ئەسسالامۇ ئەلەيكوم مىسرانىم مۇنبىرىدىكى تورداشلار.
ياپونىيەدە كارتون كەسپىدە ئوقۇۋاتقان ئېرپان يارمۇھەممەدنىڭ تۇنجى رىژىسورلۇق قىلغان فىلىمى توغرىسىدا بۇرۇن بىر تېما يوللىغانىدىم.بۈگۈن رىۋايەت كارتون رورىدا بۇ فىلىمنىڭ قىسقا پارچىسىنىڭ چىقىرىلغانلىقىنى كۆرۈپ قالدىم.ھەمدە مىسرانىم تور بېتىگىمۇ يوللاپ، كۆپچىلىك بىرلىكتە مەدەت بىرىشنى لايىق كۆردۇم.قىسقىلا بىر پارچىسى بولغان بىلەن، فىلىمنىڭ رەڭگى ۋە پىرسۇناژنىڭ ئوبرازى شۇنداق ياخشى ئىپادىلىنىپتۇ،ھەمدە ئۇنىڭ دادىسى يارمۇھەممەت ئەپەندىم ئىشلىگەن مۇزىكىمۇ بەك ماسلىشىپتۇ.كۆرۈنۈشمۇ شۇنداق كۆزگە خوشاقىدۇ.
رىۋايەت تورىدىن ئېلىندى.
http://rivayat.com
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم رىۋايەت كارتون توربىتىدىكى كارتون ھەۋەسكارلىرى ۋە بارلىق تورداشلار.
مەن ياپونىيە دىگىتال ھوللىۋۇد ئۇنىۋېرستېتى كارتون فىلىم ئۇمۇمىي كەسپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئېرپان يارمۇھەممەت بولىمەن.
مەن <كارتون فىلىمنىڭ جەننىتى> دەپ نام ئالغان ياپونىيىدە، 2008- يىلىدىن تارتىپ كارتون فىلىم ئۇمۇمىي كەسپى بويىچە ياپونىيىنىڭ دىگىتال ھوللىۋۇد ئۇنىۋېرسىتېتىدا تولۇق كۇرسنى ئوقۇپ پۈتتۈرۈپ، بۇ يىل غەلبىلىك ھالدا دىگىتال مېدىيا سودا مۇناسىۋەتلىرى تەتقىقاتى بويىچە ئۆز مەكتىپىمنىڭ ئاسپرانتلىقىغا قۇبۇل قىلىندىم. تولۇق كۇرسنى ئوقۇش جەريانىدا ياپونىيىنىڭ كارتون فىلىم ئىشلەش تېخنىكىسى، جەريانى شۇنداقلا دىگىتال مۇناسىۋەتلەر ئارقىلىق مەزمۇنلۇق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان كارتون فىلىم سودىسى ھەمدە ئەقلى ئەمگەك مال- مۈلىكىنى قوغداش قاتارلىق بىلىملەرنى ئۆگىنىپ، ئەنئەنىۋىي قەغەز يۈزىدە ئىشلىنىدىغان كارتون فىلىم ئىشلەش تېخنىكىسىنى ساقلاپ قالغان ئاساستا، يېڭىچە دىگىتال تېخنىكىلار بىلەن بىرلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مەيلى ئىشلەش سۈپىتى ياكى تارقىتىلىش، شۇنداقلا خەلقئارادىكى تەرسىر كۈچى جەھەتتە بولسۇن دۇنيادا بىرىنچى ئورۇنغا ئۆتكەن ياپونىيىنىڭ كارتون ساھەسىگە بولغان چۈشەنچەم ھەسسىلەپ ئاچتى. ھەمدە ئاسپرانتلىق تەتقىقاتىمنىمۇ كارتون فىلىم سانائىتىنى بارلىققا كەلتۈرۈش توغرىسىدا ئېلىپ بېرىشنى قارار قىلدىم.
دىگىتال ھوللىۋۇد ئۇنىۋېرستېتىدە ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئۈچۈن، ئوقۇش پۈتتۈرۈش ماقالىسىدىن سىرت، ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئەسىرى ئىشلىنىدىغان بولۇپ، كارتون فىلىم ئۇمۇمىي كەسپىنىڭ پۈتتۈرۈش ئەسىرى كەسپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانىغا ئاساسەن بىرقانچە گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ، ھەربىر گۇرۇپپا ئۆز ئالدىغا خالىغان ژانېردا ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئەسەر ئىشلەپ چىقىدۇ.مەن كارتون فىلىم ئۇمۇمىي كەسپىنىڭ بەشىنچى قارار تەتقىقات سىنىپىنىڭ باشلىقى ۋە فىلىم ئىشلەش گۇرۇپپىسى D.R.E.A.Mنىڭ گۇرۇپپا باشلىقلىقى ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ، غەلبىلىك ھالدا ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئەسىرى 《DREAM》نى پۈتتۈرۈپ چىقتىم.
بۇ ئەسەرنى ئىشلەش ئۈچۈن سەككىز ئايدىن ئارتۇق ۋاقىت كەتكەن بولۇپ، ھېچقانداق ئىقتىسادىي ياردەم يوق ۋە كەم بولغان ئادەم كۈچى ئارقىلىق، بەش مىنوتلۇق قىسقا ۋەقەلىك فىلىمنى ئىشلەپ چىقىش، بىر ياقتىن ئىشلەپ بىر ياقتىن ئوقۇيدىغان چەتئەلدىكى ئوقۇغۇچىلارغا نىسبەتەن ئاسان توختىمىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ياپونىيە سودا خاراكتېرىدىكى كارتون فىلىم ئىشلەش سەۋىيىسىدە ئىشلەپ چىقىش ئۈچۈن، مەيلى رەسىمنىڭ سۈپىتى ۋە ھەرىكەت جەھەتتىن بولسۇن، ئىنتايىن يۇقىرى تەلەپ قويۇلىدۇ.بۇ فىلىمدا ياپونىيە كارتون فىلىملىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى سىڭدۈرۈلگەن بولسىمۇ،لېكىن ياپونىيىنىڭ تېلېۋىزىيە كارتون فىلىملىرىغا ئوخشاش مۇرەككەپ كۆرۈنۈش ۋە قاملاشقان گۈزەل پىرسۇناژلار مەيدانغا چىقمىسىمۇ،ناھايىتى ئاددىي ۋە چۈشىنىش ئاسان بولغان كۆرۈنۈشلىرى بىلەن كۆرگۈچىلەرگە ئەسەر مەزمۇنىنى بايان قىلىپ بېرەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.
فىلىم ئىشلەشكە مەندىن باشقا فىلىم ئىشلەش گۇرۇپپىمىزدىكى تۆت ياپونىيىلىك دوستىمىز ۋە ئىككى خەنزۇ دوستىمىز قاتناشقاندىن سىرت، شىنجاڭدىن تۆت ئۇيغۇر قېرىندىشىمىزمۇ قاتناشتى.ئۇلارغا ئىنتېرنېت ئارقىلىق بىر تەرەپتىن يېتەكچىلىك قىلىپ بىر تەرەپتىن ئالاھىدىلىكىنى جارى قىلدۇرۇپ،كارتون فىلىمنىڭ تەرەققىياتى تېخى ئەمدىلا باشلىنىۋاتقان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايونىدىكى بۇ قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن ياخشى پۇرسەت يارىتىلدى دەپ ئويلايمەن.ئارقا كۆرۈنۈش، تولۇقلىما ھەرىكەت ۋە دىكۇراتسىيە (ئەسۋاب)لايىھىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان بۇ ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز،مەن تۇنجى قېتىم رېژىسورلۇق قىلغان بۇ قىسقا فىلىمنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشلىنىپ چىقىشىغا ناھايىتى چوڭ ياردەم بەردى.
فىلىمنىڭ مۇزىكىسىنى مېنىڭ دادام، يەنى داڭلىق كومپوزىتور يارمۇھەممەت جامالىدىن ئىشلىگەن بولۇپ، بۇ فىلىمنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك پۈتۈپ چىقىشىغا ئەڭ چوڭ ياردەم بەردى.بۇ فىلىمدا دىئالوگ يوق بولۇپ،پۈتكۈل مەزمۇن مەخسۇس ئىشلەنگەن مۇزىكىنىڭ ئورۇندىلىشىغا ئەگىشىپ داۋاملىشىدۇ.ئەمەلىيەتتە مۇزىكىلىق كارتون فىلىم ئىشلەش ئۈچۈن كۆرۈنۈش ئىپادىلەشكە ناھايىتى يۇقىرى تەلەپ قويۇلىدىغان بولۇپ، كۆرۈنۈش ياخشى ئىپادىلەنمىگەندە پۈتكۈل فىلىمنىڭ مەزمۇنىغا تەسىر يېتىش ئېھتىماللىقى زور.شۇنداقتىمۇ توختىماي ئۆزگەرتىش ۋە پىششىقلاش ئارقىلىق بۇ فىلىمنى كۆرۈپ چۈشىنەلەيدىغان ھالەتكە ئەكەلدىم دەپ ئويلايمەن.بۇ فىلىمنىڭ ھەركىتى ئاساسەن قەغەزگە سىزىلىپ، ئەنئەنىۋىي كارتون فىلىم ئىشلەش قائىدىسى بويىچە ئىشلەنگەن بولۇپ،جەمئىي 1000 پارچىدىن ئارتۇق ھەرىكەت رەسىمى ئىشلىتىلدى.ئادەم كۈچى جەھەتتە يېتىشمىگەنلىك ئۈچۈن، ئۈچ ئۆلچەملىك كومپيوتېر گىرافىكىنىمۇ بىللە ئىشلىتىشكە مەجبۇرى بولدۇق. ئەمما ئىككى ئۆلچەم ۋە ئۈچ ئۆلچەمنىڭ بىر كۆرۈنۈشتە ئىپادىلىنىشى ئۈچۈنمۇ تېخنىكا ۋە ئىپادىلەش جەھەتتە نۇرغۇنلىغان قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلدۇق.
فىلىمنىڭ مەزمۇنى مۇنداق. 20-ئەسىرنىڭ باشلىرى، ياۋروپادىكى مەلۇم دۆلەتتە دىرژابىل ياساش ئەۋج ئالغان ۋە تەرەققىي قىلغان بولۇپ، لايىھىلىگۈچى ۋە ئۇچقۇچى گيورگىي بولسا داڭلىق دىرژابىل لايىھىلىگۈچى ئىدى. ئەمما خىزمەت ئېھتىياجى تۈپەيلى گيورگىي ئائىلىسگە، بولۇپمۇ ئوغلى ئالفرېدقا ئانچە كۆڭۈل بۆلۈپ كېتەلمىگەنىدى. ئالفرېدمۇ دىرژابىل ھەۋەسكارى بولۇپ، دادىسىدەك لايىھىلىگۈچى بولۇش ئۇنىڭ ئارزۇسى ئىدى.لېكىن ئالفرېد دادىسىغا ئۆزى لايىھىلىگەن DREAM(ئارزۇ) ناملىق دىرژابىلنىڭ چېرتيوژىنى كۆرسەتكىنىدە، دادىسى بىر كۆرۈپلا خاتا دېگەن بەلگىلەرنى يېزىپ، ئۇنىڭغا يېتەكچىلىكمۇ قىلمىغانىدى. بۇنىڭدىن مەيۇسلەنگەن ئالفرېد،ئۆز ھوجرىسىدا ئۆزى ئامراق قەغەز ئايروپىلاننى ئويناپ يېتىپ، ‹نېمىشقا دادام بۇنداق قىلىدۇ؟بۇرۇن ئۇ ئۇنداق ئەمەستى...›دېگەندەك خىياللار بىلەن ئۇخلاپ قالىدۇ.دەل مۇشۇ چاغدا ئويلىمىغان بىر ھادىسە يۈز بېرىدۇ..........
بۇ فىلىم 2013-يىلى 3- ئاينىڭ 3چى ۋە 4-كۈنلىرى دىگىتال ھوللىۋۇد ئۇنىۋېستېتىنىڭ پۈتتۈرۈش ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسىدە كۆرگەزمە قىلىنىدۇ.شۇنداقلا 3-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن باشلاپ ئەسەر ھوقوقى مېنىڭ قولۇمغا ئۆتۈپ، رىۋايەت كارتون تورىدا كەڭ ئۇيغۇر كارتون ھەۋەسكارلىرى بىلەن يۈز كۆرۈشىدۇ.قېرىنداشلىرىمىزنىڭ يېقىندىن قوللاپ قۇۋۋەتلىشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن.
تەشۋىقات ۋارىقى
پارچىسىدىن ئارىيە
ئارگىنال: ۋاڭ گاۋ
ھېكايە تۈزۈلمىسى: شىمادا يوۋخېي
سىنارىيىسى: يوشىنوبۈ كېيتا
تەكشىلىك لايىھىسى:كۈبوۋ تاكۈمى
سۆرەتكە ئالغۇچى:مائېدا ماساشى
رەڭ بېكىتكۈچى:لى لىن لىن
پىرسۇناژ لايىھىسى :ئېرپان يارمۇھەممەت
رەسىم سۈپەت نازارەتچىسى:ئېرپان يارمۇھەممەت
ئەسلى رەسىم:ئېرپان يارمۇھەممەت
ئىككىنچى ئەسلى رەسىم:پەخىردىن پەرھات
ئارقا كۆرۈنۈش ۋە دىكۇراتسىيە:پەخىردىن پەرھات،ئېرپان يارمۇھەممەت
مىخانىك لايىھىسى: ئۆمەرجان تۇرسۇن
تولۇقلىما ھەرىكەت ۋە رەڭ بەرگۈچى: D.R.E.A.Mگۇرۇپپىسى
ياردەمچى تولۇقلىما ھەرىكەت سىزغۇچى: تۈرگۈن ئەزىز
مۇزىكىسىنى ئىشلىگۈچى: يارمۇھەممەت جامالىدىن
يېتەكچى: كۈۋابارا ساتوشى( ياپونىيە كارتون فىلىمى 遊戯王ゼアルنىڭ رىژىسورى)
رىژىسور: ئېرپان يارمۇھەممەت
فىلىم ئىشلىگۈچى:D.R.E.A.Mگۇرۇپپىسى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا yodobashi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-2-23 07:43 PM