مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1992|ئىنكاس: 24

ئېلاننىڭ قۇربانى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91426
يازما سانى: 16
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 153
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 32 سائەت
تىزىم: 2013-2-9
ئاخىرقى: 2013-7-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-22 08:42:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ئەسەر فىرانسىيەلىك يازغۇچىنىڭ ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان ئەسىرى بۇلۇپ،مەن بۇ ئەسەرنى بىر كىتابتىن ئوقۇپ ياقتۇرۇپ قېلىپ ،مىسرانىم تورىغا يوللىدىم...

                                                 ئېلاننىڭ قۇربانى

      مەن سەمىمىي بىر يىگىتنى تونۇيتتۇم،ئۇ ئۆتكەن يىلى ئۆلۈپ كەتتى.ئۇنى بىر ئۆمۈر ئازاپ چېكىپ ئۆتتى دېيىشكە بولاتتى.
       ئۇ ئىش ئۇققىدەك  بولغان چاغلىرىدىن باشلاپلا ئۆزىگە مۇنداق بىر تەشەببۇسنى قىبلىنامە قىلىۋالغانىدى.《تۇرمۇش پىلانىمنى بەلگىلەپ بولدۇم .ئەمدى پەقەت كۆزۈمنى يۇمۇپلا زاماننىڭ ئىلتىپاتىنى قوبۇل قىلىمەن.مەدەنيەتنىڭ قەدىمىگە يېتىشىش ،گۈزەل  ،بەخـتىيار كۈن ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ھەر كۈنى ئەتىگەن ۋە كەچتە گېزىت ۋە ئېلانلارنى كۆرۈپ ،بۇ ئۇلۇغ يېتەكچىلەرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىش قىلىمەن .بۇ ئىنتايىن ئاقىلانە بىر ئۇسۇل،شۇنداقلا بەختكە ئېرىشكىلى بولىدىغان ئۇسۇل. 》
     شۇنىڭدىن تارتىپ ،ئۇ گېزىتلەرگە بېسىلغان ياكى تاملارغا چاپلانغان ئېلانلارنى ئۆزىنىڭ تۇرمۇش دەستۇرى قىلىۋالدى.ئۇلار ئۇنىڭ ھەممە مەسىلىلىرىنى ئۈزۈل -كېسىل ھەل قىلىشىغا ياردەم قىلىدىغان قوللانما بولۇپ قالدى.ئېلانلاردا تەرغىپ قىلىنمىغان نەرسىلەرنى ئۇ سېتىۋالمايىتتى .
      بۇ شۇم پېشانە ،بىچارە مۇشۇ تۈپەيلىدىن ھەقىقەتەن دوزاخ ئازابىنى  تارتىپ ياشىدى.
     ئۇ بىر پارچە يەر سېتىۋالدى ھەم باشقا جايدىن توپا توشۇپ كېلىپ ئۆي سالدى .بۇ ئۆي ئەڭ يېڭى قۇرۇلۇش ئۇسلۇبى بويىچە سېلىنغان بولۇپ  ،شامال چىقسىلا مىدىرلايىتتى ،يامغۇر ياغسا ئۆگزىسىدىن تامچە ئۆتۈپ كېتەتتى.ئۆي ئىچىدىكى ئوچاقنىڭ ئىچىگە ئىس تارتىش قۇرۇلمىسى ئورنۇتۇلغان بولسىمۇ،چىققان ئىس-تۈتەكنىڭ دەستىدىن ئۆيدە تۇرغىلى بولمايتتى.ئېلىكتىرونلۇق قوڭغۇراقنى ھەرقانچە كۈچەپ باسقان بىلەنمۇ ئاۋاز چىقمايتتى.ھاجەتخانىسى ئالاھىدە ئۇسلۇبتا سېلىنغان بولسىمۇ ،ئەمدىلىكتە ئەۋرەز كۆلچىكىگە ئايلىنىپ قالغانىدى.تارتما ۋە ئىشكاپلىرىنىڭ ئىشىكلىرىگە ئالاھىدە ماتىريال ئىشلەتكەن بولۇپ ،ئاچسا ياپقىلى ،ياپسا ئاچقىلى بولمايتتى .
     يەنە تېخى ئاپتوماتىك پىئانىنو،كونىراپ كەتكەن ئاككاردىيون بار ئىدى ،بۇنىڭدىن باشقا بىر بىخەتەرلىك ساندۇقىمۇ بولۇپ،ئۇنى قومۇرۇپمۇ ئاچقىلى بولمايتتى ،كۆيدۈرسىمۇ ئوت تۇتاشمايتتى ،قىشنىڭ مەلۇم بىر كېچىسى  بىر نەچچە ئوغرى بۇ نەرسىلەرنى  ئوغرىلاپ كەتتى.  
    بۇ شور پېشانە يىگىت مال -مۈلكىدىن قۇرۇق قالغىنى ئازدەك،جىسمانىي جەھەتتىنىمۇ خېلىلا زەخمىلەندى.
    ئۇ ئەمدىلا كوچىغا چىقىشىغا، كىيىم-كېچەكلىرنىڭ تىكىشى سۆكۈلۈپ كەتتى. بۇ كىيىملەرنى ئۇ تېخى يېقىندىلا ساقلىنىپ قالغان كىيىملەرنى تۆكمە قىلىپ ساتىدىغان بىر شىركەتتىن ئالغانىدى.
    بىر كۈنى ئۇنى ئۇچرىتىپ قالدىم، ئۇنىڭ چاچلىرى پۈتۈنلەي چۈشۈپ كەتكەنىدى. مەدەنىيەتنىڭ قەدىمىگە يىتىشۋىلىش ئۈچۈن ئۇ ئالتۇندەك ساپسېرىق چاچلىرنى قارىغا بويىماقچى بولۇپ، بىر خىل دورىنى ئىشلەتكەنىكەن ، سېرىق چاچلىرى پۈتۈنلەي چۈشۈپ كىتىپتۇ . بۇ ئۇنى ئىنتايىن خۇشال قىلىۋېتىپتۇ. چۈنكى، ئۇ ئەمدى يەنە بىر خىل ماينى سۈركىسە، ئۇنىڭ بېشىغا بۇرۇنقى سېرىق چېچىنىڭ ئىككى ھەسسىسچىلىك قارا چاچ چىقارمىش.
     ئۇ خىلمۇخىل دورىلارنى يەيىتتى. بۇ يەردە ھەممىسنى تەپسىلىي سۆزلەپ يۈرمەي .ئۇ ئەسلى ئىنتايىن تەمبەل ئىدى، ھازىر ئورۇقلاپ كېتىپتۇ. ئازراق كۈچىسە ھاسراپ كېتەتتى. مۇنداقچە ئېيىتقاندا، ئۇ شۇ چاغدىن تارتىپلا ئېلاننىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراشقا باشلىغان ئىدى.ئۇ ئۆزىنىڭ كېسىلى بارلىقىغا ئىشىنەتتى.ئېلانلاردا كۆرسىتىلگەن رېتسىپ بۇيىچە ئۆزىنى داۋالىماقچى بولغانىدى.ھەممىلا دورىنىڭ ئوخشاشلا ماختىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، قايسىسنى يېيىشنى بىلمىدى.شۇنىڭ بىلەن داۋالاش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ،بىرلا ۋاقىتتا بىر نەچچە خىل دورىنى تەڭلا ئىچتى.
    ئېلان ئۇنىڭ زېھنىنىمۇ خېلىلا خورىتىۋەتكەنىدى.
