مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 13820|ئىنكاس: 118

قاراقاشتىكى ئادەمنى چۈچىتىدىغان ئەھۋال   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30438
يازما سانى: 51
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5819
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 1662 سائەت
تىزىم: 2011-2-14
ئاخىرقى: 2014-7-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-23 12:55:14 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


[img][/img]


ئەسسالامۇئەلەيكۇم قېرىنداشلار .

يېقىندا  ئىللىق دىيار قاراقاش  ناھىيمىزگە ، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ  ياردىمىدە   ئۇيغۇرتىبابەت دۇختۇرخانىسى سېلىنغان ئىدى .     بۇ دۇختۇرخانىنىڭ بىناسىغا    خەنزۇچەيېزىقتا (墨玉县维吾尔医医院)يېزىلغان . ئەمما شۇ تىبابەتنىڭ ساھىبى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ يېزىقى   يېزىلمىغان .

ئەجەبا  بۇ توغرىسدىكى قانۇننى،  قۇرلۇشقا نازارەتچىلىك قىلىدىغان كىشىلەر ، ھەمدە ناھىيلىك تىل – يېزىق كومتىتى    بىلمەمدىغاندۇ ؟  

مۇشۇ ئىشقا ھەرساھە، ھەركەسىپتىكى دوسلىرىمىزنىڭ بولۇپمۇ ناھىيلىك تىل – يېزىق كومتىتىنىڭ  دىققەت ئىتبارىنى ئاغدۇرۇپ قويىشىنى ئۈمىدقىلىمەن .  

ئانا تىلنى قوغداش - ھەربىرىمىزنىڭ باش تارتىپ بۇلالمايدىغان ، ھەم باش تارتساق بولمايدىغان ، تەخىرسىز  مەجبۇرىيتىمىز .




مىللىيچە - خەنزۇچە ئىككى خىل تىل - يېزىقنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇپ قوللىنىش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش


ش ھ ب [2011] 57-نومۇرلۇق  



ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتى ، ئوبلاستلىق ، شەھەرلىك ، ناھىيەلىك ( شەھەرلىك ) خەلق ھۆكۈمەتلىرى ، مەمۇرىي مەھكىمىلەر ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تارماقلىرى ۋە بىۋاسىتە قاراشلىق ئاپپاراتلىرى :  



ئاپتونوم رايونىمىز كۆپ مىللەتلىك ، كۆپ تىللىق ، كۆپ يېزىقلىق رايون . پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تىل - يېزىق سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ ، مىللىيچە ، خەنزۇچە ئىككى خىل تىل - يېزىقنى توغرا قوللىنىش مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ساقلاشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە . ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىياتىغا بەزى جايلار ۋە ئورۇنلاردا جەمئىيەتتە قوللىنىلىدىغان تىل - يېزىق قېلىپلاشماسلىق ، مەسىلەن ، مىللىيچە - خەنزۇچە يېزىقنى بەلگىلىمە بويىچە قوللانماسلىق ، مىللىيچە - خەنزۇچە يېزىقنى تەڭ قوللانغاندا نىسبىتى تەڭشەلمەسلىك ، تەرجىمىسى توغرا بولماسلىق ، تىزىلىشى قائىدىسىز بولۇش قاتارلىق ئەھۋاللار ھەمىشە يۈز بېرىپ ، ناچار ئىجتىمائىي تەسىر پەيدا قىلدى .  


<< جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئورتاق تىل - يېزىق قانۇنى >> ۋە << شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تىل - يېزىق خىزمىتى نىزامى >>دىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تىل - يېزىق خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ ، مىللەتلەرنىڭ تىل - يېزىقىنى قائىدىلىك ، توغرا قوللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ، بۇ ھەقتىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرنى تۆۋەندىكىدەك تەكىتلەيمىز : 



1. دۆلەت پۇتۇڭخۇانى ئومۇملاشتۇرىدۇ ، قېلىپلاشقان خەنزۇ يېزىقىنى يۈرگۈزىدۇ ؛ ھەر قايسى مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تىل - يېزىقىنى قوللىنىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەركىنلىكىگە ئىگە ؛ ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىل - يېزىقىنى قوللىنىشتا << ئاساسىي قانۇن >> ، << مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە قانۇنى >> ۋە باشقا قانۇنلاردىكى ئالاقىدار بەلگىلىمە ئاساس قىلىنىدۇ . دۆلەت ئورگانلىرى پۇتۇڭخۇا ۋە قېلىپلاشقان خەنزۇ يېزىقىنى ھۆكۈمەت تىل - يېزىقى قىلىدۇ . قانۇندا ئايرىم بەلگىلىمە چىقىرىلغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا .  



2. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئاپتونومىيە ئورگانلىرى ۋەزىپە ئىجرا قىلغاندا ، ئۇيغۇرچە ، خەنزۇچە ئىككى خىل - يېزىقنى تەڭ قوللىنىدۇ . ئېھتىياجغا قاراپ باشقا مىللەت تىل - يېزىقىنى تەڭ قوللانسىمۇ بولىدۇ ؛ ئاپتونوم ئوبلاست ، ئاپتونوم ناھىيەلەردىكى ئاپتونومىيە ئورگانلىرى ۋەزىپە ئىجرا قىلغاندا ، ئاپتونوم رايوندا ئورتاق قوللىنىلىدىغان ئۇيغۇر ، خەنزۇ تىل - يېزىقلىرىنى قوللىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ، تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيەنى يولغا قويغان مىللەتنىڭ تىل - يېزىقىنى قوللىنىدۇ ، ئېھتىياجىغا قاراپ شۇ جايدا ئورتاق قوللىنىلىدىغان باشقا مىللەتلەر تىل - يېزىقىنى تەڭ قوللانسىمۇ بولىدۇ ؛ بىر قانچە خىل تىل - يېزىقنى تەڭ قوللىنىپ ۋەزىپە ئىجرا قىلغاندا تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيەنى يولغا قويغان مىللەتنىڭ تىل - يېزىقىنى ئاساس قىلسا بولىدۇ .



3. ئورگان ، تەشكىلات ، كارخانا ، كەسپىي ئورۇنلار ئاپتونوم رايونلۇق ۋە يەرلىك يىغىن ئاچقاندا ، يىغىنغا قاتناشقانلارنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ، بىر خىل ياكى بىر نەچچە خىل تىل - يېزىقنى قوللىنىشى ، بولۇپمۇ يىغىندا تارقىتىدىغان ھۆججەت ، ماتېرىياللارنى مىللىيچە ، خەنزۇچە يېزىقتا تەييارلىشى لازىم . مۇھىم يىغىنلارنىڭ پىلاكاتىدا ئاز سانلىق مىللەت يېزىقى بىلەن خەنزۇ يېزىقىنى تەڭ قوللىنىشى كېرەك .



4. ئورگان ، تەشكىلات ، كارخانا ۋە كەسپىي ئورۇنلار ئوقۇغۇچى ، ئىشچى ، كادىر قوبۇل قىلغاندا ۋە تېخنىكا سىنىغان ، ئۇنۋان باھالىغان ، دەرىجە ئۆستۈرگەن چاغدا ، شۇ جايدا ئورتاق قوللىنىلىدىغان ئاز سانلىق مىللەت تىل - يېزىقى بىلەن خەنزۇ تىل - يېزىقىنى تەڭ قوللىنىشى ياكى ئايرىم - ئايرىم ھالدا قوللىنىشى كېرەك . دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون ئايرىم بەلگىلىمە چىقارغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا .  



5. جەمئىيەتتە يېزىق قوللىنىشتا قېلىپلاشقان ، نىسبىتى ماسلاشقان ، كۆركەم ئىشلەنگەن ، تەرجىمىسى ۋە ئىملاسى توغرا بولغان ئاز سانلىق مىللەتلەر يېزىقى بىلەن خەنزۇ يېزىقىنى تەڭ قوللىنىشى كېرەك . 



جەمئىيەتتە قوللىنىلىدىغان يېزىق ئاساسلىقى مۇنۇلارنى كۆرسىتىدۇ : ئورگان ، تەشكىلات ۋە كەسپىي ئورۇنلارنىڭ تامغىسى ، ۋىۋىسكىسى ، كىنىشكىسى ۋە ئورۇن نامى بېسىلغان كونۋېرتى ، ئالاقە قەغىزى ، ئاپتونوم رايون تەۋەسىدە يۇقىرىغا يوللىنىلىدىغان ، تۆۋەنگە تارقىتىلىدىغان تۈرلۈك ھۆججەت ، خەت - ئالاقە ، تارقىتىلىدىغان ئۆگىنىش ماتېرىيالى ۋە تەشۋىقات بۇيۇمى ( ئېھتىياجىغا قاراپ شۇ جايدا ئورتاق قوللىنىلىدىغان بىر خىل ياكى بىر نەچچە خىل يېزىق قوللىنىلسا بولىدۇ ) ؛ ئاممىۋى سورۇنلار ، جامائەت ئەسلىھەلىرى ھەمدە ئاممىۋى مۇلازىمەت ئورۇنلىرىنىڭ نام تاختىسى ، جامائەت پاراۋانلىقى ئېلانى ، چېگرا تاختىسى ، يول بەلگىسى ، قاتناش بەلگىسى ۋە ئاپتوموبىللارغا يېزىلغا ئورۇن نامى ، بىخەتەرلىك شوئارى ، ئاپتونوم رايوندا ئىشلەپچىقىرىلغان ھەمدە ئاپتونوم رايوندا سېتىلىدىغان مەھسۇلاتلارنىڭ نامى ، چۈشەندۈرۈشى قاتارلىقلار .



