مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 630|ئىنكاس: 6

ئالتۇن كاناي(ھىكايە) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77660
يازما سانى: 44
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 3291
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 100 سائەت
تىزىم: 2012-3-19
ئاخىرقى: 2013-5-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-21 08:32:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالتۇن كاناي(ھىكايە)

جۈمەر ئاخۇن ئايالى بىلەن تۇز كولىغىلى چىقىپ كەچ قالدى، ئۇلار بىر تاغقا يېقىن بىر جايدا جاي راسلاپ يېتىپ قالدى، ئەتراپ ناھايىتى تىنچ، تاغ ھاۋاسى ناھايىتى ساپ ئىدى، ئاسماندا ساناقسىز يۇلتۇزلار نۇرلىرىنى چېچىۋاتاتتى. ئۇلارنىڭ بىر ئاز ئۇيقۇسى قاچقان بۇلۇپ، ئۇلار ئۆزلىرىنڭ ياشلىق ۋاقتىنى ئەسلىشىپ كۈلىشىپ كەتتى، بەزىدە ياش قىز-يىگتلەردەك بېقىنلىرىنى چىمدىشەتتى. ئۇلار ئەمدى پاراڭنىڭ تېىمىسىنى يەنە تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىگە ئۆتكۈزدى. جۈمە ئاخۇن بىر ئۆمۈر ھاياتىنى تۇز كولاپ سېتىپ تېرىكچىلىك قىلىپ كەلگەن ئىدى.-جۈمە ئاخۇن تازا بىر ئەسنىگەندىن كىين-خوتۇن، مۇشۇ تۇز كولا ۋاتقان ۋاقتىمىزدا بىر كومزەك ئالتۇن چىقىپ قالغان بولسا نىمەدىگەن ياخشى بولاتتى، ئاخىرقى ئۆمرىمىزنى بولسىمۇ ھالاۋەتتە ئۆتكۈزىۋالغان بولساق ھە. –شۇنى دىمەمدىلا دادىسى دېدى نىساخان، -ئاللا خالىسا، ئاللانىڭ بىزگە رېسىق بەرمەيدىغان ۋەدىسى بولمىغاندىكىن چىقىپ قالامدۇ تېخى. ئۇلار شۇ پاراڭلارنى قىلىۋاتقاندا تۇيۇقسىز ياتقان جايى يۇرۇپ كەتتى، يۇرۇق ئەتتىگەندىكى تاڭ شەپىقىدەك ئەمەس، كۇياكى تۆمۈچى ئۇستاملارنىڭ كەپشەرلىگەن ۋاقىتتا چىقىدىغان نۇردەك يۇرۇپ كەتكەن ئىدى، ئۇلار ھەر ئىككىلىسى قۇرققىنىدىن يوتقانننڭ ئىچىگە بېشىنى تىقىۋالدى، ئۇلار چىلىق-چىلىق تەرگە چۆمۈپ كەتتى، ئېغىزىغا ھېچ گەپ كىلىدىغان ئەمەس، ئارىدىن يېرىم سائەتلەردەك ۋاقىت ئۆتكەندىن كىين جۈمە ئاخۇن غەيرەتكە كېلىپ، يوتقاننى ئازىراق كۆتۈرۈپ قارىدى، بۇ يۇرۇقلۇق يەنىلا بارئىدى، جۈمە ئاخۇن يۇرقلۇقنىڭ تاغ باغرىدىكى بىر غاردىن چىقىۋاتقانلىقىنى كۆردى.-خوتۇن ئەنە قارا، بېشىڭنى كۆتۈر، مەن بۇيەردە تۇزچىلىق قىلىۋاتقىلى 20يىلدەك بولدى، مەن بۇيەردە غار كۆرۈپ باقمىغان ئەجەبا بۇ غار نەدىن پەيدا بۇلۇپ قالغاندۇ، قۇرقۇپ كەتكەن نىساخان غەيرەتكە كېلىپ قارىدى، -توۋا، -ھەي دادىسى بۇ غاردا بەلكىم نۇرغۇن ئالتۇن-كۈمۈچ، قاشتىېشى قاتارلىق بايلىقلار بولمىسۇن يەنە، ئېغىزىدىن سائەت چىكىتىپتۇ دىگەن گەپ بار، بىز باياتتىن ئالتۇننىڭ گېپىنى قىلىۋاتاتتۇققۇ، جۈرسىلە، جىن چىراقنى ياندۇرۋىلىپ بىر كېرىپ چىقايلى،-ھەي ئۇ غار ناۋادا جىن-ئالۋاستىلارنىڭ ئۇۋىسى بۇلۇپ قالسىچۇ؟دېدى جۈمە ئاخۇن قۇرققان ھالدا،-ھوي مائادەمنى مەن ئايال كېشى تۇرۇپ قۇرقمىغان يەردە سىز نىمىگە قورقىسىز، يا جىن ئالۋاستىلارنىڭ ئۇۋىسى بۇلۇپ قېلىپ ئالۋاستىلار بىزنى يەۋىتە يا بولمىسا بايلىققا ئېرشەمىز، ياش بۇ يەرگە يەتكەندە نىمىگە تارتىشىمىز قوپسىلا ئورنىلىرىدىن لامزەللە. جۈمە ئاخۇن ئورنىدىن تۇردى، نىساخانمۇ ئورنىدىن تۇردى، -جىن چىراقنى ياندۇرۋالسىلا دەيمەن دېدى نىساخان، -ھاجىتى يوق ناھايىتى يۇرۇق  تۇرسا نىمىشقا ياندۇرىمىز بۇنى،-ھوجۇن مانىڭ ئەقىللىقلىقىنى ناۋادا غارغا چوڭقۇرلاپ كىرگەندىن كىين يۇرۇقلۇق بولمىسچۇ؟-توغرا دەيسەن، جۈمە ئاخۇن جىن چىراقنى ياندۇردى، ئۇلار بىر-بىرسىگە يۆلەنگەندەك قىلىپ غارغا يېقىنلاشتى، يۈرەكنىڭ گۈپىلدىگەن ئاۋازىدىن باشقا ھېچقانداق ئاۋاز يوق ئىدى، ئۇلارنىڭ غارنىڭ بىرنجى ئىشكىدىن كىردى غار يەنىلا يۇرۇق ئىدى، ئۇنىڭدا يا بىر يېنىپ تۇرغان چىراقنى ئۇچراتقىلى بولمايتتى، ئۇلار 10مېتىردەك ماڭغاندىن كىين بىر دەرۋازىنى كۆرۈندى، ئۇلار ئاستا-ئاستا دەرۋازىغا يېقىنلاشتى، ۋايجان دەپ قورقۇپ كېتىشپ بىر-بىرسىنى قۇچاقلىۋالدى، جىن چىرقمۇ ئاللىقاچان قۇلىدىن چۈشۈپ كەتكەن ئىدى، دەرۋازىنىڭ ئىككى تەرىپىدە كاناي كۆتۈرۋالغان ئىككى قاراۋۇل تۇراتتى، ئۇلار يا ئالدىغا مېڭىشنى يا كەينىگە قېچىشنى بىلەممەي غال-غال تېترەپ كەتتى، ئۇ قاراۋۇللار بىزنى ئېتىپ ياكى چېپىپ تاشلايدىغان بۇلدى دەپ ئويلاپ قالغان ئىدى، لىكىن ئۇ قاراۋۇلدىن ھىچقانداق سادا چىقمىدى، جۈمە ئاخۇن غەيرەتكە كېلىپ شۇنداق بىر قارىدى، ئەسلىدە ئۇ قاراۋۇللار ھەيكەل قاراۋۇل ئىدى، خوتۇن بېشىڭلىنى كۆتۈرۈڭلار، ئۇ... ئۇلار ھەيكەل ئىكەن. ئۇلار دەرۋازىدىن كىرىپ كەڭرى كەتكەن بىر خان ئوردىسىدەك جاينى كۆردى، ئۇلارنىڭ ئەتراپىدا نۇرغۇنلىغان قىلىچ، نەيزە تۇتقان لەشكەرلەر بارئىدى، ئۇلارنىڭمۇ ھەيكەل ئىكەنلىكىگە ئىشەنگەن جۈمە ئاخۇنلار داۋاملىق ئالدى تەرەپكە قاراپ ماڭدى، ئۇلارنىڭ ئالدىدا بىر تەخىت، تەخىت ئۈستىدە ئولتۇرغان بىر ئىسكىلىت بار ئىدى، جۈمە ئاخۇن بۇ غار ئەسلى پادىشاھنىڭ قەبىرىسى ئىكەنلىكىنى بىلدى، بىرتەرەپتىن قورقسا بىر تەرەپتىن خوشال بۇلۇپ دەرھال بايلىقلارنى ئىزدەشكە باشلىدى، خان ئولتۇرغان تەخىتنىڭ كەينى تەرىپىدە بىر كىچىك ئىشكنى بايقاپ ئىشكىنى ئىتترىۋىنى ئىشك ناھايىتى ينىكلا ئېچىلدى. بايلىقلار كۆزلەرنى چاقناتتۇراتتى، ئۈنچە-مەرۋايىت، بىلىيارت، ئالماس، ئالتۇن-كۈمۈچ، ھەرخىل چۆگۈن، ئالتۇن ئاپقۇر، ئالتۇن لىگەن، ئالتۇن ئىستىكان قاتارلىقلار سانساناقسىز ئىدى. ئۇلار خوشاللىقتىن بىر-بىرسىگە قاراشتى ئۆزىنىڭ خالتا ئېلىپ كەلمىگەنلىكىگە پۇشايمان قىلىشتى، ھېچقىسى يوق خوتۇن ئىتىكىڭنى ئاچقىن مەن پوتامنى يشەي، كۆيتەكلىرىمگىمۇ قاچىلايلى، ئۇلار بايلىقلارنى قاچىلاشقا باشلىدى،جۈمەر ئاخۇننىڭ كالتا ئىشتىندىن باشقا ئۈستىدە ھېچقانداق كىيم قالمىغان ئىدى، ئۇلار كىين يەنە كېلىمىز ھازىرچە بۇنى ئېلىپ كېتىپ تۇرايلى، ئۇلار چىققاندا تەختتە ئولتۇرغان ئىسكىلتقا دىققەت قىلىپ قالدى ئەسلىدە  ئۇنىڭ بوينىغا ئېسىلغان ناھايىتى بىر چوڭ گۆھەر بار ئىدى، جۈمە ئاخۇن بۇنىمۇ ئېلىۋىلىشنى كۆڭلىگە پۈكتى دە دەرھال ئىسكىلىتنىڭ بوينىدىكى گۆھەرگە قول ئۇزاتىۋىدى، تەخىت ئۈستىدىن بىر قارا مۈشۈك سەكرەپلا چۈشۈپ ئەنسىز مىياۋ ... مياۋ دەپ ۋاقىردى، ئۇلار قۇرققىنىدىن قېچىشتى لىكىن بايا كۆرگەن قاراۋۇللار نەيزىلىرىنى گىرەلەشتۈرۈپ ئۇلارنى ئۆتكىلى قويمىدى، مۈشۈك يەنە ئەنسىز ۋاقىردى، ئۇلار كەينىگە قايتىپ، ئىسكىلتنىڭ بېشىغا گەھەرنى تاقاپ قويۇپ قارىسا ئالدىدىكى بىرنچى قاتاردىكى ھەيكەل لەشكەرلەر نەيزىلىرىنى چۈشۈردى، قۇلىدىكى ئۈنچىلەرنى قويىۋىدى ئىككىنىجى قاتاردىكى ئىككى لەشكەر نەيزىلىرىنى چۈشۈردى، ئۇلار بۇ قېتىم بايلىقلارنى قالدۇرۇپ قويۇشتىن ۋاز كېچىپ، نەيزىنىڭ ئاستىدىن ئېڭىشپ ئۆتمەكچى بولدى لىكىن ئۇلار ئېڭىشسە لەشكەرلەمۇ ئېڭىشتى، بېشىنى كۆتۈرسە لەشكەرلەمۇ كۆتۈردى ھەرقانچە قېلىپمۇ ئۆتەلمىدى، شۇنىڭ بىلەن ئامالسىز بايلىقلارنىڭ ھەممىسىنى  قويۇپ كىيمنى كىيپ ماڭماقچى بۇلىۋىدى مۈشۈك قاتتىق مىياۋلاپ غەزەپ بىلەن ئۇلارنى قوغلىدى، ئۇلار دەرۋازىدىن چىقىۋاتقاندا جۈمە ئاخۇن كاناي كۆتۈرۋالغان ھەيكەل قاراۋۇلنىڭ قولىدىن كاناينى يۇلۇپلا ئالدى دە بىرگە قېچىشتى، ئۇلار غاردىن چىقىپ قارىسا يۇرۇق تامەن يوقالغان ئىدى. ئۇلار ئورنىغا قايتىپ يېتىپ قېلىشتى لىكىن تاڭغا يقىن ھېچقايسىسى ئۇخلىيالمىدى، ئۇلار بىر قۇرقۇنۇشلۇق چۈش كۆردۈك دەپ ئۇيلاشتى، ئەتىسى سەھەردە ئۇلار ئۇرنىدىن تۇرغاندا جۈمە ئاخۇننڭ قۇلىدا راستىنلا بىر ساپسېرىق پارقىراپ تۇرغان كاناي بار ئىدى، جۈمە ئاخۇن ئەسلىدە چۈشۈمىز ئەمەسكەندە. ئۇھ-خوداغا شۈكرى دەپ ئورۇنلىرىدىن تۇرىشىپ كېىچدە كۆرگەن غارغا قاراشتى، لىكىن غارنىڭ ھېچقانداق ئىزناسىنى كۆرىۋالغىلى بولمايتتى، -جۈمە ئاخۇن قوللىرىدىكى بۇ ئالتۇن كاناي ئوخشايدۇ، ئەگەر بۇنى ساتساق بىز ئوخشاشلا بېيىپ كېتىمىز. ئىككىمىز-مەككە مۇكەررەمگە چىقىپ كىرەمدۇق تېخى دېدى.
ئۇلار ئۆيگە قايتقاندىن كىين بۇ كاناينى بىرەر زەگەر كۆرسىتىپ بېقىپ راست ئالتۇن ياكى ئالتۇن ئەمەسلىكىنى تەكشۈرۈپ باقماقچى بۇلۇشتى، ئۇلارنىڭ ئۆيى سەھرادا بۇلۇپ شەھەرگە بەك نىراق ئىدى، ھەمدە شەھەرگە كۆتۈرۈپ كىرگەن تەقدىردىمۇ بىخەتەرلىكتىن سەل ئەنسىرەتتى، شۇڭلاشا نىساخان ئۆزىنىڭ قوشنا يېزىدىكى زەگەرچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىدىغان نەۋرە تۇققىنىڭ باللىرىنىڭكىگە بۇنى كۆرسىتىپ بېقىش ئۈچۈن جۈمە ئاخۇننى ئىۋەتتى. جۈمە ئاخۇن دەريا ئاتلاپ ئۇلارنىڭ ئۆيىگە يېتىپ كەلدى،ھېلىقى زەگەر رېخىم ھويلىسىدا باللىرى بىلەن ھۆنەر قىلۋاتاتتى. ئۇلار جۈمە ئاخۇنى قارشى ئالغۇسى يوقتەك سۇس قارشى ئالدى. نىمە ئىش بىلەن كەلگەنلىكىنى سورىدى، جۈمە ئاخۇن قوينىدىن ھېلىقى كاناينى ئېلىپ مۇشۇنى بىر تەكشۈرۈپ بەرسىڭىز ئالتۇن بۇلۇپ قالسا بىر سېتىپ پۇل قىلىپ بىرەمدىكىن دېدى. رېخىم كاناينى قولىغا ئېلىپ ھەيران قالغان بۇلسىمۇ قىلچە چاندۇرماي، قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتى، -ۋاي جۈم ئاخۇن ئاكا، بۇنداق ئەسكى تۆمۈرنى نەدىنمۇ تېپىپ كەلگەنسىز دەپ كاناينى بىر ئېتىۋىدى ھويلىسىدىكى تال جازىسىنىڭ ئۈسىتگە چۈشتى، ۋاي جۈمە ئاخۇن ئاكا ئۇزۇن يول يۈرۈپ بۇ ئەسكى تۆمۈرنى كۆتۈرۈپ كېلىپ بەك جاپا تارتىپسىز، سىز ئويلىغاندەك ئالتۇن بولغان بولسا نىمە دىگەن ياخشى بۇلاتتى ھە. مە بۇ 200.00سومنى خىراجەت قىلىڭ، بايلىق دەردىدە ساراڭ بولۇپ قالغىلى تاس قاپسىز، جۈمە ئاخۇن 200سومنى يېنىغا سېلىپ نىساخاننىڭ تۇققانلىرىنىڭ ئىنسابىغا دۇئا قىلدى.
نىساخان ئاغىزىنى قويىۋەتتى؛- ۋۇ پۇق يەيدىغان قېرى، كالۋا گەدەن، ماز پېتيى، ئىشەكچىلىك ئەقلى يوق كالۋا، توخونىڭ پۇقى، كالا تېزىكى، نىمشقا شۇ يەردە قويۇپ كەلدىڭ ئالتۇن كاناينى، ۋاي خەق بىكادىن-بىكار خەقكە پۇل بىرەمدا، ئۇچۇقۇم ئالتۇن، تىز ئۇنى قايتۇرۇپ كەل دەپ جۈمە ئاخۇننىڭ گەدەنلىرىدىن ئىشتىپ چىقرۋەتتى. جۈمە ئاخۇن يەنە ئۇ تۇققىنىڭكىگە باردى، رېخم  يەنىلا ھويلسىدا ھۆنەر قىلىۋاتاتتى، رېخىم جۈمە ئاخۇننى كۆرۈپ سەل بىئارام بولغان بولسىمۇ يەنىلا چاندۇرمىدى، كېلىڭ-كىلىڭ، جۈمە ئاكا، نىمە مەقسەتتە كەلدىڭىز، ھېلىقى كاناينى قايتۇرۇپ بەرسىڭىز بۇپتىكەن، ۋاي-ۋۇي يەنە شۇ ئەسكى تۆمۈرنى دەپ كەلدىڭىزمۇ؟-ھوي باللا ھوي-تال جازىسىغا چىقىپ تېپىپ بىرىڭلار دەپ باللىرىغا بويرۇق قىلدى، ئۇلار تال –جازىسىغا چىقىپ ئەستايىدىل يېرىم سائەتتەك ئىزدىگەن بولدى لىكىن ھېلىقى كاناي تېپىلمىدى، جۈمە ئاخۇن ئاكا، ئۆزىڭىز كۆرگەن مەن شۇ چاغدا بۇ كاناينى تال جازىسىغا ئتېىۋەتكەن ئىدىم، سىزنىڭ مۇنداق ئاۋارە بۇلۇپ قېلىشىڭىزنى بىلگەن بولسام ئۇنى بېشىمدىن چۆرىمەس ئىدىم، مەن سىزگە كاپالەت بىرەي ئۇ دىگەن تۇچ، بازارغا ئاچىقسىڭىز ئىككى سومغىمۇ يارىمايدۇ. شۇنداق بولسىمۇ ئۇنى ئېلىپ كەتمىسەم نىساخان ئاچىڭىز بەك ئاچچىقلىنىپ كېتىۋاتىدۇ، ئۇكام ئۇنداق قىلماي بىر تېپىپ بەرگەن بولسىڭىز، قانداق ئادەم بۇ، ياخشىلىق ياراشمايدىغان بالا قالدىممۇ نىمە ما قېرىغا يوقكەن دېدىمۇ، قانداق قىلىمەن. مەن بازاردىن شۇنىڭغا ئوخشاش تۇچ كاناي تېپىپ بىرەي ماقۇلما، ساڭا تۈنۈگۈن بەرگەن 200.00سومغىمۇ نۇرغۇن توچ كاناي سېتىۋالغىلى بۇلىدۇ، قانداق نىمە سەن دېدى رېخىم. تۇيۇقسىز دادا-ئۇنى ئالتۇن دىگەن ئىدىڭزغۇ دېدى 5ياشلار چاممىسىدىكى رېخمنىڭ كىچىك ئوغلى، رېخىم ئاچچىقىدا بالىسىنى بىر تەستەك  سالدى، بالا ئاپامغا دەيمەن دەپ يېغلاپ كېتپ قالدى.
جۈمە ئاخۇن ئامالىسز قايىتتى، ئۆزىنىڭ ناھايىتى ئەخمەق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى، ئۇ ئۆزىنى ناھايىتى ئەيىپلەيتتى، شۇنداق ئادەمنىڭ سادىسى ئېشەكنىڭ مادىسى دىگەن نىمىدىگەن توغرا ئېيتىلغان سۆز ھە ، شۇنداق مەن شۇ دەل ئىشەكنڭ مادىسى، ياكى چوشقىنىڭ مادىسى، دۇنيادا مەندىنمۇ دۆت ھاماقەت، ئادەم بۇلامدۇ. شۇنىڭدىن باشلاپ جۈمە ئاخۇن بىر قانچە قېتىم كېچىدە كۆرۈنگەن غار تۈۋىگە باردى لىكىن غارنىڭ سايىسىمۇ كۆرۈنمىدى، جۈمە ئاخۇن ئالتۇن كاناينىڭ دەردىدە بىر مەزگىل ئاغىرىپ يېتىپ قالدى. ئۆلمەكنىڭ ئۈستىگە-تەپمەك قىلغاندەك، نىساخانمۇ ھەر كۈنى تاپا-تەنە قىلىپ، ئېرىنى يالغۇز تاشلاپ قويۇپ، ئۆزى باشقا بىر ئېغىز ئۆيىدە يېىت-قوپۇپ توردى، نىساخان جۈمە ئاخۇنغا ھايۋانغا مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلدى، ئۆزىمۇ بىر قانچە قېتىم رېخىملارنىڭكىگە بېرىپ جىدەل قىلىپ قايتىپ كەلدى. ئۇلارنىڭ جىدىلدىن قوشنلارمۇ بولغان ئەھۋاللارنى بىلىپ بولغان ئىدى، لىكىن ھېچكىم ئىشەنمەي بۇلار ساراڭ بۇلۇپ قالغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلايىتتى.
جۈمە ئاخۇن بىر قانچە قېىتىم ھۆكۈمەتكە مەلۇم قىلىپ، رېخىم ئۈستىدىن شىكايەت قىلىشنى ئويلىغان بولسىمۇ لىكىن ئاسارە-ئەتىقىلەر، كېپەن ئوغىرلىرىنى ھۆكۈمەت تۇتىۋالسا تۈرمىگە تاشلىنىدىغانلىقىنى ھەتتا ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىدىغىنىنى ئوبدان بىلگەچكە ھۆكۈمەتكە مەلۇم قىلىش نىيىتدىن ياندى.
ئارىدىن ئىككى يىل ئۆتتى، جۈمە ئاخۇن سەللىمازا ساقىيپ، تۇزچىلىق ھۆنىرىنى قايتىدىن باشلىدى، بۇرۇنقى بەخىتلىك كۈنلىرىگە قايتىپ، نىساخان بىلەن ئىناقپ-ئىتتپاق ئۆتتتى. بىركۈنى جۈمە ئاخۇن ھويلىغا توزلارنى چۈشۈرۋاتقاندا بىر قوشنىسى جۈمە ئاخۇن بىلەن كۆرىشىپ ئۇنىڭغا بىر ئىشنى سۆزلەپ بەردى. سىلىنىڭ ئاقسايدىكى ھېلىقى زەگەر تۇققىنىڭلار بارغۇ، جۈمە ئاخۇننىڭ يۈرىكى جىغغىدە قىلدى، نىمە بۇپتۇ دېدى جۈمە ئاخۇن، ئۇ بىر جايدىن بىر ئالتۇن كاناي تېپىۋىلىپتىكەن، ئۇنى بىر ئاسارە-ئەتىقە سودىگىرىگە 70مىڭ سومغا سېتىپتىكەن، بۇ كاناي چىگىردىن چىقرلىۋاتقاندا چىگرا ساقچىلىرى تەرىپدىن قولغا چۈشۈرلۈپتۇ، ئاڭلىشىمچە ئۇ ئالتۇن كاناي بۇنىڭدىن 2000يىل بۇرۇنقى ئاسارە-ئەتىقە ئىكەن، قىممىتى ئاز دىگەندىمۇ 7مىليونغا يارايدىكەن، ئەمەسمۇ. ساقچىلار سەن كىمدىن ئالغان.سەن كىمدىن ئالغان دەپ سۈرۈشتۈرۈپ ئاخىرى رېخىم زەگەر پاش بۇلۇپتۇ، جۈمە ئاخۇن بۇگەپلەرنى ئاڭلاپ ناھايىتى قۇرقۇپ كەتتى، ئەمدى بىكارغا ئېلىۋالغىنىغا قارىماي ھەممە گۇناھنى ماڭا ئارتىپ قويغۇدەك بۇ مەلئۇن دەپ ئويلدى. –ئاخىرى قانداق بۇپتۇ دېدى جۈمە ئاخۇن قوشنىسىغا دەككە-دۈككىدە قاراپ. رېخىم ئاسارە-ئەتىقە يۆتكەپ ساتقان، تېپىۋالغان ئاسارە ئەتىقىنى ھۆكۈمەتكە تاپشۇرمىغان دەپ 2يىللىق قولغا ئېلنپتۇ، جۈمە ئاخۇن كۆڭلى ئارمىغا چۈشتى.
ئارىدىن ئالتە ئاي ئۆتتى، جۈمە ئاخۇننىڭ ھېلىقى قوشنىسى جۈمە ئاخۇننى يەنە ئىزدەپ كىردى، -ئۆتكەن قېتىم ساڭا دىگەن ھېلىقى رېخىم زەگەر بارغۇ، تۇرمىدىن قايتىپ كەپتۇ. جۈمە ئاخۇن يەنە قۇرقۇپ قالدى، چۈنكى ئۇ مېنى پاش قىلغاندىن كىين تۈرمىدىن قۇتۇلۇپ چىققان ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ قالدى. ئۇ تۇرمىگە كىرگەندىن كىين ئېلىشىپ قېلىپ، نىراۋا كېسەللىك دوختۇرخانىسغا ئاپارغاندىن كىين كېسىلىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئائىلىسدە ئىجرا قىلىشقا قويىۋىتىپتۇ. لىكىن ئۇ غەلىتە بىر كېسەلگە گىرىپتار بۇلۇپتۇ. ئۇ مەھەللىدە بېلىگە كىچك بالىلار چېلىپ ئوينايدىغا سونايلاردىن بىرقانچىنى چىگىپ ئالتۇن كانىيم دەپ چېلىپ ماڭىدىكەن. جۈلدۈر كېپەن كىيملەرنى كىيپ، ئالدىغا ئۇچرىغان كىشلەردىن ئالتۇن كانىيمنى تەپ بەر، ئالتۇن كانىيمنى سەن ئېلۋالدىڭ دەپ ئۇلارنى قوغلايدىكەن.
بىر كۈنى رېخىملارنىڭ ئۆيىدە مۇسىبەت بولدى، جۈمە ئاخۇنمۇ ئۇنىڭ مىيت نامىزىغا باردى. رېخىم ئالتۇن كاناينى تاپىمەن دەپ تال جازىسىغا يامىشپ چىقپ، جازىدىن يېقىلىپ بۇينى سۇنۇپ كېتىپ جان بەرگەن ئىدى.

مەنبە: ئۆز ئىجادىيتىم

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   rohlani تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-2-21 08:36 PM  


دۇنيا ئۈمىد بىلەن تولغان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15237
يازما سانى: 386
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7666
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 3758 سائەت
تىزىم: 2010-10-26
ئاخىرقى: 2013-6-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-21 09:11:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەر ئىشنىڭ ياخشى يامان تەرىپى بولىدۇ -دە!!

بىر ئايالنىڭ غورورى بىر ئەركىشنى يامان يولدىن توسسا،بىر ئەرنىڭ غورۇرى قىرىق ئايالنى يامان  يولدىن توسۇپ قالالايدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84762
يازما سانى: 957
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2501
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 525 سائەت
تىزىم: 2012-9-6
ئاخىرقى: 2013-6-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-21 10:10:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
باشقىلارغا يامانلىق قىلسا ئۈزىگە يانىدۇ ،

ئىنساپ يوق ئادەمدە ئىمان -ۋىجدان بولمايدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88506
يازما سانى: 533
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 710
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 393 سائەت
تىزىم: 2012-12-13
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-21 10:34:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
زەگەرمۇ بەك دۆتكىنا؟ ئالتۇن كاناينى ئالتۇن كاناي پىتى ساتقان بارمۇ؟

ئالتۇن كاناينى ئالتۇن ئىرىتىدىغان مەشتە، ئىرىتىپ خام ئالتۇنغا ئايلاندۇرۇپ بولۇپ، سىتىپ خەجلىمەي كالۋا زەگە.

ئۇلۇغ اللاھتىن ك

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 6643
نادىر تېمىسى: 7
مۇنبەر پۇلى : 37167
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 2889 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2013-6-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-21 10:42:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نەپسى يامانلىق،ئاچكۆزلۈك -ئادەمنىڭ بېشىغا بالا بولىدۇ...

ياخشى چىققان ھېكايىكەن.....

تىرىكلىك پەيتىنى غەنىيمەت بىل،دەم -ئۇشبۇ دەمدۇر،بۇ بىھۇدە ئۆتۈپ كەتكەن ۋاقىتنى ياندۇرغىلى بولىدىغان دۇنيا ئەمەس.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86790
يازما سانى: 644
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1936
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 247 سائەت
تىزىم: 2012-11-3
ئاخىرقى: 2013-5-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-21 11:02:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىھنەتسىز بايلىق ،كىشىنىڭ ھەققى پەقەت بىردەملىك خۇشاللىق چۈشتۇر ،پەقەت ئەجىر -مېھنەت بىلەن كەلگەن ھالال رىزىق ھەقىقى بايلىقتۇر .

يالغانچىنىڭ رىسقى كام بۇلۇر .سەمىمىلىك ،راستچىللىق مىنىڭ مىزانىمدۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16887
يازما سانى: 198
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7785
تۆھپە نۇمۇرى: 342
توردا: 1280 سائەت
تىزىم: 2010-11-9
ئاخىرقى: 2013-6-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-22 11:12:45 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
زەرگەر لەرگە  ئىبرەت بولغۇدەك ھىكايىكەن

دۇنيا نىمە دىگەن گۇزەل
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش