېقىڭلار دىيىشكە خىجىل بولاتتىم. باشتا دادام تاللا بازىرىدا ئىشلىشىمگە قارشى چىققان بولسىمۇ لىكىن مىنىڭ چىڭ تۇرىشىم ھەم ئۆيدە ئولتۇرىۋىرىپ بەك بۇرۇقتۇرما بوپ كەتتىم دىيىشلىرىمگە قاراپ قۇشۇلدى.
تاللا دۇكىنىدا مەندىن باشقا يەنە تۆت-بەشتەك قىز بارئىدى. مىنىڭ كومپيۇتېر ھەم خەنزۇتىلىنى راۋان ئىشلىتەلەيدىغانلىقىمنى كۆرۈپ تاللا بازىرى خۇجايىنى مىنى پۇكەيدە پۇل ئېلىشقا ئۇرۇنلاشتۇردى.
شۇ ۋاقىتلاردا مىنىڭ مۇھەببەتتىكى ئىككىنچى قېتىملىق بەختسىزلىكىم مۇشۇ يەردىن باشلىنىدىغانلىقىنى پەقەت ئويلاپ باقمىغان ئىكەنمەن.
تاللا بازىرىدا بەزى كۈنلىرى خىرىدار يوق بىكار ئولتۇرۇپ قالاتتۇق، بەزىدە بەك ئالدىراش بوپ كىتەتتۇق. بۇ يەردىكى كومپيۇتېر ئىنتىرنىت تورىغا ئۇلانغان ئىدى. بىكار ۋاقىتلاردا مۇنبەر كۆرەتتىم. ھىكايە، شېئىرلارنى ئۇقۇيتتىم. شۇ ۋاقىتقىچە QQ دىگەن نەرسىنى ئىشلىتىپ باقمىغان ئىدىم. شۇ ۋاقىتلاردا بىر تۇنۇشۇمنىڭ تەۋسىيەسى بىلەن QQ ئىشلىتىشكە باشلىدىم.
باشتا QQ غا بىرەرسىنىمۇ قوشمىدىم، تۇنىشىدىغان قىزلارنىلا قاچىلاپ ئىشلەتتىم.
بىركۈنى بىكارچىلىقتا زىرىكىپ ئولتۇرسام QQ قۇشۇلۇش ئىلتىماسى كەلدى. ئارخىپىغا قارىسام 24 ياشلاردىكى بىر شەھەرلىك يىگىت ئىكەن. ئۇنىڭ قۇشۇلۇش ئىلتىماسىنى قۇبۇل قىلدىم. كەينىدىن ئۇنىڭدىن خەت كىلىشكە باشلىدى.
-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ياخشىمۇ سىز؟
-ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، خۇداغا شۈكرى ياخشى. سىزچۇ؟
-خۇداغا شۈكرى مەنمۇياخشى.
-ۋاقتىڭىز بولسا پاراڭلاشساق بۇلامدۇ؟
-....
ئۇنىڭ بىلەن بىردەم پاراڭلىشىش ئارقىلىق ئۇنىڭ بىلەن تۇنۇش چىقىپ قالدىم، ئۇمۇ مىنى تۇنۇيتتى، قارشى تەرەپنىڭ ئىسمى مۇرات بولۇپ مەركىزى شەھەردىكى مەلۇم بىر ئونۋىرسىتتا ئۇقۇيتتى. بۇ تاسادىپىيلىقتىن ئۇچرىشىپ قېلىشتىن ئىككىلىمىز خۇشال بولدۇق.
شۇندىن كىيىن بىز پات-پاتلا پاراڭلىشىپ تۇرىدىغان بولدۇق،
ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ بىزنىڭ پاراڭلىشىدىغان ۋاقىتلىرىم تەبىئىي كۆپىيىشكە باشلىدى. بۇرۇن بىكار قالغان ۋاقىتلىرىمدا ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلاشقان بولسام ھازىر ئالدىراش ۋاقىت ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ ئۇنىڭغا خەت يازاتتىم.
بارا-بارا مەندە ئۇنىڭغا نىسپەتەن بىر خىل قىزىقىش پەيدا بولۇشقا باشلىدى. بەلكىم ئۇمۇ شۇنداق ھىيسياتتا بولسا QQ ئاچساملا QQ غا، بولمىسا تېلفۇنۇمغا ئۇچۇر يېزىپ تۇراتتى.
