مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 711|ئىنكاس: 2

يىراقتىكى كولدۇرما ئاۋازى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82103
يازما سانى: 1045
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7015
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 205 سائەت
تىزىم: 2012-6-25
ئاخىرقى: 2013-9-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-23 11:26:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                       يىراقتىكى كولدۇرما ئاۋازى
      ماڭا كولدۇرما ئاۋازىنى ئاڭلاش ئانچە كۆپ نېسىپ بولمىدى . مەن ئۇنى چۈشىنىپ ھېس قىلىپ بولغىچە تەرەققىياتنىڭ تېخىمۇ جاراڭلىق كولدۇرما سادالىرى ئەسلىدىكى كولدۇرما سادالىرىنى مەڭگۈلۈك جىمىقتۇرۋەتكەنىدى . مانا ئەمدى ئاندا -ساندا ئاڭلىنىدىغان كولدۇرما سادالىرىنىڭ ئورنىغا توختىماي ئاڭلىنىپ تۇرىدىغان ، ئاڭلاپ ئۈلگۈرۈپ بولالمايدىغان ، ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ ئاڭلىمىسا ئارقىدا قالىدىغان ئەھۋال كېلىپ چىقتى . مانا يېراقتىن ، ناھايىتىمۇ يىراقتىن بىر ئاۋاز ئاڭلانماقتا . ئۇ ئاۋاز شۇنچە ئېنىق ، شۇنچە راۋان ئاۋاز ئىدى . دەقىقە ئىچىدە شۇنچىۋالا ئادەم ئۇنى ئاڭلاپ ، چۈشىنىپ بولدى . بۇنداق سادالار كۆپ بولۇپ ئۇ ئۆزىنى چۈشىنىپ بولالمىغانلارنى ساقلاپ بولالمايتتى . چۈنكى ئۇ يوللانغان چاغدىلا كونىراپ كېتەتتى .
    رەھمەتلىك مومامنىڭ ئەينى يىللاردىكى كولدۇرما ئاۋازلىرى ھەققىدىكى ھېكايىلىرى تۈگىمەيتتى . چۈنكى ئۇ چاغلاردا ھەممە ئادەم دېگۈدەك ئۇزۇن سەپەرلەرنى بېسىپ بەختىنى ، رىزقىنى تاپاتتىكەن . ئۇلارنىڭ ئۆز يۇرتلىرىغا جاراڭلىق كولدۇرما ئاۋازلىرىنى ياڭرىتىپ كىرىپ كېلىشى كىشى قەلبىنى ئۇزۇنغىچە لەرزىگە سالاتتىكەن . بۈگۈن شۇنداق بىر ئىشقا يولۇقتۇم . ئاددىي بىر دېھقاننىڭ ناخشىسىنى غىڭشىغىنىچە ئېشىكىنىڭ بوينىغا قوڭغۇرىقىنى ئېسىپ يېنىمدىن ئۆتۈپ توختىشى بىلەن پاراڭلىرىمىز باشلىنىپ كەتكەنىدى .  - ۋاي ئۇكام ، بۇ قوڭغۇراقنى دەمسىز ، بۇ مېنىڭ دادامدىن قالغان . بىز مۇشۇ كولدۇرمىنىڭ ئاۋازىنى ناھايىتى يىراقتىن ئاڭلاپلا يولغا چىقىپ دادىمىزنى ساقلايتتۇق . ئۇنىڭ كېلىشى ، بىز ئۈچۈن ھەممىدىن دېرەك بېرەتتى . ئۇ بىزنى ئۇزاق قۇچاقلاپ ھېدىمىزنى ئېلىۋېلىپ ، ئەكەلگەن نەرسىلىرىنى ئاۋايلاپ چۈشۈرەتتى . بىز ئۈچۈن بىرەر ھەپتە بايرام بولاتتى . بېچارە دادام يەنە كولدۇرمىسىنى ياڭراتقىنىچە تىرىكچىلىك ھارۋىسىنى ھەيدەپ سەپەرگە ئاتلىنىپ كېتەتتى .  مەن مۇشۇنداق بىر كۈنلەردىمۇ ، بىر كىشىنىڭ ئاغزىدىن مۇشۇنداق بىر ھەقىقىي ۋەقەنى ئاڭلاپ ، قەلبىمنى تىڭشاپ باقتىم . زامانىۋېي كولدۇرما سادالىرى قۇلاقلىرىمنى ئاللىقاچان پاڭ قىلىپ قويغاندەك ھېس قىلىپ ئەندىكىپ كەتتىم . ياق ، زامان ئۆزگەردى . .. زامانىۋى كولدۇرما ئاۋازلىرى ياڭرىماقتا . تۇرۇپلا ئەشۇ زامانلاردىكى كولدۇرما ئاۋازلىرىنى سېغىنىپمۇ قالىدۇ - كىشى . يىراقتىن بىر كولدۇرما ئاۋازى كېلىۋاتاتتى ...
      مەنبە :  ئۇچرىغان ھەقىقىي ۋەقە .    2013 - 2 - 23 .    ئەبەي تارىم . شەھىرى شىخو .                                       
   

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80208
يازما سانى: 250
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3543
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 112 سائەت
تىزىم: 2012-5-16
ئاخىرقى: 2013-9-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-24 01:53:44 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كولدۇرما دىگەن نىمدىگەن گەپ بولسا چۈشەنچە بىرىۋەتكەن بولسىڭىز ...تۇنجى قېتىم ئاڭلىشىم ئىدى .....

ئۈگۈنۈش- ئۈگۈنۈش -يەنەئۈگۈنۈش..

سەن بۇ دۇنياغا نىمە ئۈچۈن كەلد

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 31520
يازما سانى: 1823
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5657
تۆھپە نۇمۇرى: 204
توردا: 654 سائەت
تىزىم: 2011-2-23
ئاخىرقى: 2013-8-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-24 03:29:40 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قۇڭغۇراقنىڭ ئىپتىدائىسى

كىمىكى زەررچلىك ياخشلىق قىلدىكەن  ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى ئۆزى كۆرىدۇ !كىمىكى زەررچىلىك يامانلىق قىلدىكەن ئۇنىڭ جازاسىنى ئۆزى تارتىدۇ!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش