مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 902|ئىنكاس: 9

كۆكتۈرك ۋە ئۇيغۇر تارىخىغا بىر نەزەر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91567
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 134
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 7 سائەت
تىزىم: 2013-2-12
ئاخىرقى: 2013-5-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-24 05:10:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

كۆكتۈرك ۋە ئۇيغۇر تارىخىغا بىر نەزەر[1]

ئا.ۋون. گابائىن

تۈركچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى يۈسۈپجان ياسىن

1- يايلاقتا ياشىغان كۆكتۈركلەر(642-742)

مىلادى 556- يىلى تۈرك نامى تۇنجى قېتىم تىلغا ئېلىنغاندىن بېرى تۈرك ئۇرۇقلىرى بەزىدە كۆچمەنلىكتىن ئولتۇراق شەكىلدىكى تۇرمۇشقا قەدەم قويۇش ئارقىلىق بىزنى ھاياجانلىق بىر سەھنە بىلەن ئۇچراشتۇردى. ھەربىي جەھەتتىن دائىم ناھايىتى چوڭ  نەتىجىلەرنى كۆرسەتكەن تۈركلەر بۇ باسقۇچلار جەرىياندىمۇ ناھايىتى پارلاق دەۋرلەرنى بېسىپ ئۆتتى.مىسال قىلىپ سەلجۇقلارنى كۆرسىتىشكە بولىدۇ، بۇلار كۆچمەن ھالەتتە ئانادولۇ(ئاناتولىيە)غا كېلىپ، قىسقا ۋاقىتتىلا مۇكەممەل شەھەر مەدەنىيىتىنى(كونيا قاتارلىق) ياراتتى. بۈگۈنكى كۈندە قازاقلارمۇ  يايلاقتىن ئاستا – ئاستا ئايرىلىپ شەھەرلەرگە قاراپ يۈزلىنىش ئارقىلىق ئۆزبەكلەر بىلەن مەدەنىيەت جەھەتتە رىقابەتلىشىشكە باشلىماقتا.

قەدىمدىن بېرى شىمالىي موڭغۇلىيەدە ياشىغان تۈركلەرمۇ بۇ خىل تۇرمۇشنى ئۆزگەرتكەن.   نىھايەت ئۆزىدىن بۇرۇن تارىم دەرياسى بويىدىكى شەھەرلەردە ياشىغان ھەر خىل مىللەتلەرنىڭ  مەدەنىيىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇنىڭ قوغدىغۇچىسىغا ئايلانغان. تۇرمۇش شەكلىدىكى بۇ خىل ئۆزگىرىشلەر ناھايىتى زور پېداكارلىق كۆرسەتكەندە ۋە ئېغىر قىيىنچىلىقلارغا بەرداشلىق بەرگەندىلا رۇياپقا چىقىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ خىل تۇرمۇش شەكلىنىڭ ئۆزلىكىدىن ئەركىن ھالدا ئۆزگەرمەيدىغانلىقى تارىخنىڭ تەبىئىي قانۇنىدۇر. بۇنىڭدىن بەلكىم ھېچقانداق بىر مىللەت ئۆز خائىشى بويىچە قېچىپ قۇتۇلالماسلىقى مۇمكىن.

ئىككى خىل ئارزۇ ئوتتۇرىسىدىكى سۈركۈلۈش مۇسبەت بىر نەتىجىنى يارىتىدۇ. ئازاپ  ئىنساننىڭ ئىچكى دۇنياسىدىن چىققان بۈيۈك ئىستەك ۋە مەقسەتلەرنى ئۇلغايتىپ، ئىنساننىڭ چۈشەنچىسىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ. بۇ خىل ئازاپلار ئىنساننىڭ خاراكتېرىنى كۈچەيتىدۇ. بەزىدە پىكىرنى ئەقلىمىز بىلەن چۈشىنەلمىگەندە ئۇنى قەلپتىن ئېتىلىپ چىققان تۇيغۇ بىلەن نامايان قىلالايمىز. ئەينى شەكىلدە ئازاپنىڭ ئىنساننىڭ روھىي قۇۋۋىتىگە بولغان تەسىرى بىلەن ئىنساننىڭ ھەرىكەت ۋە ئىنتىلىش كۈچى تېخىمۇ زورىيىدۇ. بۇ خىل ئاڭلىق قۇۋۋەت ئىنساننى بۇرۇنقىدىن تېخىمۇ جانلاندۇرىدۇ ۋە ئۇنى تېخىمۇ بۈيۈك مەقسەتلەرگە يېتەكلەپ مۇۋاپپىقىيەتكە ئېرىشتۈرىدۇ.

گەرچە خېلى كۆپ ئىنسانلار تارىختا بولۇپ ئۆتكەن ۋەقەلەرنى ئەھمىيەتلىك دەپ قارىمىسىمۇ، لېكىن تارىخىي ۋەقەلەرنىڭ ئەھمىيىتى ۋە قىممىتى ئۇنىڭ ئىنسانلارغا كۆرسەتكەن تەسىرىنىڭ چوڭقۇرلۇقى ۋە ئۇنىڭغا سەۋەپ بولغان ۋەقەلەرنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى بىلەن ئۆلچىنىدۇ. بۇ ۋەقەلەرنىڭ قىممىتى، بولۇپمۇ ئاخىرىدا بىر مىللەتنىڭ تەقدىرىگە كۆرسەتكەن پايدىلىق ياكى پايدىسىز تەسىرى، يەنى ئۇنىڭ ھايات-ماتاتلىق شەكلىنى ئېلىش مەسىلىسى مۇشۇنداق ۋەقەلەرنىڭ بىزنىڭ ھاياتىمىزدىمۇ ئوتتۇرىغا چىقىش ئېھتىمالىنىڭ مەۋجۇتلۇقى جەھەتتىن ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە. مەقسىتىم تۈرك ئوقۇرمەنلىرىگە بارلىق دەرس كىتاپلىرىدا مەۋجۇت بولغان قەدىمكى تۈرك تارىخىنى چۈشەندۈرۈش ئەمەس، بەلكى مەن جاسارەت كۆرسىتىپ يازماقچى بولغان چۈشەنچىلەر تۈركلەرنىڭ كۆچمەنلىك ھاياتىدىن ئولتۇراق ھاياتقا كۆچۈش دەۋرىدىكى بۇرۇلۇش نۇقتىسىنىڭ ئاساسلىق بەلگىلىرىنى ئىزاھلاش، تۈرك تارىخىنىڭ بۇ مەسىلىسىنى يېشىشكە تىرىشىشتىن ئىبارەتتۇر.

7- ئەسىردە شىمالىي موڭغۇلىيەدە ياشىغان بەزى تۈرك قەبىلىلىرى جۇڭگونىڭ شىمالىي چېگرىسى ئەتراپىغا كېلىپ، جۇڭگۇ ھۆكۈمىتىگە(تاڭ سۇلالىسىغا-ئۇ.ئا) قىسمەن بېقىندا ھالەتتە چېگرا قوغداش ۋەزىپىسىنى ئۆتىدى. جۇڭگونىڭ شىمالىي چېگراسى ئەتراپلىرىغا يەرلەشكەن بۇ تۈركلەر تامامەن تەشكىلسىز ئەمەس ئىدى. ئۇلارغا باش بولغان قوماندانلار خەنزۇلار تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغان كىشىلەر ئىدى. تۈركلەرمۇ خەنزۇلارغا بۇ ھوقۇقىنى تاپشۇرۇشقا مەجبۇر بولغانىدى. مەسىلەن، بۇ قوماندانلاردىن بىرى جۇڭگونىڭ ھازىرقى شەنشى ۋىلايىتىنىڭ شىمالىدا ئولتۇراقلاشقان ۋە بۇرۇندىن تارتىپ تۈرك قاغانىنىڭ ئائىلىسىگە مەنسۇپ بولغان قۇتلۇق دېگەن بىر شاد ئىدى. قۇتلۇق ئاخىرى چىداپ تۇرالماي مىلادى 681- يىلى قول ئاستىدىكى بىر  قانچە كىشى بىلەن سەدىچىننىڭ سىرتىدىكى يىنشەن تاغلىرىغا قاراپ قاچتى. بۇ مۇھىم ۋەقە ئەينى ۋاقىتتا خەنزۇلارغا ئىتائەت قىلىشنىڭ ئاخىرلىشىشى دەپ قارالغانلىقتىن قۇتلۇقنىڭ ئارقىسىدىنلا ئۇنىڭ بۇ جەسۇرانە ھەرىكىتىنى ھىمايە قىلغان بىر مۇنچە تۈرك ئۇرۇقىمۇ ئۇنىڭ يېنىغا قاچتى. بۇ ئۇرۇقلار  يىنشەن تاغلىرىنىڭ ۋادىلىرىدا خەنزۇلاردىن ئۆزىنى ناھايىتى ياخشى قوغداپ، كۈندىن كۈنگە زورايدى. خەنزۇلارغا ناھايىتى ساداقەت بىلەن خىزمەت قىلغان تۈرك قوماندانى، تەدبىرلىك بىلگە تونيۇقۇقمۇ قۇتلۇقنىڭ مىللىي غايىسىدىن ھاياجانلىنىپ، بۈيۈك بىر مىللىي تۇيغۇ ۋە تۈرك خانلىقىنى قايتىدىن قۇرۇش خوشاللىقى بىلەن ئۇنىڭغا قوشۇلدى.  تونيۇقۇق قۇتلۇق شادنى قاغانلىق ئورنىغا چىقىشقا تەۋسىيە قىلدى. ئەمدى، قۇرۇلماقچى بولغان يېڭى دۆلەتنىڭ تۇرمۇش شەكلى مەسىلىسى ئوتتۇرىغا چىقتى. بۇ، دۆلەتنىڭ قانۇن- نىزاملىرىنى جۇڭگودىن ئېلىش كېرەكمۇ -يوق؟ شەھەر قۇرۇش كېرەكمۇ-يوق؟ جۇڭگونىڭ دىنى(بۇددا دىنى-ئۇ.ئا)نى قوبۇل قىلىش كېرەكمۇ ياكى كۆچمەن ۋە يېرىم ئولتۇراق ھاياتنى ساقلاپ قېلىش كېرەكمۇ دېگەن مەسىلىلەردىن ئىبارەت ئىدى. تونيۇقۇق ئىككىلەنمەيلا قارارىنى چىقىرىپ، ‹‹تۈركلەر ئەجدادلىرىنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلى بويىچە ياشىشى كېرەك، جۇڭگو دىنى تۈركلەرگە ماس كەلمەيدۇ›› دېگەن پىكىردە بولدى. دەستلەپكى نىشان خەتەرلىك جۇڭگو چېگرىسىدىن ئايرىلىش ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار يىنشەن تېغىدىن چۇغاي تاغلىرىغا(بۈگۈنكى شىمالىي موڭغۇلىيەدىكى خاڭگاي تاغلىرى) چېكىنىپ، ئۇ يەردىكى قاراقۇرۇمدا قارارگاھ قۇردى.  

دەستلەپتە بۇلارنىڭ ئەتراپى دۈشمەنلەر بىلەن تولغانىدى. تونيۇقۇق ئەتراپىدىكى دۈشمەنلەرگە ئۇلار بىرلىشىۋېلىشتىن بۇرۇن ھۇجۇم قىلىش تەرەپدارى بولغاچقا دەرھال ھەرىكەت باشلىدى. ئالدى بىلەن شىمالدىكى ئوغۇزلارنىڭ ئۈستىگە يۈرۈش قىلماقچى بولدى. بۇ ئۇرۇش ئۆتۈكەن تاغلىرىدىكى يايلاقلاردا ناھايىتى قىيىن شارائىتلار ئىچىدە داۋام قىلدى. تۈركلەر تېز قارار  چىقىرىپ، تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلغانلىقى ئۈچۈن سان جەھەتتە ئۆزىدىن نەچچە  ھەسسە كۆپ بولغان دۈشمەن ئوغۇزلارنى مەغلۇپ قىلدى. بۇ غەلىبىنىڭ خەۋىرى تارقىلىشى بىلەن تەڭلا شەرتسىز ھالدا تۈركلەرگە قېتىلماقچى بولغان باشقا بىر مۇنچە تۈرك قەبىلىلىرىمۇ ئۆتۈكەنگە توپلاندى. چۈنكى ئۆتۈكەن يايلىقى تا قەدىمدىن بېرى تۈرك ئەنئەنىسىدە مۇقەددەس تۇپراق ھېساپلىناتتى. دۆلەت بۇ مۇشۇ يەردىن ئىدارە قىلىناتتى. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ تونيۇقۇق ئەڭ ئاۋۋال بۇ يەرنى ئىگەللەش ئىستىكىدە بولغان. ئۆتۈكەن تاغلىرىدا يىلتىز تارتقان تۈرك دۆلەتچىلىك روھى ئۇنى بۇ غەلىبىگە ئېرىشتۈرەتتى، دۆلەتنى قوغداپ، ئۇنىڭ ئامانلىقى ۋە تەرەققىياتىغا كاپالەت قىلاتتى.

ئاتلىق كۆچمەنلەر يايلاقتا ئۆز ئالدىغا ھۆكۈم سۈرگەن مەزگىلدە ئۇلارنىڭ ئېھتىياجىنى تولۇق قامدىغان يايلاق بۇ مىللەتلەر قوشنىلىرىغا ھۆكۈمرانلىق قىلماقچى بولغان مەزگىللەردە بۇنىڭغا ئاجىزلىق قىلاتتى. ئەتراپتىكى تاغلارنىڭ دۈشمەن كىرەلمەيدىغان ۋادىلىرىدا چارۋا- ماللارنى بېقىش ۋە قوغدىنىش ئىمكانىيىتى بولغاچقا، بۇ تاغلار ئىقتىسادىي جەھەتتىن مۇھىم بولۇپلا قالماي، يەنە ھاياتلىق مەسىلىسىگە پايدىلىق ئىدى. شۇڭا، ئۇ يەرلەردىكى ھاكىمىيەتنى   قەتئىي قولدىن بېرىشكە بولمايتتى.

جەنۇپتىن خاڭگاي تېغى، شىمالدىن تاڭنۇ-ئولا بىلەن قورشالغان ئۆتۈكەن يايلىقى تەبىئىي شەكىللەنگەن ئېگىز بىر قەلئەگە ئوخشايتتى. يايلاقنىڭ بۇ ھالىتى مۇداپىئەنى ئاسانلاشتۇرغىنىدەك، ئاشۇ يەردە ھۆكۈمران بولغان كۈچنىڭ نوپۇزى ۋە تەسىرىنى ئەتراپقا كېڭىيتىشىگىمۇ قولايلىق يارىتاتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ تاغ باشقا بارلىق  قەبىلە ۋە مىللەتلەر ئۈچۈنمۇ دائىم مۇھىم بىر دۆلەت مەركىزى، يازدا ناھايىتى ياخشى يايلاق، خەتەرلىك ۋاقىتلاردا مۇكەممەل بىر قوغدىنىش يېرى  ھېساپلىناتتى.

ئۆتۈكەن تېغىنىڭ بۇ پەۋقۇلئاددە شارائىتى بۇ يەرنى تارىختا ناھايىتى چوڭ ئەھمىيەتكە ئىگە قىلدى ۋە تۈركلەردىمۇ بۇ تاغنى قۇت ئوچىقى ۋە مۇقەددەس روھنىڭ  ماكانى دەيدىغان قاراشنى پەيدا قىلغان. پروفېسسور نىكولاي پوپپې ‹‹ئۆتۈكەن›› سۆزىنىڭ موڭغۇلچىدا ‹‹يەر ئىلاھى›› دېگەن مەنىدە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ تاغدىكى يايلاقلارنىڭ بىرىسىنىڭ قولىدىن يەنە بىرىسىنىڭ قولىغا ئۆتۈشى پەقەت تۇيۇقسىز قوزغالغان بىر ھوجۇم بىلەن مۇمكىن بولاتتى. تونيۇقۇق بۇ تاغنى ئوغۇزلاردىن ئۇلارنىڭ كۈچى ھەققىدە توغرا مەلۇماتقا ئىرىشمەي تۇرۇپ پەقەت تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىش ئارقىلىق تارتىۋالغىلى بولىدىغانلىقىنى چۈشىنىپ، ھۇجۇمنى دەل ۋاقتىدا قىلغان. شۇنىڭ بىلەن تۈركلەر ئۆتۈكەن تېغىنىڭ يايلاقلىرىدا ماكانلاشقان. ھۆكۈمدارىنىڭ ئۇنۋانى ‹‹ئىلىگ›› دەپ ئاتالغان. بۇ سۆز ‹‹ئىلنىڭ، خەلقنىڭ رەھبىرى›› دېگەن مەنىدە ئىدى. ھۆكۈمدارنىڭ ئوردىسى يەنى قارارگاھى ئۆتۈكەننىڭ مەركىزىدىكى ئېگىز بىر يەرگە قۇرۇلغان. شۇڭا، بۇ ئوردىغا ‹‹ئۆرگۈن›› دېگەن نام بېرىلگەن. ئورۇن جەھەتتىن مۇشۇنداق ئېگىز بىر يەر تېپىلمىغاندا، مەخسۇس ئېگىز جايدىن بىرنى ھازىرلاشقا توغرا كېلەتتى. ئۆرگۈننىڭ ئەتراپى چىت، يەنى رېشاتكا بىلەن قورشىلاتتى. ئۆرگۈننىڭ ئالدىغا بەلگە(بەلگۈ) سۈپىتىدە بىر تۇغ قادىلاتتى. ھۆكۈمەتنىڭ بارلىق قارارى مۇشۇ ئورۇندىن يۈرگۈزىلەتتى.

بۇ مۇقەددەس مەركەزدە ئۈچ روھقا چوقۇنۇش بار ئىدى. بۇ كۆك تەڭرىسى، يەر سۇ(يەر ۋە سۇ تەڭرىسى) ۋە ئەجدادلارغا چوقۇنۇش ئىدى. بۆرىنى مۇقەددەس بىر ھايۋان سۈپىتىدە  تونۇيتتى. بۇ ھايۋانغا مۇقەددەسلىك بېغىشلانغاچقا، قورقۇش ۋە ھۆرمەت يۈزىسىدىن ئۇنى بۆرە دېيىشنىڭ  ئورنىغا قۇرت(كىچىك بىر ھاشارەتنىڭ ئىسمى) دېگەن نام بىلەن ئاتىغان.