ئۇ بىر كۈنى ماڭا تەلەپ قويدى. ئۇنىڭدىن بۇ گەپنى ئاڭلاپ چۈچۈپ كەتتىم. گەرچە ئۇنىڭغا خېلىلا قىزىقىپ قالغان بولساممۇ لىكىن بىزنىڭ ئىشىمىزنىڭ ئاخىرى چىقمايدۇ دەپ ئويلايتتىم، چۈنكى مەن بىر توي قىلىپ ئاجراشقان ئايال، ئۇ بولسا تېخى توي قىلمىغان يىگىت ئىدى. مەن شۇلارنى ئويلاپ ئۇنى رەت قىلدىم. يەنىلا دوست بوپ ئۆتۈش تەكلىپىنى بەردىم. لىكىن ئۇ تەلپىمگە پەقەتلا قۇشۇلمىدى. مىنى چىن دىلىدىن ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقىنى، يەنە تۆت ئايدىن كىيىن ئۇقۇشى تۆگەيدىغانلىقىنى، ئۇقۇشى تۆگىگەندىن كىيىن ئۆيدىكىلىرىنى قايىل قىلىپ مەن بىلەن توي قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ماڭا ۋەدە بەردى. ئۇنىڭ تەلپىنى شۇ ۋاقىتتا كەسكىن رەت قىلغان بولساممۇ لىكىن ئۇنىڭ QQ ھەم يانفۇنۇمغا يازغان خەتلىرى، كەلگۈسى توغۇرلۇق بەرگەن ۋەدىلىرى مىنى ئۈمۈدلەندۈرۈپ قۇيىۋاتاتتى.
ئۇنىڭ بىلەن توي ئىشىمىزنىڭ ئەمەلگە ئاشمايدىغانلىقىنى كۆڭلۈم تۇيسىمۇ لىكىن يەنە بىر خىل ئۈمۈدنىڭ تۈرتكىسىدە ئۇنىڭ تەكلىپىنى قۇبۇل قىلدىم. بىز قىزغىن مۇھەببەت قاينىمىغا چۈكۈپ كەتتۇق. ئىش ۋاقتىدا QQ ، ئۇچۇر ئارقىلىق، پۇرسەت بولسا تېلفۇن ئارقىلىق كۈندە نەچچە قېتىم پاراڭلىشىپ تۇراتتۇق، ئاخشاملىرى سائەت 11-12 لەرگىچە مۇڭدىشىپ چىقاتتۇق. بارا-بارا ئۇنى بەكمۇ ياخشى كۆرۈپ قالدىم.
تۆت ئاي ۋاقىتمۇ شۇنداق ئۆتۈپ كەتتى. مۇرات ئۇقۇشىنى پۈتتۈرۈپ يۇرتقا قايتىپ كەلدى، ئۇ يۇرتقا كەلگەندىن كىيىن بىرەر ئاي توي توغۇرلۇق پاراڭلاشمىدۇق. كۈندە دىگۈدەك تېلفۇنلىشىپ تۇردۇق. ئىككى-ئۈچ كۈندە بىر كۈرۈشۈپ تاماق يىيىشتۇق.
بىرەر ئاي ئۆتكەندىن كىيىن ئۇ ئۆيدىكىلىرىگە توي ئىشمىزنى دىگەنلىكىنى، لىكىن ئاتا-ئانىسىنىڭ قۇشۇلمىغانلىقىنى، ئەمما ئۆزىنىڭ بار كۈچى بىلەن ئاتا-ئانىسنى قايىل قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەردى، مىنىڭ ئۇنىڭغا بولغان ئىشەنچىم تېخىمۇ ئاشتى.
مۇھەببەتنىڭ ماڭا ئاتا قىلغان سۆيگۈسىدىن ئەللەيلىنىپ تۇرغان ۋاقىتلىرىمدا ئۇنىڭ باشقا بىرى توي قىلماقچى بولغانلىقىنى ئاڭلىدىم. قۇلاقلىرىمغا پەقەت ئىشەنگۈم كەلمىدى. مۇراتقا تېلفۇن قىلسام تېلفۇننى تەستە ئالدى. ئۇنىڭدىن توي ئىشىنى سورىسام ئۇ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆزىگە باشقا بىر قىزنى تېپىپ قويغانلىقىنى، ئاتا-ئانىسىنى قايىل قىلالمىغانلىقىنى دېدى.