ئاممىۋى سورۇن دېگەنلىك ئاممىنى ئوبيېكت قىلىپ ، سودا خاراكتېرلىك تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ياكى ئامما ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدىغان سورۇنلارنىڭ ، يەنى ئاممىنىڭ خىزمەت قىلىش ، ئۆگىنىش قىلىش ، ئىقتىساد ، مەدەنىيەت ۋە ئىجتىمائىي ئالاقە تەنھەرىكەت پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىش ، كۆڭۈل ئېچىش ، ئېكىسكۇرسىيە قىلىش ، داۋالىنىش ، ساقلىق ساقلاش ، دەم ئېلىش ، ساياھەت قىلىش ۋە بىر قىسىم تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان بارلىق ئاممىۋى ئىمارەت ، سورۇن ھەمدە ئۇنىڭ ئەسلىھەلىرىنىڭ ئومۇمىي نامىنى كۆرسىتىدۇ . مەسىلەن ، ئاممىۋى قاتناش قوراللىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئاپتوبۇس ( ئايروپىلان ، پاراخوت ) كۈتۈش ئۆيى ، بېلەت سېتىش زالى ؛ داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ دىياگنوز كۈتۈمخانىسى ، داۋالىنىش رايونى ، كېسەلخانا رايونى ، كىنو - تىياتىرخانا ، تانسىخانىلار ، سىن قويۇش زالى ، ئويۇنخانىلار ؛ تۈرلۈك تەنتەربىيە مەيدان - سارايلىرى ، ؛ ساياھەت مەنزىرە رايونلىرى ؛ مەكتەپ ، كۇتۇپخانا ، قىرائەتخانا ، مۇزېي ، كۆرگەزمىخانا ، پەن - تېخنىكا سارىيى ، گۈزەل - سەنئەت يۇرتى ، ئارخىپخانا ، ياش - ئۆسمۈرلەر سارىيى ؛ خەلق مەيدانى ، باغچا ؛ سودا سارىيى ، تاللا بازىرى ، مېھمانخانا ، مېھمانساراي ، رېستورانلار ؛ تۈرلۈك تىجارەت زاللىرى ؛ دىنىي پائالىيەت سورۇنى قاتارلىقلار .





6. ۋىۋىسكا ، تامغىلاردا قوللىنىلىدىغان يېزىقلارنى قېلىپلاشتۇرۇش ئۆلچىمى .



1) خەت رەڭگى ۋە ئۆلچىمى . ئادەت بويىچە ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ئورگانلىرىنىڭ ۋىۋىسكىسىدىكى يېزىقنىڭ رەڭگى قىزىل بولىدۇ ، ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ، ھۆكۈمەت ، سىياسىي كېڭەش ، ئەدلىيە ئورگانلىرى ۋە تەشكىلات ، كەسپىي ئورۇن ۋىۋىسكىلىرىدىكى يېزىقنىڭ رەڭگى قارا بولىدۇ . مىللىيچە يېزىقنىڭ خەت شەكلى تېكست باسما شەكلىدە بولىدۇ ، خەنزۇچە يېزىقنىڭ خەت شەكلى سۇڭ ئۇسلۇبىدىكى خەت شەكلىدە بولىدۇ . ۋىۋىسكىدىكى يېزىق تامغىدىكى يېزىق بىلەن بىردەك بولۇشى كېرەك ، ۋىۋىسكىنىڭ ماتېرىيالى ، چوڭ - كىچىكلىكى ئىمارەتنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ بېكىتىلىشى كېرەك .  



