مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 960|ئىنكاس: 5

بالىلار ئادىتىنىڭ كەينىگە يوشۇرۇنغان پىسخىكىلىق ئامىللار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82570
يازما سانى: 485
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5437
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 769 سائەت
تىزىم: 2012-7-7
ئاخىرقى: 2014-7-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-22 11:55:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

بالىلار  ئادىتىنىڭ كەينىگە يوشۇرۇنغان پىسخىكىلىق ئامىللار




   كىچىك باللارنىڭ قىلىق ــ ئادەتلىرى تولا يىغلاش، ئەركىلەش، ئىزا تارتىش دېگەندەك كۆپ خىل بولۇپ،  بۇنداق ئادەتلەر قارىماققا ئادەتتىكى ئىشتەك كۆرۈنسىمۇ ئەمما بالىلارنىڭ بەزى ئادەتلىرىنىڭ سەۋەبىنى ئېنىقلاپ ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىمىسا ئۇلارنىڭ خاراكتېرىنىڭ يېتىلىشىگە يامان تەسىر كۆرسىتىشى،  بەلگىلىك پىسخىكىلىق مەسلىلەرنى ئېلىپ كېلىشى  مۇمكىن.



   1. باشقىلارنى ئۇرۇش، چىشلەش.


   بىرىنچى ،  بالىلاردا بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كەمچىل بولۇش. ئەگەر بالىلار ئۆزىنى بىخەتەر ھېس قىلالمىسا باشقا بالىلارغا بولۇپمۇ،  ياتلارغا ئۇچرىغاندا تەبىئىي ھالدا ئۆزىنى قوغداپ، «ھۇجۇم»غا ئۆتىدۇ.


   ھەل قىلىش ئۇسۇلى: ئاتا-ئانا بولغۇچى بالىلاردا بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنىڭ  شەكىللىنشىگە ياردەمدە بولۇشى كېرەك. ئۇندىن باشقا ئۇلارنى كۆپرەك باشقا بالىلار بىلەن دوسىت بولۇشقا رىغبەتلەندۈرۈشى، ئۆزىنىڭ دوستىنى ئۇرۇپ، چىشلەشنىڭ ياخشى ئىش ئەمەسلىكىنى چۈشەندۈرۈشى لازىم.


   ئىككىنچى ، ئۇرۇش ئىنكار قىلىشنىڭ ئىپادىسى. بالىلار بەزىدە  ئۆز خىيالى بويىچە ئىش كۆرىدۇ. بىر ئىشنى خالىسا قىلىدۇ، خالىمىسا جاھىللىق قىلىپ تۇرۇۋالىدۇ. مەسلەن،  ئويناۋاتقاندا دوسىتلىرى بىلەن ئويۇنچۇقنى ئۇلارغا بەرگۈسى كەلمەيدۇ. تالاشسا، ئۇلارنى ئۇرىدۇ، چىشلەيدۇ.


   ھەل قىلىش ئۇسۇلى: بالىلارغا قىلماقچى بولغان ئىشىنى  ئاتا-ئانا ۋە باشقىلارغا گەپ-سۆز بىلەن بىلدۈرۈش لازىملىقىنى، بۇنداق بولغاندا ئىشنىڭ تېخىمۇ ئوڭاي ھەل بولىدىغانلىقىنى سەۋرچانلىق بىلەن چۈشەندۈرۈش كېرەك. ئۇندىن كېيىن بالىلارنى مەسلىنى باشقىلارنى ئۇرۇش، چىشلەش بىلەن بىلەن ئەمەس، تىل ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىشغا كۆندۈرۈش كېرەك.



   2. يالغان سۆزلەش.


   كىچىك بالىلارمۇ يالغان سۆزلەمدۇ؟ ئەلۋەتتە، كىچىك بالىلارنىڭمۇ يالغان سۆزلەيدىغان ۋاقتى بولىدۇ.  ئۇلارنىڭ يالغان سۆزلىشىنىڭ سەۋەبى گەپ-سۆزىگە ئۆزىنىڭ ئارزۇ-ئۈمىدلىرىنى سىڭدۈرۈپ راسىت قىلىپ سۆزلەش.  مەسلەن،  بالىڭىز دوستىغا:« بىزنىڭ ئۆيدە ئۈچ تېلىۋۇزۇر بار» دېگەن بولسا، بۇ سۆزى ئۇنىڭ كۆڭلىدىكى:« ئەگەر ئۆيىمىزدە ئۈچ تېلىۋۇزۇر بولغان بولسا، دادام بىلەن ئانام مەندىن تالاشمىسا، كۆرگۈم بار كارتون فىلىمنى قانغۇچە كۆرۈۋالسام...» دېگەن ئارزۇسىنى بىلدۈرىدۇ.  بالىلارنىڭ پىسخىكىسىدە ئوبىيېكتىپ بىلەن سۇبىيېكتىپ ھەمىشە بىرلىشىپ كەتكەن بولىدۇ.  شۇڭلاشقا كىچىك بالىلار بىلىپ-بىلمەي ئۆز خىيالىنى گەپ-س‍ۆزلىرىگە بىرلەشتۈرىۋېىتىدۇ. ئەگەر مۇنداق چاغدا ئۇنىڭغا رەددىيە بەرسىڭىز بەلكىم ئۇنىڭ كۆڭلىگە تىگىپ قېلىشى ياكى يالغانچىلىقىنىڭ ئاشكارلىنىپ قالغانلىقىدىن دوستلىرىنىڭ ئالدىدا ئۇيىلىشى مۇمكىن. شۇڭلاشقا :


   - ئەلۋەتتە، ئەگەر ئۆيىمىزدە ئۈچ تېلىۋۇزۇر بولغان بولسا ھەقىقەتەن ياخشى بولاتتى بالام،-دېسىڭىز توغرا قىلغان بولىسىز.


   يەنە بىر سەۋەبى، ئۆزىنىڭ خاتا قىلغان ئىشىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن يالغان سۆزلەيدۇ. كۆڭلىدە:« ئەمدى ئاتا-ئانام مېنى تىللايدۇ، ئۇرىدۇ...» دەپ ئويلاپ قىلغان ئىشىنى تەن ئالغىلى ئۇنىمايدۇ. بۇنداق چاغدا بالىنى راست سۆزلەشكە، قانداق خاتالىق ئۆتكۈزگەن بولسا ئېتىراپ قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك. ئەلۋەتتە، خاتالىقىنى تەن ئالغاندىن كېيىن بالىنى ئەيىبلەشتىن ساقلىنىش كېرەك. چۈنكى، ئەقىل ئىگىسى شۇنى بىلىدۇكى، خاتالىق ئۆتكۈزۈلگەنكەن، بالىنى ھەرقانچە تىللاپ، ئۇرغان بىلەنمۇ بولغان ئىش ئەسلىگە قايتمايدۇ، نۆۋەتتىكى ئىش ـــ ۋاقىتىنى چىڭ تۇتۇپ بولغان ئىشنى بىر تەرەپ قىلىش.


    ئېسىڭىزدە بولسۇن، خاتالىق ئۆتكۈزگەن بالىغا نىسبەتەن ئەڭ مۇھىمى، بالىغا قىلغان ئىشىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە يامان ئىكەنلىكىنى  ھەمدە  بۇندىن كېيىن بۇنداق خاتالىقتىن ساقلىنىش  كېرەكلىكىنى  بىلدۈرۈش.



   3.  توختىماستىن يىغلاش.


   يىغلاشنى ياخشى كۆرىدىغان بالىلارنىڭ كۆپىنچىسى قورقۇنچاق كېلىدۇ. كۆڭلىدە يالغۇزلۇق ياكى قۇرقۇنچ ھېس قىلغاچقا ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆزىنى چۈشىنىشىنى، ئۆزىنى ھىمايە قىلىشىنى ئۈمىد قىلىپ يىغلايدۇ. ئەگەر بۇ چاغدا :


  -بولدى، يىغلىما... يىغلىما دەۋاتىمەن،- دېسىڭىز ئەلۋەتتە ئۈنۈمى دەل ئەكىسچە بولىدۇ. ھەتتا يىغلىما دېگەنسېرى تېخىمۇ كۈچەپ يىغلىشى مۇمكىن. شۇڭلاشقا ئۇنىڭ قايسى ئىشنى ھەل قىلالمىغانلىقىنى، باشقىلارنىڭ بوزەك قىلغان-قىلمىغانلىقىنى ئۆز ئاغزىدىن ئاڭلاشقا كۆندۈرۈش كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن بالىلاردىن يەسلى ياكى مەكتەپتىكى دوستلىرىنىڭ ئەھۋالىنى، ئۆزىنىڭ ئۇلار بىلەن قانداق ئويۇنلارنى ئوينىغانلىقىنى سوراش بىلەن پاراڭنى باشلىسىڭىز بالا ئۆزلىكىدىن مەكتەپتە بولغان ئىشلارنى ھەتتا دوستلىرىنىڭ ئۆزىنى كۆزگە ئىلمىغان، بوزەك قىلغان ياكى مەسخىرە قىلغان ئىشلىرىنى  قويماي سۆزلەپ بېرىدۇ. شۇ بويىچە مەسلىنى ھەل قىلسىڭىز تەبئىيلا بالىڭىزنىڭ كىچىك ئىشلار تۈپەيلى توختىماي يىغلاۋېرىدىغان ئادىتىنى ئۆزگەرتەلەيسىز.



   4. زىيادە تارتىنچاقلىق.


   خىجىلچان بولۇش كىشىگە ياخشىدەك تۇيىلىدۇ. بىراق كىچىك بالىلاردىكى زىيادە تارتىنچاقلىققا سەل قاراشقا بولمايدۇ. چۈنكى، بۇ خىل تارتىنچاقلىق كەينىگە قورقۇنچاقلىق، باشقىلارغا تاينىۋېلىش ئىقتىدارى يۇقىرى بولۇش دېگەندەك بىر قاتار پىسخىكىلىق ئامىللار يوشۇرۇنغان بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر ئاتا-ئانىسى سەۋرسىز، ئاسان ئاچچىقلىنىدىغان، بالىنى بەك قاتتىق باشقۇرۇپ بېسىم پەيدا قىلىدىغان كىشى بولسا بالىنىڭ پىسخىكىسىدا تەبىئىيلا قورقۇنچاقلىق، ئۆزىنى كەمسىتىش، باشقىلار ئالدىدا سۆزلەشتىن ئۇيلىش، ئادەم جىق يەردىن قورقۇش دېگەندەك تۇيغۇلار شەكىللىنىدۇ.


   ئاتا-ئانا بولغۇچى بالىنى كۆزىتىشكە ماھىر بولۇپ، ئۇنىڭدىكى زىيادە تارتىنچاقلىقنىڭ سەۋەبىنى تېپىپىپ چىقىپ ئۇنى كۆپرەك دوسىت تۇتۇشقا، كشىلەر بىلەن دائىم پاراڭلىشىشقا رىغبەتلەندۈرۈش ئۇنىڭدىن باشقا                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                               ئۆزىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى نامايەن قىلىشنىڭ بەلكىم كۈتۈلمىگەن پۇرسەتلەرنى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرۈش كېرەك.



   5. بۇدۇشقاقلىق.


   بالىلار  بەزىدە سىز قەيەرگە بارسىڭىز كەينىڭىزگە ئەگىشىۋالىدۇ، نىملا قىلسىڭىز سىزنى دوراپ ئىشلىرىڭىزغا قولايسىزلىق ئېلىپ كېلىدۇ. نېرى ئىتترسىڭىز  تېخىمۇ چىڭ يېپشىپ سىزنى بىزار قىلىپ قويىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا كايىسىز، ۋارقىرايسىز. ئەمەلىيەتتە بۇ بالىنىڭ كۆڭلىدە بىر ئىش بارلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.


   بىرىنچى، كۆڭلىدە مۇھەببەت كەمچىل.  بالىلارنىڭ يىغلىشىدىكى سەۋەب دىققىتىنى ئۆزىگە بۇرىماقچى بولغىنىدەك ئۇنىڭ سىزگە يېپىشىۋېلىپ سىزگە ئاۋارىچىلىك تاپماقچى بولغىنى دەل ئۇنىڭ باشقىلارنىڭ ھەمرا بولمغانلىقى، بىرەرسىنىڭ ئوينىشىپ بەرمىگەنلىكى، بىرسىنىڭ ئۆزىگە كۆيۈنىشنى ئۈمىد قىلغانلىقىدىن بولغان.


   ئىككىنچى، باشقىلارغا تاينىۋېلىش خاھىشىنىڭ كۈچلۈك. مۇستەقىل، خاراكتېرى كۈچلۈك بالىلار چوڭلار يېپىشىۋالمايدۇ. ئەركە، يالغۇزلۇقتىن قورقىدىغان بالىلار ھەمىشە شۇنداق بۇدۇشقاق كېلىدۇ.


   ئۈچىنچى، ئائىلىدە ئوخشاش مۇئامىلىگە ئۇچرىماسلىق. بالىلار ئارىسىدا ئوخشاش مۇئامىلىگە ئۇچرىماسلىق كىچىك بالىلارنىڭ بۇدۇشقاقلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان يەنە بىر  سەۋەب.


   شۇڭلاشقا، بالىلاردىكى بۇدۇشقاقلىقنىڭ سەۋەبىنى تېپىپ شۇ بويىچە ھەل قىلىش، ئۇلاردا مۇستەقىللىق خاراكتېرىنى يېتىلدۈرۈپ، روھى داۋالغۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.



    قىسقىسى، ئاتا-ئانىلار بالىسىنىڭ روھى-كەيپىياتىنى كۆزىتىشكە ماھىر بولۇپ، ئۇلاردا كۆرۈلگەن پىسخىكىلىق مەسلىلەرنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىپ، ئۇلارنىڭ خاراكتېرىنىڭ يېتىلىشىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشى زۆرۈر.



   تەرجىمە قىلىپ مەزمۇن بېيىتقۇچى: مىژگان




ھايات ماڭا يىغلاش ئۈچۈن بىر سەۋەب تېپىپ بەرسە مەن كۈلۈش ئۈچۈن مىڭ سەۋەب تاپىمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91797
يازما سانى: 153
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 788
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 522 سائەت
تىزىم: 2013-2-17
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-23 11:06:40 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەھمىيەتلىك تىمىكەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12983
يازما سانى: 45
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8530
تۆھپە نۇمۇرى: 493
توردا: 861 سائەت
تىزىم: 2010-10-7
ئاخىرقى: 2015-1-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-23 04:31:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۆپ نەرسىلەرنى بىلۋالدۇق . مىژگانغا رەھمەت .

ھەممىنى ھازىردىن باشلاشنى بىلىش دانالىق !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77176
يازما سانى: 195
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4246
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 120 سائەت
تىزىم: 2012-3-9
ئاخىرقى: 2015-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-24 05:22:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ئەھمىيەتلىك تېمىكەن، ساقلىۋالدىم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91476
يازما سانى: 492
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1725
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 263 سائەت
تىزىم: 2013-2-10
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-3 12:33:19 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەھمىيىتى باركەن

ئىسمىممۇ   جىسمىممۇ   ئەزەلدىنلا  يىك ،
يىك كەبى تۈپ -تۈزمەن ئىگىلمەيدۇ يىك.
يىقىلىپ   كەتسەممۇ  تۇرىمەن   دەرھال  ،
ئەجداتتىن  قېپ قالغان  لەقىمىممۇ   يىك.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5568
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32191
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3382 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-9 11:53:23 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دىگەنلىرىڭىز توغرا،چۈنكى؛ئادەم  پىسخكىسىنى يوشۇرىدىغان مەخلۇق.

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش