ئۇزاق ئۇلتۇرسا نىمە ئۇچۇن پۇت-قول ئۇيۇشۇپ قالىدۇ
(تەرجىمە قىلغۇچى: تىلماچ13)
بەزىدە بىز ئۇرۇندۇقتا ئولتۇرۇپ كىتاپ ئۇقۇساق ياكا ئۈستەلگە تاينىپ خەت يازساق،ۋاقىت ئۇزارسا،پۇت-قولىمىز ئۇيۇشۇپ قالغاندەل ھېس قىلىمىز،بۇ نىمە ئۇچۇن؟
ئەسلىدە بەدىنىمىزنىڭ ھەممە يېرىدە توم ۋە ئىنچىكە تال-تال نېرۋىلار بۇلۇدۇ.بۇ نېرۋىلارنىڭ ئىش تەخسىماتى ئوخشىمايدۇ،بەزىللىرى ئىسسىق سۇغاققا،بەزىللىرى بەدەن پائالىيتىگە مەسئۇل بۇلىدۇ.پۇتۇن بەدەندىكى نېرۋىلارنىڭ ھەممىسى چوڭ مېڭىگە تۇتاشقان بۇلۇپ،نېرۋىلار سەزگەن ئىسسىق ياكى سۇغاقنى چوڭ مېڭىگە دۆكلات قىلىدۇ.چوڭ مېڭە يەنە نېرۋا ئارقىلىق پۇتۇن بەدەننىڭ پائالىيتىگە قۇماندانلىق قىلىدۇ.مەسىلەن:قولنى قىزىق سۇغا سالغاندا،ئەگەر كۆيگەندەك ھېس قىلساق،چوڭ مېڭىنىڭ قۇماندالىقى بىلەن دەرھال قولنى تارتىۋالىمىز.
بىزنىڭ بىلەك ۋە پۇتىمىزدا نۇرغۇنلىغان ئىنچىكە نېرۋىلار بولغاندىن سىرت،يەنە بىر قانچىلىغان ناھايتى توم ۋە چوڭ نېرۋىلار بۇلىدۇ.بۇ نېرۋىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ نامى بار،مەسىلەن:بىلەكتە بىلەك نېرۋىسى،پوتىدا يوتا نېرۋىسى ۋە ئولتۇرغۇچ نېرۋا بۇلىدۇ.بۇ نېرۋىلارنىڭ بەزىللىرى مۇسكۇلنىڭ چۇڭقۇر يېرىگە جايلاشقان بۇلۇپ،ئاسانلىقچە تۇتقىلى بولمايدۇ،بەزىللىرى تېرىنىڭ ئاستىغىلا جايلاشقان بۇلۇپ،قول بىلەن تۇتقىلى بۇلىدۇ.جەينەكنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى سۆڭەكنىڭ ئۇچلىرى ناھايتى يېقىن بۇلۇپ،توك سىمى چوڭلىغىدىكى بىر تال نېرۋىنى قول بىلەن تۇتقىلى بۇلىدۇ،بەزىدە ئىھتىياتسىزلىقتىن ئۇنۇڭغا تېگىپ كەتسەك،قول تېخىمۇ بەك ئۇيۇشۇپ قالىدۇ.بەزىلەر بۇنى بۆلجۇڭ گۆش ئۇيۇشۇپ قېلىش دەپمۇ ئاتايدۇ.
ئۇزاق ئولتۇرغاندا ياكى ئۇزاق تايىنىۋالغاندا پۇت-قول ئويىشىدۇ،مانا بۇ نېرۋىلارنىڭ بېسىمغا ئۇچرىغانلىقىنىڭ سەۋەبى.پۇت-قولنىڭ ئۇيۇشۇپ قالماسلىقى ئۇچۇن قانداق قىلىش كېرەك؟ پەقەت بىردەم ئوتۇرساق،بەدەننى ھەركەتلەندۇرۇپ بەرسەكلا بولدى.
مەنبە:خەنزۇچە « يۈز مىڭلىغان نىمە ئۇچۇن»
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا تىلماچ13 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-2-21 09:20 PM