2) يېزىقنىڭ تىزىلىش تەرتىپى . يۇقىرى - تۆۋەن شەكىلدە تىزغاندا : مىللىيچە يېزىق ئۈستىگە ، خەنزۇچە يېزىق ئاستىغا تىزىلىدۇ . چەت ئەل يېزىقى بارلىرىدا ، چەت ئەل يېزىقى خەنزۇ يېزىقىنىڭ ئاستىغا تىزىلىدۇ .  



ئوڭ - سول شەكىلدە تىزغاندا : ئۇيغۇر ، قازاق ، قىرغىز يېزىقلىرى ئوڭ تەرەپكە ، خەنزۇ يېزىقى سول تەرەپكە تىزىلىدۇ ؛ چەت ئەل يېزىقى بارلىرىدا ، چەت ئەل يېزىقى خەنزۇ يېزىقىنىڭ سول تەرىپىگە تىزىلىدۇ . موڭغۇل ، شىبە يېزىقلىرى سول تەرەپكە ، خەنزۇ يېزىقى ئوڭ تەرەپكە تىزىلىدۇ ، چەت ئەل يېزىقى بارلىرىدا ، چەت ئەل يېزىقى خەنزۇ يېزىقىنىڭ ئوڭ تەرىپىگە تىزىلىدۇ . 



دۈگىلەك تامغىلاردا مىللىيچە يېزىق سول تەرەپكە ، خەنزۇچە يېزىق ئوڭ تەرەپكە تىزىلىدۇ .



7. يېزىق تەرجىمە قىلىش ۋە تەكشۈرۈپ بېكىتىش . ئورگان ، تەشكىلات ۋە كارخانا ، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ تامغا ، ۋىۋىسكا ، كىنىشكە ، كونۋېرت ، ئالاقە قەغىزى ۋە ئاممىۋى سورۇن ، جامائەت ئەسلىھەسى ، شۇنداقلا ئاممىۋى مۇلازىمەت ئىشلىرىدا قوللىنىلىدىغان ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل - يېزىقى جەھەتتە شۇ جايدىكى تىل - يېزىق مەسئۇل تارماقلىرىدىن مەسلىھەت سوراش ، تەرجىمىسىنىڭ توغرىلىقىغا ، قېلىپلاشقان خەت ئىشلىتىشكە كاپالەتلىك قىلىش لازىم .


جايلار ۋە تارماقلار مىللىيچە ، خەنزۇچە تىل - يېزىقنى قېلىپلاشتۇرۇپ قوللىنىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ ، رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ ، ئۆگىنىش ۋە تەشۋىقاتنى ئەستايىدىل تەشكىللەپ ، قائىدە - تۈزۈمنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ ، ئۆز جايى ، ئۆز تارمىقى ( ئورنى )نىڭ تىل - يېزىقنى ئىشلىتىش ئەھۋالىنى ۋاقتىدا تۈزىتىپ ، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ياخشى تىل - يېزىق مۇھىتى يارىتىشى لازىم .



شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى   



2011-يىل 3-ماي





新疆维吾尔自治区人民政府办公厅文件

新政办发〔2011〕57号
--------------------------------------------------------------------------------




关于进一步规范使用民汉两种语言文字的通知


伊犁哈萨克自治州,各州、市、县(市)人民政府,各行政公署,自治区人民政府各部门、各直属机构:
        我区是一个多民族、多语言、多文种的地区。全面贯彻党和国家语言文字政策,正确使用民汉两种语言文字,对于促进民族团结、维护社会稳定具有重要意义。随着经济社会的不断发展,一些地方和单位社会用语、用字不规范,如不按规定使用民汉文字,民汉文字同时使用时比例失调、翻译不准确、排列不规范等现象时有发生,造成了不良社会影响。
        根据《中华人民共和国国家通用语言文字法》、《自治区语言文字工作条例》,为进一步加强我区语言文字工作,促进各民族语言文字规范准确地使用,现将有关规定重申如下:
一、国家推广普通话,推行规范汉字;各民族都有使用和发展本民族语言文字的自由;少数民族语言文字的使用依据《宪法》、《民族区域自治法》及其他法律的有关规定;国家机关以汉语普通话和规范汉字为公务用语用字。法律另有规定的除外。
二、自治区的自治机关在执行职务时,同时使用维吾尔、汉两种语言文字;根据需要也可以同时使用其他民族的语言文字;自治州、自治县的自治机关执行职务时,在使用自治区通用的维吾尔、汉语言文字的同时,使用实行区域自治的民族的语言文字,也可以根据需要,同时使用当地通用的其他民族的语言文字;同时使用几种语言文字执行职务的,可以实行区域自治民族的语言文字为主。
三、机关、团体、企事业单位召开的全区性和地方性会议,应根据与会人员情况,使用一种或几种语言文字,特别是会议下发的文件材料必须同时使用民汉文字。重要会议的会标应当同时使用少数民族文字和汉字。
四、机关、团体、企事业单位在招生、招工、招干和技术考核、职称评定、晋级时,必须同时或分别使用当地通用的少数民族语言文字、汉语言文字。国家和自治区另有规定的除外。
五、社会用字应当同时、规范使用汉字和少数民族文字,使用时要做到比例相称、工艺美观、翻译书写准确。
        社会用字主要是指:机关、团体和事业单位的公章、门牌、证件和印有单位名称的信封、公函纸等,以及自治区境内上报下发的各种公文、函件,发行的学习材料和宣传品(可根据需要,使用当地通用的一种或几种文字); 公共场所、公用设施以及从事公共服务的名称标牌、公益广告、界牌、指路标志、交通标志和车辆上印写的单位名称、安全标语,区内生产并在区内销售的产品的名称、说明书等。
        公共场所是以公众为对象进行商业性经营的或对公众提供服务的场所,是提供公众进行工作、学习、经济、文化、社交、娱乐、体育、参观、医疗、卫生、休息、旅游和满足部分生活需求所使用的一切公用建筑物、场所及其设施的总称。如,公共交通工具及其候车(机、船)厅、售票厅;医疗机构的候诊区、诊疗区、病房区;影剧院、歌舞厅、录像放映厅、游艺厅;各类体育场馆;旅游景区;学校、图书馆、阅览室、博物馆、展览馆、科技馆、美术馆、档案馆、青少年宫;广场、公园;商场、超市、宾馆、酒店、餐厅;各类营业厅;宗教活动场所等。
六、门牌、印章的用字规范标准。
(一)字体颜色和标准。按照惯例,各级党委机关门牌文字为红色,各级人大、政府、政协、司法机关及团体、事业单位门牌文字为黑色。民文字体为正文印刷体,汉文字体为宋体。门牌文字应与其印章文字一致,门牌材料、大小可根据建筑物的情况确定。
(二)文字排列方式。上下排列的:民文在上,汉文在下,有外文的在汉文之下;左右排列的:维吾尔、哈萨克、柯尔克孜文在右,汉文在左,有外文的在汉文之左。蒙古、锡伯文在左,汉文在右,有外文的在汉文之右;圆形印章民文在左,汉文在右。
七、文字翻译和审核。机关、团体和事业单位的公章、门牌、证件、信封、公函纸等,公共场所、共用设施以及从事公共服务使用少数民族语言文字的,可以咨询当地语言文字主管部门,以确保翻译准确、用字规范。
        各地、各部门要高度重视规范使用民汉语言文字工作,加强领导,认真组织学习宣传,建立健全规章制度,经常性组织检查本地、本部门(单位)的语言文字使用情况,及时整改不规范现象,为实现新疆跨越式发展和长治久安营造良好的语言文字环境



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   otkur341 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-2-23 01:11 AM  


ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
137166676 + 39 دەلىللەر يېتەرلىك
قەدىر + 10 دەلىللەر يېتەرلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 49   باھا خاتىرىسى

باش رەسىمى نىقابلانغان

كۆرۈش چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50644
يازما سانى: 1110
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7260
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 279 سائەت
تىزىم: 2011-8-5
ئاخىرقى: 2015-3-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-23 06:21:49 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ھەرقانداق نەرسە زورلانسا ئەكىس تەسىربىرىدۇ دوسلۇقمۇ ھەم شۇ..

ئۇيغۇر بالىلىرى

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15067
يازما سانى: 478
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10463
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 3820 سائەت
تىزىم: 2010-10-24
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-23 09:36:32 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىمىشقا پايدىسى يوق بىز تىرىشساقلا چوقوم پايدىسى بولىدۇ ئانا تىل يەسلىسىگىىمۇ پايدىسى يوق دەپتى بەزىلە قانۇنى يول ئەپەندىمۇ رۇخسەتنى ئالدى بەش ئاي ھارماي تىرىشىپ ،
مىسرانىم ئەپەندىم ماۋۇ تىمىنى تاقىۋەتمىسلام  بىزمۇ بەل قويۋەتمىسەكلام چوقۇم پايدىسى بولىدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90729
يازما سانى: 303
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1281
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 402 سائەت
تىزىم: 2013-1-27
ئاخىرقى: 2015-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-23 10:09:14 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چوقۇم ئىككى خىل تىلدا يېزىلىشى شەرتقۇ ؟!!! ئۇ دوختۇرخانىنى كىمنىڭ سېلىشىدىن قەتئىنەزەر . يەنە دوختۇرخانىنىڭ نامى ئۇيغۇر تىبابەت دوختورخانىسىكەن . بۇنى تىل - يېزىق كومتىتىدىكىلەر بىر تەرەپ قىلىدىغۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85255
يازما سانى: 30
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 351
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 134 سائەت
تىزىم: 2012-9-20
ئاخىرقى: 2015-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-23 10:24:06 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قېرىندىشىم، بۇنداق ئىشلار قاراقاشتىلا ئەمەس شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزنىڭ ھەممە جايلىرىدا ئومۇميۈزلۈك مەۋجۈت،بىر  كۈنلەردە بۇمۇ  ئوڭشىلىپ  قالار.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73887
يازما سانى: 965
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5057
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2084 سائەت
تىزىم: 2012-1-24
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-23 10:34:49 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەمەلدارلارنىڭ ئۇنى كۆزى كۆرمىگەن بىلەن ئۇيغۇرچەخەت خەنچەخەتتىن چوڭ يېزىلىپ قالغان ۋېۋىسكىلارنى تازاكۆرىدىكەن،ئۆتكەندەيىڭىدىن ئارمان تاللابازىرى ئاچقان دوستۇم ۋېۋىسكىدىكى ئۇيغۇرچەئارمان دىگەن خەت خەنچىسىدىن چوڭكەن دىگەن بىرباھانەبىلەن خېلى ئاۋارىچىلىق تارىتتى،ئاخرى ئارمان شىركىتىدىكىلەرنىڭ ئارىلىششى بىلەن ھەل بولدى ئۇئىشلار.

ئاز بولسىمۇ ھالالدىن يەيمەن !!!!!قۇدرەتلىك مېھرىبان اللەھىم ئۆزۈڭنىڭ ھالال نىئمەتلىرى ئارقىلىق مېنى ھارامدىن بىھاجەت قىلغىن.https://uyghur-archive.com/misranim/static/image/smiley/default/misranim1 (6).gif

ئەپۇچانلىك _ گۇزەل ئەخلاق

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14852
يازما سانى: 947
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15642
تۆھپە نۇمۇرى: 1724
توردا: 6168 سائەت
تىزىم: 2010-10-22
ئاخىرقى: 2015-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-23 10:59:04 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چۇقۇم ئىككى تىل يېزىقنى تەڭ قوللىنىشقا كۇچ چىقىرىشىمىز كىرەك

دوستلۇق _ مەڭگۇلۇك تىما ، دوستلار ئۆز-ئارا خۇشاللىقتىن تەڭ بەھرىمان بۇلغۇچىلاردۇر ،  ھەم ئۆز-ئارا قايغۇھەسىرەتنى تۇگتىشكە ھەمرا بولغۇچىلاردۇر .
،،.دانىشمەن دۇشمىنىمدىن  قۇرقمايمەن ،لىكىن ئىتتەك دوستۇمدىن قورقىمەن.

ئەپۇچانلىك _ گۇزەل ئەخلاق

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14852
يازما سانى: 947
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15642
تۆھپە نۇمۇرى: 1724
توردا: 6168 سائەت
تىزىم: 2010-10-22
ئاخىرقى: 2015-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-23 10:59:10 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چۇقۇم ئىككى تىل يېزىقنى تەڭ قوللىنىشقا كۇچ چىقىرىشىمىز كىرەك

دوستلۇق _ مەڭگۇلۇك تىما ، دوستلار ئۆز-ئارا خۇشاللىقتىن تەڭ بەھرىمان بۇلغۇچىلاردۇر ،  ھەم ئۆز-ئارا قايغۇھەسىرەتنى تۇگتىشكە ھەمرا بولغۇچىلاردۇر .
،،.دانىشمەن دۇشمىنىمدىن  قۇرقمايمەن ،لىكىن ئىتتەك دوستۇمدىن قورقىمەن.

توۋا دەيمەن.

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49057
يازما سانى: 1468
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1468
تۆھپە نۇمۇرى: 1593
توردا: 1282 سائەت
تىزىم: 2011-7-25
ئاخىرقى: 2015-3-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-23 10:59:39 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەھىرىرلەندى.............
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   natik تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-2-23 11:07 AM  


ئاتاڭ قانداق بولسا ، سەنمۇ شۇنداقسەن.
windows8 بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-23 11:07:22 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش