|
|
|
|
ئادەمنىڭ قېنى نىمە ئۇچۇن قىزىل بۇلىدۇ (تەرجىمە قىلغۇچى: تىلماچ13) ئادەمنىڭ قېنى قىزىل كۆرىنىدۇ،چۇنكى قاننىڭ تەركىۋىدە قىزىل رەڭلىك ئاقسىل يەنى قىزىل رەڭلىك ئاقسىلدىن تۈزۇلگەن قىزىل قان شارچىللىرىنىڭ بولغانلىقىدىندۇر.قىزىل قان شارچىللىرى قىزىل قان ھۇجەيرىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ،ئۇ قاننى تەشكىل قىلغۇچى ئاساسى تەركىپ.بىزنىڭ بەدىنىمىزدە ھەر كۇپ مىللىلېتىر (تېرىقچىلىك چوڭلۇقتا) قاندا تۆت مىليۇندىن بەش مىليۇنغىچە قىزىل قان ھۇجەيرىسى بۇلىدۇ. شۇڭا قان قارىماققا قىزىل رەڭدە كۆرىنىدۇ. قاننىڭ رەڭگى ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ،بەزىدە توق قىزىل رەڭدە بولسا،بەزىدە ئاچ قىزىل رەڭدە بۇلىدۇ.بۇ نىمە ئۇچۇن؟ ئەسلىدە قىزىل قان ھۇجەيرىسىنىڭ قاندىكى ئاساسلىق رولى-ئوكسېگىن ۋە كاربۇن Ⅳ-ئوكسېدنى توشۇشتىن ئىبارەت.قىزىل قان ھۇجەيرىسى ئوكسېگىن بىلەن بىرىككەندە قان توق قىزىل رەڭدە كۆرىنىدۇ،كاربۇنⅣ-ئوكسېد بىلەن بىرىككەندە ئاچ قىزىل رەڭدە كۆرىنىدۇ.شۇڭا قان ئۆپكىدىن ئېقىپ ئۆتۇپ،ئوكسېدلانغاندىن كېيىن توق قىزىل رەڭدە بۇلىدۇ،شۇنداقلا بەدەندىكى باشقا ئورگانىزىملاردىن ئېقىپ ئۆتكەندىن كېيىن ئوكسېدسىزلىنىپ،ئاچ قىزىل رەڭگە ئۆزگىرىدۇ. مەنبە: خەنزۇچە « يۈز مىڭلىغان نىمە ئۇچۇن» بۇ يازمىنى ئاخىرىدا تىلماچ13 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-2-23 10:53 AM
|
|
|
|
|
|