bazarbay يوللىغان ۋاقتى 2013-2-23 04:27 PM 
شۇ كۆنلەرنى كۆرىشكە ئۆمىرىم يېتەمۇ؟
ئىز
ياش ئىدۇق مۈشكۈل سەپەرگە ئاتلىنىپ چىققاندا بىز،
ئەمدى ئاتقا مىنگۈدەك بولۇپ قالدى ئەنە نەۋرىمىز.
ئاز ئىدۇق ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلىنىپ ماڭغاندا بىز،
ئەمدى چوڭ كارۋان ئاتالدۇق قالدۇرۇپ چۆللەردە ئىز.
قالدى ئىز چۆللەر ئارا گاھى داۋانلاردا يەنە،
قالدى نى-نى ئارسلانلار دەشت-چۆللەردە قەۋرىسىز.
قەۋرىسىز قالدى دېمەڭ يۇلغۇن قىزارغان دالىدا،
گۈل چېچەككە پۇركىنەر تاڭلا باھاردا قەۋرىمىز.
قالدى ئىز، قالدى مەنزىل، قالدى يىراقتا ھەممىسى،
چىقسا بوران، كۆچسە قۇملار ھەچ كۆمۈلمەس ئىزىمىز.
توختىماس كارۋان يولىدىن، گەرچە ئاتلار بەك ئورۇق،
تاپقۇسى ھىچ بولمىسا بۇ ئىزىنى بىركۇن نەۋرىمىز يا چەۋرىمىز.
سىز بىز كۆرمىسەك ئەۋلاتلىرىمىز كۈرە ،
جاھان باقى ئەمەس، لوقمان چېغىدا تاپمىدى دەرمان،
مىسالدۇر رومى ئىسكەندەر، ۋە ھەتتا ۋەھشى چىڭگىزخان،
كېلىپ -كەتمەك بىلەن مەشغۇل، جاھانغا بىھېساپ كارۋان،
ئۆتەر دۇنيا، كېچەر دۇنيا، پەقەت ھەقلا سۈرەر دەۋران،
ئۆمۈر مەنزىلىدە تاپتىم نىھايەت شۇ ھەقىقەتنى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا !UYGHURJAN تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-2-23 04:45 PM