بېيجىڭ ۋاقتى 20-فېۋرال خەۋىرى: چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، جۇڭگولۇق چامباشچى ئۇستىسى، گۇمپا فىلىمىدىكى داڭلىق كىنو چولپىنى لى شاۋلۇڭ(بروسلى) نىڭ ھاياتى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن فىلىم ھوللىۋوت سۈرەتكە ئېلىنغان. بۇ فىلىمنىڭ ئىسمى ئەجدىھا ئوغلىنىڭ دۇنياغا كېلىشى بولۇپ، خەلقئارا ۋە roundswel فىلىم ئىشلەش شىركىتى بىرلىشىپ ئىشلىگەن، مەزكۈر فىلىم پەقەتلا لى شاۋلۇڭنىڭ ھاياتى ھەققىدىكى فىلىم بولۇپ قالماستىن، بەلكى يەنە بىر گۇمپا ھەرىكەتلىك فىلىم ھېسابلىنىدۇ.
لى شاۋلۇڭنىڭ دۇنياغا كېلىشى ناملىق فىلىم بوكىس پادىشاھى ئەلى ۋە نىكسون ناملىق ئىككى فىلىمنىڭ ھەمكارلاشقۇچىلىرى Stephen Rivele ۋە Christopher Wilkinson لار سىنارىيىلەشتۈرگەن، ۋەقەلىكى 1965-يىلى خۇاڭ زىمىن لى شاۋلۇڭغا رىقابەت ئېلان قىلغاندىن كېيىن باشلىنىدۇ. ئاشۇ مەيدان مۇسابىقىدە لى شاۋلۇڭنىڭ مۆرە قىسمى يارلانغاندىن كېيىن قاتتىق مەشىق ئېلىپ بارىدۇ. كىنودا لى شاۋلۇڭ خۇاڭ زىمىن بىلەن بىرلىكتە سان فىرانسىسكودىكى جۇڭگولۇقلار كوچىسىدا قارا گۇرۇھ بىلەن قارىشلىشىدۇ.
لى شاۋلۇڭ ھوللىۋودقا مۇۋەپپىقىيەتلىك كىرگەن تۇنجى جۇڭگولۇق ئارتىش شۇنداقلا گۇمپا بىلەن كىنۇچىلىق ساھەسىگە تەڭ قەدەم قويغان باتۇر ئەزىمەت ھېسابلىنىدۇ. ئۇ باش رول ئالغان گۇمپا فىلىمى چەتئەل ئىچى-سىرتىدىلا ئەمەس بەلكى يەنە نۇرغۇنلىغان چەتئەللىكلەر نەزىرىدە چوڭقۇر تەسىرگە ئىگە، ئۇنىڭ گومپىسى جۇڭگو چامباشىچىلىقىنىڭ سېمۋۇلى ھېسابلىنىدۇ. لېكىن شانلىق ھايات مۇساپىسى ھەمىشە قىسقا بولىدۇ، پۈتۈن دۇنيادا ئەينى ۋاقىتتا كۈچلۈك تەسىر قوزغىغان بۇ ئەزىمەن 1973-يىلى 7-ئاينىڭ 20-كۈنى تۇيۇقسىز شىياڭگاڭدا ئالەمدىن ئۆتتى، شۇ يىلى ئۇ ئارانلا 32 ياشتا ئىدى.
------------------------------
لى شىياۋلوڭنىڭ سۈرئىتى دۇنيادىكى ئەڭ ئىتتىك جانباز بولۇپ، ئۇنىڭ سۈرئىتىدىن ئىتتىكلىكىدىن فىلىمدە سۈرەتكە ئالغاندا ئۇنىڭ سۈرئىتىنى ئاستىلىتىپ ئالاتتى. لېكىن، تا ھازىرغىچە ھېچكىم بۇنىڭغا ئىشەنمەي كەلدى. مانا ھازىر مەن ئۇ توغرىسىدىكى بەزى قىسقا كۆرۈنۈشلەرنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇندۇم. كۆرۈپ باققايسىلەر!
لى شىياۋلوڭنىڭ سۈرئىتى ۋە چارەك گۇمپىسى
تايسىننىڭ لى شىياۋلوڭغا بەرگەن باھاسى
لى شىياۋلوڭنىڭ مۇسكۇللىرى (ئۇنىڭ «كۈچلۈك ئەجدەرھانىڭ دەريادىن ئۆتۈشى» ناملىق فىلىمىدىن)
لى شىياۋلوڭ شىياڭگاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى زىيارىتىدە كۆرسەتكەن چارەك گۇمپىسى
لى شىياۋلوڭنىڭ ھوللىۋودتا رول ئالغان فىلىمىدىكى كىچىككىنە كۆرۈنۈش 1
لى شىياۋلوڭنىڭ ھوللىۋودتا رول ئالغان فىلىمىدىكى كىچىككىنە كۆرۈنۈش 2 (بۇ لى شىياۋلوڭنىڭ ئۆمرىدە تۇنجى رول ئالغان سەلبىي رول ئوبرازى قارىلىدۇ)
ئامېرىكا لى شىياۋلوڭنى ئەسلەپ ئىشلىگەن ھۆججەتلىك فىلىم «مەن بولسام لى شىياۋلوڭ» فىلىمىنىڭ تەشۋىق فىلىمى
لى شىياۋلوڭ بىلەن چىڭلوڭ 1
لى شىياۋلوڭ بىلەن چىڭلوڭ 2
ئۇنىڭ بىر قانچە رەسىملىرى:
لى شىياۋلوڭنىڭ مۇسكۇلى
لى شىياۋلوڭ رول ئالغان «جىڭۋۇ سارىيى» ناملىق فىلىمدىن كۆرۈنۈش
لى شىياۋلوڭ ۋە ئۇنىڭ شاگىرتى، شۇنداقلا 70- يىللاردىكى NBAنىڭ ۋاسكىتبول چولپىنى كېرىم ئابدۇل جاپپار (مۇسۇلمان) «ھالاكەتنىڭ ئويۇنى» ناملىق فىلىم ئېلىنىشتىن ئىلگىرى مەشىق قىلماقتا. (بۇ فىلىم تولۇق ئېلىنىپ بولالمىغان. ھازىرقى كىنو نۇسخىسىدىكى لى شىياۋلوڭ ھەقىقىي لى شىياۋلوڭ ئەمەس)
لى شىياۋلوڭ بىلەن چىڭلوڭ
لى شىياۋلوڭ ھەققىدىكى تولۇق تېما بۇ يەردە.
https://uyghur-archive.com/misranim/thread-87095-1-1.html
ئادەمنىڭ زىتىغا تىگىدىغان ئىنكاس يازماسلىقىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن. يازغىڭلار كەلسە، كۆرمىگەنگە سېلىپ چىكەتسەڭلارمۇ بولىدۇ...
رەھمەت!