|
|
|
|
چولاق مۇنارى ئابلىمىت يولۋاس «چولاق مۇنارى» ـــ بۇيلۇق تاجىك مىللىي يېزىسى (پوسكام ناھىيىسىدە -كىرگۈزگۈچىدىن) بۇيلۇق كەنتىنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى ساينىڭ ئوتتۇرسىغا جايلاشقان بولۇپ، تەخمىنەن17-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ياسالغان. بۇنىڭدىن 300 يىللار ئىلگىرى خوتەنلىك بىر چولاق ئەمەلدار يەكەن دەرياسىدىن خوتەنگە سۇ ئاپىرىش ئۈچۈن، بۇ يەرنى بىر قاتارتەكشۈرۈپ چىقىپ، ئۆستەڭ چىپىشنى پىلانلاپ، نۇرغۇنلىغان خوتەنلىك ئەمگەكچىلەرنى بۇ يەرگەيۆتكەپ كىلگەن ھەمدە ئۆستەڭ چىپىشقا كىرىشكەن. ئىش ئارلىقىدا ئۇ يەركەن دەرياسىدىن سۇ ئاپارغىلى بولىدىغان–بولمايدىغانلىقىنى ئەمەلىي سىناپ بىلىش ئۈچۈن،ساي ئوتتۇرسىغا ۋە يەركەن ناھىيىسىنىڭ ياقائېرىق دېگەن يېرىگە ئوخشاش ئېگىزلىكتە بىردىن مۇنار ياساپ، كېچىدە ئادەم ئەۋەتىپ بۇ ئىككى مۇنار ئۈستىگە ئوت ياقتۇرغان. نەتىجىدە سايدىكى مۇنار ئۈستىدىكى ئوت ياقائېرىق يېزىسى تەرەپكە كۆرۈنگەن. لېكىن، ياقائېرىق يېزىسىدىكى مۇنارغا يېقىلغان ئوت ساي تەرەپكە كۆرۈنمىگەن. بۇنىڭ بىلەن بۇ چولاق ئەمەلدار خوتەن تەرەپ ئېگىز، يەكەن دەرياسى تەرەپ تەرەپ چوڭقۇر ئىكەن، بۇيەردىن ئۆستەڭ چاپساق خوتەنگە سۇ بارمايدىكەن دەپ قاراپ ھاشارچىلارنى دەرھال ئىشتىن توختىتىپ قايتۇرۇپ كەتكەن. مۇنارنى قالدۇرۇپ قويغان. بۇ يەردىكى خەلق خوتەنلىك چولاق ئەمەلدار ياساتقان بۇ مۇنارنى ھازىرغىچە «چولاق مۇنارى» دەپ ئاتاپ كەلمەكتە. ئەينى چاغدا چېپىلغان ئۆستەڭنىڭ ئىزناسى ساي ئوتتۇرسىدا روشەن كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. ــــــــــــــــــــــــــــــــــــ ئىزاھات: ئابلىمىت يولۋاس: «پوسكام تارىخىي ماتېرىياللىرى(ئۈچىنچى توپلام)»، 2002-يىلى 10-ئاي نەشىرى،103-، 104-بەتلەر كىرگۈزگۈچى: ئەكرەمجان ئەخمەت ئەلقۇت. پوسكام ناھىيە 1-ئوتتۇرا مەكتەپ تارىخ ئوقۇتۇش گۇرۇپپىسىدىن بۇ يازمىنى ئاخىرىدا alkut8786 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-2-23 02:40 PM
|
|
|
|
|
|