|
|
|
|
نىمە ئۈچۈن ئادەم ئۇخلايدۇ ? (تەرجىمە قىلغۇچى: تىلماچ13)
ئۇخلاش ئادەمگە نىسپەتەن تاماق يەپ،سۇ ئىچكەنگە ئوخشاش مۇھىم بۇلۇپ،ئادەمنىڭ ئەڭ ئاساسلىق فىزولۇگىيەلىك ئىھتىياجىنىڭ بىرى.بىز بىر كۈلۈك ئۈگىنىش ۋە خىزمەتتىن كېيىن،بۇلۇپمۇ چوڭ مېڭە ھۇجەيرىللىرى جىددى خىزمەت قىلغاندىن كېيىن،ئادەم چارچاپ بەلگىىلىك ئارام ئېلىش ۋاختىغا ئېھتىياجلىق بۇلىدۇ،شۇڭا ئادەم ھەر كۈنى ئۇخلاشقا مۇختاج بۇلىدۇ.بىر كېچىلىك شىرىن ئۇيقۇ چوڭ مېڭىنىڭ چارچىشىنى تۈگىتىدۇ.بەدەننىڭ ئېنىرگىيە زاپىسى ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن،ئادەمنىڭ ئەقلى كۇچى ئۇرغۇپ،روھى ۋە جىسمانى جەھەتتىن ئازادىلىشىپ،ئۈگىنىش ۋە خىزمەتنىڭ ئۇنۇمىمۇ يۇقۇرى كۆتىرلىدۇ.بالىلار ئۇخلىغاندىن كېيىن،مېڭە ئاستى بىزى تېخىمۇ كۆپ ئۆسۈش ھۆرمۇنلىرىنى ئاجىرىتپ چىقىرىدۇ،شۇڭا يېتەرلىك ئۇخلاشمۇ بالىلارنىڭ ئۆسۇپ يېتىلىشىگە ئىنتايىن پايدىلىق.ئەگەر ئۇخلاش يېتەرلىك بولمىسا،ئادەمنىڭ بېشى قېيىپ،مېڭىسى كۆپۇپ،دىققىتىنى مەرگەزلەشتۇرەلمەيدۇ ھەمدە ئىشتاھاسىمۇ ياخشى بولمايدۇ.ئۇزۇن مۇددەت مۇشۇنداق بولسا،سالامەتلىككە زىيانلىق.7ياشتىن 10ياشقىچە بولغان بالىلار ھەر كۈنى 10سائەت ئۇخلاش كېرەك.ئالىملارنىڭ تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا،بىر ئادەمنىڭ پۇتۇن ئومرىنىڭ تەخمىنەن ئۇچتىن بىرى ئۇخلاش بىلەن ئۆتىدىكەن.
مەنبە: خەنزۇچە « يۈز مىڭلىغان نىمە ئۇچۇن» بۇ يازمىنى ئاخىرىدا huxqiray تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-2-23 07:40 PM
|
|
|
|
|
|