يوغ، يەنى ئۆلگەنلەر ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىم بەلكىم ئۆتۈكەن تېغىدىكى يايلاقلاردا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇشى مۇمكىن. ئۆلۈكنى يەر ئاستىغا تاشتىن  مۇنتىزىم بىر شەكىلدە ياسىغان گۆرگە دەپنە قىلاتتى، گۆرنىڭ ئۈستىگە توپا دۆلەپ ئېگىزلىكى بىر قانچە مېتىر(تۆت –بەش مېتىر) كېلىدىغان بىر قەبرە ياسىلاتتى. بۈيۈك قەھرىمانلارنىڭ قەبرىسى ئالدىغا ‹‹بالبال›› دەپ ئاتالغان ئىنسان ھەيكىلى تۇرغۇزىلاتتى. بالباللار مەغلۇپ بولغان ياكى ئۆلتۈرۈلگەن دۈشمەننىڭ ھەيكىلى ئىدى. بۇنىڭ مەنىسى بۇ دۇنيادا مەغلۇپ قىلىنغان بىر دۈشمەن ئۇ دۇنيادىمۇ غالىپ كەلگۈچىگە خىزمەت قىلىشى كېرەك،  دېگەنلىك بولاتتى. بەزى بالباللار ھەتتا ئۆلۈپ كەتكەن دوستلارغىمۇ ھەدىيە قىلىناتتى. ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى بۇ غەلىبىگە ئىشتىراك قىلمىغان بولسىمۇ، ئۇ دۇنيادا مەغلۇپ بولغۇچىنىڭ خىزمىتىدىن پايدىلىنىدۇ دەپ قارىلاتتى. كېيىنچە قەبرە ياسىغاندا خەنزۇلارنى تەقلىد قىلىدىغان بولدى، ھەتتا ئۇلاردىن سەنئەتكارلار كەلتۈرۈلدى.  

قىشلىق قارارگاھلاردىمۇ دۆلەت ئىدارە قىلىشنىڭ تەدبىرلىرى تۈزۈلەتتى. قاراقۇرۇم مەشھۇر قىشلىق قارارگاھلاردىن بىرى ئىدى.

تۈركلەر ناھايىتى سوغۇق قىشلاردىمۇ چېدىرلاردا ياشايتتى. پەقەت 730-731- يىللاردا ‹‹ماكا قورغان›› دېگەن بىر قەلئەدە قىشنى ئۆتكۈزگەن. بۇ ئەھۋالمۇ قىشنى قەلئەلەردە ئۆتكۈزۈشكە  كۆنگەن تۈركلەر تەرىپىدىن ئادەتتە چەكلەنگەن بىر ھەرىكەت سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنىپ، ئاپەت باسقان ۋە چېدىردىن ئايرىلىشنىڭ جازاسىنى تارتقان يىل دەپ قارالغان بولۇشى مۇمكىن.

ئۇرۇشلار ئومۇمەن يازدا ئېلىپ بېرىلاتتى. رەسمىي ئورۇشنىڭ ئورنىغا بەزىدە ھېيلە ئىشلىتىش ئارقىلىق دۈشمەننىڭ ئايال ۋە بالا- چاقىلىرىنى، چېدىر ۋە مال- چارۋىلىرىنى قولغا چۈشۈرۈشتەك بۇلاڭچىلىققا مۇراجىئەت قىلىدىغان ئەھۋاللارمۇ بولغان. بۇنىڭدا مۇۋاپپىقىيەت قازانسا، دۈشمەنگە مەغلۇپ بولۇش ۋە غالىپلارغا باش ئىگىشتىن باشقا چارە قالمايتتى. يايلاقتا بولغان ئۇرۇشلار كۆپ تىلغا ئېلىنمايدۇ. كۆپىنچە ئۇرۇشلار تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىش ئىمكانىيىتى بولغان تاغلاردا ئېلىپ بېرىلاتتى. ئاياللار ۋە بالىلار تۇرىدىغان چېدىرلار( يەنى ‹‹ئەب››لەر) قارارگاھنىڭ مەركىزىدە ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ ئەتراپىدىن بىراز يىراقتا قۇرۇلغان بولۇشى كېرەك. ھۆكۈمدارلارنىڭ ئاياللىرى بەلكىم ئايرىم ۋە مۇستەقىل بىر ئۆي باشقۇرۇش ھوقۇقىغا ئىگە بولغان بولۇشى مۇمكىن. ئاياللار ئومۇمەن ھۆرمەتكە سازاۋەر بولۇپ، خېلىلا مۇستەقىل ھايات كەچۈرەتتى.

بايلىقنىڭ ئاساسىي مەنبەسىنى چارۋا پادىلىرى تەشكىل قىلاتتى. بۇنىڭغا ئۇرۇش ئولجىلىرىنىمۇ قوشۇمچە قىلىشقا بولىدۇ. يات شەھەرلەرنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىش تەنتەربىيە ياكى ئويۇن ئورنىدىكى كۆڭۈللۈك بىر ھەرىكەت ئىدى. بۈگۈنكى مانجۇرىيەدىن تۆلەم تۆلىتىش ياكى قىسمەن بۇلاڭ-تالاڭ قىلىش يولى بىلەن ئالتۇن-كۆمۈش كەلتۈرۈلەتتى.  جۇڭگودىن يىپەك ۋە ئاشلىق ئالاتتى. يىراقتىكى غەرپتىن(سەمەرقەند  ئەتراپلىرىدىن) سورتلۇق ئاتلار كەلتۈرەتتى.  ئېسىل تېرىلەرنىمۇ شىمال ۋە غەربىي شىمالدىكى قەبىلىلەر تەمىنلەيتتى.

ئۇرۇش قەھرىمانلىرى بىلەن ئاتلار ئوتتۇرىسىدا بىز تەسەۋۋۇر قىلالمايدىغان بىر ياخشى مۇناسىۋەت بار ئىدى. بۇ دەۋردىكى دىققەتنى تارتىدىغان بىر نوقتا سۈپىتىدە بىز قاغان ئائىلىسىگە مەنسۇپ ئايال ئىسىملىرىدىن بەكرەك ئات ئىسىملىرىنى بىلىمىز.

قۇتلۇق قاغان كېيىنكى كۆكتۈرك خانلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى، كۆچمەنلەر قەھرىمانى بولۇپ،  ‹‹ئىل تېرىش›› دېگەن ئىسمىدىنمۇ مەلۇم بولغىنىدەك، ئۆتۈكەن يايلاقلىرىدىن مىللىتىنى بىر يەرگە يىغىپ، مىلادى 692- يىلىغا قەدەر ئون يىل ھۆكۈم سۈرگەن. ئۇنىڭ تەخت ۋارىسى بولسا ئىنسى قاپاغان ئىدى. ھەر تۈرلۈك ئاغدۇرمىچىلىق بىلەن تولغان جۇڭگو سارىيىدا بۇ تۈرك قاغانىنىڭ قەتئىي ۋە تەسىرلىك بىر رولى بار ئىدى. بەزىدە ئۇ جۇڭگو سارىيىدا ھامى سۈپىتىدە بۇيرۇق بەرگۈچى بىر شەخستەك چۈشىنىلەتتى. جۇڭگو سارىيىغا قارىتا ياخشى نىيەتلىك بىر دوستەك كۆرۈنسىمۇ، ئۆز ئەسكەرلىرىنىڭ شىمالىي جۇڭگودىكى چېگرا شەھەرلىرىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىشىنى قەتئىي توسمىغان. چۈنكى، بۇلار شەھەر ھاياتىنى ھەر قانچە ياخشى كۆرمىسىمۇ، شەھەرنىڭ مەھسۇلات ۋە بۇيۇملىرىغا ئېھتىياجلىق بولغاچقا  بۇلاڭ- تالاڭدىن ۋاز كېچەلمەيتتى. قاپاغاننىڭ سىياسىتىنىڭ ئاساسىي نىشانى شەھەر ئەمەس بەلكى يايلاق ئىدى. ئۇنىڭ ئاساسىي مەقسىتى بۇمىن قاغان دەۋرىدىكىگە ئوخشاش شىمالىي ۋە غەربىي تۈركلەرنى بىر ھاكىمىيەت ئاستىغا توپلاپ بىرلەشتۈرۈش ئىدى. بۇ سىياسىي چۈشەنچىسى ئۇنىڭ تۈرك تارىخىدىكى ئورنىنى ناھايىتى يۇقىرى كۆتۈردى. ئۇ ناھايىتى توغرا ۋە قاتتىق تەدبىرلەر ئارقىلىق بۇ بۈيۈك پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان بولسىمۇ، بۇ مۇۋاپپىقىيەت ئۇنىڭغا پەقەت قىسقا ۋاقىتلا نىسىپ بولدى. قاپاغان قاغان بۇ  غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش جەرىيانىدا غەيرى بىر تۈركنىڭ خائىنلىق قىلىشى بىلەن مىلادى 716- يىلى ئۆلتۈرۈلدى.

قاپاغاننىڭ ئورنىغا ئۇنىڭ جىيەنى، يەنى قۇتلۇقنىڭ ئوغلى بىلگە تەختكە چىقتى. بىلگە قاغان قاپاغاننىڭ قاتتىق قوللىقىدىن ھەر تەرەپكە تارقىلىپ كەتمەكچى بولغان تۈرك ئۇرۇقلىرىنى ئۆزىگە قارىتىش ئۈچۈن ئۇلارنى ھەر جەھەتتىن خاتىرىجەم قىلىشقا مەجبۇر بولدى. ئالدى بىلەن ئوغۇزلار ۋە تاتارلارغا قارشى ئۇرۇشتا ئۆتۈكەن تېغىنى غەلىبىلىك ھالدا قوغدىدى. جۇڭگوغا تۇتقان سىياسەت ئۆزگەرگەنلىكى، يەنى بۇلاڭ- تالاڭ قىلىش ئاخىرلاشقانلىقى ئۈچۈن، بۇ مەملىكەت بىلەن دوستلۇق مۇناسىۋىتى قۇرۇلدى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە تۈرك تۇرمۇشىغا ‹‹شەھەر مەدەنىيىتى›› يەنىمۇ كۈچلۈك تۈردە كىرىشكە باشلىدى. مىلادى 734- يىلى بىلگە قاغان ئالەمدىن ئۆتتى. شۇنىڭدىن كېيىن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىر قانچە قاغان ھۆكۈم سۈرگەن بولسىمۇ، ئۈزۈلمەي داۋام قىلغان ھاكىمىيەت ماجراسى، قاتىللىق ۋە ئىسيان ھەرىكەتلىرى سەۋەبىدىن مىلادى 744- يىلى قاغان ئائىلەسى جۇڭگو سارىيىىغا قاچتى. شۇنىڭ بىلەن يايلاق ھاياتى ئاخىرلىشىپ شەھەر ھاياتى باشلاندى.

