ئانىلار بالىلىرىنى ئادەتتە13-15ئايلىق بولغۇچە ئانا سۈتى بىلەن باقىدۇ ھەم ئاستا-ئاستا سۈتتىن چىقىرىشقا تىرىشىمىز.كېيىنكى ۋاقىتلاردا سۈتتىن ياسالغان تۈرلۈك يىمەكلىكلەر ئارقىلىق ئانا سۈتىنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇپ ماڭىمىز.
نۇرغۇن كىشىلەر يىشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ سۈت ئىچىش ئادىتىنى تاشلاپ قويۇدۇ. ئوزۇقلۇقشۇناس مۇتەخەسىسلىرىنىڭ كۆرسىتىشىچە سۈت ئىچىش بىلەن سۈتتىن ياسالغان يىمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلىشتا ياش چەكلىمىسى چەكلەنمەيدىغان بولۇپ،ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ سۈت ئىچىشنى توختۇتۇپ قويماسلىق بىلەن بىرگە مۇۋاپىق ھالدا سۈتتىن ئىشلەنگەن يىمەكلىكلەرنىمۇ ئىستىمال قىلىپ بېرىشى زۆرۈركەن.
گۇاڭجو تىببى ئۇنۋېرسىتىت تارمىقىدىكى 3-دوختۇرخانە ئوزۇقلۇق بۆلۈمىدىكى زىڭ دوختۇر مۇنداق دەيدۇ: كىشىلەر بوۋاقنى ئانا سۈتىدىن ئايرىغان ھامانلا كالا سۈتى تولۇقلاشقا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك.بۇنداق قىلغاندا بەدەننىڭ ئۈسۈپ يىتىلىشىگە ئىنتايىن پايدىلىق.ئادەتتە ئادەم 25ياشتىن ئىلگىرى سۈڭەكلىرىنىڭ تەرەقى قىلىشى ناھايىتى تىز بولۇپ،كۆپ مىقداردا كالتسىيغا ئېھتىياجلىق بولۇدىغان بولۇپ،كالا سۈتى تەركىبىدىكى باشقا يىمەكلىكلەر تەركىبىدىكى كالتسىيغا سىلىشتۇرغاندا %32ئەتراپىدا ئارتۇق ئىكەن.
شۇنىڭ ئۈچۈن ئۈسۈپ يىتىلىش مەزگىلىدە ئادەم ھەر كۈنلۈكى 250-500مىللى لىتىرغىچە سۈت ئىچىپ بېرىشى زۆرۈركەن.بۇنداق قىلغاندا بەدەننىڭ نورمال ئۈسۈپ يىتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى،بەدەندىكى زاپاس كالتسىينىڭ مىقتارىنى ئاشۇرۇپ،ئىلىكنىڭ بالدۇر قېرىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولۇدىكەن.
ھەممە كىشى كالا سۈتى ئىچسە بولۇدۇ،بىراق ھامىلىدارلار،قاندىكى ماي تەركىبى ئىشىپ كەتكەنلەر،ياشانغان كىشىلەر ئېھتىياجىغا ئاساسەن سۈت مەھسولاتلىرىنى تاللاپ ئىستىمال قىلسىمۇ بولۇدىكەن.سۈت ئىچىشكە ئۆچ كىشىلەر قىتىق ئىچىش ئارقىلىقمۇ يۇقارقى مەخسەتكە يىتەلەيدىغان بولۇپ،قىتىقنىڭ تەركىبىدە ئاقسىل، ۋىتامىن ئا د،ۋىتامىن ب قاتارلىقلار مول بولۇپ،ئۇلارنىڭ خىلىتلارنى تەڭشەش، ئۈچەي يۇقۇملىنىش، ئاشقازان ئىقتىدارىنى ياخشىلاش قاتارلىق رولى باركەن.
مەنبە:
http://health.qq.com/a/20130221/000033.htm