|
|
|
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !
يېقىندا خوتەن ۋىلايىتى كېرىيە ناھىيسى دەريا بويى يېزىسىنى گەۋدىلەندۈرۈش يۈزىسىدىن پۇتۇن مەملىكەتتىكى فوتوگىراپلار سەپەرۋەر قىلىنىپ بىر قېتىملىق فوتو ئەسەر مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى ...
بۇ مۇسابىقىگە مۇنبىرىمىزنىڭ تەكلىپلىك ئەزاسى قۇربان مۇھەممەد ئۇستازمۇ بىر نەچچە پارچە ئەسەر قاتناشتۇردى ....
ھازىر بۇ ئەسەرلەرگە توردا بىلەت تاشلاش ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بولۇپ ، بۇ ئۇستازنىڭ بىزنى يىتەكلىگەن ئەجرىگە ھەم ئەسەرنىڭ ھەقىقى ياخشى چىققانلىقىغا قارىتا ھەممەيلەن بىردىن بىلەت تاشلاپ ئۇستازىمىزنى قوللاش بىزنى كۈتۈپ تۇرىدۇ .
تۆۋەندىكىسى مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇلغان ئەسەرلەر تور ئۇلىنىشى :
http://act3.news.qq.com/7853/work/show-id-1555.html
بۇ ئۇلىنىشىنى چېكىپ ئېچىلغان بەتتىكى رەسىمنى كۆرۇپ سىزگە يارىغان بولسا شۇ رەسىمنىڭ ئاستىدىكى خەنزۇچە خەتلىك 投一票 دىگەن خەتنى چىكىپ بۇ رەسىمگە بىر بىلەت تاشلايسىز ،،،
ئاندىن يان تەرەپتىكى 3 پەرچە رەسىمنى ئايرىم - ئايرىم چەكسىڭىز ئايرىم بەتتە رەسىمنىڭ ئۆزى ئېچىلىدۇ . رەسىمنىڭ ئۆزى ئېچىلغان بەتنىڭ ئاستىدا 投一票 دىگەن خەت بار شۇ خەتنى چىكىپ ئايرىم - ئايرىم بىلەت تاشلىسىڭىز بولىدۇ . جەمئى ئەسەر 3 پارچە بولۇپ 3 پارچە ئەسەرنى ئايرىم - ئايرىم ئېچىپ ، ھەر بىرسىگە ئايرىم - ئايرىم بىلەت تاشلايسىز ....بىلەت تاشلاش ئۈچۈن پەقەت 1 مىنۇت ۋاقتىڭىز كىتىدۇ .....
كەسىپداشلار !!! ھەممەيلەن مۇشۇ كەسىپنىڭ ئەھلى ! بۇنىڭدەك تالانىتلىق ئۇستازلىرىمىزنى بىز كەسىپ ئىگىلىرى قوللىمىساق ، بۇ كەسىپنى چۈشەنمەيدىغانلارنىڭ قوللىشى ناتايىن .... شۇڭا ھەممەيلەن ئۇستازىمىز ئۈچۈن 1 مىنۇت ۋاقتىمىزنى چىقىرايلى !!!!!!!!!!
كۆپچىلىككە رەھمەت !!!
دىققەت ! 1 پارچە رەسىمگە پەقەت 1 قېتملا بىلەت تاشلاڭ ، قايتا - قايتا بىلەت تاشلىسىڭىز تاشلىغان بارلىق بىلىتىڭىز ئىناۋەتسىز قىلىنىدۇ ! دىققەت قىلغايسىزلەر .....
باشقۇرغۇچىلارنىڭ تىزراق تەستىقلاپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز !
ھۆرمەت بىلەن ئىزىمىز مۇنبىرىدىن : ئېلھامجان
|
|
|
|
|
|