    ئۇ گېزىتلەردە تۇنۇشتۇرۇلغان كىتابلارنى سېتىۋېلىپ ،ئىشكاپىنى توشتۇرۋەتتى.ئۇنىڭ تۈرگە ئايرىش ئۇسۇلىمۇ ئۆزگىچە بۇلۇپ،كىتابلارنىڭ باھاسىنىڭ ئەرزان-قىممەتلىكىگە ئاساسەن ئىشكاپقا تىزاتتى.مېنىڭچە ، نەشىرىيات سودىگەرلىرى بىر مۇنچە پۇل خەجلەپ يازدۇرۇپ ،نەشىر قىلدۇرغان ئۇ  كىتابلار مەزمۇنىدىكى قىزغىنلىقىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىكى بۇيىچە تىزىلسا ياخشىراق بۇلاتتى. ئۇ بارلىق چاكىنا كىتابلار ۋەكونىراپ كەتكەن كىتابلارنىمۇ يىغدى.ئۇ كىتاب ئېلانلىرىنى ھەر بىر كىتابلىرنىڭ ئارقىسغا چاپلاپ قۇياتتى.
     ئەنەشۇنداق بىر قاتار جەريانلار ئۇنى پۈتۈنلەي گومۇش قىلىۋەتتى .
     ئۇنىڭ تىراگىدىيەسىنىڭ ئاخىرقى پەللىسى ئادەمنى تېخىمۇ ئېچىندۇرىدۇ.
ئۇ بىر سەييارە دوختۇرنىڭ تۈرلۈك كېسەللىكلەرنى داۋالىيالايدىغانلىقىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ كېسەللىرنى داۋالاتماقچى بولدى.بۇ دوختۇر ئىنتايىن قىزغىن بۇلۇپ، ئۇنى بالىلىقىغا قايتۇرۋەتمەكچى بولدى-دە،ئۇنىڭغا 16 ياشلىق ۋاقتىغا قايتۇرۋېتىدىغان مەخپىي رېتسىپنى ئېيتىپ بەردى.بۇ رېتسىپ ئەمەلىيەتتەئىنتايىن ئاددىي بۇلۇپ،مەلۇم بىر خىل سۇدا يۇيۇنۇپ بولغاندىن كېيىن يەنە بىر خىل سۇيۇق دورىنى ئىچىۋەتسىلا بۇلاتتى.ئۇ دورىنى ئىچىپ بۇلۇپلا مۇنچىغا كىرىپ كەتتى، ئۇ بەك ياشىرىپ كەتكەن بولسا كېرەك.يېرىم سائەتتىن كېيىن
كىشلەر ۋاننىدىن ئۇنىڭ جەسىتىنى تېپىشتى.
      ئۇ ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىنمۇ يەنە ئېلاننىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىدى.ئۇ ۋەسىيەتنامىسدە ئۆزىنىڭ جەسىتىنى چىرىشتىن ساقلايدىغان ئەلا سۈپەتلىك جەسەت ساندۇقىغاسېلىشنى ھاۋالە قىلغان بۇلۇپ،بۇ خىل جەسەت ساندۇقىنى بىر دورىگەر تېخى يېقىندىلا ياساپ پاتېنت ھوقۇقىغا ئېرىشكەن ئىكەن، جەسەت ساندۇقى قەبرە بېشىغا ئېلىپ كېلىنىشى بىلەنلا قاپ ئوتتۇرسىدىن ئاجراپ كېتىپ،بۇ بىچارىنىڭ جەسىتى پاتقاققا چۈشۈپ كەتتى.شۇنىڭ بىلەن كىشلەر ئۇنى سۇنۇپ كەتكەن جەسەت ساندۇقى بىلەن قوشۇپلا كۆمۈۋەتتى.
      ئۇنىڭ قەبرىسى قاتتىق مەر-مەر تاشلاردىن ياسالغان ئىدى.قىش كىرەي دەپ قالغان بىر كۈنى قاتتىق يامغۇر يېغىپ، يامغۇر سۈيى بۇ نەرسىلەرنىڭ ھەممىسنى ئېقىتىپ كەتتى .ھەش-پەش دېگۈچە ئۇنىڭ قەبرىسى نامسىز بىر خارابىلىككە ئايلىنىپ كەتتى.
                                                         ( تۈگىدى )

  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79754
يازما سانى: 2392
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11126
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2781 سائەت
تىزىم: 2012-5-5
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-22 09:06:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىلانغا ئىشەنمەڭ ، ئەمەلىيەتتىن كۈرۈڭ .

ئۈزىنىڭ مەدەنىيتىنى ، تارىخىنى ، ئەجدادىنى ، كىملىكىنى ، ئىتقادىنى بىلمەيدىغان ۋە ئەۋلاتلىرىغا كۈڭۈل بۆلمەيدىغان مىللەتتىنمۇ بىچارە مىللەت يوق !

جاپا ئىچىدە ھالاۋەت

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25429
يازما سانى: 1160
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9837
تۆھپە نۇمۇرى: 753
توردا: 5003 سائەت
تىزىم: 2011-1-8
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-22 09:24:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەجىرگە تۇشلۇق نەتىجە چىقىدۇ .
hekmat-uyghur بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-22 09:34:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
hekmat-uyghur بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-22 09:35:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86315
يازما سانى: 136
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 396
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 51 سائەت
تىزىم: 2012-10-21
ئاخىرقى: 2014-10-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-22 09:36:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئېلاننىڭ قۇربانى بولدى دىگەن گەپكەندە.

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12395
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 32447
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4458 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-22 09:40:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ساختا ئېلانلارنىڭ ناچار تەرەپلىرى بۇ يىگىتنىڭ تەرىپلىرى ئارقىسىدا ياخشى قامچىلىنىپتۇ....


ئېلان مەھسۇلاتلارنى بازارغا سېلىشتىكى، بىر  خىل مۇبالىغە شەكىللىك ۋاستە..... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   musilina تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-2-22 09:40 PM  


مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

پىكىرنىڭ ئۆزى قورال

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89039
يازما سانى: 78
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 721
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 77 سائەت
تىزىم: 2012-12-24
ئاخىرقى: 2014-12-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-22 09:54:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئېلاننىڭ قۇربانى بولۇۋاتقانلار ئەتراپىمىزدىمۇ خېلى بار. بۇ ساقلىنىش قىيىن مەسىلە. مۇنداقچە ئېيتقاندا ئامال يوق...

ئابدۇكېرىم ئابلىز...قاتارلىق چولپانلار ئىشلىگەن ئېلانلارنى بۇ تېمىغا زورمۇزور ئەكىرىۋېلىش مېنىڭچە توغرا ئەمەس. تېما باشقا ئىنكاس باشقا بوپ كەتمىگىنى ياخشى. ئېلاننىڭ تېتىقسىز ياكى ئەمەسلىكىنى ئايرىم تېما يوللاپ مۇنازىرىلەشسەكمۇ بولىدۇ.

مەن ھەممە ئادەمنىڭ پىكرىنى، قارارىنى ھۆرمەت قىلىمەن. شۇڭا مېنىڭ پىكرىمنىمۇ ھۆرمەت قىلىشىڭىز كېرەك!

باشقلارىنى ھۆرىمەتلەشىنى ئۈگەن

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41729
يازما سانى: 4547
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 994
تۆھپە نۇمۇرى: 101
توردا: 4301 سائەت
تىزىم: 2011-5-22
ئاخىرقى: 2014-6-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-22 10:32:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئېلان دىگەنمۇ ئەمەليەتكە ماس ھالدا ئىشلەش كېرەك ...ئېلان ئىشلەيمەن دەپ بەزى خەلىقىڭ قەلبدىن ئورۇن ئېلۋاتقان سەنئەتچلىرىمنىڭ يۈزىنى چۈشۈرۋالمسكەن دەيمەن ..

ئادەم ھامىنى ئۆلىدۇ ،بىراق شۇ ئۆمۈر چەكلىك بولغاچ خوشاللىق ۋە قايغۇ ئورتاق مەۋجۇتتۇر!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90265
يازما سانى: 385
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 898
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 174 سائەت
تىزىم: 2013-1-18
ئاخىرقى: 2015-2-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-22 10:35:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېمىڭىزغا تەشەككۈر.ئېلان ئشلەۋاتقان رېجېسورلار كورگەن بولسىچۇ....

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش