ئادەمنىڭ كۆز قارچۇغى نىمە ئۇچۇن چوڭىيىپ كىچىكلىيەلەيدۇ
(تەرجىمە قىلغۇچى: تىلماچ13)
كۆز قارچۇغى دىگىنىمىز-كىشلەر ئېغىزدىن چۈشۈرمەيدىغان «كۆز مېغىزى»دىن ئىبارەت.كىشىلەر قاراڭغۇ يەردىن سىرىتقا چىقىشىغىلا،كۇچلۇك نۇرنىڭ غىدىقلىشىغا ئۇچرايدۇ.بۇ كۆز قارچۇغىنىڭ قاراڭغۇدا چوڭىيىپ،يۇرۇقلۇققا چىققاندىن كېيىن بىردىنلا زور مىقداردىكى نۇرغا ئۇچراپ،كۆز قارچۇغىنىڭ كىچىكلىگەنلىگىدىندۇر.
ئەمما،بەزىدە كۆز قارچۇغىنىڭ چوڭىيىشى نۈرنىڭ كۈچلۈك-ئاجىزلىقىدىن بۇلۇشى ناتايىن.ئالىملار تەجرىبە ئىشلەش ئارقىلىق،مول بولغان مىزىلىك تائاملارنى ئېچىرقاپ كەتكەن ئادەم بىلەن ئەمدىلى تاماق يىگەن ئادەمنىڭ ئالدىغا قويغاندا،نەتىجىدىن بايقالغىنى شۇ بولدىكى،ئېچىرقاپ كەتكەن ئادمنىڭ كۆز قارچۇغى تاماق يىگەن ئادامنىڭكىدىن ئككىدىن ھەسسىدىن بەش ھەسسىگىچە چوڭايغان.ئادەەتتە كىشىلەر غەلىتە ئىشلارنى ئۇچراتقاندا،كۆز قارچۇغى ئادەتتىكىدىن نەچچە چوڭىيىپ كېتىدۇ.
ئامرىكا فىسخولوگىيە ئالىمى خېسنىڭ تەتقىقاتىدا ئىسپاتلىنىشچە،بىر ئادەمنىڭ كۆرۇش سېزىمى كۈچلۈك غىدىقلاشقا ئۇچرىغاندىن كېيىن،سىمپاتىك نېرۋىلار روھلۇنۇپ،كۆز قارچۇغى چوڭىيىدىكەن.
بەزى ئالىملارنىڭ بايقىشىچە،كۆز قارچۇغىنىڭ چوڭىيىپ،كىچىكلىشى تەپەككۇر پائالىيتى بىلەن مۇناسىۋەتلىككەن.مەسىلەن:ئۇقۇغۇچىلار ئاددى كۆنۇكمىلەرنى ئىشلىگەندە،كۆز قارچۇغىدا ئۆزگىرىش بولمايدىكەن.ئەمما قېيىن مەسىلىلەرنى ئىشلىگەندە ياكى ئىمتاھان بەرگەندە،كۆز قارچۇغى ئەڭ يۇقۇرى دەرىجىدە چوڭىيىدىكەن.
مەيلى نۇرنىڭ كۈچلۈك-ئاجىزلىقىدا ئۆزگىرىش بولسۇن،يەنلا ھېسيات ۋە تەپەككۇرنىڭ تەسىرىدە كۆز قارچۇغىنىڭ چوڭىيىش ۋە كىچىكلىشى ئۆسۇملۇك نېرۋا ( ئۆزىنى كونتىرول قىلالمايدىغان نېرۋا) نىڭ باشقۇرىشى ئارقىلىق پەيدا بولغان كۆز قارچۇغى مۇسكۇلىنىڭ ھەركەت نەتىجىسىدىن ئىبارەت.كۆز قارچۇغىنى كىچىكلىتىدىغان مۇسكۇللار قۇشۇمچە سىمپاتىك نېرۋا كونتىروللىقىدا پەيدا بولغان كۆز قارچۇغى پۇرمە مۇسكۇلى دەپ ئاتىلىدۇ.كۆز قارچۇغى پۇرمە مۇسكۇلى كۆز قارچۇغىنى چۆرىدەپ ،يەنە سىرىتقا تارقىيالايدۇ،ئۇ تارايغان ۋاقىتتا مۇسكۇللارنى كۆز قارچۇغىنىڭ ئۈستىگە تارىتپ چىقىرىپ،كۆز قارچۇغىنىڭ بىر قىسمىنى يېپىۋالىدۇ-دە،كۆز قارچۇغى كىچىكلەيدۇ.كۆز قارچۇغنىڭ چوڭىيىشى سىمپاتىك نېرۋا باغلىنىشتىن كىلىپ چىققان كۆز قارچۇغى مۇسكۇلىنىڭ چوڭ ئېچىلىشى دەپ ئاتىلىدۇ.كۆز قارچۇغىنىڭ چوڭ ئېچىلىش مۇسكۇلى پۇرمە مۇسكۇلى بىلەن ئوخشىمايدۇ.ئۇ سىرىتتىن ئىچىگە قارىتا كۆز قارچۇغىنىڭ ئەتراپىغا تارقايدۇ.ئۇ تارايغان ۋاقىتتا مۇسكۇللارنى سىرىتقا ۋە ئارقى تەرىپىگە تارىپ،كۆز قارچۇغىنى چوڭايتىدۇ.
مەنبە: خەنزۇچە « يۈز مىڭلىغان نىمە ئۇچۇن»
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا تىلماچ13 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-2-24 01:59 PM