مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 5178|ئىنكاس: 3

ئايدىڭ سۆيگەن رۇجەك (پوۋېست)(مىسرانىم مۇكاپات ئەسەرپائالىيىتىگە) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41067
يازما سانى: 486
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 8209
تۆھپە نۇمۇرى: 1188
توردا: 1612 سائەت
تىزىم: 2011-5-17
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-23 12:44:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |



ئايدىڭ سۆيگەن رۇجەك

( پوۋېست )

ئاپتۇرى: يادىكار

(مىسرانىم مۇنبىرى "مەشرەپ" مۇكاپاتلىق ئەسەر پائالىيىتىگە ھۆرمەت بىلەن تەقدىم)

ئاسىيە ئىسىملىك قىزنى ئىزلەپ، مىغ-مىغ كىشىلەر ئارىسىدىن قىستىلىپ قانداق قىلدىم، توپ ئىچىدىكى بىر ئاپئاق ساقال مويسىپىتنىڭ يېنىغا بېرىپ قاپتىمەن. بۇۋاي توپ ئوتتۇرسىدا سالاپەت بىلەن ئۈرە تۇراتتى، بىرتوپ چىرايلىق ۋە پاكىز كېيىنگەن يىگىت-قىزلار چۆرىدەپ ئولتۇراتتى، ئەتىراپتا بولسا بىرتوپ بالىلار خوشلىقتىن چېپىپ ئويناشماقتائىدى.بۇۋاينىڭ مەڭزى قىپ-قىزىل بۇلۇپ، چېھرىدىن نۇرياغاتتى، ئاپئاق ساقىلى خۇددى ئاق مەشۇتتەك پارقىرايتى. شۇچاغدا بۇۋاي ئۇشتۇمتۇتلا ماڭا تىكىلدى :

---  ئوغلۇم، نۇرۇزنىڭ خاسىيىتىنى بىلەمسەن؟--- بۇۋاينىڭ ئاۋازى كارامەت جاراڭلىق ۋە جەزىبىدار ئىدى،--- نۇرۇزغا ئەجدات رۇھى سىڭگەنلىكى ئۈچۈن يۈكسەك  ۋە ئۇلۇق، نۇرۇز ئېشى ئۇ پۈتۈن ۋە چىن ئىخلاس بىلەن تەييار بولغانلىقى ئۈچۈن خاسىيەتلىك، ھالال ۋە پاكلىقى بىلەن ئۇلۇق، نۇرۇز يەنە ئەۋلاتقا مىراس بولغانلىقى بىلەن قەدىرلىك، ئۇلۇق تىلەكلەرگە تۇيۇنغانلىقى ئۈچۈن بىريىللىق ئاسايىشلىقنىڭ بەلگىسى ... ئوغلۇم، شۇنى ئىسىڭدە ساقلىغىنكى، ھالاللىق سېنى مۇراد-مەقسىتىڭگە يەتكۈزىدۇ، ئەجدات رۇھى سېنى نۇرلاندۇرىدۇ، ئەگەرسەن ئۈزۈڭنىڭ ئىسىل ئەنئەنەڭنى ئۇنتۇيدىكەنسەن، چۇقۇمكى چۆلدە نىشانسىز قالغان بىچارىنىڭ ئۈزىلا بۇلۇپ قالىسەن،  خار ۋە زەبۇن بۇلۇش پاتقىقىغا پېتىپ كىتىسەن... شۇنىڭ ئۈچۈن نۇرۇزغا ئوخشاش ئەنئەنىلەرگە  ھەقىقى ۋەچىن ئىخلاسىڭ بىلەن مۇستەھكەم  ۋارىس بولغىن ئوغلۇم ...  

كۈزۈمنى ئىتتىك ئاچتىم، ئەسلى بايىدىن بىرى چۈش كۆرگەن ئىكەنمەن، بىرپۇتى سۇنۇپ كەتكەن كونا ئۈستەلگە يۈلۈنۈپ يېتىپ ئۇخلاپ قاپتىمەن. ئالدىمدىكى قەغەزگە تېلىۋىزيەئىستانزىسىغا بىرىش ئۈچۈن بۈگۈنكى نۇرۇزبايرىمى ھەققىدە چالا يازغان خەۋەرماقالەم تۇراتتى، بېشىمنى كۈتۈرۈپ، تامدىكى بىربۈرجىكى يىرتىلىپ ساڭگىلاپ قالغان كوناگېزىتكە تىكىلىپ، بايىقى كۆرگەن ئاجايىپ چۈشنى ئىسىمگە ئېلىپ ئولتۇرۇپ كەتتىم. « توۋا، ئەجەپمۇ بىر چۈشلەرنى كۈرۈپ كىتىپتىمەنغۇ؟...» بۇۋاينىڭ چۈشۈمدە ماڭا دېگەنلىرى خۇددى بايىلا قىلغان سۆزدەك ھېلىھەممۇ قۇلاق تۈيۈمدە جاراڭلىماقتائىدى.

شۇتاپتا ئىسىمگە تۈنۈگۈنكى  نۇرۇز پائالىيىتىدىكى ئۇنتۇلغۇسىز مىنۇتلار، ۋە بۇ ئۇلۇق نۇرۇز كۈنلىرىدە يەنە بەزىلەرنىڭ ھالال- ھارام ئارلىشىپ كەتكەن زىياپەتتىكى غىلجىڭ سىياقىنى ئەسلەپ چۇڭقۇر ئويغا چۈكۈپ كېتىپتىمەن. خەۋەرماقالىسى يېزىش ئورنىغا «ھالال ۋە ھارام» ھەققىدە بىرماقالە يازماقچى بولدۇم، ئەمما ئىككى قۇر خەت يېزىپلا كاللام قالايمىقانلىشىپ كەتتى، ئاستا ئورنۇمدىن تۇردۇم. ئاي نۇرى ياتاق ئىچىنى سۈپ-سۈزۈك يۇرۇتۇپ تۇراتتى، دەرىزە سىرتىدا يېڭىدىن كۈكەرگەن مەجنۇنتاللار ساڭگىلاپ تۇراتتى، ئالتۇن تاۋاقتەك كۈتۈرۈلگەن تۇلۇنئاي سۈگەت شاخلىرى ئارىسىدىن كۈرۈنۈپ تۇراتتى، كېچە چىكەتكىلىرىنىڭ تىنىمسىز چىرىلداشلىرى، يىراقتىن ئىتلارنىڭ ئۈزۈپ-ئۈزۈپ يالغان قاۋىغان ئاۋازى غۇۋا ئاڭلىناتتى.

مەن دەرىزە ئالدىغا كەلدىم، سۈگەت شاخلىرى ئارىسىدىن كۈرۈنۈپ قالغان تۇلۇنئايغا قاراپ، بايىقى چۈشۈمدە كۆرگەن خىزىرسۈپەت بۇۋاي ۋە بۇۋاينىڭ قىلغان ئاجايىپ خاسىيەتلىك سۆزلىرىنى يەنە ئەسكەئەلدىم، نۇرۇزنى كۆيلەپ راۋۇرۇس بىرپارچە ئەسەر يېزىشنى كۆڭلۈمگە پۈكۈپ، ھېلىقى بىرپۇتى سۇنۇق كونا يېزىق ئۈستىلىمنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئولتۇردۇم.

***   ***   ***

مەن شۇنداق قىلىپ مۇشۇ ئىدارىغا تەرجىمان بولدۇم.

بۇمۇ مەن ئۈچۈن كاتتا بىرئىش ، چۈنكى بىزدەكلەرنىڭ خىزمەتكە ئۇرۇنلۇشۇش ئىشلىرىمىز شۇنداق تەس بۇلىۋاتقان مۇشۇئاي- مۇشۇ كۈنلەردە، مۇنداق ياخشى ئىش ھەممە ئادەمگە نىسىپ بۇلىۋەرمەيتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە كاتىپ-تەرجىمان دېمەكچى، باشلىقىنىڭ يېقىن ئادەملىرىنىڭ بىرى دېگەنلىك دەپ چۈشەندىم. ئۈزۈمنى يېزىمىزدىكى ئەڭ بەختلىك ئادەم دەپ ھېسقىلاتتىم. ھەرئەتتىگىنى ئىشقا كەلگەندە، ئىدارىنىڭ دەرۋازىسىدىن كىرگۈچە، مۇشۇ بەخىتكە ئىشەنمىگەندەك، دەرۋازىنىڭ ئۈستىدىكى ئىدارىمىزنىڭ ئىسىمى چۈشۈرۈلگەن ، سېرىق ھەل بىرىلگەن يۇغان ۋىۋىسكىغا قانماي قاراپ كېتىمەن.

مەن مۇشۇ ناھيىنىڭ يىراق بىريېزىسىدا ئۈسۈپ چوڭ بولدۇم، ئائىلىمىز بىرنەچچە مويىرىمىزگە تايىنىپ، غۇربەتچلىكتە كۈن كەچۈرىدىغان مىڭلىغان ئائىللەردىن ھېچبىر پەرقى يوق دېھقان ئائىللىرىدىن ئىدى، دادام ھەمىشە ساقىلىنى كىرپە تىكىنىدەك ئۆستۈرۋېلىپ، ياماق چۈشكەن كىيىملىرى بىلەن ئېتىز-ئېرىق ئىشلىرىدىن بۇشۇنالمايدىغان تۇلىمۇ يۇۋاش، كەمسۆز ئادەم ئىدى، ئانام كىسەلچان بۇلىشىغا قارىماي، ھەمىشە ھويلا-ئارام ئىشلىرى بىلەن پاي-پاسلاپ يۈرۈيدىغان، بالاجان مەزلۇم . مېنىڭ يەنە بىرنەچچە كىچىك ئۇكۇللۇرۇممۇ بار، ئۇلار يېزىلىق باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئۇقۇيتى. مۇنداق بىرئائىلىدىن مەندەك بىر كادىرنىڭ چىقىشى ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ناھيىگەخىزمەتكە ئۇرۇنلۇشىشى، يەنە كېلىپ كاتىپ بۇلۇش، قايسى دېھقان بالىسىنىڭ ئۇخلاپ چۈشىگە كىرسۇن؟

ئىشقاچۈشۈپ ئاي توشقان بىركۈنى، ئەتىگەندە ئىشقا كېلشىم بىلەنلا ئارقامدىنلا شوپۇر پازىلجان پەيدا بولدى:

--- يۈرۈڭ، باشلىق سىزنى ئىشخانىسىغا كىرسۇن دەيدۇ،--- دەپ قۇيۇپلا چىقىپ كەتتى. «ئاپلا، يەنە يېزىغا بارىمىز دېسە، مۇشۇ ئاچ قۇرساق نەلەردە يۈرەرمىز...» دېدىم مەن ئىچىمدە. چۈنكى ئەتىگەن ياتاقتىكى قاتتىق نان بىلەن سوغوق سۇدا ناشتاقىلىش تەس كېلىپ، «ھېلىغىچە ئاشپۇزۇلغا كىرىپ ناشتاقىلىۋالارمەن» دەپ ئۇدۇللا ئىشقا كەلگەن ئىدىم، بويتاقچىلىق دېگەنزە، شۇنداق ئىش ئىكەن.

ئەسلى بۈگۈن يۇقۇرىدىن نۇرۇزبايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن بايراملىق پائالىيەتكە قاتنشىش ئارقىلىق دېھقانلاردىن ھال سۇراش ئۇرۇنلاشتۇرۇلغان ئىكەن.

--- پازىلجان ئىككىڭلا ماشىنىغا ئازراق نەرسە تەييارقىلىۋېلىڭلا، سىز ئەركىنجان « تال توغراق» كەنتىگە بېرىپ مېنى ساقلاڭ، شۇتاپتا بىرئىشىم بارئىدى، چىش ئاغرىقىدەك تۇتۇپ كەتتىغۇ تازا،--- دېدى باشلىق يىمشاق ئۇرۇندۇقتا چۈكۈپ ئولتۇرۇپ.

پازىلجان ئىككىمىز ئامباردىن نەچچە خالتا ئۇن-گۈرۈچ دېگەندەك نەرسىلەرنى ماشنىغا باستۇق. پازىلجان باشلىقنى ئېلىپ چۈشتىن كىيىنلەربىلەن يىتىپ بارىدىغان بولدى، مەن ۋەلسىپىت بىلەن بېرىپ شۇيەردە ساقلاپ تۇرىدىغانغا كىلىشتۇق.

بىردەمدىلا يېزا يۇلىغا چۈشتۈم.باھارنىڭ ھىدى دىماققا ئۇرۇلاتتى، يول بۇيىدىكى مەجنۇنتاللار كۈكۈرۈشكە باشلىغان بۇلۇپ، ئەتىراپ خۇددى چىرايلىق تارىنىپ چىققان سەھراگۈزىلىگە ئوخشاش كىشنى مەپتۇن قىلاتتى. كۆزئالدىمداتۈپ-تۈز كەتكەن ئۇزۇن تىرەكلىك يول سۇزۇلۇپ ياتاتتى.تىرەكلىك يولدا كىتىۋېتىپ يۇقىرىغا قارىغىنىڭىزدا، تۈپ-تۈز ئۆسكەن سۇۋادان تېرەكلەرخۇددى كۆك ئاسمانغىچە بوي تارىتقاندەك ياكى كۆك ئاسماندىكى ئاق بۇلۇتلار خۇددى تېرەكلەرنىڭ ئۈستىگەئىلىنىپ قالغاندەكلا كۈرۈنەتتى. چىرايلىق باھار ئېيىدا، قۇشلارنىڭ سايراشلىرى چاڭ كەلتۈرىۋەتكەن تىرەكلىك يولنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى رەتلىك كەتكەن ئېتىزلىقلاردا ، ھەرخىل كىيىنگەن دېھقانلار،  كىشىنىڭ  يۈرۈكىنى قاياقلارغىدۇر ئوغرىلاپ قاچقىدىغان مۇڭلىق ناخشىللىرىنى ياڭرىتىپ، جۈپ- جۈپ بۇلۇشۇپ ئەمگەك قىلىشاتتى. ئۇلارنىڭ كەتمىنىنىڭ ئۇپىراپ پارقىراپ كەتكەن بىسىلىرى كۈچلۈك قۇياش نۇرىدا يالىت- يۇلىت قىلىپ كۆزنى چاقنىتاتتى. يىراقلاردىن 》  ھويىت، چوھ، ھايدا پاداڭنى《 دىيشىپ، قوللىرىدىكى قامچىللىرىنى پۇلاڭلىتىپ ، قوي-كالا پادىللىرىنى ھەيدەپ ئۆيدىن چىققان مەھەللە باللىرى كۈرۈندى. تىرەكلىك يولنى قۇشلارنىڭ ۋىچىرلاشلىرى چاڭ كەلتۈرىۋەتكەن ئىدى.