كۆز ياشلىرىم يىپى ئۆزۈلگەن مارجاندەك تۈكۈلۈشكە باشلىدى. ئەجىبا ئۇنىڭ بۇرۇن ماڭا بەرگەن ۋەدىلىرى، مىنىڭ ئۇنىڭغا قىلغان ئەقىدىلىرىم نىمىگە ھىساپ.
مەن ئۆز ۋاقتىدا ئۇنى رەت قىلسام ئۆزى ماڭا ئىشەنچ، ئۈمۈد ئاتا قىلغان، مىنى بۇرۇنقى بەختسىز تۇرمۇشىمنى ئۇنتۇلدۇرۇپ ماڭا قايتا بەخت ئاتا قىلغان ئىدى. لىكىن...لىكىن.....
توغرا، ئۇ توي قىلدى. بۇرۇنقى ۋەدىلىرىنى ئۇنتۇپ توي قىلدى، مىنى بەختكە ئىرىشتۈرمەكچى بولغان ئىدى، لىكىن مۇرات ئۇ بەختنى باشقا بىرىگە تەقدىم قىلدى. ئۇ،-ماڭا مەڭگۈ ئىشىنىڭ.-دىگەن ئىدى. لىكىن ئاخىرىدا ماڭا دۇنيادا ھېچقانداق بىر ئادەمنىڭ ئىشەنچىلىك ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈپ قويغان ئىدى. ھەم بۇدۇنيادا مەڭگۈ دەيدىغان ئۇقۇم بولغان بىلەن مەڭگۈلۈك ئىش يوقلىقىنى ھەم بۇ ئالەمنىڭمۇ مەڭگۈلۈك ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈپ قويدى.
مۇرات توي قىلىپ يىڭى تۇرمىشىغا تىزلا كۆنۈپ كەتتى، لىكىن مەنچۇ؟ مەن ھەر كۈنى يەنە ئەسلىمە ۋە ئازاپ ئىچىدە ياشاۋاتىمەن. مۇراتنى ھەم ئۆزۈمنى ئەيىپلەش بىلەن كۈنلىرىمنى ئۆتكۈزىۋاتىمەن.
نىمىشقا مۇرات ئىشەنچىسى يوق ئىشقا مىنى ئۈمۈدلەتدۈرىدۇ، ئىشەنچى يوق ئىشقا ماڭا ۋەدە بىرىدۇ. مۇرات ئەجىبا ئۆيدىكىلىرىنىڭ مىجەزىنى، ئۇلارنىڭ خاراكتىرىنى بىلمەمدۇ؟ مۇرات باشتىلا ئاتا-ئانىسىنىڭ مىجەزىنى بىلگەچكە بىزنىڭ ئىشىمىزغا ئۇلارنىڭ قۇشۇلماسلىقىنى پەرەز قىلىپ مىنى بۇ ئازاپقا قويماسلىقى كىرەك ئىدىغۇ. ئەجىبا مىنىڭ ئۇنىڭغا ئىشەنگىنىم، ئۇنى ياخشى كۆرگىنىم ئۈچۈن بۇ ئازاپلارنى تارتىشىم كىرەكمۇ؟
نىمىشقا مەنمۇ بۇرۇنلا ياخشى ئويلانمىدىم. مۇراتنىڭ مۇھەببىتىنى قۇبۇل قىلىشتىن بۇرۇن مۇراتنىڭ تېخى يىگىت ئىكەنلىكىنى، مىنىڭ بىر توي قىلىپ ئاجراشقان ھەم بىر قىزىممۇ بار ئايال ئىكەنلىكىمنى ئويلاشمىدىم. نىمىشقا چۇقۇم توي قىلىمىز قاراشتا بولۇپ كەلدىم. نىمىشقا! زادى نىمىشقا!؟
ھىكايىدىكى «مەن» نى ماڭا باغلىۋالماسلىقىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن. مەن تېخى توي قىلىپ باقمىدىم.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا شاتيار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-2-24 07:24 PM