مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 384|ئىنكاس: 7

ئانا مېھرى_ھېكايە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90421
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 33
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 7 سائەت
تىزىم: 2013-1-21
ئاخىرقى: 2013-3-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-21 10:38:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئانا مېھرى


         چوڭقۇر خىياللار بىلەن دېرىزىدىن سىرتقا قاراپ ئولتۇراتتىم،تۇيۇقسىز تىلفۇنۇمنىڭ جىرىڭلىشى مىنى چۈچىتىۋەتتى.قارىسام ئۈگەي ئانامدىن كەلگەن ئۇچۇر ئىدى.ئۇچۇردا «ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئوغلۇم قانداق ئەھۋالىڭىز،قۇربان ھېيتىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن ،بۇ ھېيتتا سىرتتا بوپ قالدىڭىز،ئۆزىڭىزنى ئاسراڭ »دىگەن خەت تۇراتتى.ئۇچۇرنى ئوقۇپ بولۇپ ئۆز كۈزۈمگە ئىشىنەلمەيلا قالدىم.تېلىفۇن نۇمۇرىغاقارىدىم راستىنلا ئۈگەي ئانامنىڭ نۇمۇرى ئىدى .تېلىفۇن قۇلۇمدىن چۈشۈپ كەتكىلى تاسلا قالدى .كۈزلىرىم ھاياجان ياشلىرىغا لىققىدە تولدى.
        مانا بۈگۈن قۇربان ھېيتنىڭ بىرىنچى كۈنى ،مىنىڭمۇ ئىللىق ئۆيۈمدىن ئايرىلىپ بۇ نەم شەھەر ئۈرۈمچىگە كىلىپ تۇنجى قېتىم قۇربان ھېيتنى ئۆتكۇزۇشۇم ئىدى.بۇرۇن قۇربان ھېيتنى ئۆيدىلا ئۆتكۈزۈپ كۈنۈپ قالغاچقىمىكىن بۇھېيت ماڭا خۇشاللىق ئەمەس بەلكى كۆڭۈلسىزلىك ئېلىپ كەلگەن ئىدى.خىزمەتداشلىرىم ئەتىگەندىلا سىرتقا ئوينىغىلى چىقىپ كەتكەن ئىدى.مەن سىتقا چىقىشنى خالىماي يەنە شۇ خىيال دېڭىزىغا غەرق بولغان ئىدىم.
      ئۈزۈمنى ئاران يىغىدىن تۇتۇۋېلىپ دېرىزىنىڭ تۈۋىگە كىلىپ ئولتۇردۇم .كۈز ئايلىرى بولغاچقا سىرت خېلىلا سۇغۇق  ئىدى.كىشىلەر ھېيت خۇشاللىقىدا ئۇياقتىن بۇياققا ئۆتۇشۇپ كوچىنى خېلىلا جانلاندۇرىۋەتكەن ئىدى.مەن يەنە شۇ بۇرۇنقىدەكلا خىيال بىلەن بەند ئىدىم.مەن ئەقلىمگە كەلسەم چوڭئانامنىڭ تەربىيەسىدە چوڭ بولغان ئىكەنمەن .دادام بىلەن ئانام مەن تۇغۇلۇپ ئالتە ئايلىق بولغاندا ئايرىلىپ كەتكەن ئىكەن .شۇندىن باشلاپ مېھرىبان ،ئاقكۆڭۈل چوڭئانام مىنى بېقىپ چوڭ قىلغان ئىكەن .مەن ئالتە ياشقا كىرگەن يىلى دادام ھازىرقى ئۈگەي ئانام بىلەن توي قىلدى.مەنمۇ شۇ يىلى مەكتەپكە كىرگەن ئىدىم.چوڭئانام بەك ئەركە ئۆگۈتۈپ قويغانلىقتىنمۇ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچۇمنىڭ گىپىنى ئاڭلىماي ،دەرسلەرنى ئۈگەنمەي دەرستىن قاچتىم.ئۇ ئاز كەلگەندەك مەكتەپتە كۆپ قېتىم جىدەل چىقاردىم.كىيىن چوڭئانام بۇ ئىشلىرىمنى ئۇقۇپ «ئوغۇل دىگەننى دادىسى باشقۇر مىسا ياخشى ئادەم بولمايدۇ »دەپ مىنى دادام بىلەن ئۈگەي ئانامنىڭ تەربىيەلىشىگە تاپشۇردى.ئۈگەي ئانام مېنى خۇشاللىق بىلەن ئۆز قوينىغا ئالدى.شۇنىڭدىن كىيىن ئۇ مىنى قايىل قىلارلىق تەربىيەلارنى ھەم ئىلھاملارنى بىرىپ مىنى مەكتەپكە يولغا سالدى .دەسلىپىدە ئۇنىڭ گەپلىرى قۇلۇقۇمغا كىرمەي ئۈزۈمنىڭبىلگىنىنى قىلدىم .كېيىن ئۇنىڭ قايىل قىلارلىق تەربىيەلىرى مىنى بويسۇندۇردى .
            مەن باشلانغۇچنىڭ ئىككىنچى يىللىقىغا كۆچكەن يىلى ئۇكام دۇنياغا كۆز ئاچتى .ئۆيدىكىلەر ئۇكامنىڭ ساقسالامەت تۇغۇلغانلىقىدىن بەك خۇش بولدۇق. بىراق مەكتەپتە ساۋاقداشلىرىم ،مەھەللىدە قۇلۇم قوشنىلار «ئەمدى ئۈگەي ئاناڭ سىنى باقمايدۇ ،ئۇنىڭ باقىدىغىنى سەن ئەمەس بەلكى ئۇكاڭ ،ئۇ ئەمدى سىنى ئۇرىدۇ ،شۇڭا سەن ئۇنىڭ گىپىگە كىرمە ،ئۇنىڭ بىلەن تاكاللاش شۇنداق قىلساڭ ئۇ ئۆيدىن چىقىپ كىتىدۇ ،شۇندىلا سىنى يەنىلا چوڭئاناڭ باقىدۇ »دەپ ماڭا يول كۆرسەتتى. مەن ئىكىلىنىپ قالغان ئىدىم، بىراق ئۇنىڭ پۇزۇتسىيەسى بۇرۇنقىدەكلا ياخشى ئىدى. مەن بۇنى ئۇنىڭ ساختىپەزلىكى دەپ ئويلاپ ئۇنىڭغا ئۆچ بولدۇم ،ھەتتا ئۇنى تىللاپ گىپىگە كىرمىدىم.ئۇ يەنىلا بۇرۇنقىدەك پۇزۇتسىيەدە ئىدى.

   بىر كۈنى مەكتەپتىن قايتىپ كەلسەم ئۈگەي ئانام تولىمۇ ئالدىراش تاماق ئىتىۋاتقان ئىكەن.دەل شۇ پەيتتە ئۇكام يىغلاپ كەتتى،مەن ئۇنىڭ بىلەن كارىم بولماستىن تېلىۋىزور كۈرۈپ ئولتۇراتتىم.تۇيۇقسىز ئۈگەي ئانامنىڭ "ئوغلۇم ئۇكاڭغا قاراپ قوي "دىگەن ئاۋازىنى ئاڭلاپ ياندۇرۇپلا "مەن سىنىڭ ئوغلۇڭ ئەمەس "دىۋەتتىم.ئىشتىن يېنىپ كىرىۋاتقان دادام بۇ گىپىمنى ئاڭلاپ ئاچچىقىدا مىنى بىر تەستەك سېلىۋەتتى.مېنى ئەزەلدىن تاك ئىتىپ چىكىپ باقمىغان دادامنىڭ بىر تەستىكى ماڭا خېلىلا ئېغىر كەلگەن ئىدى.مەن ئارقامغا ئۆرۈلۈپلا سىرتقا يۈگۈردۈم.ئۆيدىن ئۈگەي ئانامنىڭ "بۇ نىمە قىلغىنىڭىز،ئۇ تېخى كىچىك تۇرسا "دىگەن يىغا ئارىلاش ئاۋازى قۇلىقىمغا غۇۋا ئاڭلاندى.مەن ئۈزۈمنىڭ قانداق، نەدىن يۈگۈرىۋاتقانلىقىمنى بىلمەيتتىم.ئۈگەي ئانامغا بەكلا ئۆچ بولۇپ كەتكەن ئىدىم.تۇيۇقسىز بىر نەرسىنىڭ ئۆزۈمگە قاتتىق سۇقۇلغانلىقى يادىمدا،قالدى ئىشلار ماڭا نامەلۇم .كۆزۈمنى ئېچىپ قارىسام دۇختۇرخانىدا يېتىپتىمەن.ئۈگەي ئانام بولسا كاللامدا يىغلاپ ئولتۇرۇپتۇ. ئۇمىنىڭ كۈزۈمنى ئاچقانلىقىمنى كۆرۈپ بىز ئۈچۈن ئىشلەپ قېتىپ كەتكەن يىرىك قوللىرى بىلەن پىشانەمنى سىلاپ تۇرۇپ"خۇداغا شۈكرى ،ھەنىم بولسا ھۇشۇڭغا كەلدىڭ ئوغلۇم "دەپ يىغلىغىلى تۇردى.ئۇنىڭ قولى شۇنچە سۇغۇق ،شۇنچە قاتتىق بولسىمۇ ،ماڭا شۇنچە ئىسسىق ،شۇنچە يۇمشاق بىلىنىپ كەتتى.مەن ئۈزۈمنىڭ خاتا قىلغانلىقىمنى بىلگەن ئىدىم.خىجىللىق ياشلىرىم مەڭزىمنى بويلاپ ئېقىشقا باشلىدى...............
         مانا مەن دۇختۇرخانىغا كىرگىلى ھەپتىدىن ئاشتى، مىنى ماشىنا خېلى قاتتىق سوققان بولسا كېرەك،بىر پۇتۇم سۇنۇپ كەتكەن ئىدى.بىر ھەپتىنىڭ ياقى ئۈگەي ئانام يېنىمدىن بىر قەدەممۇ نېرى بارماي مېنى خۇددى بۇۋاق بالىنى باققاندەك كۈتتى.ئۇ مىنى كۈتىمەن دەپ ئەمدىلا يەتتە ئايلىق بولغان ئىنىمنى چوڭ ئانامغا تاشلاپ قۇيۇپ دۇختۇرخانىدىن چىققۇچە ماڭا قارىدى.مانا مەنمۇ بۇ ئۈگەي ئانامنىڭ ياخشى كۇتۇشىدە ئاخىرى ساقىيىپ مەكتەپ قوينىغا قايتىپ كەلدىم......
         مانا "ئانا"سىنىڭ ياخشى تەربىيەلىشىڭ ئاستىدا مەكتەپنىمۇ ياخشى نەتىجىلەر بىلەن پۈتتۈرۈپ ئۈزۈم ئارزۇ قىلغان بىر شىركەتكە خىزمەتكە چىقتىم.مانا بۈگۈنمۇ سىنىڭ ئاشۇ مېھرىبانلىقىڭ ،كۈيۈمچانلىقىڭ يۇشۇرۇنغان يېزىلىشى ئاددىي ئەمما چڭقۇر مەنىلىك بۇ ئۇچۇرۇڭنى كۆرۈپ ئۆزۈمنى بۇ دۇنيادىكى ئەڭ بەختلىك ئادەم ھېس قىلىۋاتىمەن.
        بۇرۇن كىتاپ ،تېلىۋىزورلاردىن ئانا مېھرى ئۇنداق، ئانا مېھرى بۇنداق ،ئانا دېگەن ئۇلۇغ،ئانا بىر قولىدا بۈشۈكنى ،يەنە بىر قولىدا دۇنيانى تەۋرىتىدۇ دېسە مەن كىچىكمۇ قانداق بۇ سۆزلەرنىڭ مەنىسىگە يىتەلمىگەن ئىكەنمەن.مانا ئەمدى مەنىسىگە يىتىۋاتىمەن .ئانا مېھرى ھەقىقەتەن ئۇلۇغ ئىكەن.گەرچە سەن مىنىڭ ئۆز ئانام بولمىساڭمۇ ئۆز ئانام بىرىشكە تىگىشلىك بارلىق مېھرى -مۇھەببەتنى ماڭا بەردىڭ. ئۈزۈڭنىڭ ياشلىقىڭنى ،كۈچ-قۇۋۋىتىڭنى مەن ئۈچۈن قۇربان قىلدىڭ.سەن مىنىڭ نەزىرىمدىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئانا!
           "ئانا"دۇنيا سەندەك مېھرىبان ،كۈيۈمچان ئانىلار بىلەن تولغان بولسا نېمىدىگەن ياخشى بۇلاتتى ھە!.

گىراف يازمىسى  

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   gi~raf تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-2-22 12:49 AM  


مەن ھامان پارتىلايمەن!

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82909
يازما سانى: 2691
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 5104
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1743 سائەت
تىزىم: 2012-7-24
ئاخىرقى: 2013-9-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-22 01:24:33 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىملا خاتالىقىنى ھىسابقا ئالمىغاندا ھېكايىنىڭ قۇرۇلمىسى خېلى ياخشى چىقىپتۇ، مۇمكىن بولسا ئەسەر مەزمۇنىنى سەل بېيىتسىڭىز بولاتىكەنتۇق، قەلىمىڭىزگە بەرىكەت تىلەيمەن

كىـشــى مــېنـى كـىــشى دېـــسە كـىـشـى مـېـنـىڭ كىـشمىــشىم، كـىشـى مېـنــى كـىـشـى دېـمـىـسە كىـــشى بــىلـەن نېمـــە ئىــشـىم .→مەرھابا 21 باھارىم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91908
يازما سانى: 7
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 61
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 5 سائەت
تىزىم: 2013-2-19
ئاخىرقى: 2013-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-22 01:33:22 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قۇلىڭزغا دەت كەلمىسۇن قېرىندىشىم  سىز گە ئۇتۇق تىلەيمەن  بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   jerriy تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-2-22 01:34 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84762
يازما سانى: 1030
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1948
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 629 سائەت
تىزىم: 2012-9-6
ئاخىرقى: 2013-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-22 08:19:35 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يىزىپسىز قېرىندىشىم ،  دۇنيادا ئانىنىڭ مىھىر مۇھەببىتىدىن ئۇلۇغ نەرسە يوق.

ئىنساپ يوق ئادەمدە ئىمان -ۋىجدان بولمايدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86150
يازما سانى: 176
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 503
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 162 سائەت
تىزىم: 2012-10-17
ئاخىرقى: 2013-8-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-22 09:47:28 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشص ئةسةر كةنرةخمةت

ئۇلۇغ اللاھتىن ك

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 6864
نادىر تېمىسى: 7
مۇنبەر پۇلى : 34290
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 2996 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2013-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-22 10:10:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆگەي ئانىلارنىڭ ھەممىسى ئەسكى،قارا نىيەت ئەمەس،ھېكايىڭىز  تەسىرلىك،ياخشى چىقىپتۇ......

تىرىكلىك پەيتىنى غەنىيمەت بىل،دەم -ئۇشبۇ دەمدۇر،بۇ بىھۇدە ئۆتۈپ كەتكەن ۋاقىتنى ياندۇرغىلى بولىدىغان دۇنيا ئەمەس.

ئۆزۈڭنى ئەر چاغلىساڭ، كىشىنى ش

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 67585
يازما سانى: 353
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 4395
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 1146 سائەت
تىزىم: 2011-11-29
ئاخىرقى: 2013-9-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-22 10:19:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئانا ئۆگەيلىمەيدۇ، بالا ئۆگەيلەيدۇ دىگىنى راست زادى.
كىچىك بالا كۆپ ئىشلارنى ئۇقمىغاچ، كىم نىمە دىسە شۇ يولغا مىڭىۋىرىدۇ.

كۆڭۈل ئاغرىقىڭىزنى قۇمغا يېزىپ، مېھىر-مۇھەببىتىڭىزنى تاشقا ئويۇڭ!
باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92888
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 29
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 11 سائەت
تىزىم: 2013-3-8
ئاخىرقى: 2013-5-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-10 03:57:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش