ھەر شەيئى ۋەتەن ئۈچۈن!
ئانام (چوقۇم كۆرۇڭ)
مىنى تۇغقان ئانا!
ئىچىمدە بىر ئوت بار چۈشەندۈرۈپ بىرەلمەيمەن،
ئەپسۇس بۇ ئوتتا كۆيمەيمۇ قۇتۇلالمايمەن.
خىزمەت دىسەم، ئوتلۇق سۆيگۈ دىسەم، چوغ دىسەم،چۈشىنەمسەن؟
بارغىن خېنەلىك قوزام دەپ پىشانەمدىن سۆيۈپ بەخىت تىلەمسەن؟
يانا يالغۇزلۇقمۇ؟ -دەپ يۈرىگىمگە غەم چۈشمىسۇن.
تۇپراق پۇراقلىق قوللۇرۇڭ بىلەن گۈل قىزىڭنى ئاخىرقى قىتىم سىلاپ قوي.
ئانا!مەن بارمىسام، ئۇمۇ بارمىسا،بۇ داۋا كىمگە غەم،كىمگە قايغۇ؟
مەندىن خاتىرجەم بول، مەن رەببىمگە ئامانەت،
مەن سېنىڭ قۇچىقىڭدەك ئىسسىق، ئارامبەخىش بىر يەرگە كىتىپ بارىمەن.
جەننەت ئانىلارنىڭ تاپىنى ئاستىدائەمەسمۇ؟؟
رۇخسەت قىل تاپانلىرىڭغا سۆيەي، جەننەت سەپىرىم باشلانسۇن،
بىر سۆزۈم بارئىدى،ئۇنۇتمىدىم،
ھىلىمۇ ئىسىمدە، ئىسىمگە سالغاندىنكىن يۈزخاتىرە قىل..
ھەئە. ئوقۇشۇم تۈگىسە دائىما يېنىڭدابولاتتىم.
لىكىن ساڭا ۋەدە بىرىۋىتىپ رەببىمنى ئويلاپ قويماپتىمەن.
ئىھ ئانا! رەببىم دەۋاتىمەن ساڭا، رەببىم!....
ئەمدى رەببىمنىڭ سۆيگۈسى تومۇرلىرىمدا..
ئىھ ئانا..دۇنياكۆيۈۋاتىدۇ، دۇنيا...چۈشىنىۋاتامسەن ئانا!
گۈرۈلدەپ كۆيۈۋاتقان دۇنياغا قاراپ بىقىشىمنى خالامسەن،
ئانا سەن بۇيەردە بىرجۈپ كۆزلىرىڭ بىلەن مېنى ساقلاۋاتىسەن،
ئۇ يەردەبولسا مىڭلارچە كۆزلەر مېنى ساقلاۋاتىدۇ .
كىتىشىم كېرەك!كىتىشىم كىرەك ئانا مىنى چۈشىنەرسەنمۇ!
قايتىش بار، قايتماسلىق بار، ئۆلۈم بار،ھايات بار.
بالاڭنى شۇ ئوتلۇق باغرىڭغا چىڭ باسقىنە ! ئانا!مەندىن رازى بول!
سۈتۈڭگە رازى بول! ئەس-يادىڭ بۇ يەرلەردە قالمىسۇن!
بەركەتلىك دۇئالىرىڭ بىلەن سەپىرىمگە بەركەت تىلە!
بۇ دۇنيادا غېرىبلىق، ئازاپ بىزگىلا دەپ قالما!
ئانىسىدىن ئايرىلغان خىنىلىق قىزنى بىر مەن دەپ قالما!
ئانىسىدىن ئايرىلغان،باشلىرى خېنىلىق،يۈزلىرى نۇرلۇق، مىڭلارچەبالىلار بار!!!
يالغۇزلۇقتا بىر-بىرىمىزنىڭ ئاتا-ئانىسى،دوست-يارەنلىرىبىز!!!
بىر ئىلاھى سۆيگۈنىڭ كەينىدىن تۆت تەرەپكە چېچىلىپ كىتىدىكەنمىز..
قەدىرلىك لەيلىنىڭ ئوتلۇق سۆيگۈسىگە مۇپتىلا بولدۇقكى.
قايسىمىز كەرەم؟ قايسىمىزپەرھات؟ قايسىمىزمەجنۇن؟
ئىھ ئانا! نەگە بارىسەن دىمە؟ ساڭا ئادرىس بىرەلمەيمەن...
قاچان قايتىسەن؟-دىمە، بەلكى مەڭگۈ قايتالمايمەن..
بەلكى پىشانەمدە يات ئەللەردە ئۆلۈش بار.
بەلكى ئورنۇمنى بىلدۇرىدىغان قەبرە تىشىممۇ بولماس.
بىلىپ قالكى، قىزىڭ ئائىشەدىن ساڭا ۋەسىيەت بولسۇن،
ئەگەر يات ئەللەردە ئۆلۈپ كەتسەم ، ئۇ يەرلەردە ئۆلۈش ئەڭ ئاخىرقى ئارزۇيۇمدۇر.
بىلال ھەبەشى سالام بەرسە،پەيغەمبەرئەپەندىمىز نامىزىمنى ئوقۇسا، بۇمۇغېرىبنىڭ ئۈمىدىدۇر،
جېنىم ئانا !ئەگەر بىر كۈنلىرى مۇزامبىكتە بىرگۈل ئىچىلىپتۇ دەپ ئاڭلاپ قالساڭ ،
ئاپغانىستاندابىر گۈل ئىچىلىپتۇ، دەپ ئاڭلاپ قالساڭ،
باشقا قۇتۇپلاردا بىرگۈل ئىچىلىپتۇ دەپ ئاڭلاپ قالساڭ،
بىلىپ قالكى قىزىڭ ئائشەئۆلۈپتۇ!
گۈل بولۇپ ساڭا ئىچىلىپتۇ!
كونوپكىدا :ئاي تۈرۈك