|
|
|
|
ئېلكىتاب- " تارىخى رەشىدىي زەيلى"
(يەنە بىر نامى "سەئىدىيە تارىخىغا دائىر ماتىرىياللار")
بۇ قېتىم ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىلغىنى ھازىر كەم تېپىلىدىغان قىممەتلىك تارىخىي ئەسەر "تارىخىي رەشىدىي زەيلى"دۇر. بۇ شاھ مەھمۇد جوراسنىڭ ئەسىرى بولۇپ، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن 1989-يىلى "سەئىدىيە تارىخىغا دائىر ماتىرىياللار"دېگەن نامدا نەشر قىلىنغان. ئاپتۇر كىتابنىڭ باش قىسمىنى مىزا مۇھەممەد ھەيدەر كۆرەگاننىڭ "تارىخىي رەشىدىي "ناملىق مەشھۇر ئەسىرىدىكى ماتىرىياللارنى ئاساسىي مەنبە قىلىپ، قالغان قىسمىنى بولسا، ئۆزىنىڭ كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرى ئاساسىدا يېزىپ چىققان. مىلادىي 1428-يىلىدىن 1670-يىلى 4-ئاينىڭ 2-كۈنىگىچە بولغان ۋەقەلەر بايان قىلىنغان. بۇ تارىختا يەكەن، قەشقەر ، ئاقسۇ، تۇرپان، خوتەننى ئاساس قىلغان خانلىقلار تارىخى شۇنداقلا بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بولغان قېرىنداش مىللەتلەر ھەققىدە باشقا كىتابلاردا مەلۇم بولمىغان بىر مۇنچە بايانلار بار. ھازىر كىتابخانىلاردا مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر كۆرەگاننىڭ "تارىخىي رەشىدى"ناملىق ئەسىرىنى تاپقىلى بولىدۇ. لېكىن بۇ ئەسەرنىڭ داۋامى بولغان "تارىخىي رەشىدىي زەيلى"نى تاپماق بىر قەدەر قىيىن. ئۆز تارىخىمىزغا قىزىقىدىغان ۋە شۇ ھەقتە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان دوستلارنىڭ ئېھتىياجىنى نەزەردە تۇتۇپ، بۇ ئەسەرنىڭ ئېلكىتابىنى ئىشلەپ چىقتىم. كىتابتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
"تارىخى رەشىدىي زەيلى"نى چۈشۈرۈش مەنزىلى: http://www.lopnuri.com/?p=3030
ئەسكەرتىش:"تارىخى رەشىدىي"ناملىق ئەسەرنى چۈشۈرمىگەن دوستلارنى كۆزدە تۇتۇپ، بۇ ئەسەرنىڭ چۈشۈرۈش ئادىرىسىمۇ تەمىنلەندى. لېكىن بۇ ئەسەرنىڭ ئېلكىتاب نۇسخىسىنى پېقىر ئىشلىمىگەن ھەم تارقاتمىغان. مەنمۇ توردىن ساقلىۋالغان. بۇ تارىخىي ئەسەرلەر بىر يۈرۈش بولسۇن دەپ قوشۇمچە قىلىپ قويدۇم.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا لوپنۇرى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-2-24 12:09 PM
|
|
|
|
|
|