ئۈمۈتلۈك ياشاڭ ئۈمۈتلۈك ياشاڭ دوستۇم گۈزەل ھاياتتا، ئۇنداق كىچىك ئىشلارغا بۇلۇڭ بىپەرۋا. مەغلۇپ بۇلۇپ بىر قېتىم تاپىسىز ساۋاق، كىممۇ ئازمىغان دەيسىز ئىنسانچىلىقتا. ئىنسان بىز بۇ دۇنياغا مەڭگۈلۈك ئەمەس، قوشىلىمىز بىر كۈنى ئەشۇ تۇپراققا. قانداق جاۋاپ بىرەرمىز ئۆتكەن ھاياتتىن، قەبرە ئىچرە سوئال سوراق ئازاپلىغاندا. ئادەم بولۇپ يارالدۇق ۋەزىپە بىلەن، يىگانە بىر ئاللاھنىڭ ئىبادىتىگە . گۇناھلاردىن پاكلىنىپ ئۆتەيلى ھامان، مەڭگۈ بۇلۇش ئۈچۈن گۈزەل جەننەتتە. بىر كۈن ئۆتسە ئەمەلسىز ئويلىدىڭىزمۇ، يېقىنلىشىپ ماڭىمىز ئەشۇ ئەجەلگە، ھەر ۋاقىت ئۇنۇتمايلى قانداق قىلارمىز، جان ئېلىشقا كەلگەندە ئەشۇ پەرىشتە. مەنبە : ئۆز قەلىمىم 2013ـ يىلى 2ـ ئاينىڭ 22ـ كۈنى خوتەندە يېزىلدى
|