موڭغۇلىيەدە ياشىغان تۈركلەرنىڭ ئۈستىگە ئالغان ۋە ئورۇندىغان تارىخى ۋەزىپىسى مۇنداق : ئوتتۇرا ئاسىياغا تالاي ئەسىرلەردىن بېرى بىر مۇنچە مىللەتلەر ھۆكۈمرانلىق قىلغاندىن كېيىن 6- ئەسىردە بۇمىن قاغان بۇ كەڭ رايوننى پۈتۈنلەي تۈرك ھاكىمىيىتىگە تەۋە قىلدى. كېيىنكى تۈرك  خانلىقىنىڭ ھاكىمىيىتى يايلاقتا قۇرۇلغان بولسىمۇ، تۈرك قاغانلىرىنىڭ ئەجدادلىرى تەرىپىدىن تۈركلەرگە تەۋە قىلىنغان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئولتۇراق ھايات كەچۈرىدىغان يەرلەرنىمۇ  ئىلكىدە تۇتقاچقا، بۇ يەردە دۆلەتچىلىك، ھاكىمىيەت روھى ۋە مىللى خاسلىق  تېخىمۇ كۈچەيدى. تۈرك بولمىغان مىللەتلەرمۇ ئۇلارنى بۇ يەرنىڭ ‹‹ھەقىقىي ئىگىسى›› دەيدىغان چۈشەنچىگە كېلىپ، بۇلارنىڭ ھەرىكىتىنى توغرا دەپ قارىدى. قاپاغان قاغان تۈركلەرگە بۇ بۈيۈك تۈركچىلىك روھىنى سىڭدۇرۇپ، تېخى ئۆزىنىڭ تەسىرى ئاستىغا كىرمىگەن بارلىق تۈرك قەبىلىلىرىنى بىر يەرگە، بىر ھاكىمىيەت ئاستىغا توپلاشقا تىرىشتى. ئۇ بۇ سىياسىتىدە مۇۋاپپىقىيەت قازىنالمىغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ بۇ مەركەزلەشتۈرۈش تەشەببۇسى تارقىلىپ كېتىش ئالدىدا تۇرىۋاتقان تۈرك ئۇرۇقلىرىغا پۈتۈنلەي تەسىر قىلمىغان ئەمەس. ئۇنىڭ دەۋرىدىن ئېتىبارەن  ھەر قايسى تۈرك قەبىلىلىرىدە بىرلىك تۇيغۇسى ۋە بىر مىللەتكە مەنسۇپ ئىكەنلىكى ھەققىدىكى ئاڭ ئويغاندى. بۇ ئاڭنىڭ تەرەققىياتى نەتىجىسىدە يايلاقتا ۋە مۇقەددەس ئۆتۈكەندە تۈرك خاراكتېر ۋە خۇسۇسىيەتلىرى خېلىلا كۈچەيدى. بۇ خىل خاراكتېرنىڭ ساپلىشىشى بىلەن تۈركلەر كېيىنكى دەۋردىكى شەھەرلىشىش ھاياتىدا، باشقا مىللەتلەرگە قارشى مەيداندا زەئىپ بىر ئامىل سۈپىتىدە ئەمەس، بەلكى ئۆز ئۆزىنى تونۇپ يەتكەن كۈچلۈك بىر مىللەت ھالىتىدە ئوتتۇرىغا چىقتى، يات مىللەتلەر ئارىسىدا يوقىلىپ كېتىشتىن ئۆزىنى قوغدىيالىدى. ھەتتا ھەر خىل مىللەتلەر بىلەن تولغان شەھەرلەردىكى مەۋجۇت مەدەنىيەتنى قوبۇل قىلىپ، ئۇنى تۈركلەشتۈردى ۋە ‹‹تۈرك مەدەنىيىتى›› ئۈستۈنلۈكىنى ياراتتى.

يايلاق ۋە ئۆتۈكەن تاغلىرىدا ھۆكۈم سۈرگەن تۈركلەرنىڭ ۋارىسى ئۇيغۇرلار دۆلەت قۇرۇلغان دەستلەپكى چاغلاردىن ئېتىبارەن يايلاق ۋە شەھەر ھاياتىغا پۈتۈنلەي باشقا بىر تەرەپتىن يۈزلەندى ۋە ئۇنى ئوخشىمىغان ئۇسۇللار بىلەن ھەل قىلدى. شۇڭا، ئۇلارنىڭ دۆلىتى خېلىلا ئۆزگىچە بىر خۇسۇسىيەتنى نامايان قىلدى.

2- ئۇيغۇرلارنىڭ يايلاق ۋە شەھەر ھاياتى

تۈركلەر ئىچكى ئۇرۇش قىلىۋاتقاندا ئۇيغۇرلار قارلۇق ۋە باسمىللار بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ، كېيىنكى تۈرك خانلىقىنى يوقاتتى. تۈرك خانلىقىغا  مەنسۇپ بولغان ئۇيغۇرلار(ياكى ئابىدىلەردە تىلغا ئېلىنغان توققۇز ئوغۇزلار) نوپۇس جەھەتتىن كۆپ، تەشەببۇسكار، مەدەنىيەتكە يېقىندىن   كۆڭۈل بۆلىدىغان ۋە تىرىشچان ئىنسانلار ئىدى. بۇلار شەرقتە سېلېنگا دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنى، غەرپتە قوبدۇ بىلەن قورشالغان مۇھىم يەرلەردە ياشايتتى. باسمىللار بەشبالىق ئەتراپىدا، قارلۇقلار بولسا بالقاش كۆلىنىڭ شەرىقى تەرىپىدە ياشايتتى. مۇقەددەس ئۆتۈكەن تېغى، يەنى مۇقەددەس دۆلەت مەركىزى بۇ يەرگە يېقىن بولغانلىقتىن ئۇيغۇرلار بۇ جاينى تېزلا ئىشغال قىلىپ، ئىتتىپاقدىشى باسمىل ۋە قارلۇقلارغا نىسبەتەن ئېتىبارى ۋە نوپۇزىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈردى.

ئۇيغۇرلارنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى ناھايىتى ئاسانلا بىر تەرەپ قىلىندى. باسمىللارنىڭ رەئىسى ‹‹ئىدىقۇت›› دەپ ئاتىلاتتى. بۇ باسمىللار مىلادى 744- يىلى ئۇيغۇرلار بىلەن قارلۇقلارنىڭ بىرلەشمە كۈچى تەرىپىدىن يوقىتىلدى. ئۇلارنىڭ ئىلى، يەنى بەشبالىق ئەتراپلىرى پەقەت ئاشۇ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغا كەلگەندە  ئىشغال قىلىندى. ئاخىرىدا قارلۇقلارمۇ مۇقەددەس مەركەزدە يۈز بەرگەن شىددەتلىك ئۇرۇشلاردىن كېيىن شۇ خىل ئاقىۋەتكە دۇچ كەلدى. ئۇلار غەرپ تەرەپتە باشقا بىر ئەلنى قولغا كىرگۈزۈپ، ئاستا- ئاستا ئۆز ھاكىمىيىتىنى تەسىس قىلدى.   

ئۇيغۇرلار مىلادى 743- يىلىدىن ئېتىبارەن ئۆزىنىڭ پايتەختىنى ‹‹دەريا ۋە تاغلار ئاتىسى››غا، يەنى مۇقەددەس ئۆتۈكەن تېغى يايلىقىنىڭ تەبىئىي قەلئەسىگە يۆتكىدى. دەستلەپتە ئۇلار پەقەت غەرپتە ئالتايغىچە، شەرىقى شىمالدا بايقال كۆلىگىچە بولغان ئەللەردە ھۆكۈم سۈردى. ئۇيغۇر ھۆكۈمدارى كۈل بىلگە ئەمدى بۇرۇنقى ئۈنۋانى بولغان ‹‹ئەل تەبىر›› بىلەن كۇپايە قىلماي، ئۆزىنى ‹‹قاغان›› دېگەن ئۇنۋان بىلەن ئاتىدى. ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۆزىنى جۇڭگوغىمۇ تونۇتتى.

ئۇيغۇر قاغانلىرىنىڭ بارلىق ئۇنۋانلىرى تارىخقا ناھايىتى باغلىنىشلىق ئىدى. ف.ۋ.ك. مۈللېر 1920- يىلى ئىلان قىلىنغان بىر ماقالىسىدا (oje Ostas. Z. 314) ئۇيغۇر ھۆكۈمدار ئۇنۋانلىرىنىڭ قەدىمكى ھۇن دۆلەت ئەنئەنىسىگە ئاڭلىق ھالدا باغلانغانلىقىنى ئىسپاتلىغان. ‹‹شەنيۈ››(تەڭرىقۇت-ئۇ.ئا) دەپ ئاتالغان بىر ھۆكۈمدارى ئۆزىنى ‹‹كۆك ۋە يەردىن يارىتىلغان، كۈن ۋە ئاي تەرىپىدىن تەختكە چىقىرىلغان›› دەپ كۆرسەتكەن. ئۇيغۇر ھۆكۈمدارلىرىنىڭ ‹‹كۆك تەڭرىسىدىن، ئاي تەڭرىسىدىن  ياكى كۈن ۋە ئاي تەڭرىسىدىن قۇت تاپقان›› ، يەنى ‹‹كۈن ۋە ئاي تەڭرىسىنىڭ ئىنايىتى بىلەن قاغانلىق تەختىگە ئېرىشكەن›› دېگەنگە ئوخشاش ئۈنۋانلىرىمۇ ھۇن ئۈنۋانلىرىغا ئەينەن ئوخشايدۇ. بۇنىڭغا قوشۇمچە قىلىپ ھەر خىل سۆزلەرنى قوللانغان بولۇپ، بۇ ھۆكۈمدارنىڭ ھەقىقىي ئىسمىنى ئېنىقلاشتا ناھايىتى قىيىنچلىق پەيدا قىلماقتا. ئەسلىدە ئۇيغۇرلاردا بىر ھۆكۈمدار تەختكە چىققاندىن كېيىن ھۆرمەت يۈزىسىدىن ئۇنىڭ شەخسىي ئىسمى كۆپىنچە تىلغا ئېلىنمايتتى.

بۇ دەۋردە ‹‹قاغان›› ئۇنۋانى بۈيۈك ئىمپېراتورلۇق ئۇنۋانى بولۇشتىن قالدى. ئۇيغۇر قاغانى باشقا بىر تۈرك ئۇرۇقىنىڭ ھۆكۈمدارىغا ‹‹قاغان›› ئۇنۋانىنى بېرەتتى. بۇنىڭ ئورنىغا ئۇيغۇر قاغانى ئۆزىنىڭ قول ئاستىدىكى بىر ھۆكۈمدارنىڭ ئۇنۋانىنىمۇ قوللىناتتى. بۇ، ئۇنۋانى قوبۇل قىلىنغان ھۆكۈمدارنىڭ ۋە ئۇنىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ باشقۇرۇشىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى چۈشەندۈرەتتى. مەسىلەن، ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى كۈل بىلگەنىڭ تەخت ۋارىسى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىككىنجى قاغانى مەغلۇپ قىلىنغان باسمىل ھۆكۈمدارىنىڭ ئۇنۋانى ‹‹ئىدىقۇت›› دېگەن نامنى قوبۇل قىلغانىدى. يەنە ئۇ غەرپ تەرەپتىكى ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىگە تەھدىت سالغان قارلۇقلارنى مەغلۇپ قىلغاندىن كېيىن، ‹‹قارلۇق قاغانى›› دېگەن ئۇنۋاننىمۇ قوبۇل قىلغان. شۇنداقتىمۇ ئۇ يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغىنىدەك، قارلۇقلارنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ يىراق غەرپكە چېكىنىپ ئۇ يەردە خېلىلا چوڭ بىر خانلىق قۇرۇشىنى توسۇپ قالالمىغان.

ئۇيغۇرلار كېيىنكى تۈرك خانلىقىدىن ھەربىي تەشكىلىي تۈزۈم ۋە ئۇنۋانلارنى، ۋەزىرلىك  ئاپپاراتى ۋە ھازىرچە ۋەزىپىسى تازا ئېنىق يورىتىلمىغان بەزى ئەمەل –مەنسەپ قاتارلىق بىر مۇنچە دۆلەت مۇئەسسىسەسىنى ۋە ھاكىمىيەت چۈشەنچىلىرىنىمۇ ئەينەن قوبۇل قىلدى. ھەتتا تۈركلەرنىڭ ئاساسلىق دۈشمەنلىرىنىمۇ بەزى جەھەتتىن دۈشمەن دەپ قارىدى. مەسىلەن، مەركەزدە ھۆكۈمەت ئالماشقاندىن كېيىن، ئېغىر تۇرمۇش شارائىتى ئۆزگەرمىگەن قىرغىزلارغا قارشى ئۇيغۇرلارمۇ شىددەتلىك ئۇرۇشلارنى قىلىشقا مەجبۇر بولدى. بۇنىڭ ئەكسىچە جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەت كېيىنكى تۈرك خانلىقى دەۋرىدىكىنىڭ دەل ئەكسىچە باشتىنلا ياخشى باشلاندى. ئەمەلىيەتتە بۇ دوستلۇق ئۇيغۇرلارنىڭ كېيىنكى تۈرك خانلىقىغا بولغان دۈشمەنلىكى سەۋەبى بىلەن بىر ئەنئەنە شەكلىنى ئالغان. ئومۇمەن، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ دوستلۇققا مايىللىقى بار ئىدى. چۈنكى، بۇلاردا جەنۇپتىكى قوشنىلىرىنىڭ شەھەر ھاياتىغا قارىتا ئۆتمۈشتىكى مۇلاھىزىلەر قالمىغان.

مىلادى 746-يىلى كۈل بىلگەنىڭ ئورنىغا ئۇنىڭ ئوغلى بىلگە قاغان تەختكە چىقتى. بىلگە ئاۋۋال دۆلەتنى  مۇستەھكەملەش ئۈچۈن ئۇرۇش قىلىشقا مەجبۇر بولغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ دەۋرىدە دۆلەت خېلىلا يۈكسەلدى. تۈركلەر ئۈچۈن تەقدىر مەسىلىسى بولغان ‹‹يايلاقتا ياشاش كېرەكمۇ ياكى شەھەردىمۇ؟›› دېگەن سوئالغا ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ناھايىتى ئېنىق ھالدا ھەم يايلاقتا ھەم شەھەردە ياشاش كېرەك دېگەن شەكىلدە جاۋاپ بېرىلدى. ئۇيغۇر ئېسىلزادىلىرىنىڭ ئەۋلادلاردىن بېرى داۋام قىلىپ كەلگەن خەنزۇ ئاياللارغا ئۆيلىنىش ئەنئەنىسى شىمالنىڭ چېدىردە ياشايدىغان ئاھالىسىنى شەھەر ھاياتىغا  ئادەتلەندۈرۈپ، بۇنى ئومۇمەن مودىغا ئايلاندۇردى. ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ مەدەنىيىتىنى بۇرۇنقىدەكلا شەھەر ھاياتىنىڭ تەسىرىدىن قورقمىغىدەك دەرىجىدە كۈچلۈك دەب قاراپ خاتىرىجەم ئىدى. شۇڭا، شەھەر ھاياتىنىڭ مەدەنىيەت ۋە  پائالىيەت مەسىلىسىنى جىددىي تەدبىقلاشقا باشلىدى. سودا-تىجارىتىمۇ شەھەر ھاياتىنى قوبۇل قىلىشنى شەرت قىلاتتى. يات ئەللەرنىڭ ھەتتا ئەرەب سودىگەرلىرىنىڭ ئۇيغۇر قاغانىنىڭ يېنىدا ۋەكىللىرى بار ئىدى. ھەر تەرەپتىن كەلگەن ماللارنى، مەسىلەن شىمالىي ئەللەردىن  تۆلەم(خىراج) سۈپىتىدە ئېلىنغان قىممەتلىك ھايۋانلارنىڭ تېرىلىرى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ھەربىي ياردىمى ئۈچۈن ئۇلارنى خوش قىلىش مەقسىتىدە جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ‹‹ھەدىيە›› دېگەن نام بىلەن ئەۋەتكەن ئېسىل تاۋارلىرىغا ئوخشاش بەزى قىممەتلىك ۋە سورتلۇق ماللارنى ئۆزىنىڭ قولىغا توپلىغان باي ئۇيغۇرلارمۇ ئەمدىلىكتە تىجارەت قىلىشنى ئۆگەندى.

ئۇيغۇرلار يىلقىچىلىق ئىگىلىكىنى ناھايىتى كېڭەيتىش ئارقىلىق خەنزۇلار بىلەن بولغان سودىنى ئەڭ يۇقىرى باسقۇچقا كۆتۈرگەن. يات مىللەت ئاياللىرى بىلەن توي قىلىش شەھەر ھاياتىنى شەرت قىلغىنىدەك، تىجارەتمۇ ئومۇمەن شەھەر قۇرۇشنى مەجبۇرىي بىر ھالغا كەلتۈردى. چۈنكى، زور مىقداردا توپلانغان قىممەتلىك تىجارەت بۇيۇملىرىنى چېدىرلاردا ساقلاش ئىمكانسىز ئىدى. گ. رامستېدت نەشىر قىلدۇرغان ئابىدە تېكىستلىرىدىن خەنزۇ ۋە سوغدى بىناكارلىرىنىڭ مىلادى 758- يىلى بىلگە تەرىپىدىن باي بالىق شەھىرىنىڭ قۇرۇلۇشىغا  مەسئۇل قىلىنغانلىقى مەلۇم. بۇ شەھەر نامىنىڭ خەنزۇچە تەرجىمىسى ‹‹فۇ گۈيچېڭ››(富贵城) دەپ ئاتالغان. ‹‹چېڭ›› توپا مۇناسىۋەتلىك بىر خەت بولۇپ، ‹‹بالىق››تىكى ‹‹بال›› سۆزىنىڭمۇ ‹‹بالچىق›› سۆزىنىڭ يىلتىزى ئىكەنلىكىگە قارىغاندا، بۇ يەردە خام خىشتىن سېلىنغان ئۆيلەر ياكى ھېچبولمىغاندا خام خىشلىق سېپىل بىلەن قورشالغان بىر شەھەر سۆز تېمىسى بولسا كېرەك. بۇ ئەتراپلارنى كۆپ كەزگەن ئىككى موڭغۇلشۇناس گ.رامستېدت بىلەن ن.پوپپې باي بالىق شەھىرىنى سېلىنگا دەرياسىنىڭ بويىدا، ئورخۇن دەرياسىنىڭ سېلىنگا دەرياسىغا قۇيۇلىدىغان يېرىنىڭ شىمالىدا، بۈگۈنكى رۇسىيە چېگرىسىغا يېقىن بىر يەردە  قۇرۇلغان دەپ قارايدۇ. چۈنكى، شۇ ئورۇندا ھازىر قەدىمكى بىر شەھەرنىڭ خارابىلىرىدىن چىققان ماتېرىياللاردىن ‹‹باي بالىغىن سۈمە›› دەپ ئاتالغان بىر ئىبادەتخانا قۇرۇلغان. بۇ ئىبادەتخانا بەلكىم قەدىمكى باي بالىق شەھىرىنىڭ ئورنىدا بولۇشى مۇمكىن.  ئەجىبا بۇ شەھەر ئۇيغۇرلارنىڭ ۋە ئومۇمەن موڭغۇلىيەدە ياشىغان تۈركلەرنىڭ قۇرغان تۇنجى شەھىرىمۇ؟ ‹‹ئورخۇن ئابىدىلىرى››دە  توغلا دەرياسى(بۈگۈنكى كۈندە تۇغلا دەرياسى ئورخۇن دەرياسىنىڭ ئوڭ قول تارماقلىرىدىن بىرى) بويىدا ‹‹توغۇ بالىق›› دېگەن بىر شەھەر تىلغا ئېلىنىدۇ. بۇ شەھەر كىملەر تەرىپىدىن قۇرۇلغان ۋە ئاھالىسىنى كىملەر تەشكىل قىلغان؟ بۇ خۇسۇستا بىر نەرسە دېيەلمەيمەن. ماۋرەئۈننەھرىدىكى ‹‹قاتۇن بالىق›› شەھىرى  توغرۇلۇق بۇ يەردە سۆز ئېچىلمايدۇ. چۈنكى، غەرپتىكى ۋەقەلەر بۇ يەردە بىزنىڭ دىققىتىمىزنى تارتمايدۇ.  شەھەر قۇرۇشنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئەھمىيىتى بولسا ئۇلارنىڭ شەھەر مەدەنىيىتىنى قوبۇل قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرگەنلىكىدۇر. مۇشۇ ۋاقىتتىن ئېتىبارەن ئۇيغۇرلار بارغانسېرى شەھەر مەدەنىيىتىنى قوبۇل قىلىشقا باشلاپ، باشقا شەھەرلەرنىڭ، يەنى ئۆزىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا ئۆتكەن باشقا مىللەتلەرگە مەنسۇپ  شەھەرلىرىنىڭ ئېشەنچ ۋە ساداقىتىگە ئېرىشتى. بولۇپمۇ بۇ ئەھۋال شۇنىڭدىن كېيىن تەختتە چىققان ھۆكۈمدارلار دەۋرىدىمۇ داۋام قىلدى.  

مىلادى 755-763-يىللاردا جۇڭگو سارىيىدا ناھايىتى چوڭ ماجرالار يۈز بەردى. سارايدىن قوغلانغان جۇڭگو ھۆكۈمدارى ئۆز مەملىكىتىنىڭ غەربىي جەنۇب تەرەپلىرىدە ئايلىنىپ يۈردى. جۇڭگو خانى قەدىمدىن بېرى ‹‹ياۋايى›› دەپ بىلگەن ئۇيغۇرلاردىن ياردەم سوراشقا مەجبۇر بولغاچقا، بىر ئۇيغۇر خانى مىلادى 762- يىلى 11- ئاينىڭ 20- كۈنى چاڭئەننى ئىشغال قىلىپ، بۇ شەھەرنى ئۇنىڭغا قايتۇرۇپ بەردى.

ئۇيغۇرلار ھەربىي ۋەزىپىسىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىنمۇ يايلاققا قايتىشقا ئالدىرىمىدى. ئۇلار پايتەختنىڭ ئەتراپىغا قارارگاھلىرىنى قۇرۇپ، تىنچ ۋاقىتلاردا بۇ يەردە يەرلەشكەن يۇرتداشلىرى بىلەن ئالاقە  ئورنىتىپ، شەھەردىن ئېرىشىش مۇمكىن بولغان  پۈتۈن پايدىنى قولغا كەلتۈردى. بۇ مالىمانچىلىق ئىچىدە بىر مۇنچە ياتلار غالىپلارنىڭ ئىمتىيازىدىن پايدىلىنىش ئۈمىدى بىلەن ئۆزىنى ئۇيغۇر دەپ ئاتىدى. بۇ ۋەقەلەر نەتىجىسىدە ئاتالمىش يېرىمى خۇسۇسىي،  يېرىمى سىياسى ۋە ھەربىي ماھىيەتتىكى دۈشمەنلىك ھالىتى ئوتتۇرىغا چىقتى. نىھايەت ياردەمگە كەلگەن بارلىق ئۇيغۇر ئەسكەرلىرى، سودىگەرلەرنىڭ مۇھىم بىر قىسمى كۆپ ۋە قىممەتلىك سوغاتلارنى ئېلىش بەدىلىگە پايتەختتىن چىرايلىقچە ئايرىلدى. ئۇيغۇرلاردىن ئېرىشكەن ھەربىي ياردەم ئۈچۈن جۇڭگو ئىمپېراتورى تەشەككۇر بۇرچى سۈپىتىدە قاغانغا بىر خەنزۇ مەلىكىسىنى ياتلىق قىلىشقا ۋە ھەر يىلى يىگىرمە مىڭ توپ يىپەك رەخت ئەۋەتىشكە قوشۇلدى(بىر توپ يىپەك رەخت نورمال ئۆلچەمدە بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا پۇلنىڭ رولىنى ئوينىغان).

شۇنىڭ بىلەن، ئۇيغۇرلارنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان ئات سودىسى خېلىلا مەجبۇرى بىر شەكىلنى ئالدى. ئۇيغۇرلار خەنزۇلار بۇيرىتمىغان ئەھۋالدىمۇ ئۇلارغا ھەر يىلى 100 مىڭ ئات ئەۋەتىپ، بۇنىڭ بەدىلىگە بىر مىليون توپ يىپەك رەخت تەلەپ قىلاتتى. ئۇزۇنغا بارماي ئاتنىڭ باھاسىنى ئون توپ يىپەك رەختتىن  40 توپ يىپەك رەختكە چىقاردى. باھانىڭ ئۈستۈنلۈكى خەنزۇلارنىڭ شىكايەت قىلىشىغا سەۋەپ بولدى. ئۇلار ئىقتىسادىي دوكلاتلىرىدا ئات سۈپىتىنىڭ ناچارلاشقانلىقىنى كۆرسەتتى.  

بۇ جەرىياندا، يىراققا يۈرگۈچى قوشۇننىڭ تەركىۋىدىكى ئۇيغۇرلار چاڭئەندە بەزى مەدەنىيەت تەسىرىگە ئۇچراپ، يېڭى قىممەت ئۆلچەملىرىنى قوبۇل قىلدى. بۆگۈ قاغان ئۇ يەردە مانى دىنىنى يېقىندىن چۈشەندى. ئۇ جۇڭگو ئىمپېراتورىدىن مانى دىنى راھىپلىرىنى ئەۋەتىشنى ئۆتۈندى. بۇ راھىپلار مىلادى 762- يىلى ئۇيغۇر خانلىقىغا كەلدى ۋە شۇ يىلى قاغان مانى دىنىنى قوبۇل قىلىشقا دەۋەت قىلىندى. شۇ ۋاقىتقا قەدەر ئۇيغۇرلار بۇددىزم، نېستورى خرىستيانلىقى ۋە زەردۇشت دىنى قاتارلىق يات دىنلار ھەققىدە يۈزەكى چۈشەنچىگە ئىگە بولۇپ، بۇ دىنلارغا   قارىتا ئىپتىدائىي مايىللىقىنى بىلدۈرگەنىدى. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ مانى دىنىنىڭ رەسمىي قوبۇل قىلىنىشى بەزى قارشىلىقلارغا دۇچ كەلدى. مانى دىنىگە ناھايىتى ھاياجان بىلەن باغلانغان بۆگۈ قاغان ئولتۇراقلاش تۇرمۇش شەكلىدىكى يات مەملىكەتلەردىمۇ بۇ دىننىڭ ھامىسى بولدى. بۆگۈ قاغاننىڭ سايىسىدە جۇڭگو ھۆكۈمىتى ياڭزى جياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكى رايونلارغا قەدەر بولغان ھەر قايسى جايلاردا مانى دىنى ئىبادەتخانىلىرىنىڭ قۇرۇلۇشىغا رۇخسەت قىلدى. يىراقتىكى ماۋرەئۈننەھرىگە قەدەر ھەر يەردە مانى دىنى مۇرتلىرى بۆگۈ قاغاننىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشتى.

بۇ دەۋردىكى ئۇيغۇرلار دەبدەبە ۋە ھەشەمەتچىلىكنى ياخشى كۆرەتتى. بۆگۈ قاغان مۇراسىم ۋاقتىدا ئالتۇن تەختتە ئولتۇراتتى. ئۇ ئۇزۇن ۋاقىتتىن بېرى تۈرك ئەسكەرلىرىدە كۆرۈلگىنىگە ئوخشاش  پۇلات ياپراقچىلاردىن ياسالغان ساۋۇت  كېيەتتى. لېكىن ئۇنىڭ ساۋۇتى ناھايىتى زىننەتلىك ئىدى. پۇلات ياپراقچىلارنىڭ بىر بىرىگە تۇتاشتۇرۇلغان يېرىنىڭ قىرلىرى ئالتۇن بىلەن بىزەلگەنىدى. قولىدىمۇ بۇنىڭغا ئوخشايدىغان پەدازلانغان بىر بۇيۇمنى ئېلىپ يۈرەتتى. بۇ بىر قوغدىنىش قورالى بولۇشتىن بەكرەك زىننەت تەسىرىنى بېرەتتى. قاغاننىڭ باشقا تاقايدىغان زىننەت بۇيۇمى تاج ئىدى. باشقا ۋاقىتلاردا بېشىنى دوبۇلغىنىڭ ئىچىگە كىيدۈرۈلىدىغان ياغلىق بىلەن يۆگەپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئالتۇن دوبۇلغا كىيەتتى. خېلىلا ئېگىز بولغان دوبۇلغىنىڭ چوقىسى توپقا ئوخشاش يومىلاق ئىدى. ساۋۇتنىڭ ئۈستىگە قىزىل رەڭلىك بىر يەلما ئارتىپ، ئۇنى ئىككى تەرەپتىن باغلايدىغان بوغۇچ بىلەن بويۇنغا چېگىۋالاتتى.

مۇشۇ ۋاقىتتىن ئېتىبارەن ئۇيغۇرلار ئەدەبىيات بىلەنمۇ شۇغۇللىنىشقا باشلاپ، بوستانلىقلاردىكى يەرلەشكەن تۈركلەر بىلەن رىقابەتلىشىشكە قەدەم قويدى. بۇ دەۋردە ئۇيغۇرلارنىڭ قىمىزدىن باشقا تېرىقتىن ياسالغان بىر خىل ئىچىملىكىمۇ بار ئىدى.

مىلادى 790-795- يىللاردا، يەنى قۇتلۇق بىلگە دەۋرىدە بەشبالىق ئەتراپىدىكى قارلۇقلار بىلەن شىددەتلىك ئۇرۇشلار ئېلىپ بېرىلدى. شۇ ۋاقىتتا تىبەتلەرمۇ شەرقتىكى كەڭسۇ(گەنسۇ) ئۆلكىسىدە جۇڭگونىڭ يولىنى ئۈزۈپ تاشلاش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ قوچۇدىكى ھۆكۆمرانلىقىنى ئەھمىيەتسىز ھالغا چۈشۈرۈشكە ۋە ئۇلارنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان سودىسىنى ئۆزىنىڭ قولىغا كىرگۈزۈشكە ئۇرۇندى. نەتىجىدە تىبەتلەر بىلەن قانلىق ئۇرۇشلار بولدى. بۇ چاغدا ئۇيغۇرلار ھەر قايسى جايلاردا،  شەھەرلەردە تارقاق ھالدا ئولتۇراقلاشقانىدى. لېكىن، قوچۇدا يەنىلا ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان بىر ئۇيغۇر قەلئە بېگى بار ئىدى. چىنانكەنت دەپ ئاتالغان بۈگۈنكى قۇمۇلدا خانىدان ئائىلىسى بولغان ياغلاقار ئۇرۇقىغا مەنسۇپ بىر بەگ ھۆكۈمرانلىق قىلاتتى. مىلادى 800- يىلى ئۇيغۇرلار ‹‹تۆت توخرى››نى، يەنى قوچۇ، قاراشەھەر، بەشبالىق ۋە باشقا شەھەرلەرنى ئىشغال قىلدى. بۇ چاغدا ئۇيغۇرلار ئۆزىنى شەھەر  ھاياتىغا بەك ئاتىغاچقا، ئۇنىڭ ھەقىقىي  ئىگىسىگە ئايلاندى. ئۇيغۇرلار ئەمدى بۇرۇنقىدەك شەھەرنىڭ قورقۇنچلۇق ۋە مۇقەۋۋەت بولاڭچىلىرى ئەمەس ئىدى. ئۇلار ئولتۇراق ھاياتتىكى بوستانلىقلارنى ھەقلىق ھالدا ئۆزىنىڭ  تەسىرى ئاستىغا ئېلىپ، ئۇنىڭ مەدەنىيىتىدىن پايدىلىنىش ئارقىلىق شەھەرنىڭ ھەقىقىي ئىگىسى بولدى.

شىمال تەرەپتىن قىرغىزلارنىڭ ھۇجۇمىنى توسۇش ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بارغانسېرى قىيىنلاشتى. مەركەزنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ تاغلىق يۇرتىغا ھۇجۇم قىلىشقا مەجبۇر ئىدى. لېكىن، ئۇيغۇر سارىيىدا قاتتىق مالىمانچىلىق يۈز بەردى. ئۇنى مۇقەددەس ئۆتۈكەننىڭ روھى بىلەنمۇ بېسىقتۇرغىلى بولمىدى. ئەمەلىيەتتىمۇ يات دىن قوبۇل قىلىنغاندىن بېرى ئۆتۈكەننىڭ مۇقەددەسلىكىمۇ ئېتىبارىنى يوقاتقانىدى. قەدىمكى شامانىزم چۈشەنچىلىرى ئاللىقاچان ئۆزگىرىپ، رەڭگىنى يوقاتتى. بۇرۇن ‹‹ئۆلمەك›› سۆزىنىڭ ئورنىغا قوللىنىلغان ‹‹ئۇچماق›› دېگەن نامممۇ ئۇنتۇلۇپ كەتتى. ئۇيغۇرلارنى ئۆزىنىڭ مۈلكۈ بولغان تاغ يايلاقلىرىدىن بەكرەك شەھەرلەر دىققىتىنى تارتاتتى. ھەقىقەتەن، جىددى تەھدىتكە ئۇچرىمىغان يايلاقتىكى ھاكىمىيەتتىن باشقا، غەربىي جەنۇپتىكى شەھەرلەر ۋە ئۇ يەرلەردىكى بايلىقلارغا ئىگە بولغان تۇرۇغلۇق قىرغىزلارغا قارشى ئۇرۇش قىلىش ئارقىلىق ئۆز ھۆكۈمرانلىقىدىكى خەلقىنى تەھدىتكە ئۇچرىتىش كېرەكمىدى؟ ئېگىز قەلئە(ئۆتۈكەن)نى مۇداپىئە قىلىش ئەمدىلىكتە مۇھىم ئېھتىياج بولۇشتىن قالدى. شۇڭا، ئۇ ئانچە ئەھمىيەتلىك ھېساپلانمايتتى.  مىلادى 840- يىلى 100مىڭ كىشىلىك قىرغىز ئاتلىق قوشۇنى ئوردا بالىققا قەدەر بېسىپ كەلدى. ئۇيغۇر قاغانى قۇربان بولدى. ئۇنىڭ تەخت ۋارىسى ئۈمىدسىزلىككە چۈشۈپ ئوچۇق يايلاقتىكى ئۇرۇش مەيدانلىرىدا ئۆزىنى قوغداشقا تىرىشتى. بۇ ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولۇپ، ئالتايغا چېكىنگەندە ئۇمۇ ئۆلدى.  

مەغلۇپ بولغان ئۇيغۇر خەلقى ھەر تەرەپكە تارقىلىپ كەتتى. بۇ قېتىم ئۇلار تاغ قەلئەسىگە ئەمەس، شەھەرلەرگە چېكىندى. بۇلارنىڭ بىر قىسمى جۇڭگوغا كەتتى. ئۇلار ئۇ يەردە ئۇزۇنغا بارماي ئىستىقلالىنى، ئۇندىن كېيىن مىللىي مەۋجۇتلۇقىنى يوقاتتى. بىر قىسمى غەرپتىكى قارلۇقلاردىن پاناھلىق تىلىدى. كۆپ قىسمى تارىم ۋادىسىغا كېلىپ ئايرىم بىر دۆلەت قۇرۇشقا كىرىشمەي، ئۇ يەردە باشقا تۈرك ئۇرۇقلىرى بىلەن بىرلىكتە ياشاشنى داۋاملاشتۇردى. ئۇلارنىڭ كېلىشى ئاساسەن بۇرۇندىنلا مەۋجۇت بولغان ۋە شالاڭ ھالدا ئولتۇراقلاشقان تۈرك نۇپۇسنىڭ كۆپىيىشىگە، خەنزۇلار، ئىرانلىقلار ۋە ھىندىلارغا نىسبەتەن تۈرك مەدەنىيىتىنىڭ ئۈستۈنلۈكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا پايدىلىق بولدى.

سەنئەت تارىخى ئالىملىرى تۇرپان بوستانلىقىدا قەدىمكى توخارلار دەۋرىنىڭ ئاخىرلىشىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا تۈرك ئۇسلۇبىنىڭ يىلتىز تارتىشىنىڭ بۇ دەۋردە مەيدانغا كەلگەنلىكىنى تەخمىن قىلىشىدۇ. چۈنكى، بۇ دەۋردىن كېيىن توخار سەنئىتى كۆرۈلمەي، ئۇنىڭ ئورنىغا تۈرك سەنئىتى ئۆزىنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىنى كۆرسىتىشكە باشلىغان. شۇنىڭ بىلەن، ئۇيغۇرلار ئىسلامىيەت بىلەن رىقابەتلەشكەن دەۋرى ئارقىلىق موڭغۇل ئىستىلاسىغا قەدەر داۋاملاشقان تىنچلىق ۋە خاتىرىجەملىك دەۋرىنىڭ سەنئەت ئۇستازلىرى ۋە مەدەنىيەت قوغدىغۇچىلىرىغا ئايلاندى.

بىر نەرسە ئۇلار ئۈچۈن مەڭگۈلۈك يوقالدى. 9- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا قىرغىز خانلىقى قىتانلار تەرىپىدىن يوقىتىلدى. قىتانلار قوچۇ ئۇيغۇرلىرىغا قەدىمكى يۇرتىنى ۋە شىمالىي يايلاقلارنى ئىشغال قىلىش تەكلىپىنى بەردى. ئۇيغۇرلار بۇ تەكلىپنى رەت قىلدى. ئۇلار  بۇ چاغدا تامامەن ئولتۇراقلىشىپ، شەھەر- يېزا ئاھالىلىرىگە ۋە سودىگەرلەرگە ئايلانغانىدى. كۈچلۈك يايلاق شارائىتى بىلەن ئۇچرىشىشقا غەيرەت قىلالمايتى، چۈنكى، بۇ تۈركلەر تامامەن شەھەرلىشىپ بولغانىدى.



[1]  بۇ ماقالە ئەسلى ئا.ۋون .گابائىن خانىمنىڭ  1943- يىلى 11- ئاينىڭ 23- ۋە 24- كۈنلىرى ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تىل ۋە تارىخ-جۇغراپىيە فاكۇلتېتىدا سۆزلىگەن لېكسىيەسى بولۇپ، ‹‹كۆكتۈرك تارىخىغا بىر نەزەر›› دېگەن نام بىلەن ‹‹ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى تىل ۋە تارىخ –جۇغراپىيە فاكۇلتېتى ژۇرنىلىنىڭ 1944- يىل 2- سانىدا ئىلان قىلىنغان. بىز ماقالىنىڭ مەزمۇنى ۋە قۇرۇلمىسىغا ئاساسەن ئۇنى ‹‹كۆكتۈرك ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىغا بىر نەزەر›› دەپ ئېلىشنى لايىق تاپتۇرق. ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچىدىن.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   دىل گۈزەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-2-27 09:34 PM  


ئەجەل بىر، ئۆزگەرمەس!

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23152
يازما سانى: 789
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1816
تۆھپە نۇمۇرى: 215
توردا: 1048 سائەت
تىزىم: 2010-12-20
ئاخىرقى: 2013-6-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-24 09:13:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۈيۈك قەھرىمانلارنىڭ قەبرىسى ئالدىغا ‹‹بالبال›› دەپ ئاتالغان ئىنسان ھەيكىلى تۇرغۇزىلاتتى. بالباللار مەغلۇپ بولغان ياكى ئۆلتۈرۈلگەن دۈشمەننىڭ ھەيكىلى ئىدى. بۇنىڭ مەنىسى بۇ دۇنيادا مەغلۇپ قىلىنغان بىر دۈشمەن ئۇ دۇنيادىمۇ غالىپ كەلگۈچىگە خىزمەت قىلىشى كېرەك،  دېگەنلىك بولاتتى. بەزى بالباللار ھەتتا ئۆلۈپ كەتكەن دوستلارغىمۇ ھەدىيە قىلىناتتى. ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى بۇ غەلىبىگە ئىشتىراك قىلمىغان بولسىمۇ، ئۇ دۇنيادا مەغلۇپ بولغۇچىنىڭ خىزمىتىدىن پايدىلىنىدۇ دەپ قارىلاتتى. كېيىنچە قەبرە ياسىغاندا خەنزۇلارنى تەقلىد قىلىدىغان بولدى، ھەتتا ئۇلاردىن سەنئەتكارلار كەلتۈرۈلدى

مەن تېخى قەشقەردىكى چوڭ ھەيكەلنى نېمىكىن دېسەم بالبالكەن ئەمەسمۇ،ئاستىدا قايسى قەھرىمان بادۇ؟
....ئەسەرنى ئوقۇپ شۇنى ھېس قىلدىمكى جۇڭگو شىنجاڭنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى.

كىمىكى قېلىچنىڭ قارا دەستىسىنى تۇتۇشنى خالىمىسا،ئۇنىڭ ئۆتكۈر بىسىغا دۇچ كېلىدۇ..............! ›

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 53409
يازما سانى: 556
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8287
تۆھپە نۇمۇرى: 940
توردا: 1624 سائەت
تىزىم: 2011-8-27
ئاخىرقى: 2013-6-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-24 09:35:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
باشقۇرغۇچىلار تىمىنى تەھرىرلەپ قويساڭلارچۇ!
بۇ مۇھىم بىر تارىخى ماتىريال ئىكەن،ساقلاپ قۇيۇشقا ئەرزىيدىكەن. بۇلۇپمۇ ماۋۇ يەرلىرى ماڭا بەك ياقتى: مىلادى 755-763-يىللاردا جۇڭگو سارىيىدا ناھايىتى چوڭ ماجرالار يۈز بەردى. سارايدىن قوغلانغان جۇڭگو ھۆكۈمدارى ئۆز مەملىكىتىنىڭ غەربىي جەنۇب تەرەپلىرىدە ئايلىنىپ يۈردى. جۇڭگو خانى قەدىمدىن بېرى ‹‹ياۋايى›› دەپ بىلگەن ئۇيغۇرلاردىن ياردەم سوراشقا مەجبۇر بولغاچقا، بىر ئۇيغۇر خانى مىلادى 762- يىلى 11- ئاينىڭ 20- كۈنى چاڭئەننى ئىشغال قىلىپ، بۇ شەھەرنى ئۇنىڭغا قايتۇرۇپ بەردى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15070
يازما سانى: 441
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9771
تۆھپە نۇمۇرى: 646
توردا: 339 سائەت
تىزىم: 2010-10-24
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-24 10:06:01 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
Teşwkkür

يەزر=ئۇيۇش=ئۇيغۇر!

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36940
يازما سانى: 1708
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4411
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1669 سائەت
تىزىم: 2011-4-8
ئاخىرقى: 2013-6-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-24 10:12:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ساقلاپ قۇياي بۇنىمۇ .  

ئۈلپىتىڭ قاغا بولسا يىيىشىڭ پوق !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72418
يازما سانى: 790
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 828
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 478 سائەت
تىزىم: 2012-1-1
ئاخىرقى: 2013-6-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-24 10:50:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھىتى ياخشى تېما يوللاپ سىز.رەھمەت بۇندىن كىيىنمۇ مۇشۇنداق تېمىلىرىڭىز مۇنبەردىن ئۆزىلمىگەي.قېرىندىشىم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85889
يازما سانى: 881
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 5013
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 346 سائەت
تىزىم: 2012-10-9
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-24 11:01:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
akilsiz يوللىغان ۋاقتى  2013-2-25 02:06 AM
Teşwkkür

خىتىڭىز خاتامۇ قانداق؟ھى ھى مەنمۇ ئۈگۈنۋاتقان قاراپ سالدىم......

زۇلمەت كىرسە جاھانغا باسسا تۈن قارا،
مەيلىتى قۇياشنىڭ قەدرى ئۆتۈلسە.
ھىلىغۇ بىر جانكەن مىڭ جىنىم پىدا.
رازىمەن ۋەتەن دەپ قىنىم تۆكۈلسە!
                                                 _(كۆك ھىلال)

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80655
يازما سانى: 389
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3838
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 160 سائەت
تىزىم: 2012-5-26
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-25 01:10:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
akilsiz يوللىغان ۋاقتى  2013-2-24 10:06 PM
Teşwkkür


دادام دەيدۇ تۇخۇمنى تاشقا ئۇرغان نەدە بار؟ مەن دەيمەن ئاشۇ تۇخۇمنىڭ شۇ تاشتا دەردى بار!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57007
يازما سانى: 2478
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 9343
تۆھپە نۇمۇرى: 1148
توردا: 803 سائەت
تىزىم: 2011-9-18
ئاخىرقى: 2013-6-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-25 03:51:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇيغۇرلار توغرۇلۇق تارىخىي ماتىرىياللار بولسا، مۇشۇنداق يوللىنىپ تۇرسىكەن، ئۆز تارىخىنى بىلمىگەن مىللەت ئالغا ئىلگىرلىيەلمەيدۇ، دەپ ئاڭلىغانتىم.
ئەجرىڭىزگە رەھمەت!

پاك يۈرەك ئۇ قۇلۇپقا ئوخشار،
  يۈرەك تىۋىش،  ئۇ  تىڭشالايدۇ.
خاتا ئاچقۇچ ئاچالماس ھەرگىز،
  يۈرەك  بەرگەن  ئۇ   ئاچالايدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50478
يازما سانى: 989
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7622
تۆھپە نۇمۇرى: 437
توردا: 1638 سائەت
تىزىم: 2011-8-4
ئاخىرقى: 2013-6-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-25 04:59:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يېزىشتا ئۇيغۇرچە خەت بېسىش ئۇسۇلى بويىچە ئوڭدىن سولغا قارىتىپ تەڭشەپ يازغان بولسىڭىز مۇنداق گەنزۇچە شەكىلدە چىقىپ قالمايدۇ.

ئەمما رەھمەت.
ئۆز ھەقىقى تارىخىنى (بۇ يەردە بۇرمىلانغان يالغان تارىخ كۆزدە تۇتۇلمايدۇ)بىلمىگەنلەر ئۆزگىنى ئەمەس ئۆزىنىمۇ مەڭگۈ بىلەلمەيدۇ.

[img][/img]تېۋىنىپ ياشىغان مىڭ يىل ئۆمۈردىن،مىڭ ئەلا دولقۇنلاپ ئۆتكەن بىر نەپەس!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش