|
|
|
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك تورداشلار،ياخشىمۇ سىلەر!مېنىڭ ئىسمىم ھاكىم مەمەت،ئاقسۇ شەھرى ئايكۆل بازىرى ساي مەھەللە كەنىت3-گۇرۇپتا ئولتۇرۇشلۇق،7ياش ۋاقتىمدا دادام ئۆلۈپ كەتكەن،ھازىر ئۆيدە ئاپام ۋە سىڭلىم ئۈچىمىز بار،تۇرمۇشىمىز ناھايتى قىيىنچىلىق ئىچىدە بولغانلىقى ئۈچۈن يېزا بازارلارغا بېرىپ كاۋاپچىلىق قىلىپ كۈن كەچۈرەتتۇق،2012-يىلى5-ئاينىڭ13-كۈنى مەن توكلۇق موتىسىكىلىت بىلەن بازارغا مېڭىش يولىدا ئالدىدىن كېلىۋاتقان تىراكتور بىلەن سوقۇلۇپ كېتىپ سول پۇتۇمنىڭ تىز قىسمى سۇنۇپ كەتتى،پەيمۇ ئۈزۈلۈپ كېتىپتۇ،مەن دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالاندىم،ئوپىراتسىيە قىلىپ پۇتۇمغا پولات تاختا سېلىپ قويدى،بىراق پۇل بولمىغاچقا پولات تاختىنى ۋاقتىدا ئوپىراتسىيە قىلىپ ئېلىۋېتىش مەزگىلىدىن ئۆتۈپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن ھازىر پۇتۇم شەلۋەرەپ سېسىپ،پۇتۇمدىكى پولات تاختىمۇ كۆرىنىپ قالدى،ئاغىرىق ئازابىغا پەقەت چىدىيالمىدىم،دوختۇرنىڭ ئېيتىشىچە پولات تاختىنى ئېلىۋېتىش ئوپىراتسيە ھەققە ۋە پەي ئۇلاش ئوپىراتسىيە ھەققى ئۈچۈن60مىڭ يۈەندىن80يۈەنگىچە كېتىدىكەن،بىراق مەندەك بىر ئاجىز دېھقان بالىسى ئۈچۈن بۇنچىلىك پۇلنى تەييارلاش مۇمكىن بولمىغانلىقى ئۈچۈن جەميەتتىكى ئاقكۆڭۈل،ساخاۋەتىچى كىشىلەرگە مۇراجەت قىلىشقا مەجبۇر بولدۇم،ياردەم قىلىشىڭلارنى ئۆتىنىمەن.
ئاپام ئايشەم غوپۇرنىڭ تېلفون نومۇرى:13040464648
|
|
|
|
|
|