|
|
|
|
شىنجاڭدىكى100 نەپەرسەنئەت ئىمتىھاندىن ئۆتكەن ئوقۇغۇچىلار ھەقسىز ئالىي مەكتەپتە ئوقۇتىلدۇ
شىنجاڭ بۇ يىلقى ئەدەبىيات-سەنئەت ئىختىساسلىرىنى نىشانلىق تەربىيەلەش پىلانى 20-كۈنى رەسمىي باشلاندى.دەسلەپكى پىلان بويچە،بۇ يىل 100 نەپەر ئوقۇغۇچى سەنئەت كەسپىي ئىمتىھاندىن ئۆتۈپ تەكشۇرۇش ئارقىلىق ھەقسىز ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى جاڭ جيەنرىننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە،بۇ يىل،مەركىزىي مۇزىكا ئىنستىتۇتى،جوڭگۇ تاراتقۇچىلار ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق 18 داڭلىق مەكتەپ ئەدەبىيات-سەنئەت جەھەتتە شىنجاڭغا 100 نەپەر ئىختىساسلىقلارنى نىشانلىق تەربىيەلەپ بېرىدۇ،بۇ دىكتورلۇق ۋە رىياسەتچىلىك كەسپى،رەسساملىق،نەغمە-ناۋا كۆرسىتىش،ئۈنئالغۇ سەنئەت قاتارلىق 20دىن كۆپرەك كەسىپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.。 بۇ قېىمقى نىشانلىق تەربىيەلەش پىلانى پۈتۈن شىنجاڭدىكى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىشغا لايىق بولغان ھەر مىللەت ئىمتىھان بەرگۈچى ئوقۇغۇچىلارغا يۈزلىنىدۇ.ئىمتىھان بەرگۈچى ئوقۇغۇچىلار چوقۇم 3-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن بۇرۇن ئالىي مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىغا بېرىپ ئالدىن تىزىمغا ئالدۇرۇشى،ھەمدە 3-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن29-كۈنىغىچە شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتىغا بېرىپ نەق مەيداندا مۇئەييەنلەشتۈرۈپ بېكىتىشتىن ئۆتگۈزۈشى لازىم،كەسپىي سىنىش ۋاقتى3-ئاينىڭ30-كۈنىدىن 4-ئاينىڭ 2-كۈنىغىچە بولىدۇ.ئىمتىھان بەرگۈچى ئوقۇغۇچىلار شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار قوبۇل قىلىش تورى ئارقىلىق تەپسىلىي ئۇقۇشۇشمۇ بولىدۇ. تۇنۇشتۇرۇشىچە،شىنجاڭدا ئەدەبىيات-سەنئەت ئىختىساسلىقلىرىنى نىشانلىق تەربىيەلەش پىلانى 2010يىلى يولغا قۇيۇلغاندىن بۇيان،378نەپەر ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى نىشانلىق تەربىيەلەندى.پىلان بويچە نىشانلىق تەربىيەلەنگەن ئوقۇغۇچىلار ئالىي مەكتەپتە 4 يىلللىق ئوقۇش مەزگىلدىكى ئوقۇش پۇلى ۋە ياتاق پۇلى دۆلەت تەرەپتىن كۆتۈرۈلىدۇ،ئوقۇغۇچىلار مەكتەپنى پۈتۈرگەندىن كېيىن كېلىشىم بەلگىمىگە ئاساسەن شىنجاڭغا قايتىپ ئەلالارنى تالاپ خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرىدۇ.(تامام) مەنبە:شىنخۇا تورى |
|
|
|
|
|
|
|