خېلى ماڭغاندىن كىيىن كۈجۈم بىرمەھەللىگە كىردىم، مانابۇ مەن كەلمەكچى بولغان نىشان ئىدى. نەلەردىندۇرئاڭلىنىدىغان چۇپان بالىنىڭ مۇڭلىق نەي ئاۋازى مېنى كۈتۈۋالدى. يېنىمدىنلا كەپسىز مۇزاي- قۇزىلار، ماڭلاي سىكىلەكلىرىنى چىرايلىق تاراپ چىققان قىرىق چاچلىق قىزلارنىڭ ئارقىسىدا شوخلىق بىلەن سەكرەپ ئۈتۈپ كەتتى.كەنىت ئېغىزىدا ئەتىراپقا قارىدىم، يىراقتىن بىرئايالنىڭ يۈرەكنىڭ بېغىشىغا تىگىدىغان ناخشائاۋازى ئاڭلاندى. ناخشا ئاۋازى كەلگەن تەرەپكە قاراپ قالدىم، ناخشا شۇنداق لەرزان ۋە يېقىملىق ئىدى. يىراقتىكى بۈككىدە قارىيىپ كۈرۈنىدىغان دېھقان باغلىرى ئارىسىدىكى غىل-پال كۈرۈنۈپ قالىدىغان پاكار سوقماتاملىق دېھقان ئۆيلىرىدىن كۈتۈرۈلگەن كۈكۈچ تۈتۈن ، ئەگرى- بۈگرى كۈتۈرۈلۈپ مەھەللىنىڭ بىپايان  ئاسمىنىغا يېيىلىپ سىڭىپ كېتەتتى.چىرايلىق پۇراپ كەلگەن باھارمەۋسۇمى سەھراغا ئەنەشۇنداق ئاجايىپ گۈزەل مەنزىرىلەرنى ئاتاقىلغانىدى. ئەتىراپقا تويماي قارايمەن. بۇھال، بۇمەنزىرە قەلبىمگە چەكسىز خوشاللىق بەخش ئەتكەن بۇلۇپ، مېنى چىرايلىق بىر دۇنياغا يىتەكلىمەكتەئىدى.

--- بۈگۈنكى نۇرۇز پائالىيىتى نەگە ئۇرۇنلاشتۇرۇلدى بۇۋا؟--- دېدىم كەنىت ئېغىزىدا ئۇچۇرىغان بۇۋاينىڭ ياشاڭغىراپلاتۇرىدىغان، قاتمۇ-قات ئۆمۈچۈك تورىدەك ئىنچىكە قورۇقلارنىڭ ئارىسىدىكى  كۆزلىرىگەتەلمۈرۈپ. ئاڭغىچە ئۇچىسغا تۇلايۇيۇلۇپ رەڭگى ئۆڭگەن ۋە نىپىزلەپ نەچچە يىرى سۈزۈلۈپ كەتكەن چىت كۆينەك كىيگەن 12ياشلار چامىسىدىكى  قارمۇتۇققىنا كەلگەن بىر قىزپەيدا بولدى ۋە  قولتۇقىدىكى كونا داستىخاننى ياندىكى دېھقان بېغىنىڭ  جىگدە تىكىنى بىلەن ئىتىلگەن چىتلىرىنىڭ يېنىدىكى تۈزيىرىگە سالدى، كۈزۈمگە تۈپى – تۈپىلەپ دەستىلەنگەن ئىككى – ئۈچ چىنە قېتىق بىلەن تازا سىڭىشىپ، قىزىرىپ پىشقان، يۈزىگە پىيازبىلەن پەمىدۇر سۇۋالغان زاغرانېنى كۈرۈندى. بۇۋاي ئېرىقتىكى شىلدىرلاپ ئېقىۋاتقان سۈزۈك سۇبىلەن قۇلىنى چايقىدى –دە، سۇپۇرگە قاشلىرى ئاستىدىكى چامغۇرئۇرىسىدەك چۇڭقۇر كۆزلىرىنى ماڭا ئاغدۇردى.

--- كەل بالام، ئاۋۋال سەھرالىقلارنىڭ تائامىنى تېتىپ كۆر،  ھېلى تېخى نۇرۇز ئېشى تەييار بۇلىدۇ، ئاڭغىچە مۇنۇ قېتىق بىلەن زاغرىغا مەرھەمەت قىل... ھىيەي، قاراپ تۇرىسەنغۇ، ئۈزۈڭ شەھەرلىك كۈرۈنىسەن، كەل، قۇلۇڭنى ماڭا ئوخشاش مۇنۇئېرىقتىكى تاغ سۈيى بىلەن چايقىۋەتكىن-دە، ماۋۇيەردىلائولتۇر. نېمە يالاڭئاياغ يۇرمەيسەن؟ يالاڭئاياغ يۇربالام، يالاڭئاياغ يۈرسەڭ ئۇششاق – چۈششەك كېسەللەردىن يىراق بولىسەن ئەمەسمۇ . كەل ، داستىخانغا كەل بالام.

بۇۋاينىڭ سەمىمىيىتى ئۈچۈن ئۇشتۇلغان زاغرىدىن بىر بوردائېلىپ ، قېتىققا مىلەپ، ئاغزىمغاسالدىم. زاغرانېنى شۇنداق مىزىلىك يېقىلغانىدى. ئۇنىڭسىزمۇ قېتىق بىلەن زاغرىنى كۈرۈپلا تازايىگىم كېلىپ تۇراتتى. بۇۋاي پارقىراپ تۇرغان كەتمىنىنى  ئېرىقتىكى سۇغا چىلاپ، شالداقشىتىپ يۇيىۋەتكەندىن كىيىن، كەتمەننىڭ كۈمۈچىگە لىققىدە سۇ ئېلىپ، كەتمەننىڭ بىسى تەرەپتىن غورتىلدىتىپ ئىچىشكەباشلىدى. مەن بوۋاينىڭ ئاپئاق قاشلىرى ئاستىدىكى ياشاڭغىراپ تۇرىدىغان ئۇرا كۈزىگە يەنەقارىدىم.بۇۋاي بۇنى سىزىپ، ئاغزىدىكى لىق تولدۇرىۋالغان ناننى چايناپ يۇتىۋەتكەندىن كىيىن سۈزىنى داۋام قىلدى.   

--- ھەھە، بايا نېمەدەپ سورىغان ئىدىڭ بالاموي؟

---بۈگۈنكى نۇرۇز پائالىيىتىگە قاتنشىش ئۈچۈن كەلگەن ئىدىم، نۇرۇز پائالىيىتىنى نەگىرەك ئۇرۇنلاشتۇردىكىن، شۇنى سورىغان ئىدىم بۇۋا.

--- ھىم، نۇرۇز پائالىيىتى دېگىن، ياپىرلەر، ئەنەئاۋۇ تەرەپكە قارا، ئەتىگەنلا شۇتەرەپتە بۈگۈنكى نۇرۇز بايرىمىنىڭ تەييارلىقلىرى باشلىنىپ كەتكەن ئىدى، مەن قېرىغا بۈگۈن سۇ تۇتۇش نۆۋىتى كەلگەن ئىدى، بولمىسا، يائاللا، نۇرۇز دېگىنىڭنى ئۈزۈملا قىزىتىۋىتەتتىم ئەمەسمۇ... ھاھاھا...

مەن بۇۋايغا تەشەككۇر ئېيتىپ، ۋەلسىپىمنى چاپتۇردۇم. بۈككىدە يۇغان بىرتۈپ قېرى قاپاق تىرەك ئاستىدىكى ئۇچۇقچىلىققا سورۇن تەييارلانغان بۇلۇپ، كەڭرى تاشلانغان يەكەنداز ئوتقاشتەك كۈرۈنەتتى. كىشىلەر توپلۇشۇپتۇ، ھەممەيەرنى كۈلكە- خۇشاللىق قاپلىغان بۇلۇپ، چىرايلىق ۋە پاكىز كىيىنگەن يېزاكىشىللىرى خۇددى قىزچىقىرىپ، ئۇغۇل ئۆيلىگەن چوڭ تويغا تۇتۇش قىلغاندەك پايپىىتەك بۇلۇپ كەتكەن ئىدى. توپنىڭ تۆر تەرىپىدە سازەندىلەر مۇقام توۋلىماققا تۇتۇش قىلىپ، سازلىرىنى تىرىڭىلىپ پەدە تۈزىمەكتەئىدى ، سورۇن ئىچىدە بولسا كىشىلەر قېرى-ياش، ئەر-ئايال بۇلۇپ نەچچە ئون ئادەم سەنەم مەشىق قىلماقتائىدى. توپ-توپ بالىلار خوشلىقتىن چاپراقشىپ ئوينايتى، ئەتىراپتىن ئىللىق باھار شامىلى يىنىك ئۇچۇپ كېلەتتى، قىشتىكى جۇت سوغوقتىن ئەمدىلا ئويغانغان تەبىئەت، ئىللىق قۇياش ئاستىدا كىشىگە بىرخىل راھەتبەخىش ئىتەتتى. ياندىكى قېرى سۈگەت ئاستىغا يۇغان داش قازان ئېسىلغان بۇلۇپ، قازان بېشىدا بىرتوپ چىرايلىق كىيىنگەن ئاياللار پايپىتەك بۇلۇپ يۈرەتتى.بۇھال، بۇمەنزىرە مېنى ھاياجانغا سالاتتى، مەن ئۇزۇن يىل يۇقىرى ئۆرلەپ ئۇقۇش جەريانىدا ئانا سەھرادىكى مۇنداق بىباھا بايراملارغا تەشنا بۇلۇپ كەتكەن ئىدىم.

ئىھ، نۇرۇز، ئەسىرلەر مابەينىدە سەن ئۆز خەلىقىڭگە تالاي شاتلىقلارنى ئاتاقىلدىڭ، سەن بولغانلىقىڭ ئۈچۈن ئەجداتلار يىللارنىڭ بۇران-چاپقۇنلىرىنى خۇشاللىق ۋە مەنىلىك ئۆتكۈزدى ئەمەسمۇ... سېنىڭ خاسىيىتىڭ بىلەن ئەۋلاتلار ئىمان-ئىنساپلىق، ئەدەپ-قائىدىلىك يىتىلدى ، سېنىڭ خىسلىتىڭ بىلەن يۇرۇت- مەھەللە تېچ- ئامانلىق ۋە باي- باياشاتلىققا تۇيۇندى، سەن مىللەتنىڭ پەخىرى  ۋە ئىپتىخارى سەن« نۇرۇز» .

يېزاقىز- يىگىتلىرى مېنى قىزغىن كۈتۈۋالدى. كىملەردۇر ۋەلسىپىتىمنى يىتىلەپ نەلەرگىدۇر جىمىقتۇردى. بىزخۇشال-خۇارم ھالدا يەكەندازئۈستىدىن ئۇرۇن ئالدۇق.مەن يەرگە تاشلانغان گېلەمگە يۈكۈنۈپ ئولتۇردۇم. بۇيەردىكى خۇشاللىقنى ھېچكىمنىڭمۇ بۇزغىسى كەلمەيتى.

سورۇن ئوتتۇرىدا ئولتۇرغان بىرمويسىپىت كىشى مېنى جەلىپ قىلدى، بۇۋاينىڭ مەڭزىدىن نۇر ياغاتتى، ئاپئاق ساقىلى خۇددى مەشۇتتەك پارقىرايتى، بۇئاقساقال مويسىپىت كىشىنىڭ بۈگۈنكى «نۇرۇز بۇۋاي» شۇئىكەنلىكىنى بىلدىم، مويسىپىتكە چۇڭقۇر ھۆرمەت بىلەن تىكىلدىم. كۆڭلۈمدە «نۇرۇز بۇۋا» دېگەنلەرنى قايتا تەكرارلىدىم.

--- نۇرۇز بۇۋا، كۆپچىلىك بەك تەشنا بوپكەتتى، مەھللىمىزنىڭ بۇيىللىق نۇرۇز بايرىمى باشلانساقانداق؟---دېدى بۈگۈنكى پائالىيەتتە رىياسەتچىنىڭ رۇلىنى ئالغان قىزىقچى كىشى مويسىپىتكە قاراپ، كۆزلىرىنى چىمىلدىتىپ، بېشىنى گىلدىڭلىتىپ، ھەييارلىق بىلەن.

--- قېنى ئەمىسە، مەشرەپ باشلانسۇن!

« نۇرۇش بۇۋاي » ئەنەشۇنداق دەپ كېلىپ، بۇيىللىق مەھەللىنىڭ «نۇرۇز» مەشرىپىنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى.

سورۇن ئوتتۇرسىدا مۇقامچىلارنىڭ ناخشا ئاۋازى بىلەن تەڭ، ئاۋۋال تاپىنى قىزىپ تۇرغان قىز-يىگىتلەر ئۇسسۇلغا چۈشتى، ئاندىن ياشتاچوڭلار، بۇۋاي-مۇمايلار لەرزان غۇلاچ تاشلاپ مەشرەپكە جۈر بولدى. مەن پۈتۈن زېھنىم بىلەن مۇقامنىڭ كىشىنى مەسىت قىلغۇچى كۈيلىرى ئىچىگە غەرىق بولغان ئىدىم، مۇقامنىڭ جۇشقۇن مىلودىيىسى ھۇجۇدۇمنى لەرزىگە سېلىشقا باشلىدى، يۈرۈكۈم مۇقامنىڭ ھەربىر ئۇدارىغا ئەگىشىپ تىپىرلايتى.  « ۋاھ، ئۇيغۇر مۇقامى، سەن دۇنياسەنئىتىنىڭ گۈل تاجىسىسەن، سەندىكى سېھرى كۈچ كىشىنىڭ ھۇجۇدىنى خۇددى ئوتقا چۈشكەن سىماپتەك ئىرىتىپ تاشلايدۇ، سەندىكى مۇڭلۇق كۈي كىشىنىڭ يۈرۈكىنى مەسىت- مەستانە قىلىدۇ، دۇنيادا ئۇيغۇر مۇقامىدەك يەنە بىر شۇنداق ئىسىل مىلودىيەمۇ بارمىكىنە؟...».

شۇچاغدا غۇنچە بوي بىر سەھراقىزى تارتىنىپقىنا كېلىپ مېنى ئۇسسۇلغا تارتتى، مەن خۇددى شىرىن بىرچۈشتىن تەستە ئويغانغاندەك ، مۇقامنىڭ سېھرى كۈچى ئوغىرلاپ كەتكەن خىيال قۇشلۇرۇمنى تەستە تېپىۋالدىم. مەن كىچىكىمدىنلا مەشرەپ ۋە ئۇيغۇر ئۇسۇللىرىنى ياخشى ئوينايتىم، دادام ھەمىشە « ئۇغۇل بالادېگەن مەشرەپنىڭ ئادىمى» دەپ مەشرەپ ئويناشنى ئۈگۈتەتتى، مەھەللىدە مەشرەپ بولسا، مېنى ئەگەشتۈرۈپ ئېلىپ بېرىشنى ھەرگىز ئۇنتۇلمايتى. مەن قىزبىلەن يانمۇ-يان ئۇسسۇلغا چۈشتۈم، قىز مەشرەپنى شۇنداق نەپىس ۋە يەڭگىل ئوينايتىكى، مەن كىچىكىمدىن مەشرەپتە چوڭ بولغان تۇرۇقلۇق، دۇلان مەشرىپىنى ياشلا تۇرۇپ مۇنداق ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئوينىغان قىزنى كۆرمىگەن ئىدىم، قىز بەزىدە خۇددى كىپىنەكتەك پىلدىرلىسا، بەزىدە يولۋاسقا ئايلىنىپ، شىددەت بىلەن قەدەم ئالاتتى، بەزىدە قىزىلگۈلدەك پورەكلەپ ئېچىلىپ كېتەتتى، بەزىدە خۇددى كۆكتە قانات قاققان لاچىندەك كەڭ غۇلاچ تاشلايتى، بەزىدە بۇلۇتتەك يىنىك تەۋرەنسە، بەزىدە ئەيمىنىپقىنا جىلۋە قىلاتتى . مەن  مەشرەپنىڭ قايناۋاتقان  قازىنىغا غەرىق بولغان ئىدىم.

باش باياۋان ۋە مۇقەددىمە ئاخىرلىشىپ، چىكىنمىنىڭمۇ بىريەرگە بېرىپ قالغىنىنى سەزمەيلا قاپتىمەن. قىزبىرلا ئۆرۈلۈپلا، مېنى سەنەقەسقە يىتەكلىدى، مەشرەپچىلەرچەمبىرەك ھاسىل قىلىپ چۆرگىلەشكە باشلىغان ئىدى. تاسلا قاپتىمەن ئېزىپ كەتكىلى.  

مەشرەپ قىزىماقتا، مۇقام تېخىمۇ ئەۋجىگە كۈتۈرۈلمەكتە ئىدى، مەشرەپچىلەر چۆرگىلىمەكتە، پۈتۈن دۇنيا ئۇلارغا ئەگىشىپ چۆرگىلىمەكتە، مانا بۇ ئۇيغۇر مەشرىپىنىڭ سېھرى كۈچى، مانابۇ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ئىسىل دۇردانىللىرى، پۈتۈن مەشرەپ سورۇنى، ھەتتا پۈتۈن دۇنيا بۇنىڭغا مەست- مەستانە بولماقتا ئىدى... مەشرەپچىلەر چۆرگىلەپ- چۆرگىلەپ بارغانسىرى ئازقېلىشقا باشلىدى، بەزى چۆرگىلىيەلىمىگەنلەر بىردىن- ئىككدىن سورۇندىن چىقىشقا باشلىدى، ئەڭ ئاخىردا قىز بىلەن ئىككىمزلا قاپتىمىز، ئەتىراپتىكى چۇقان-سۈرەنلەر، بارىكاللا- ئالقىشلار... ھېچقانداق ئاۋاز قۇلىقىمغا كىرمەيتى، مۇقام ۋە قىز مېنى ئۈزىگە چىڭ رام قىلىۋالغان ئىدى.

مۇقامچىلارنىڭ كۆك قەھرىگە سىڭىپ كەتكەن جاراڭلىق ئاۋازى ئاستا-ئاستا پەسىيىپ، ئاخىرى توختاپ قالدى. قىزماڭا ئەدەپ بىلەن يىنىك ئىگىلىپ تەشەككۇر بىلدۈردى، مەن قىزغا تەشەككۇر بىلدۈرۋاتقان شۇدەقىقىدە كۈزۈم قىزنىڭ ۋىللىدە قىزارغان ئانارنىڭ دانىسىدەك يۈزلىرىدىكى ئاھۇكۈزى بىلەن ئۇچۇرۇشۇپ قالدى، قىز بىرلا جىلۋە بىلەن ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ، قىزلارئىچىدە كۈزۈمدىن غايىپ بولدى.

مۇقامچىلارنىڭ ئاۋازىدىكى سېھرى كۈچ مېنىڭ قەلبىمنى تېخىغىچەلەرزىگە سالماقتائىدى، ۋۇجۇدۇم چەكسىز سېھرى كۈچكە تويۇنغان مۇقام ساداسى بىلەن تېخىغىچە داۋالغۇيتتى، خۇددى شىرىن چۈشتىن تۇلۇق ئويغۇنالمايۋاتقاندەك، بىرخىل سېھرى تۇيغۇ ئىچىدە ئۈزۈمگە كېلەلمەيۋاتاتتىم .

--- جامائەت، بۇيىل يەنە بىرمۇنچە قىز- يىگىتلىرىمىز قاتارغا قېتىلىپتۇ، ئادىتىمىز بۇيىچە، ئەمدى يېڭىدىن قاتارغا قېتىلغان يىگىت- قىزلىرىمىزغا نۇرۇز ھەققىدە ئىككى شىڭگىل ساۋات بەرسەك قانداق !؟

ئەتىراپتىن شوخ كۈلكىلەر، مۇبارەك-تەبرىكلەر ياڭرىدى.

---ئاۋۋال مۇنۇشەھەردىن كەلگەن كادىر ئۇكىمىزدىن ئىككى شىڭگىل يېڭىلىق ئىشتەيلى،--- دېدى ياندىكىلەردىن بىرى. مەن تۈزۈت قىلىپمۇ قۇتۇلالمىدىم، ھەرھالدا نۇرۇز ھەققىدە كىتابتىن ئۇقۇغانلىرىم بارئىدى.

--- «نۇرۇز» سۆزى پارىس تىلىدىن كەلگەن بۇلۇپ،  «يېڭى كۈن» دېگەن مەنىدە، --- دېدىم ئورنۇمدىن تۇرۇپ، جامائەتكە يەنەبىرقېتىم ئەدەپ بىلەن سالام بىرىپ، كەمتەرلىك بىلەن، --- بۇ ھەريىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان ئەنئەنىۋى بايرام، 2010-يىلى 3-ئاينىڭ 20-كۈنى ، ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىرلەشكەن دۆۋلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە تۈركىيە، ئەزەربەيجان، ئافىغانىستان، تاجىكىستان، ئۆزبىكىستان قاتارلىق تۈرك دۆۋلەتلىرىنىڭ زوركۈچ بىلەن قوللاپ –قۇۋەتلىشى ئارقىسىدا، ئەسلىدىكى ھەريىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنىدىكى نۇرۇز بايرىمى ئاساسىدا " ب د ت "  ھەريىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنىنى «دۇنيا نۇرۇز كۈنى» قىلىپ بىكىتىشنى قارارقىلدى. بۇ پۈتۈن دۇنيانىڭ « نۇرۇز» دىن ئىبارەت بۇ كاتتا بايرامغا بولغان ئەڭ ئالى مۇكاپاتى ئىدى. « نۇرۇز» نىڭ يەنە «يېڭى يىلنى كۈتىۋېلىش» دېگەن مەنىسىمۇ بار، « نۇرۇز» پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ پەخرى ۋە غۇرۇرى، ھازىرقى زامان ئاستىرنۇمىيە ئىلىمىدە بۇكۈنى كۈن-تۈن تەڭلىشىدىغانلىقى مەلۇم. قەدىمى تۈركلەر كۈن-تۈن تەڭلىشىدىغان بۇكۈننى ئۇلۇقلاشنى شۇچاغلاردىلا بىلگەن.نۇرۇز بايرىمىغا ئالاقىدار نۇرغۇن گۈزەل رىۋايەتلەر بار، بۇيەنە تۈرك قەۋىمىنىڭ تەبىئەتنى ئۇلۇقلاش ئېڭى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك. تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا، نۇرۇز بايىرىمى ئۈچ مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە قەدىمى ئۆرىپ-ئادەت ئاساسىىدىكى بايرام بۇلۇپ، «قۇربان ھېيت» «رۇزى ھېيىت» تىن قالىسلا ئۈچۈنجى مۇھىم ئەنئەنىۋى بايرىمىمىز ھىساپلىنىدۇ. نۇرۇز بايرىمى «نۇرۇز» «نەۋرۇز» دىيىلىپ، ئۇيغۇر قاتارلىق تۈرك قەۋىمى ئىچىدە ئەسىرلەربۇيى داۋام قىلماقتا.تۈرك قەۋىمى ئەجداتلىرى ئەڭ دەسلەپتە كۆچمەن چارۋىچىلىق تۇرمۇشى كەچۈرگەچكە، ھەريىلى قىش پەسلىدىكى جۇدۇننى ئۇزۇتۇپ، باھارباشلانغاندا، كۈن-تۈن تەڭ بولغان ئاشۇ كۈنىنى يىلنىڭ بېشى دەپ قارىغان، ھەمدە بۇكۈندە كائىنات ئويغۇنۇپ، بىريىللىق ئىشلىرىنىڭ خەيىرلىك باشلىنىشى دەپ ھىساپلاپ، شۇكۈنى بولغاندا، چارۋىچىلار قۇتانلىرىدىكى قىشتىن ساق-سالامەت ئۆتكەن چارۋىللىرىنىڭ سانىنى ئېنىقلىسا، يەنە بىرتەرەپتىن خۇشال-خۇرام ھالدا يايلاقلارغا چارۋا ماڭدۇرۇشقا تەييارلىق كۆرگەن.ئەڭ دەسلەپتە تەخمىنەن مىلادىدىن مىڭ يىل ئىلگىرى، تارىخى ماتىرياللاردىكى «توققۇزخۇيخۇ» دەپ  خاتىرلەنگەن غەربى خۇيخۇلار بۇكۈنىنى «نۇرۇز بايرىمى» دەپ خاتىرلىگەنلىكى مەلۇم.

--- ھەھە، ئۇكاھوي، قۇرساقتا ئازراق ئۇماچ بارمۇ نېمە؟--- دەپ كۈلدى بايىقى قىزىقچى قىياپەتتىكى كىشى گەپلىرىمنى ئاڭلاپ، --- قېنى-قېنى، ئاخىرىنى ئاڭلايلى.

مەن سۈزۈمنى داۋام قىلدىم:

--- ھازىر 3-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن22-كۈنىگىچە، دۇنيابۇيىچە ئوتتۇزنەچچە مىللەت ئۇيغۇرلاربىلەن بىرلاۋاقىتتا نۇرۇز بايرىمىنى تەبرىكلەيدۇ. بۇكۈنى جامائەت مۇشۇجايدىكى ئابرويلۇق بىر ئاقساقالنىڭ ئۈيىگە يىغىلىپ ياكى مەلۇم بىرسورۇنغا توپلۇشۇپ نۇرۇزبايرىمىنى باشلايدۇ، ئاياللار ئۆي ۋە ئەتىراپنى پاكىز تازىلايدۇ، بالىلار چۇقۇرۇشۇپ خۇشال ئوينايدۇ، قىزلار باھاردەك ياسىنىپ، توزدەك ئېچىلىپ چوڭلارنىڭ ئىشىلىرىغا قارىشىپ بىرىدۇ، يىگىتلەر ئۆزلىرىنىڭ بەسىتلىك ۋە قاتارغا قېتىلىپ قالغىنىنى كۆز-كۆز قىلماقچىدەك بۇرۇت قۇيۇپ، دوپپىسىنى قىرلاپ كىيىپ، ئاتقا مىنىشىپ، ئاغرىق-سىلاق، يىتىم-يىسىر، نامرات- مۇھتاجلىقلارنى يوقلايدۇ ۋە جامائەتنىڭ ئېغىر-يىنىك ئىشلىرىغا قارىشىپ بىرىدۇ... ئاپلا، كۆپ سۆزلەپ قويدۇممۇ؟  مەن ئۈزۈممۇ تېخى ئەمدى قاتارغا قېتىلغان «سويما» بولغاندىكىن، بۇۋايوللۇق ئاقساقاللارنىڭ ئالدىدا بىلجىرلاپ سەت ئىش قىلدىم...

كۆپچىلىك  كۈلۈشۈپ كەتتى، «ماۋۇ بالا بۇلىدىكەن... زىيالى ئەمەسمۇ...» دېگەن گەپلەر قۇلىقىمغا ئىشتىلدى.

--- باللىرىم،  ھېلى مۇنۇ كادىرئوغۇل ئوتتۇرغا قويغاندەك، نۇرۇز بايرىمىمىزنىڭ تارىخى تۇلا ئۇزۇن، ھە-ھە، بايا نەچچەمىڭ يىل دېدىڭ ھوي  بالام؟

--- ئۈچ مىڭ يىل،--- دىيىشتى كۆپچىلىك.

--- قالدىسىچۇ؟--- دەپ گەپ ئارلىدى بىر ئاقساقال بۇۋاي كۈمۈش مەشۇتتەك ئاپئاق ساقاللىرىنى سىيلاپ ئولتۇرۇپ،--- نۇرۇزدا نېمەپائالىيەتلەر بۇلىدۇ، سىلەر ياشلار بۇنى بىلمىسەڭلا قانداق ۋارىسلىق قىلىسىلەر؟

ئەمدى نېمەدىيىىشمىنى بىلمەي پاتىڭىمىنى قاشلىدىم، تېخىمۇ جىددلىشىپ كەتتىم. شۇچاغدا ئوتتۇرا ياشتىكى بىركىشى چەبدەسلىك بىلەن مەيدانغا چۈشۈپ، ۋاھىزلارغا خاس ئۇرغۇبىلەن سۆزباشلىدى:

--- قالدىسىنى كەمىنە ياسىن ۋاھىزدىن ئشىتىڭلەر، نۇرۇز شۇنداق خاسىيەتلىك دېدىڭ، نېمىشقا نۇرۇزنى قانداق ئۆتكۈزىمىز؟ دېگەننى دېمەيسەنوي ئۇكام،--- دېدى بۇكىشى ماڭاقاراپ كۈلۈپ قۇيۇپ،--- نۇرۇز بايرىمىمىزنىڭ خاسىيىتىگە تۇشلۇق، يەنە تېخى ئېنىق تەرتىپىمۇ بار،--- دېدى بۇكىشى غاراڭ-غۇرۇڭ ئاۋازدا،--- 3-ئاينىڭ 20-كۈنى تاڭ بىلەن تەڭ ناغرا-سۇنايلار چېلىنىپ، بايرامنىڭ يىتىپ كەلگەنلىكىدىن خەۋەربىرىلىدۇ. ناغرا-سۇناي ئاۋازىنى ئاڭلىغان جامائەت شۇيەرگە توپلىشۇپ، ئۇسۇلغا چۈشىدۇ ۋە تاڭغىچە داۋام قىلىدۇ. مۇقامچىلار مۇقام باشلايدۇ.  گۈلخانلار لاۋىلداپ ئەتىراپنى كۈندۈزدەك يۇرۇتۇپ تۇرىدۇ. ئەتىسى كىشىلەر پاكىز يۇيۇنۇپ، قىشىلىق كىيىملىرىنى سېلىپ تاشلاپ، نۇرۇز ئېشى تەييارقىلىدۇ. نۇرۇز ئېشى تەييارلاش بۇبايرامنىڭ مۇھىم مەزمۇنلىرىنىڭ بىرى بۇلۇپ، ھەممە ئائىللەردە نۇرۇز ئېشى تەييارلايدۇ ياكى مەلۇم بىرياكى بىرنەچچە نوقتىدا يىغىلىپ نۇرۇز ئېشى تەييارلايدۇ.

--- نۇرۇز ئېشى قانداق ئىتىلىدۇ ئاكاھوي،--- دەپ گەپ ئارلىدى شاپ بۇرۇت بىريىگىت.

--- نورۇز ئىشى ئەنئەنە بويىچە يەتتە ياكى توققۇز خىل ماتىريالدىن تەييارلىنىدىغان بولۇپ، بۇغداي، ئارپا، گۇرۇچ، تىرىق، كوخ، سۇت، سۇ قاتارلىقلارنى ئارىلاشتۇرۇپ پىشۇرىدۇ. "نورۇز" مۇراسىمىغا قاتناشقانلارنىڭ ھەممىسى "نورۇز ئىشى" غا ئېغىز تېگىشى شەرت قىلىنىدۇ. ھەممە كىشى "نورۇز" بايرىمىدا قانغۇچە كوڭۇل ئېچىپ، ياخشى تىلەك-ئارزۇلار بىلەن ئۆيلىرىگە قايتىشىدۇ ۋە بايرامنى تەبرىكلەپ ئوزئارا پەتىلىشىدۇ.

--- نۇرۇز نامە، شۇنىڭ گېپىنى تىزرەك دېسىڭىزچۇ ياسىن تاغا.--- دەپ چۇرقۇراشتى بىرنەچچە قىز. ياسىن ۋاھىز قىزلارغا قاراپ قۇيۇپ سۈزىنى داۋام قىلدى:

---ئالدىرىماي تۇرمامسەن سىكىلەكلەر،ھېلى ئېزىپ كتىمەن جۇمۇ... ھەھە، نورۇز بايرىمىدا ئۇنىڭغا بېغىشلانغان "نورۇزنامە" لەرمۇشائىرەقىلىنىدۇ. ئۇنىڭ مەزمۇنىدىن قارىغاندا، قىش-زىمىستاننى قوغلاش، ئاسايىشلىق يېڭى باھارنى كۈتۈۋىلىش ، يېڭى يىلنىڭ يېڭىچە خۇشاللىق بەخش ئىتىشىگە تىلەكداشىلىق بىلدۈرۈش، يېشىللىققا پۈركەنگەن تەبىئەتنى كۈيلەش، كىشىلەرنى ئىلىم-مەرىپەتكە ئۈندەش، ئىتتىپاق ۋە ئىناقلىقنى تەشەببۇس قىلىش، ساخاۋەتلىك ۋە دىيانەتلىك بولۇشقا چاقىرىش قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ.--- ياسىن ۋاھىز شۇنداق  دەپ كېلىپ سۈزىدىن توختاپ قالدى ۋە قىزلارتەرەپكە قاراپ،--- مۇنۇ شەيتانلار نېمىشقا بەك ئالدىرايسىلەر، چۇقۇم بىر گەپ بار.

--- چىقە چىمەنقىز، ئەمدى نۆۋەت سېنىڭكى.

قىزلار چۇرقۇرۇشۇپ، ئارىدىن بىرقىزنى ئىتتىرىپ ئوتتۇرغا چىقىرىپ قويدى. قىز ئەتىراپتىكىلەرگە  ئەدەپ بىلەن سالام بىجاكەلتۈرگەندىن كىيىن:

--- ئۇرۇق-تۇغقان- جامائەت، مەن ئوتتۇزئۇغۇل- توققۇزقىزنىڭ ھاۋالىسغا ئاساسەن « نۇرۇز بۈگۈن» نامىلىق نۇرۇزنامىنى مۇشائىرە قىلىپ بىرەي:
ئىختىرا قىلدۇق نورۇزدىن ياخشى كۈننى باشلىدۇق،
كۆڭلىمىزنىڭ خۇشلىقىدىن بۇ ئويۇننى باشلىدۇق،
خان تاۋاردا تون كىيىپ، جۇۋا-تۇماقنى تاشلىدۇق،
ئات مىنىپ، ئوغلاق ئېلىپ، مەشرەپ قىلۇر كۇندۇر بۇگۇن.
                             ...  ...  ...
           --- ياشاڭ چىمەنقىز!

--- بەك ياخشى ئۇقۇدىڭىز.

--- داۋاملاشسۇن!--- دەپ ۋارقىراشتى قىز-يىگىتلەر شوخلۇق بىلەن. ئەتىراپتىكى جۇشقۇن كەيپىيات تېخىمۇ ۋايىغا يەتمەكتەئىدى.

--- نۇرۇز ئېشى ئىتىشنى بىلەمسىزچىمەنقىز ؟--- دەپ ۋارقىراشتى يىگىتلەر چىمەنقىزنى چوڭ سورۇندا سىنىماقچى بۇلۇپ. چىمەنقىز تۇلۇمۇ تەمكىن ئىدى.

--- نۇرۇز ئېشى تەييارلاشتىمۇ يەنە بەزىبىر تەلەپلەر بار،  قاسىماخۇننىڭ سۈزىنى تۇلۇقلايمەن،--- دېدى چىمەنقىز قىرىقتال چېچىنى سىلاپ تۇرۇپ،--- بايا نۇرۇز ئېشىنى يەتتەخىل يىمەكلىك بىلەن تەييارلايمىز دىيىلدى،  بەزى جايلاردا بۇيەتتەخىل نەرسە يەتتە ئائىلىدىن ئۆتنە ئېلىنىپ تەييارقىلىدىغان ئىشلارمۇ بار. بۇكۈنى خوشنىلارئارا تاماققا چىللىنىپ، ئۆزئارا قۇتلۇقلىشىدۇ. ئىلگىرىكى ئاداۋەتلەرنى يۇيۇپ، بىر-بىرىنى ئەپۇقىلىشىدۇ، قىيدىشىپ قالغان ئەر-خۇتۇنلار قايتىدىن يارىشىدۇ. يەنە ياشانغانلار بۇيىللىققا بەرىكەت، سالامەتلىك تىلەش قاتارلىق دۇئا-تىلەكلەرنىمۇ ئېلىپ بارىدۇ. ئاق ساقالنىڭ يىتەكلىشى بىلەن يىتىم-يىسىر، ئاغرىق- سىلاقلارنى يوقلايدۇ. چارۋىسى يوقلارغا چارۋا، ئۇرۇقى يوقلارغا ئۇرۇق ئىئانە قىلىنىدۇ. بىزقىز –جۇۋانلارھويلا-ئارام، كىيىم-كىچەك، يوتقان-كۆرپىلەرنى يۇيۇپ-تازىلايمىز.

--- ئۈچۈنجى كۈنى ئەتىگەندە تۇپراق بېشىغا چىقىپ، ئەجداتلارنىڭ رۇھىنى يوقلايمىز،--- دەپ قىزدىن گەپ تارتىۋالدى بىريىگىت بىرپۇتى بىلەن تىزلىنىپ تۇرۇپ،---قەبرەبېشىغا دان چېچىلىپ، قىشتىن ساق-سالامەت چىققان ئۇچار -قۇشلارغا رىزىق-نىسىۋە بىرىلىدۇ.

--- يەنەبار،--- دېدى بىرقىز ئوتتۇرغا چىقىپ، يىگىتنىڭ سۈزىنى تارتىۋېلىپ، ئەدەپ بىلەن سالام قىلىپ، ---جامائەت سەپەرۋەگە كىلىپ، يېڭى كۈچەتلەر تىكىلىدۇ. بۇزۇلغان كۆۋرۈكلەر رىمۇنىت قىلىنىدۇ، تۇسۇلغان ئېرىق- ئۆستەڭلەر تازلىنىدۇ.

--- كۆك چۆچۈرىسى، ئايقىز، كۆك چۆچۈرىسىنىڭ گېپى قالدى،--- دىيىشتى قىزلار چۇرقۇرۇشۇپ، بۇقىزنىڭ سەمىگە سالماقچى بۇلۇپ.

--- كۆك چۈچۈرىسى تەييارلىنىپ، « يېڭىلىققا ئېغىز تەگسىلە» دەپ ئۆي- ئۆيلەرگە يەتكۈزىلىدۇ، كۆك چۆچۈرىىسى يېڭىلىق ۋە يېڭى يىلنىڭ ئەڭ دەسلىۋىدە تەبىئەت ئاتاقىلغان كۆك بۇلۇپ، ئەھلى-مەھەللە تەڭ ئېغىز تېگىپ، بۇيىللىق ئاسايىشلىق ئۈچۈن دۇئاقىلىنىدۇ.--- دېدى ئايقىز ئىسىملىك قىزئۇرغۇلۇق قىلىپ.

--- ئوغلاق تارتىش، تۇراقجان ئوغلاق تارتىشنىڭ گېپىنى قىلماي نېمىگە دومسۇيۇپ تۇرىسىلە.--- دىيىشتى يىگىتلەر بايىقى يىگىتكە ئەسكەرتىپ،---ھەرقانچە بولسىمۇ ئايقىزغا ئۇتتۇرۇپ قويماڭلا جۇمۇ كومشا ئاداش.

--- ئوغلاق تارتىش بىزيىگىتلەرئەڭ ياخشى كۈرىدىغان پائالىيەتلىرىمىزدىن بىرسى،--- دېدى يىگىت بوش كەلمەي قىزنىڭ گېپىنى تارتىۋېلىپ، بۇرتىنى يىمىرىپ قۇيۇپ،---ئۇنىڭدىن سىرىت يەنە خۇراز سۇقۇشتۇرۇش، ئات بەيگىسى، قوشقار سۇقۇشتۇرۇش، ساغاندى، ئوۋئوۋلاش، پاۋانلىق قاتارلىق ھەرخىل پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىلىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن  بۇيان بولسا يەنە سەنئەت كۈرىكى ، چاي يىغىنى ، گۈزەل سەنئەت بۇيۇملىرى كۆرگەزمىسى، ھەرخىل توپ مۇسابىقىسى قاتارلىق يېڭى مەزمۇنلار قۇشۇلدى، ئەمما شۇنىڭغا ئەگىشىپ قىسمەن كىشىلەرنىڭ ئېڭىدىكى بەزىبىر چاكىنا ئىللەتلەرمۇ ئارىلىشىپ، ئەسلىدىكى بەزى ئسىل مەزمۇنلار ئۇنتۇلدى. بۇتۇلۇمۇ ئەپسۇسلىنارلىق ئەھۋال.

--- يەنەبار، --- دەپ گەپ ئارلىدىن ئايقىزئىىسملىك قىز خۇددى تاغ سۈيىدەك زىل ئاۋازبىلەن،--- خەلقىمىز نورۇزنى خاسىيەتلىك بايرام دەپ قۇتلايدۇ. ئاتا- بوۋىلىرىمىز نورۇز كۈنلىرىدە كىمكى ياخشى ئىش قىلسا، شۇ كىشىگە يىل بويى ياخشىلىق نېسىپ بولىدۇ دەپ قاراپ، ھەممەيلەننى ياخشى ئىش قىلىشقا ئۈندەيدۇ.

--- نۇرۇزپائالىيەتلىرى ھەققىدە مەن ئىككى ئېغىز ۋەزخانلىق قىلسام،--- دېدى تاشكەن دوپپىسىنى قىرلاپ كىيگەن بىريىگىت توپ ئوتتۇرىسىغا چىقىپ، ئەدەپ بىلەن سالام بەجا كەلتۈرگەندىن كىيىن،--- نورۇز ھارپىسى ئەتتىگىنى ناغرا-سۇناي چىلىنىدۇ. ئەل-يۇرت بايراملىققا جابدۇنىدۇ. ھارپا ئاخشىمى يىگىتلەر توپ-توپ بولۇپ مەشئەل كۆيدۈرۈپ، قىر-دالاغا چىقىپ سوغۇق قوغلايدۇ. سوغۇقنى ھەجىۋى قىلىپ، بېيىت-قوشاقلارنى ئېيتىشىدۇ. گۈلخان يېقىپ، چۆرىسىدە قويۇن ئۇسۇلى ئوينايدۇ. قىززىقچىلىق قىلىشدۇ. تاڭ ئاتاردا، سوغۇق قوغلۇغۇچىلار يۈرت-مەھەلىگە يانغانلىرىدا، ھەر ئۆيلۈك ئۆز ھالىغا يارىشا ھەر خىل غىزا تەييارلاپ، ئۆيلىرى ئالدىدا شىرەگە تىزىپ، ئۇلارنى كۈتۈۋالىدۇ. بۇ سوغۇق قوغلىغۇچىلارغا بېرىلىدىغان ھاردۇق ئېشى بولۇپ  ھىساپلىنىدۇ.

--- بايا نۇرۇزئېشى يەتتەخىل يىمەكلىكتىن تەييارلىنىدۇ دىيىلدى، مەن يەنە ئىككى شىڭگىل تۇلۇقلاي،--- دېدى يەنە بىر شاپ بۇرۇت يىگىت ئوتتۇرغا چۈشۈپ،--- بەزى جايلاردا نۇرۇزئېشى يەنە توققۇزخىل يىمەكلىكتىن تەييارلىنىدۇ، بۇنى «توققۇزى تەل بولۇش » دەپ چۈشۈنۈپ، بۇئارقىلىق مۇشۇبىريىللىق تۇرمۇشىغا توققۇزى تەل بولغان  بەخت-سائادەتلەرنى تىلەيدۇ.

--- مەنمۇ ئىككى شىڭگىل تۇلۇقلىسام،--- دېدى  زىلۋابوي بىرقىز ئورنىدىن تۇرۇپ، سالام بەجاكەلتۈرۈپ،--- بەزى جايلاردا « س» ھەرىپى بىلەن باشلىنىدىغان يېمەكلىكلەردىن نۇرۇزئېشى تەييارلاش ئادىتىمۇ بار، مەسىلەن: سۈت، سېرىق ماي، سۆك-تېرىق، ساغۇن، سىركە، سامساق، سۇ يېغى قاتارلىقلار، بۇ ئەجداتلىرىمىزنىڭ يىل بويى «ساغلام» بولۇش دېگەن مەنىلەرگە تەدبىقلاپ، « س» ھەرپىنى ئۇلۇقلاپ كەلگەنلىكى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك .
--- مەشرەپنىڭ گېپى نېمىشقا چىقمايدۇ،--- دەپ ئارىغا چۈشتى بىريىگىت سالام بەجاكەلتۈرۈپ، --- نورۇز مەشرىپى پۈتكۈل نۇرۇز پائالىيىتىنىڭ مۇھىم بىرمەزمۇنى جۇمۇ.

--- ھە، نۇرۇز مەشرىپى ھەققىدە ئىككى ئېغىز بىرنەرسە بىلىدىغاندەك گەپ قىلىسىلىغۇ، كومشائاداش.

--- بىلىمەن، نورۇزنىڭ ئۈچۇنچى كۈنى يۇرت-مەھەللە بويىچە چوڭ مەشرەپ ئۆتكۈزۈلىدۇ. ئەھلى- مەھەللە قۇربى يەتكىنىچە يىغىلىش قىلىپ، چوڭ مەشرەپكە قاتنىشىدۇ، ئەقلىمگە كەلگەن ھېلىقى يىلى، ھېلىقى سادىرجان، مانناپجان، تۇراقجان قاتارلىق تەڭتۈشلىرىمىزنىڭ خەتنىسىنى قىلىپ، كەستۈرۋەتكەن يىلى شۇنداق چوڭ بىر مەشرەپ بولغىنى ئىسىمدە، يائاللا ...

بۇگەپ بىلەن تەڭ ئەتىراپتىن قىقاس كۈلكە كۈتۈرۈلدى، يىگىت باياقىلىپ سالغان گېپىدىن ئۇيۇلۇپ، پاتىڭىنى قاشلاپ يىگىتلەرنىڭ ئارىسىغا غىپپىدە كىرىپ كەتتى. قىزلار يۈزلىرىنى تۇتىۋالدى. بۇۋايلار كەمشۈك چىشلىرىنى چىقىرىپ، كۆزلىرىدىن ياش چىقىپ كەتكۈچە كۈلۈشتى. يىگىتلەر بۇيىگىتنىڭ پاتىڭىدىن ئىتتىرىپ جىمىقتۇردى.

--- شۇنداق، مەشرەپنىڭ ئۆزى بىر مەكتەپ،--- دەپ گەپ باشلىدى بايائوتتۇردا تۇرغان يىگىت كۈلكىدىن ئۈزىنى توختۇتۇپ،--- شۇڭا كونىلار«بالاڭنى مەكتەپكە بەر، بولمىسا مەشرەپكەبەر» دەيدۇئەمەسمۇ.

--- پاھ-پاھ-پاھ، يېڭىدىن قاتارغا قېتىلغان ياشلار بوش ئەمەس ئىكەن جۇمۇ، نۇرۇز ھەققىدە كارامەت سۆزلەر بۇلۇندى، مەن تۇلۇمۇ خوش بولدۇم باللىرىم،--- دېدى ئاقساقال « نۇرۇز بۇۋاي» خۇشاللىقتىن ئاپئاق ساقلىنى سىلاپ قۇيۇپ،--- شۇنداق، نۇرۇزنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا نورۇزلۇق تىلەكلەر ئېلىپ بېرىلىدۇ باللىرىم، نورۇزنىڭ ئاخىرقى كۈنى ئەھلى -مەھەللە بىر يەرگە جەم بولۇپ، نورۇزنىڭ ياخشى باشلىنىپ، خوشال- خورام ئۆتكەنلىكىگە ئاپرىن ئۇقۇپ، بۇ يىلنىڭمۇ ئامان-ئېسەن، باياشاتچىلىق ئىچىدە داۋام قىلىشىنى تىلەيدۇ. دېمەك نورۇز-ئەمگەك بايرىمى، شادلىق بايرىمى، ئىلىم- مەرىپەت بايرىمى، بىرلىك-ئىناقلىق بايرىمى، تېچ-ئامانلىق بايرىمى، ئىنساپ-ساۋابلىق بايرىمىدۇر باللىرىم. ...

ئەتىراپتىن كۈتۈرۈلگەن خۇشال كۈلكە سادالىرىدىن ھۈركۈپ كەتكەن قۇشقاچلار، قېرى قاپاق تىرەك ئۈستىدىن« پۇررىدە» قىلىپ ئۇچۇپ كەتتى.

--- «نۇرۇز بۇۋا»، بالىلارنىڭ پىكىرى بارئىدى،--- دېدى بىر شاكىچىك توپ ئوتتۇرسىغا چىقىپ، ئەدەپ بىلەن سالام بىرىپ.

--- ھە، نېمە پىكىرىڭلاربار، شاكىچىكلەر.

--- نۇرۇز چوڭلارنىڭلا ئەمەس، بىز بالىلارنىڭمۇ بايرىمىغۇ، بۇۋا.

--- ھاھاھا... شۇنداق بولماي.

--- چوڭلارنىڭ مەشرىپى تۈگۈدى، تەلمۈردۇق، دەررە ئۇيۇنى تۈگۈدى ، يەنە تەلمۈردۇق ...

--- ھاھاھا...  قارىغاندا سىلەرگە نۆۋەت بىرىلمەيۋاتقان ئوخشىمامدۇ؟

--- دەل تاپتىڭىز بۇۋا، بالىلار گۇرۇپپىمىزمۇ نۇرۇزلۇق ئىسىل سوۋغاتلارنى ئەكەلگەن ئىدۇق.

ئارقىدىنلا بالىلاردىن تەركىپ تاپقان مۇقام گۇرۇپپىسى مەشرەپ باشلىدى. بۇمەھەللە مەخسۇس بىر « ئىزباسارلار مۇقام ئەترىتى» تەشكىل قىلغان بۇلۇپ، پىشقەدەم مۇقامچىلار ئۈزىگە ئىزباسار تەربىيەلەپ، كېيىنكى ئەۋلاتلارنىڭ قىممەتلىك مىللى مىراسلىرىمىز بولغان دۇلان مۇقامى ۋە مەشرىپىنى تېخىمۇ تەرەققى قىلدۇرۇپتۇ ۋە ناھايىتە ياخشى ئىزباسارلارنى تەربىيەلەپتۇ. كىچىكى سەككىز ياشلار، چۇڭى ئون ئىككى ياشلاردىكى بۇ بالىلار مېنى خۇشال قىلدى، پىلدىرلاپ ئوتتۇرغا چۈشكەن كىچىك مەشرەپچى قىزلارنىڭ چەبدەس ۋە شۇقەدەرلەرزان ھەركىتى مېنى ھاياجانغا سالاتتى، شاكىچىكلەرنىڭ خۇددى چوڭلاردەك غۇلاچ تاشلاپ ئويناۋاتقان مەشرىپى كىشىنى ھەقىقەتەنمۇ قايىل قىلاتتى. شۇچاغدا بايىقى مەن بىلەن ئۇسۇل ئوينىغان قىز بۇكىچىك قىزلار قاتارىسىدا پەيدا بۇلۇپ قالدى.

--- ئاسىيەقىز مانامۇشۇ بالىلار گۇرۇپپىسىنىڭ كونكرىت مەسئۇلى ۋە ئۇسۇل يىتەكچىسى.

يېنىمدىكى بىرسىنىڭ شۇگەپلىرى قۇلىقىمغاكىرىپ قالدى.مەن قىزنىڭ ئەۋرىشىم ۋە نەپىس ھەرىكەتلىرىگە يەنەبىر مەپتۇن بولدۇم.  بالىلار خۇددى بۇلۇت ئۈستىدە ئۇسۇل ئوينىغاندەك تۇلۇمۇ لەرزان، نەپىس ھەرىكەت بىلەن مەشرىپىنى تاماملاپ، جامائەتكە سالام بىرىپ چۈشۈپ كەتتى. مەن مەشرىپىمىزنىڭ پارلاق كېلەچىكىنى كۆردۈم، شاكىچىكلەر مەشرەپ ئەترىتىدىكى بالىلاردىن پەخىرلەندىم، مەھەللىدىكى بۇ مۇقام ئەتىرىتىگە ياردەم بەرگەن مەرىپەتپەرۋەرزاتلاردىن، جۈملىدىن بايىقى ئاسىيە ئىسمىلىك قىزدىن مىننەتدار بولدۇم.

--- ئاسىيەقىزنىڭ نېمەئۈچۈن شۇنداق قىلغىنىغا زادىلا ئەقلىم يەتمەيدۇ.

يىگىتلەرنىڭ ئاسىيەقىز ھەققىدىكى گەپلىرى مېنى ئالاھىدە جەلىپ قىلدى. مەن كاتىپ بۇلدۇم، يەنە تېخى ئۇقۇغان چاغلىرىمدىن تارتىپ شەھەرلىك گېزىتكە ئىختىيارى مۇخبىرلىققا تەكلىپ قىلىنغىلىمۇ بىرنەچچە يىل بولغان بولسىمۇ، ئەمما نېمەئۈچۈندۇر بىرەرقىزغا كۆزسالغان ئەمەسمەن، راسىت گەپنى قىلىسام، بۈگۈنكى بۇپائالىيەتتە ئايىسەقىز ئىسىمىلىك ئاشۇقىزخىيالىمنى ئوغرىلىماقتائىدى، تۇرۇپ-تۇرۇپلا نېمىدۇر بىرنەرسەمنى يىتتۈرۈپ قويغاندەك، ئەتىراپىمغا بۇيۇنداپ قارايمەن، ئارقىدىنلا پاتاڭلىرىمغىچە قىزىپ ئۈزۈمگە كېلىمەن... بايىدىن بىرىقى بۇخىل ھالىتىمگە قاراپ، ئاسىيەقىز ئىسىملىك بۇقىزنىڭ خىيال قۇشلۇرۇمنى ئوغرىلاۋاتقىنىنى ئىقرارقىلماي تۇرالمايتىم. يېنىمدىكىلەرنىڭ پەس ئاۋازدا قىلىشىۋاتقان گەپلىرىگە ئوغرىلىقچە قۇلاق سالدىم.

--- مەھەللىنىڭ گۈلى ئىدى،  مەھەللە يىگىتلىرى ئاسىيەقىز ئۈچۈن ئوتقادېسە ئوتقا، سۇغا دېسە سۇغا كىرىشكە تەييارئىدى، ھەي ئەپسۇس...

--- سىلە شۇنداق دەيسىلە، قاۋۇلجاننىڭ ھېلىقى ئىشى، ھېلىقى كەنىت مەكتىۋىدىكى مېيىپ بالىلارنىڭ پۈتۈن ئۇقۇش چىقىمىنى ئۆزئۈستىگە ئالغان ئىشچۇ، ئاشۇ ئىشى ئاسىيەقىزنى قايىل قىلغان، ھۆرمەت قوزغىغان گەپ.

--- ھەرقانچە بولسىمۇ ... قاۋۇلجانغۇ قالتىس بالا، ئەمما ھامان بىرپۇتى يوق مېيىپ-دە، ئاسىيەقىز نېمىشقا شۇنى ئويلىمىغاندۇ، ھەي ئىسىت؟

--- بىرپۇتى بولمىغان بىلەن يەتتە ئەزاسى ساق يىگىتلەردىن ئوننىڭ ئىشىنى قىلدى ئەمەسمۇ؟! مانا بايىقى « ئىزباسارلار مۇقام ئەتىرىتى» نىڭ پۈتۈن چىقىمىنىمۇ يەنە شۇ قاۋۇلجان ئۆزئۈستىگە ئاپتۇ، ھىساپلاپ بېقىڭلا قېنى، دۇتتار-راۋاپ، داپ- غىجەك، كىيىم-كېچەك... ۋاي-ۋوي...

--- يېزاباشلىقىنىڭ ئوغلى ئاسىيەقىزنى ئالىمەن دەپ قەسەم ئىچىپتىكەن، ئۇئاداش ئەمدى نېمىشقىلىپ يۈردىكىن؟

--- نېمىش قىلىپ يۈرەتتى، قەسەم ئورنىغا ھاراق ئىچىپ يۈرۈپتىمىشقۇ.

--- قاۋۇلجانمۇ يامان يىگىت ئىكەن، تىككۈچىلىك كارخانىسىنى يەنە كېڭەيتەرمىش، تېخىمۇ كۆپ مېيىپلارغا يار-يۈلۈك بۇلارمىش، شۇنچە پۇلنى قانداق تاپقاندۇ، شۇئاداش.

--- سىلە مۇنداق ئېتىزدىن باشقىنى ئويلىماي، گىلدىڭشىپ يۈرگەن بىلەن، خەخ كاللا ئىشلىتىدۇ، «ھۈنەر-تېگى گۈھەر» دەيدۇ كونىلار... ھەھە، سىلە كومشا ئاداش، تېخى قاۋۇلجاندەك بېيىپ كەتسەم دەپ يۈرگەن ئوخشىمامسىلە ؟.

بۇگەپلەرنى ئاڭلاپ، يۈرۈكۈم ئېچىشىپ كەتتى. قىزلارئىچىدىن ئاسىيەقىزنى ئىزلىدىم، ئەمما تاپالمىدىم. خىيال قۇشلۇرۇم يەنە بايىقى مەشرەپ سورۇنىدا ئۇچۇپ يۈرەتتى، ئاسىيەقىز خىيال قۇشلۇرۇمنى بىر-بىرلەپ تۇتۇپ بۇغۇشلاشقا باشلىغانىدى.

خىيالدىن سەگىپ بېشىمنى كۈتۈرسەم، سورۇننىڭ يان تەرىپىدە چېلىشىش بولغىلى تۇرۇپتۇ، يىگىتلەر بەس-بەستە مەيدانغا چۈشۈپ كۈچ سىناشقان بولسا كېرەك، ئارىدىن بەسىتلىك بىريىگىت داڭ ئېلىشقا باشلىغانىدى، يىگىت پات-پات ئىككى قۇلى بىلەن بېشىدىن قۇم سورۇپ « ماڭا چىقىدىغان داڭ بارمۇ؟ » دەپ ئەتىراپتىكى يىگىتلەرگە جەڭ ئېلان قىلاتتى. سول تەرەپتىكى قوشقار-خۇراز سۇقۇشتۇرغۇچىلار نۆۋەت كۈتۈپ، تاقەتسىزلىك بىلەن تۇرىشاتتى. ھەريۇغان دۇلان قوشقارلىرىنىڭ مۈڭگۈزلىرىگە ۋە مەيدىسىگەقىزىل گۈللەر تاقالغان بۇلۇپ، تېخىمۇ بەھەيۋەت كۈرۈنەتتى. باشلىقنىڭ ماشىنىسى توختۇتۇلغان تەرەپتىكى چوڭ مەيداندا بىرتوپ ئاتلىقلار ئوغلاق تارتىش مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىشىنى كۈتۈپ، ئاتلىرىنى ئۇياق- بۇياققا سىميورغىغا سېلىپ قۇيۇپ يۈرۈشەتتى، يەنە كىملەردۇر دۈپۈرلىتىپ، ئۆزىنىڭ ھەيۋىسىنى نامايەن قىلماقچىدەك چېچىپ يۈرگەنلەرمۇ بارئىدى.

-- ماشىنا، ئىسىل بىرماشىنا كەلدى.

كىمدۇر بىرىسى شۇنداق دەپ ۋارقىرىدى. بۇگەپ بىلەن تەڭ كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى يىراقتىنلا تۇپا تۇزۇتۇپ كېلىۋاتقان ماشىنىغا قاراشتى، ئۇششاق بالىلار چۇرقۇرۇشۇپ ماشىنا تەرەپكە يۈگۈرۈشۈپ كەتتى. باشلىقنىڭ ماشىنىسى كەلگەن ئىكەن. مەن ئالدىراپ ئورنۇمدىن تۇرۇپ،  توپ ئىچىدىن سەل ئالدىغىراق ئۆتتۈم، ماشىنا يېنىمىزغا كېلىپ توختىدى. باشلىق سالاپەت بىلەن چۈشۈپ  جامائەت بىلەن كۈرۈشتى. ئاقساقال باشلىقنى تۆرگە تەكلىپ قىلدى. شۇچاغدا بىر كەنىت كادىرى باشلىقنىڭ ئالدىغا كىلىپ:

--- نۇرۇز ئېشى تەييار بولغان ئىكەن.--- دېدى ئىھتىرام بىلەن.

--- خوش، ئەمىسە بىزمۇ كۆڭلىمىزنى بىلدۈرەيلى،--- دېدى باشلىق. پازىلجان ئىككىمىز بۇگەپ بىلەن تەڭلا ماشىنىدىن ئەتىگەن تەييارلاپ قويغان ئۇن-ياغلارنى ئەكىلىپ بىرچەتكە قويدۇق.

--- ھەربىرلىرىنىڭ بايراملىرى ئۈچۈن، ئازبولسىمۇ كۆپكە تاۋاپ قىلىشارلا،--- دېدى باشلىق بوم ئاۋاز بىلەن. ئەتىراپتىن ئالقىش سادالىرى، ھەشقاللا-تەشەككۇرلار كۈتۈرۈلدى.

--- ۋاھىت جۇجاڭ، ئۆزلىرى كۆپتىن بىرى مەھەللىمىزگە جىق ياردەمدە بوللا،--- دېدى بىر كەنىت كادىرى باشلىققا تەشەككۇر بىلدۈرۈپ،--- ئەھلى- مەھەللە ئۆزلىرىگە  كۆپ تەشەككۇر ئېيتىدۇ.

كۆپچىلىك گىلەم ئۈستىدىن ئۇرۇن ئېلىشتى.

«نۇرۇز بۇۋاي» نىڭ تەكلىۋى بىلەن «دەررە » ئۇيۇنى باشلاندى. بۇقېتىم شوخ بىرچوكان دەررىنى قۇلىغا ئېلىپ، ئۇدۇل باشلىقنى دەررىگە تەكلىپ قىلدى، ئەتىراپتىن ئالقىشلار ياڭرىدى. باشلىق تەكلىپ بىلەن ئورنىدىن تۇرۇپ، دەررىگە چۈشتى، ئايالنىڭ ھەرىكىتى شۇنداق چەبدەس ئىدىكى، باشلىقىم ھالشىمايلا ھاسىراپ قالدى. دەررە بىردەمدىلا باشلىقمنىڭ قۇلىغا ئۈتۈپ قالدى، باشلىقىم خۇددى شۇنى كۈتۈپ تۇرغاندەك، ئايالنىڭ ساغرىسىغا زەرىپ بىلەن ساۋاشقا باشلىدى، ئايال ئاخىرى قېچىپ بۇلالماي، يېڭىلگەن بۇلۇپ، باشلىقىمغا چاي تۇتتى.

سورۇننىڭ يەنە بىرتەرىپىدە چېلىشىش بولدى، يىگىتلەر بەس-بەستە مەيدانغا چۈشۈپ كۈچ سىناشتى، ئارىدىن بەسىتلىك بىريىگىت داڭ ئېلىشقا باشلىدى، يىگىت پات-پات ئىككى قۇلى بىلەن بېشىدىن قۇم سورۇپ « ماڭا چىقىدىغان داڭ بارمۇ؟ » دەپ ئەتىراپتىكى يىگىتلەرگە جەڭ ئېلان قىلاتتى. سول تەرەپتىكى قوشقار-خۇراز سۇقۇشتۇرغۇچىلار نۆۋەت كۈتۈپ، تاقەتسىزلىك بىلەن تۇرىشاتتى. ھەريۇغان دۇلان قوشقارلىرىنىڭ مۈڭگۈزلىرىگە ۋە مەيدىسىگەقىزىل گۈللەر تاقالغان بۇلۇپ، تېخىمۇ بەھەيۋەت كۈرۈنەتتى. باشلىقنىڭ ماشىنىسى توختۇتۇلغان تەرەپتىكى چوڭ مەيداندا بىرتوپ ئاتلىقلار ئوغلاق تارتىش مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىشىنى كۈتۈپ، ئاتلىرىنى ئۇياق- بۇياققا سىميورغىغا سېلىپ قۇيۇپ يۈرۈشەتتى، يەنە كىملەردۇر دۈپۈرلىتىپ، ئۆزىنىڭ ھەيۋىسىنى نامايەن قىلماقچىدەك چېچىپ يۈرگەنلەرمۇ بارئىدى.

مەن بۇقىزغىن پائاليەتكە مەپتۇن بۇلۇپ تۇرغاندا باشلىق ماڭا سىڭايان بۇلۇپ پەس ئاۋازدا:

--- ئۇكاموي، سىزنى بىكارغائەكەپتىمەن-دە بۇيەرگە،--- دېدى.

مەن نېمە قىلىشنى بىلمەي، تەمتىرەپ قالدىم.

--- بولمىسا قىزلاربىلەن خوپ كەلتۈرۈپ پۇخادىن چىققۇچەكۆزبېقىشۋالدىڭىز، ئەمما خىزمەتنى ئۇنتۇپ قالدىڭىز-دە.

مەن بۇگەپ بىلەن تەڭلا تېخىمۇ جىددىلىشىپ كەتتىم. قاراتەرگە چۈمۈلدۈم دېسەممۇ بۇلىۋىرەتتى.

--- نېمىشقا سىزنى ئەتىگەنلا بۇتەرەپكە ماڭدۇرىمەن؟--- دېدى باشلىق خىرىلداق ئاۋازدا سۈزىنى داۋام قىلىپ،--- ئاپلا، ئۇششاق بالا دېگەننى، ياش بالا دېگەن مۇنداق پائالىيەتلەردىن بىرەرپارچە خاتىرە سۈرەت تارتىۋالغاننى كۆرگەن، قايتىپ كەتكەندىن كىيىن بىرەر پارچە خەۋەر- پەۋەر يازاغىنىنى كۆرگەن، سىزچۇ؟--- دەپ ئالايدى.

ئاپلاھۇئەكبەر، مەن نېمەدېگەن تەجرىبەسىز. مەن تىلىمنى چايناپ، نېمە دىيىشىمىنى بىلمەي تەرگە چۈمۈلدىم. راسىت ئەمەسمۇ، مۇشۇنداق ئىسىل  بىر پائالىيەت بولسۇن-يۇ، نېمىشقا بىر-ئىككى پارچە سۈرەت تارتىلمىسۇن؟

--- يېرىم بەت بىرنىمە يازالامسىز دەۋاتىمەن؟--- دېدى باشلىق ئاۋازىنى سەل كۈتۈرۈپ.

--- يازىمەن باشلىق، يازىمەن، --- دېدىم جىددىلىشىپ، --- ئۇقۇغان چاغلىرىمدا شەھەرلىك گېزىتكە بىرنەچچە پارچە...

--- ئەھە، شەھەرلىك گېزىتىڭىزنى قۇيۇڭ، ئى ناھيىلىك رادىئۇ ئىستانزىسى ياكى تىلىۋىزىيە ئىستانسىغا دەۋاتىمەن،--- دېدى باشلىق گېپىمىنى بۈلۈپلا، --- ئۇ شەھەرلىك گېزىتلىرىڭىزنى بۇيەردە كىم كۈرەتتى؟

مەن ئورنۇمدا قىمدىنىپ، خۇددى تىكەندە ئولتۇرغاندەك قىيلىنىشقاباشلىدىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە باشلىق بايا ئۈن-ياغ نەرسىلەرنى ئىئانە قىلغان كۈرۈنىشنى سۈرەتكە تارتىشىمۇ ئسىمگە كەلمەپتۇ، مەنمۇ تازا بىر دەلتى كاتپى ئىكەنمەن، ھەراسىت، يەنەتېخى قايسى فوتوئاپاراتىدا رەسىمگە تارتىيمەن؟...ئاپلاھۇەكبەر... تازا بېشىم قېتىپ تۇرغاندا، شوپۇر پازىلجان يان تىلفۇنىنى تەڭلىدى، شۇندىلا پازىلجاننىڭ يانفۇنى ئىسىمگە كەلسە بۇلىدۇ، يائاللا، يانفۇننى رەسىم تارتىيدىغان قىلىپ لاھيەلىگەن كارامەت ئىگىللىرىگە مىڭ تەشەككۇر... مەن يۈگۈرۈپ قۇپۇپ، يان تىلفۇن بىلەن ئاقساقالنىڭ يېنىدا ئازادە ئولتۇرغان باشلىقنى رەسىمگە تارتىشقا باشلدىم. ئەلبەتتە كۆپچلىكنىمۇ ئوخشىمىغان نوقتىلاردىن سۈرەتكە تارتاتتىم، دېھقانلار مېنىڭ بۇ لاھىدە فوتو ئاپاراتىمغا قىزىقىپ قالدى بولغاي، بۇيۇنداپ قاراپ قۇيۇشاتتى. باشلىقنىڭ تۈرۈلگەن قاپاقلىرى سەل ئېچىلدى. ھەرخىل كىيىنگەن يېزاكىشىللىرى،  چىرايلىق كەلگەن تەبىئەت مەنزىرىسى، خۇراز-قوشقارلار... ھەممىسى مېنى جەلىپ قىلاتتى. بۈگۈنكى بۇ قۇتلۇق پائالىيەتتىن خاتىرە قالدۇرۇلمىسا قانداق بۇلىدۇ... ئىختىيارسىز قىزلارتەرەپكە قاراپ سۈرەتكە تارتىۋاتقانلىمىنى ھېسقىلىپ،دەرھال ئۈزۈمنى رۇسلىۋالدىم.

--- خوش، ئەمدى بىزنىڭ ماڭىدىغان ۋاقتىمىز بوپمۇ قاپتۇ،--- دېدى باشلىق ئاقساقالغا.

--- نەچچە ئائىلىنى يوقلاپ ئۆتمەيلىمۇ؟--- دېدى ئاقساقال باشلىقنىڭ گېپىنى بۈلۈپ.

--- تۇلا ئوبدان، مەيلى، ھامىنا كەپتىمىز،--- دېدى باشلىق. مەن ئاقساقالنىڭ ئەقلىدىن ھەيران قالدىم. قارىماققا ئاقساقال باشلىقنى ئوبدان چۈشەنسە كېرەك.

بىزبىر دېھقان ئۈيىنىڭ ئالدىدا توختۇتۇق.باشلىق بىزنى باشلاپ بۇئائىلىنىڭ كاۋابارىڭى ئاستىدىكى سۇپىغا تاشلانغان كونا كىگىزىگە كىلىپ ئولتۇردى. مەن بۇنىڭ مەنىسنى ئىتتىكلا چۈشۈنىۋالدىم، باشلىق مۇشۇنداق كۈرۈنۈشنى ماڭا ھازىرلاپ بەرمەكتەئىدى. قاراسلىتىپ رەسىمگە تارتىپ تۇردۇم، باشلىق بىردەمدىلا خۇشاللىقتىن ئېچىلىپ كەتتى. ساھىپخان مۇماي كونىراپ رەڭگىنى بىلگىلى بولماس بۇلۇپ كەتكەن داستىخاننى سېلىپ، زاغرانىنى ئۇشتۇپ قويدى.

--- نۇرۇز ئىشى، تېز، نۇرۇز ئېشىچۇ ...--- دېدى بۇۋاي. مۇماي شۇندىلا ئىسىگە كىلىپ، پىشانىسىغا بىرنى ئۇرۇپ، پوروقلاپ قايناۋاتقان قازان تەرەپكە يۈگۈردى ۋەبىردەمدىلا بىرچىنە ئاشنى باشلىقنىڭ ئالدىغا قويدى. مەن رەسىمگە تارتىش بىلەن ھەلەك ئىدىم، ئاقساقال « نۇرۇز بۇۋاي» ئاشنى قۇلىغا ئېلىپ تېتىپ كۆرگەندىن كىيىن :

--- پاھ-پاھ، مەرەمخان ، قۇلىڭىز گۈل جۇمۇسىزنىڭ،--- دەپ ماختىدى.

بۇكۈرۈنۈشلەر ماڭا ھەقىقەتەنمۇ قىممەتلىك تۇيۇلماقتائىدى، مەن ئۈزۈممۇ دېھقانلارنىڭ مۇنداق ھېچبىر گىرىمسىز تەبئى كۈرۈنىشىنى، ساددا، پاكىز ۋە مېھرى ئىسسىق دېھقان ئۈيىنى توختىماي سۈرەتكە تارتاتتىم .

باشلىق ئاشنى قۇلىغا ئېلىپلا يەنە ئىزىغا قويدى. بۇنى كۆرگەن بۇۋاي:

--- ئاپلا، ئاش بەك قىزىقمىكەن، نېمىشقا تاۋاقتا ئەچىقماي، چىنە بىلەن ئېچىقتىڭ ئەخمەق خۇتۇن، --- دېدى بۇۋاي كايىپ،--- چىنىدە مۇنداق قىزىق تاماقنى قانداقمۇ ئىچكىلى بولسۇن... ئاپلاھۇئەكبەر... تېز بول خۇتۇن... بىرچىنە قېتىق، ئاخشاملا ئۇيۇتقان، تىز...

شوپۇر پازىلجان بىرخالتا ئۇن كۈتۈرۈپ، كاۋابارىڭى ئاستىغا قويدى.

مەن باشلىقنىڭ قېتىق ئىچكەن كۈرۈنىشىنى سۈرەتكە تارتىمەن دەپ تەييار بۇلۇپ تۇرغان ئىدىم، ئەمما باشلىق مۇماي كەلتۈرگەن قېتىقنى قۇلىغا ئالدى-دە، كۆزلىرى كونا دېھقان تاۋىقىغا تىكىلىپ، تاۋاقنى يەنە پەمى بىلەن ئىزىغا قويدى.

--- ئاپلا، باشلىقنىڭ قېتىق بىلەن خۇشى يوق ئىكەنلىكىنى بىلمەپتۇق ئەمەسمۇ... تىز-تىز، تۇخۇ ئۇۋىسىغا... بىرنەچچە تال تۇخۇم پىشۇرۇپ ...

--- ھاي-ھاي، بىز ئالدىرايمىز،--- دېدى باشلىق قۇلىنى كۈتۈرۈپ.

--- ئەمىسە بىرچىنە سوغوق سۇ، قۇدۇقنىڭ تازا مۇزدەك يىرىدىن... --- دېدى بۇۋاي خىرىلداپ سۆزلەپ. مۇماي ھايالشىمايلا بىرچىنە سوغوق سۇ كەلتۈردى. باشلىق بۇ چىنىنىمۇ قۇلىغا ئېلىپلا يەنە ئىزىغا قۇيۇپ قويدى. مەن باشلىق مۇشۇسۇنى ئىچكەندە بولسىمۇ رەسىمگە تارتارمەن دەپ، بۇ ياخشى كۈرۈنۈشنى سۈرەتكە ئالالماي قالدىم.

ئۆي ئىگىسى رەھمەت- تەشەككۇرىنى بىلدۈردى. مەن مۇشۇ كۈرۈنۈشلەرنى سۈرەتكە تارتىش بىلەن ئاۋارە ئىدىم.

سۈرەتكە تارتىيمەن دەپ، «نۇرۇز ئېشى» غائېغىز تېگەلمىگىنىم بەك ئەپسۇس بىر ئىش بولغان ئىدى، مەن ئاشۇ ھالاللىق، مېھرى- مۇھەببەت ۋە ئاسايىشلىقنىڭ سىموۋلى بولغان « نۇرۇز ئېشى» غا تەشنا ئىدىم ئەمەسمۇ...

بىز بۇلارنىڭ ھويلىسىدىن ئۇزاپ چىققاندا، باشلىق ماشىنىنىڭ ئىشىكىنى ئاچچىق بىلەن يېپىپ، ئورنىدا ئولتۇرۋېلىپ:

--- مۇشۇ نامرات دېگەنلەر كارامەت مەينەت بىر خەق جۇمۇ، يائاللا،  قېتىقىنى ئىچەي دەپ شۇنداق ئېغىزىمغا ئېكىلشىمنى بىلەرمەن، بۇرنۇمغا شۇنداق بىر سېسىق نەرسە پۇراپ كەتتىكى... ئى سۇغۇق سۈيىنى بولسىمۇ بىرنى ئوتلاپ قۇياي دېسەم، چىنەئىچىدە بىرتال قىل تۇرىدۇ،  ئاپلا جۇما......

شوپۇر ئىككىمىز جىمجىت ئولتۇردۇق، چۈنكى باشلىقنىڭ كەيپى ياخشى ئەمەس-دە. تەڭ يولدا باشلىق بىر تىلفۇن تاپشۇرۇپ ئالدى، تىلفۇندىن باشلىقنى بىرسىنىڭ كەچلىك زىياپەتكە تەكىلپ قىلغىنىنى بىلۋالغىلى بۇلاتتى. بىز زىياپەتكىلا ئۇدۇل كىردۇق، مەنمۇ باشلىققا ئەگىشىپ كىرىشىمگە توغرا كەلدى. مۇشۇنداق سورۇنلارغا كاتىپ بولغان ئادەمنىڭ بىرگە كىرىشىنىڭ دۇرۇس-ياكى ئەمەسلىكى ئۈستىدە خېلى باش قاتۇردۇم، ئىلگىرىكى كاتىپلار قانداق قىلغان بولغىيدى دەپ كۆپ ئويلاندىم، شۇنىڭغىچىمۇ زىياپەتكە كىرىپمۇ قالغانىدۇق. يىگىرمەكىشىلىك يۇغان ئۈستەلدىكى نازۇ-نىمەت،  سوغوق-ئىسسىق سەيلەرگە تېخى چۇكا تەگمىگەنىكەن.

--- كەلدى، ئەزىز مېھمان ئاخىرى كەلدى.--- دىيىشتى ئۇيغۇر-خەنزۇ، ئەر-ئايال بۇلۇپ لىق ئولتۇرغان  مېھمانلار ئورنىدىن تۇرۇشۇپ.

--- كەلسىلە ۋاھىت جۈجاڭ، ماتەرەپكە ئۆتسىلە.

--- ماۋۇ رەھبەرگە چاي، ھوي خېنىم،--- دەپ ۋارقىرىدى بىر يىگىت كۈتكۈچى تەرەپكە قاراپ قۇلىنى كۈتۈرۈپ قۇيۇپ.

قارىغاندا باشلىقىمنىڭ جەمىيەتتىكى ئىناۋىتى قالتىس ئىكەن، دەپ قالدىم، مۇنداق ئەرباپقا كاتىپ بولغان ئادەم ئادەتتىكى ئادەم ئەمەس ئىكەنمەن، دەپ خۇشال بولدۇم. «ھە-ھۇ» بىلەن باشلانغان سورۇن كۈلكە- چاقچاق ئىچىدە بىردەمدىلا رۇمكا سۇقۇشتۇرۇشلارغا ئۆتتى.  مەن خىجىل بۇلۇپ چۇكا مىدىرلىتالماي ئولتۇرۇپ قالدىم، ئەمما مەنمۇ بىكار ئولتۇرمىدىم-دە، مەن سەگەكلىك بىلەن كۈزۈتۈپ، باشلىقىمنىڭ ئەڭ يېقىن ئادىمىنى ھايالشىمايلا بىلىۋالدىم. ئەتىگەن ناشتىسىزقالغانچە تېخىغىچە قۇرساقنى كوركۇرۇتۇپ مۇشۇ زىياپەتكە ئۈلگۈرگەن ئىدىم، مۇشۇ ئاچ قۇرساق بىلەن خەخنىڭ يىگەن- ئىچكىنىگە قاراپ ئولتۇرۇش نېمەدېگەن تەس -ھە ... كۈزم پەتنۇستىكى ئوغلاق كاۋىپىغىغا چۈشتى. راسىت، شۇكاۋاپتىن بىر-ئىككى زىخ يەۋالسامغۇ... ئەمما سورۇنغا ئەدەپسىزلىك بىلەن چوكا سېلىشتىن خىجىل بولدۇم، چۈنكى باشلىق بىرچۇكا ئىلماي تۇرۇپ باشقىلار چۇكاتەڭلەپ يۈرسە قانداق سەتچىلىك ئۇ؟ شۇچاغدا باشلىقىم ئاشۇ ئوغلاق كاۋىپىدىن بىرنى سۇغۇرۇپ ئېلىپ، ئاۋۋال مۇنداقلا تېتىپ كۆردى، ئارقىدىنلا ئىشتىھابىلەن يىيىشكە باشلىدى، ئاغزىمغا سېرىق سۇ يىغىلدى.

--- قېنى، گۈلى جۇرۇن، سىزگە بىرقەدەھ كەتتى، --- دېدى كۆزئەينەكلىك خەنزۇيولداش سورۇندىكى سېرىق چاق، غىلجىڭ ئۇيغۇر ئايالغا رۇمكا تەڭلەپ. ئايال قاش-كۆزلىرىنى ئوينۇتۇپ رۇمكىدىكى ئاق ھاراقنى بىراقلا كۈتۈرۋەتتى.

--- ياق، تۇلۇق ئىچسىلە ۋاڭ جۇجاڭ، مەن ئايال چىلىكمۇ بۇلالماملا؟--- دېدى ئايال بۇكىشىنىڭ ھاراقنى چالا ئىچكىنىنى كۈرۈپ،  خىرىلداپ كۈلۈپ.

--- گۈلى جۈرۈنگە بىرزىخ كاۋاپ يىيىش جازاسى بىرىمەن،--- دېدى باشلىقىم ھېلىقى كاۋاپتىن بىرزىخ سۇغۇرۇپ ئېلىپ ئايالغا تەڭلەپ، ئايال رەھمەت-تەشەككۇر بىلەن كاۋاپقا ئېغىز تىگىشكە بەشلىدى. شۇتاپتا ئايالنىڭ گۈل قەقەلىرى ئېچىلىپ كەتكەن ئىدى.

ئاغزىمدىكى سېرىق سۇنى غورت-غورت قىلىپ يۇتىۋەتتىم، ئوغلاق كاۋىپىغا قول ئۇزۇتۇشقا تەرەددۇتلىنىۋاتسام، شۇچاغدايېنىمدا ئولتۇرغان خەنزۇ يىگىت ماڭا خەنزۇتىلىدا پىچىرلىدى:

--- ھە يىگىت، ماۋۇ ئىت گۈشىدە ئەتكەن كاۋاپ، سىلەر ئىت گۈشى يىمەيسىلەرغۇ دەيمەن... --- دېدى.

بۇنى ئاڭلاپ بېشىدىم تۈتۈن چىقىپ كەتتى. يائاللا، تاسلا قاپتىمەن تەرجىمان بولدۇم دەپ ھارامنى يەپ ئىمانىمنى سېتىپ ئولتۇرغىلى. شۇگەپ بىلەن تەڭلا، كاللام قالايمىقانلىشىپ كەتتى، مانا بۇ مېنىڭ ئۇخلاپ چۈشۈمگىمۇكىرمىگەن ئىشلار ئىكەن ئەمەسمۇ؟ بولدى، سورۇندىكى ھېچقانداق نەرسىنى يىگىلى كۆڭلۈم بارمىدى. يائاللا... ھالال بىلەن ھارام ئارىلىشىپ كەتكەن بۇسۇرۇن مېنى خيالغا سەپ قويغان ئىدى. ئۇ-بۇ «يىگىت سەيگە بېقىڭ... ۋاھىت جۈجاڭنىڭ تەرجىمانى قېنى مەرھەمەمت قىلىڭ...» دەپ قۇياتتى. مەن ئامالسىز ئالدىمغا بىرتەخسە قورۇلغان پۇرچاقنى ئەكىلۋېلىپ، ھەرقېتىم بىراۋ مېنى سەيگە تەكلىپ قىلغاندا، شۇ پۇرچاقتىن بىر-ئىككى تال قىسىپ ئاغزىمغا سېلىپ قۇيۇپ ئولتۇردۇم. باشلىققا قارىدىم. قوۋزىنى تولدۇرۇپ، ئاغزىغا لىققىدە ئېلىۋېلىپ يىگىلى تۇرۇپتۇ. باشقىلارمۇ راسا قىزىغان ئىدى. ھەممەيلەن تەڭشەلگەن بۇلۇپ، ئەر-ئايال ھاياسىز چاقچاققا ئۈتۈپتۇ، بايىقى ھېلىقى سېرىق چاچ ئۇيغۇرئايال گىلدىڭشىپ، بايىقى ھېلىقى ۋاڭ جۇجاڭ دېگەن كىشىنىڭ ئىڭىكىگە كىرىۋاپتۇ، باشلىقىممۇ يۇغان قۇرساق بىرئەر بىلەن بۇيۇندۇشۇپ خىرقىرىشىپ كۈلۈشكىلى تۇرۇپتۇ. ھېلىقى كاۋاپقا قارىدىم، خېلىلا يېرىمداپ قاپتۇ. بۇسورۇن مېنى ئارامسىزلاندۇرماقتا ئىدى، بۇسۇرۇندىن چىقىپ كەتمەكچى بولدۇم. قارىسام باشلىق قول سومكىسىنى يېنىغا قۇيۇۋالغان ئىكەن.

--- باشلىق سومكىڭىزنى ماشىنغا ئېچىقىپ ۋىتەيمۇ يە؟--- دېدىم شۇباھانىدە بۇيەردىن چىقىپ كەتمەك بۇلۇپ. دېگەندەك باشلىق سومكىسىنى تۇتقۇزۇپ قويدى. غاچچىدە سىرىتقا ئۈزۈمنى ئاتتىم.

سىرىتقا چىقىپ، ئۈزۈم چوڭ بولغان بۇشەھەرگە تۇنجى قېتىم كىلىپ قالغان ئادەمدەك، ئەتىراپقا ئەلەڭلەپ قارىدىم، ھەممەنەرسە ماڭا شۇنداق ناتۇنۇش ۋە سۇغوق تۇيۇلماقتا ئىدى، ئاسمانغا قارىدىم، مەن چوڭ بولغان بۇ شەھەرنىڭ ئاسمىنىدا خۇددى مەن كىچىك ۋاقلىرىمدىكىگە ئوخشاش نۇرغۇن يۇلتۇزلار جىمىرلاپ تۇراتتى. كوچىلارغا قارىدىم، ماڭا تۇنۇش ئاسفلىت يول ۋە شۇيولدىكى تۇنۇش كوچا ئاپتۇبوسلىرى مۇكدەك ئۈتۈشۈپ تۇراتتى. ئادەملەرچۇ؟ ئادەملەر تۇيۇقسىزلا ماڭا شۇقەدەر ناتۇنۇش ۋە سوغۇق بىلىنمەكتە ئىدى. توۋا، بايىقى ھېلىقى «ئوغلاق كاۋىپى» نى تاسلا قاپتىمەن، زادى بىرنەچچە مىنۇت ئىچىدىلا ئېلىپ يىۋىتىشىم مۇمكىن ئىدى...

مەن مۇشۇيەردە خىيالغا پېتىپ تۇرۇپمۇ، دەلدەڭشىپ چىققان باشلىقنى ئۈيىگە ئاپىرىپ قۇيۇپمۇ، ئۈزۈمنىڭ غەرىبانە ياتىقىمدا بىركېچە تۈزۈك ئۇخلىمايمۇ... باش-ئاخىرى يوق خىياللار كاللامنى بىرئالغانىدى.

***  ***  ***

كېچىچە مەشرەپ چۈشەپ چىقىپتىمەن،  چۈشۈمدە مەشرەپچىلەرئىچىدىن ئاسىيەقىزنى  ئىزلىگدەكمەن، ئەمما تاپالماي ھەسرەت چەككۈدەكمەن.ئاخىردا ھېلىقى خىزىر سۈپەت بۇۋاي چۈشۈمدە زاھىر بۇلۇپ، بۇۋاينىڭ سۆزلىردىن ئويغۇنۇپ قارىسام،   بىرپۇتى سۇنۇپ كەتكەن يېزىق ئۈستىلىمگە يۈلۈنۈپ يېتىپ ئۇخلاپ قاپتىمەن. ئالدىمدىكى قەغەزدە كۈندۈزدىكى نۇرۇزبايرىمى ھەققىدە چالا يازغان خەۋەرماقالەم تۇراتتى، بېشىمنى كۈتۈرۈپ، تامدىكى بىربۈرجىكى يىرتىلىپ ساڭگىلاپ قالغان كوناگېزىتكە تىكىلىپ، بايىقى كۆرگەن ئاجايىپ چۈشنى ئىسىمگە ئېلىپ ئولتۇرۇپ كەتتىم. « توۋا، < ئۆچكە جاڭگال چۈشەيدۇ، تۇخۇ داڭگال> دېگەندەك،  مەن نېمەئۈچۈن ئاسىيەقىزنى چۈشەپ چىقتىمكىن؟ »

دەل شۇ پەيىتتە، دەل مەن مۇشۇئىشلارنى يېزىش ئۈچۈن، بۈگۈنكى پائالىيەتنى بىرقۇر ئەسلەشكە باشلىغان ۋاقتىمدا، بۈگۈنكى مۇشۇ ئۇلۇق ئەجدات مىراسى بولغان «نۇرۇز»بايرىمى ئاخشىمىدا، بىرقىسىم كىشىلەر نىڭ ھالال-ھارام ئارىلىشىپ كەتكەن سورۇندا ھېچنەرسىنى تاللىمايلا يەۋاتقىنى ۋە باشلىقنىڭ بۈگۈنكى ھېلىقى دېھقان ئۈيىدىكى نەرسىلەردىن سەسكىنىپ كەتكىنى كۆزئالدىدا پەيدا بولدى.

« ياق » دەيمەن ئۈزۈمگە، دېھقان ئۈيىدەك پاك ئۆي يوق، چۈنكى ئۇلار ھالال- ھارامنى راۋۇرۇس ئايرىيتى، دېھقان ئۈيىدەك پاكىز جايمۇ يوق، چۈنكى ئۇلارنىڭ ئۈيىدىن ھارامغا تەۋە سىز ھېچنەرسە تاپالمايسىز، پاكىز ۋە مەينەتلىككە كەلگەندە، ھارامدىن ئۆتە مەينەتمۇ يوق، ھارامدىن بەتتەر مەينەتچلىكمۇ بولماس ...

ئاي نۇرى ياتاق ئىچىنى سۈپ-سۈزۈك يۇرۇتۇپ تۇراتتى، دەرىزە سىرتىدا يېڭىدىن كۈكەرگەن مەجنۇنتاللار ساڭگىلاپ تۇراتتى، ئالتۇن تاۋاقتەك كۈتۈرۈلگەن تۇلۇنئاي سۈگەت شاخلىرى ئارىسىدىن  ماراپ تۇراتتى. ئاستا ئورنۇمدىن تۇردۇم. مەن تۇلۇنئايغا قاراپ، ئۈزىچىلا مۇنداق خىتاپ قىلدىم:« نۇرۇزمەشرىپى، سەن مەڭگۈ ئاخرلاشمايدىغان مىلودىيەسەن، سېنىڭ جۇشقۇن ئۇدارلىرىڭ، سېنىڭ چەكسىز سېھرى كۈچۈڭ تەكلىماكان توغرىقىغا ئوخشاش قەيسەر ۋە رەڭدارلىققا تۇيۇنغان بۇزىمىندىن ياڭرىغان مەڭگۈلۈك چوقانسەن. »

دۇلان دىيارى، كېلەريىلى باھاردا مەن چۇقۇم يەنە سېنىڭ نۇرۇز بايرىمىڭغا ئىشتىراك قىلىمەن .

تۇلۇنئاي جىمجىت ياتاقخانامنى سۈتتەك يۇرۇتۇپ تۇراتتى.


مەنبە: ئۈزۈم

ئەسكەرتىش: ئۇشبۇئەسەرنى باشقا تور-مۇنبەرلەرگە كۈچۈرۈشكە رۇخسەت قىلىنمايدۇ.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   دىل گۈزەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-2-23 01:56 PM  


ئۆمۈرلۈك سالىھ ھەمرا !

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 67585
يازما سانى: 669
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 7187
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 1737 سائەت
تىزىم: 2011-11-29
ئاخىرقى: 2015-1-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-23 02:59:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۈگىدىما ؟

كۆڭلۈمگە كەلسىمۇ، كۆڭلىدىكىنى بىلىپ باققۇم بار!

بِسْــــــــــمِ اﷲِارَّحْمَنِ

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91680
يازما سانى: 189
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 698
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 47 سائەت
تىزىم: 2013-2-14
ئاخىرقى: 2015-2-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-25 06:08:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نمانچە ئوزۇن     لىكىن ياخشى ئەسەركەن

بِسْــــــــــمِ اﷲِارَّحْمَنِ ارَّحِيم

ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مىھرىبان ئاللاھنىڭ نامى بىلەن باشلايمەن،

ھايات ھەربىر نەپەس ئۈچۈن ھېساب

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16558
يازما سانى: 200
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6875
تۆھپە نۇمۇرى: 363
توردا: 116 سائەت
تىزىم: 2010-11-6
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-26 09:21:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخىشى چىقىپتۇ....

بەزىلەر ئەرلەرنى دەيدۇ باغىرى تاش،
سەۋەبى ئاددىيلا  تۆكمىگەچكە ياش.
ۋە لىكىن ئەرلەرمۇ مۇھەببەتكە باي،
مېھرى بەك ئللىقتۇر گوياكى  قۇياش.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش