مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1982|ئىنكاس: 30

مەن خۇراپىي [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ھايا قىلمىساڭ خالىغىنىڭنى قىل

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74747
يازما سانى: 800
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6257
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 621 سائەت
تىزىم: 2012-2-4
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-22 07:27:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                           مەن خۇراپىي

     كەرەملىك ئاللاھنىڭ رەھمىتى بىلەن مانا بۇ يىل مەن 20 ياشقا قاراپ قەدەم تاشلىدىم . مەن ئۆزۈمنى 90 _ يىلنىڭ كەينىدىكى بالىلار ، تەرەققىيات ئۇچقاندەك ئىلگىرلەۋاتقان جەمئىيەتنىڭ بىر ياش ئەزاسى ، ئاللاھنىڭ بىر ئاجىز بەندىسى دەپ قاراپ كېلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە تور ھاياتىمداشۇنداق بىرىنى ئۇچراتتىمكى ، ئۇ مېنى قانداق سۈپەتلىدى بىلەمسىلەر ؟
    بىر مۇنبەردە پىكىرلىشىپ تۇرىدىغان توردىشىم بۇلىدىغان يېشىمۇ مەندىن پەرقلىنىپ كەتمەيدۇ . بىر كۈنى مېنىڭ ''كىتاپ ئوقۇۋاتىمەن '' دېگەن بىر ئېغىز گېپىم بىلەن ئۇنىڭ پۈتۈن ئەقلىي ، ئىدىيەسى ئاشكارىلىنىپ چىقتى . ئادەم دېگەنگە ئاسان نومۇر قويىدىغان شەيئى ئەمەسكەن . ئىلگىرى ئۇنىڭ ئىنكاسلىرىدىن ، ئەسەرلىرىدىن ، نەچچە قېتىملاپ چەكلىنىپ يەنە ئەزا بولىۋېلىشىدىن قېرىنداشلىرىم ئىچىدە شەخسىيەتسىز ھالدا ھەق سۆزلەيدىغان .... ياشلىرىمىز يەنىمۇ كۆپ ئىكەن دېگەنلەرنى ئويلىغانىدىم . ئەپسۇس ، تولىمۇ ئەپسۇس .
    ئۇ : نېمە ئىش قىلۋاتىسىز ؟
    مەن : كىتاپ ئوقۇۋاتقان شۇ باياتىندىن .
    ئۇ : نېمە كىتاپ ئۇ ؟
    مەن : تەپسىركىتاپ .
    ئۇ : ئوقۇماڭە بولدى  ئۇنداق كىتاپنى ۋاقىتنى ئىسراپ قىلماي ....
    مەن : مەن ياقتۇرىمەن شۇڭا ئوقۇيمەن .
    ئۇ : ئۇنداى كىتاپلارنى ئوقۇغۇچە تەرەققىي قىلدىغان ، ياشلارغا خاس بىلىملەرنى ئۆگۈنۈڭ ، بولمىسا كېيىن پۇشايمان قىلىسىز ...
    پارىڭىمىز مۇشۇ تەرىقىدە بولدى . ئەڭ ئاخىردا چۈشەندىمكى : ئۇ ئۆزى ئۇيغۇر ، ئۆزىنى مۇسۇلمان دەپ قارايدىكەنۇ ، ئىسلامغا ئىشەنمەيدىكەن . بۇنىڭ قانداق بىر ئىش ئىكەنلىكىنى بىلىپ بۇلالمىدىم . ئۇنىڭ ئىدىيىسىدە بىز ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغاچ تەرەققىياتتا كەينىدە قاپتۇق . يەھۇدىي ، كافىرلار ئىسلام دىنىنى خاتا دەپ قارىغاچ تەرەققىي قىلىپ كېتىپتۇ . شۇ ۋەجىدىن ئۇ ناماز تاشلىغىلى بەش يىلدىن ئېشىپتۇ . قىيامەتتىكى سوئال _ سوراقلارنى بىر سەپسەتە دەپ قارايدىكەن . بۇ گەپلەردىن چۆچۈپ كەتتىم ، ئۆزۈمنىڭ قانداق بىر ئادەم بىلەن پاراڭلىشىۋاتقانلىقىمدىن گۇمان قىلىپ قالدىم . نېمىلا دېمەي ئۇ ئانا تىلىم ، مىللىتىم دەپ توختىماي توۋلايدىغان ئۇيغۇردە .  يۈرەكلىرىم ئىچىشتى . ئۇنىڭ يېنىغا بارالىغان بولسىدىم كاشكى كاچىتىغا نەچچىنى ساۋالغان بولساممۇ ئازلىق قىلغان بولاتتى دېگەنلەرنى ئويلاپ كەتتىم .
    ئۇ : سىز خۇراپىي ياش ئىكەنسىز ؟
    مەن : شۇنداق مەن خۇراپىي .
    شۇنداق قىلىپ بىر قېتىملىق پارىڭىمىز ئاياغلاشتى . نەتىجىدە مەن '' مۇسۇلمان قىياپىتىگە كىرىۋالغان قىز بالا ، خۇراپىي ياش '' دېگەن نامغا ئىگە بولدۇم . ئۇنىڭغا قانچە دېسەممۇ يەنىلا گەپ يېمەيدىكەن شۇڭا ئۇنىڭ گەپلىرىنى ئېغىرمۇ ئالمىدىم . چۈنكى ھەمىمىزنىڭ نىيىتىنى بىلگۈچى ئاللاھ _ دە . ئىسلامغا ئىشەنمەيدىغان ئادەمگە قانچە سۆزلىسىمۇ بىكار .
     بىر كۈنى ئۇنىڭ '' مەن چۇقۇم ئىدىيە ئۆزگەرتىش قىلىمەن ... '' دېگەن خېتىنى قۇبۇل قىلدىم . بۆلەكچىلا خۇش بۇلۇپ كەتكەنىدىم . مۇناپىقلىقتىن بىرىنى ئىسلامغا ماڭدۇرالىسا مۇكاپاتى زور بۇلىشى مۇمكىن . ھەقىقەتەن خۇش بولدۇم . بىر يۇرتتا بولۇپ قالغان بولسام قانچە ياخشى بولاتتى دېگەنلەرنى ئويلاپ كەتتىم . شۇندىمۇ قولۇمدىن كېلىشىچە ئىزدەندىم . ئاخىرى تورداشلىرىم ئىچىدىن ئۇنىڭ بىلەن بىر يۇرت بولغانلارنى ئىزدىدىم . ئاخىر تاپتىم كۆڭلۈمدىكىدەك ھەمكارچىدىن بىرنى تاپتىم . ئەمما ھېلقى بالا جىمىپ كەتتى . بۇنىڭغا نەچارە ئەمدى  ؟؟؟؟
    بىزدە مىللەت دەپلا سوقۇدىغان يۈرەك ئەمەس بەلكى '' اللە '' دەپ سۇقۇدىغان يۈرەك بۇلىشى كېرەك ، قېرىنداشلىرىم . بۇ دۇنيادا بايلىقنى بىز مۇسۇلمانلارغا سىناق ئۈچۈنلا بېرىدۇ .( اللە مۇسۇلمانلارنى بايلىق بىلەن سىنايدۇ . ) ئىنسانلار قىيامەتتە ھەرگىزمۇ ئۆز مىللىتىڭ بولالىدىڭمۇ دەپ سوراققا تارتىلمايدۇ بەلكى مۇسۇلمان بولالىدىڭمۇ دەپ سوراققا تارتىلىدۇ . ئاخىرەتتە كىشىلەر ئۇيغۇر ، قازاق ، كافىر ، ئۆزبەك ...... دەپ ئايرىلمايدۇ ، پەقەت مۇسۇلمان ، مۇناپىق ، كافىر دەپ ئۈچكىلا ئايرىلىدۇ ، قېرىنداشلار ! بۈگۈنكىدەك دىننى ئەركىنچىلىكى بولغان كۈندە خىرىستىئان دىنىغىمۇ نۇرغۇنلىغان ياشلىرىمىز بېشىچىلاپ كىرىپ كېتىۋاتىدۇ . شۇنداق قېرىنداشلىرىمىزنى قۇتقۇزۇش بىزنىڭ زىممىمىزدە ، ئەلۋەتتە .
    يۇقارقىدەك ئىدىيەدىكى كىشىلەر ئۈچۈن مەن '' خۇراپىي '' ئاتىلىشقا رازىمەن .
    ئى ئۇلۇغ اللە ، بارلىق قېرىنداشلىرىمغا ئىمان _ ئېتىقاد ، ھىدايەت ساپ قەلب ئاتا قىلغايسىز !
  
                            مەنبە : ئۆزۈم

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئايچىن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-2-22 08:04 PM  


ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
sabri@ + 99 ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن...
tuntaxvixi + 100 تەپەككۇرى كۈچلۈك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 199   باھا خاتىرىسى

بىزلەر خەقلىشىپ ، خەقلەر بىزلىشىپ ... !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79754
يازما سانى: 2400
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11213
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2845 سائەت
تىزىم: 2012-5-5
ئاخىرقى: 2015-5-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-22 08:22:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاتئىنىزىملىق تەلىم تەربىيىسى شۇنداق قىلىشقا ئۇندەيدۈ .
يەنە ماركىسىزىملىق 5 قاراش دېگەندەك ، مەن مەكتەپتە ئۇقۇيدىغان ۋاقىتتا تەتۈرسىگە تولاپ قەسەم قىلىتتىم تارىخ قارشى ئەمەس ، مەدەنىيەت قارشى ئەمەس ، دىن قارشى ئەمەس ، دۆلەت قارشى ئەمەس ، مەدەنىيەت قارشى ئەمەس دەپ تەتۈرسىگە توۋلايتتىم بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   !UYGHURJAN تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-2-22 08:23 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78191
يازما سانى: 711
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4739
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 411 سائەت
تىزىم: 2012-3-31
ئاخىرقى: 2015-5-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-22 08:23:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي ........  ئۇنداق  كىشىلەر كۆپ  ئەجەپلىنىش  كەتمەيدۇ مەنمۇ بۇۇرن بىرەتال  كىتابنى  يېنىمغا ئېلىپ  ماڭساملا  كىتاپ  پۇرۇش  دەپ  تۇرۇۋالاتتتى   


كارىمىز  نىمە  كىتاپ  پۇرۇش  دىسە ھە ە  مەن شۇنداق  دەپ  كىتىۋەرمەيمىزمۇ  .......... توغرىمۇ

ئاشىق-مەشۇق ئۈندىدار سالونى مەزمۇنلارنى داڭلىماي كىرسىڭىز كۆرىسىز سالون ئىزدەش نۇمۇرى : Axikmaxuk

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84102
يازما سانى: 1135
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6298
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 554 سائەت
تىزىم: 2012-8-18
ئاخىرقى: 2015-5-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-22 08:39:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قەلەم كۈچىڭز خېلى ياخشى جۇما سىزنىڭ....راس  ئاللا ھەممىمىزگە مۇستەھكەم ئىمان ئاتا قىلسۇن.....

خەلىقلا قارشى تۇردىكەن ھەر قانداق دۈشمەن ئارزۇسىغا يىتەلمەيدۇ،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73725
يازما سانى: 164
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 5134
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 502 سائەت
تىزىم: 2012-1-22
ئاخىرقى: 2015-5-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-22 08:41:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىزنىڭ مەڭگۈ «خۇراپىي» ھالد اقىلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.

ھەقىقەتكە ئەمەل قىلىش ئۇنى ئىسپاتلاشتىنمۇ مۇھىم!

ئالى باشقۇرغۇچى

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80202
يازما سانى: 645
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1088
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 346 سائەت
تىزىم: 2012-5-16
ئاخىرقى: 2015-5-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-22 08:43:58 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايىتى ئوبدان تىما بوپتۇ مۇشۇ مۇنبەردىمۇ ئىسلام قانۇنىغا بىر تەرەپلىمە قارايدىغانلارمۇ بار ئىكەن ئىسلام شەرىئەتتىن سوز ئاچسا تور موللىسى دەپ قۇيۇپ ئوزى بولسا نەدىكى غەرىپ ئەركىنلىكى ئامىركا دىموكراتىيىسى  دىكەندەكلەرنى ماھتاپ ئۇچۇرۇپ كىتىشلىرىكە ۋاي

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91626
يازما سانى: 71
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 324
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 81 سائەت
تىزىم: 2013-2-13
ئاخىرقى: 2013-6-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-22 09:02:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تىمىكەن,مەنمۇ ئاللاغا ئىشىنىپ,مۇقەددەس كىتابقا ئىشەنمەيدىغانلانى خىلى ئۇچراتتىم,ھەي....ئۇلاغا ھىدايەت تىلەيمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86474
يازما سانى: 80
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 750
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 73 سائەت
تىزىم: 2012-10-25
ئاخىرقى: 2015-5-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-22 09:26:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۆرۋاتىمىز شۇ ئاتالمىش مودىلارنى،قەلبى پۈچەك،مەن بىرەرسىنىڭ ھاراق ئىچىپ بولۇپ ھەجەپ راھەتلەندىم ،رىستۇراندا ئۇسۇل ئويناپ يەڭگىل بوپ قالدىم دىگىنىنى ئاڭلىمىدىم ،سورىمىدىڭزمۇ سىز نامازنى تاشلاپ قايسى كەشپىياتلارنى ياراتتىڭز دەپ؟يەھۇدىلار بېيىپ كەتتى دىگەن بىلەن،يەھۇدىنى باي قىلدىغىنى يەنىلا مۇسۇلمانلار،قار قىز داۋاملىق خۇراپى ياشاۋېرىڭ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91913
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 30
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2 سائەت
تىزىم: 2013-2-19
ئاخىرقى: 2013-5-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-22 09:26:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇلار ھەقنى كۇرەلمەيدۇ،ھەقنى ئاڭلىيالمايدۇ.

تۇرسۇنجان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82007
يازما سانى: 356
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3924
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 390 سائەت
تىزىم: 2012-6-23
ئاخىرقى: 2015-5-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-22 09:31:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش