مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 431|ئىنكاس: 1

ئىلىم-پەن ئەتراپىمىزدا........ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ھەقىقەتەن ئاللا

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7688
يازما سانى: 1238
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 25056
تۆھپە نۇمۇرى: 835
توردا: 1389 سائەت
تىزىم: 2010-8-24
ئاخىرقى: 2014-11-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-21 03:13:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

مەن ئەقلىمنى بىلگەندىن تارتىپ ئەتراپىمدىكى نۇرغۇنلىغان تۇرمۇش قولايلىقلىرى ۋە ئۆزگۈرۈشلەرنى كۆرۈپ كىلىۋاتقان بولساممۇ ئەمما ئۇ نەرسىلەرنى خۇددى شۇنداق بولىشى كىرەك بولغان ئادەتتىكى ئىشتەك كۆرۈپ كەپتىكەنمەن،مەكتەپكە كىرىپ،يېشىممۇ چوڭىيىپ،بىلىشىممۇ كۆپەيگەنسىرى مەن ھەممىگە ھەيرانلىق بىلەن قارايدىغان بولدۇم...يەنى مەن بوۋام-مومامنىڭ بۇنىڭدىن نەچچە ئون يىل ئىلگىرىلا تېخى "توك"چىراقنى بىلمەيدىغانلىقى،تىلىۋىزورنىڭمۇ دادام مەن دىمەتلىك چاغلىرىدا تېخى ئىنتايىن بىر گۇڭگا ئۇقۇم ھالىتىدە بولۇپ،ئۆيلىرىدە ئولتۇرۇپ "كىنو"كۆرۈشنىڭ ئۇلار ئۈچۈن بىر تاتلىق خام -خىيال ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ نەزىرىمدىكى قەدىم-بىلەن ھازىرنىڭ ئارىسىنىڭ تېخى نە چچە يىلنىڭ ئارىسىدىكىدەك ئىش ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىپ ئۇنىڭ سەۋەبىنى ئويلاندىم،شۇنى ھىس قىلدىمكى،مۇشۇ نەچچە يىللىق پەن-تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتى بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزغا نۇرغۇن قولايلىقلارنى ئېلىپ كەپتۇ،يەنى بوۋام بىلەن ئۇلۇق بوۋاملار سەپەرگە ئات-ئۇلاقلار بىلەن چىقىدىكەنتۇق،مانا ھازىر دادام ئايرۇپىلانغا ئولتۇرۇپ ئۈرۈمچىگە نەچچە قېتىم بېرىپ كەلدى،تىلىۋىزورلاردىنغۇ ئىنسانلارنىڭ ئالەمگە سەپەر قىلىپ ئالەم بوشلۇقىغا چىققانلىقىنى ،نەچچە يىل ئىلگىرىلا ئايغا چىقىپ ئاي شارىدىن ئەۋرىشكە ئېلىپ چۇشۇپ تەتقىق قىلىۋاتقانلىقىنى،پىروبىركىدا بوۋاق يىتۈشتۈرۈشتىنمۇ ئېشىپ ،ئەمدىلىكتە ھايۋانلارنى كىلونلاش....گىن تېخنىكىسى،..دىگەنلەرنىمۇ ئېنىقلاپ نۇرغۇنلىغان قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلغانلىقىنى ئاڭلاۋاتىمەن.....بۇ خىل تەرەققىياتلارنىڭ كۆپىيىشى بىزنىڭ ماددىي تۇرمۇشلىرىمىزغا راستىنلا نۇرغۇن قولايلىقلارنى ئېلىپ كىلىدىكەن...مەن پەن-تېخنىكىنىڭ بۇ خىل قولايلىقلىقىغا راستىنلا بەك قايىل بولىمەن!!....
مەن پەن تېخنىكىنىڭ قولايلىقلىقى،ئىنسانلار تۇرمۇشىنى بېيىتىشى ۋە تەبىئەت ئۈستىدىن ھۆكمىرانلىق قىلىش قابىلىيىتىنىڭ يۈكسىلىشى بىلەن ئىرىشكەن تەرەققىياتلىرىنى تۇرمۇشىمىزدىكى نۇرغۇن قولايلىقلارنىڭ كۆپەيگەنلىكىدىن ھىس قىلىۋالالىدىم،مەسىلەن:مەن بۇرۇنقىلارنىڭ ھەر خىل ئوت يېقىش ئىس-تۈتەكلەر،داقا-دۇمباق ئاۋازلىرى...ھەتتا پوچتا كەپتەرلىرى بىلەن خەۋەر يەتكۈزۈش مەخسىدىگە يەتسە،بۈگۈنىمىزدە كومپىيوتور تېخنىكىسى،سىملىق ۋە سىمسىز ئالاقە تېخنىكىللىرى بىلەن يەر شارىنىڭ يىراق بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىدىكى كىشىلەر بىلەن سىكونت ئىچىدە ئالاقە ئورنىتالايدىغانلىغىنى،قەدىمقىلارنىڭ ئاددىي تاش قوراللار بىلەن ئوۋ ئوۋلاپ،تېرىقچىلىق قىلىپ تۇرمۇش ئۆتكۈزسە،بۈگۈنكى دەۋرىمىزدە،ماشىنىلاشقان چارۋىچىلىق مەيدانلىرى،شۈتچىلىك فىرمىللىرى باقمىچىلىق فىرمىللىرىنىڭ كۆپلەپ قۇرۇلىشى ۋە تېخنىكىلىششى بىلەن يىمەك-ئىچمەكتىن  خاتىرجەم بولغانلىقىنى،..قىسقىسى ھەممە ئىشنى قولى بىلەنتۇتۇپ،پۇتى بىلەن مېڭىپ كۆپلەپ تەر تۆكۈپ قىلىدىغان كىشىلەر مانا ئەمدى كونوپكا بېسىش بىلەنلا مەخسەتكە يىتەلەيدىغان نۇرۈۇن تەرەققىياتلارغا ئىرىشكەنلىكىنى..بىلىپتىمەن ..تاغاملاردىن ئاڭلىسامغۇ بەزى تېخنىكىلار بار ئىكەن كونوپكا بېسىشمۇ بىھاجەت بولغان،قول يۇماقچى بولۇپ قولنى ئۇزاتسىلا قولغا سوپۇن ۋە سۇ چۈشىدىكەن،پەلەمپەيگە دەسسىسىلا بۇ پەلەمپەي ئەدەمنى يۇقرى تۆۋەن بىنالارغا ئەپچىقىپ قويىدىكەن،ئىشىكتىن كىرمەكچى بولسا ئىشىك ئۆزلىكىدىن ئاپتوماتتىك ئېچىلىدىكەن...تېخى....توۋا،نىمە دىگەن قولايلىق ھە،مۇشۇ قولايلىقلارنى بۇنىڭدىن100- 200 يىل بۇرۇن ياشىغان بالىلارغا دەيدىغان بولسا ئۇلار ئىشەنمەس بولغىيتى-ھە!!؟ئېلىشىپ قاپتۇ...دىيىشىمۇ مۈمكىنتى ھەقاچان!!!
مۇشۇنداق ئويلارنى ئويلاپ كەتسەم يەنە 100-200 يىللاردىن كىيىن نىمە يېڭىلىقلار بولىدىغاندۇ،دۇنيا قانچىلىك تەرەققى قىلىپ كىتىدىغاندۇ،بىزمۇ بىلمەيدىغان يەنە قانداق يېڭىلىقلار پەيدا بولۇپ كىشىلەرنى خوشال ھەم بەخىتلىك قىكلىۋىتىدىغاندۇ...؟دەپ ئويلاپ كىتىمەن -تېخى؟!!شۇنداق كۈنلەردە بىز ئەتراپىمىزدىكى تەرەققىي قىلغان پەن-تېخنىكا تۈرلىرى كونا نەرسىلەرگە ئايلىنىپ قالامۇ؟؟!!مەن ئەشۇ يېڭىلىقلارغا بىر كىشىلىك ھەسسە قوشالارمەنمۇ؟؟!!يەنە مەن يېڭى كەشپىيات ۋە بايقاشلارنى ئوتتۇرغا قويۇپمۇ قالامەنمۇ؟؟!!خې..خې..)بۇ يەردە كۈلىدۇ(بۇنىمۇ يوق دىگىلى بولماس،شۇنچە چوڭ ئالەمنىڭ تارتىش كۈچۈ نەزىرىيىسىنىمۇ نىيوتون بىر ئالمىنىڭ يەرگە چۈشۈشىدىن ئىلھاملىنىپ بايقاپتىكەنتۇق،كىم بىلىدۇ،بىزمۇ ئاشۇنداق نۇرغۇنلىغان كىچىك ئىشلارغا دىققەت قىلماي ،نۇرغۇن بايقاشلار بايقالماي پۇرسەتلەرنى ئۆتكۈزۈۋىتىپ بارامدۇق تېخى.....
مەن يېقىندا بىر ئاچاشقا مۇشۇ ئىلىم -پەن ھەققىدىكى ئويلىغانلىرىمنى دەپ بىرىپ،ئىلىپ پەننىڭ ئىنسانلارغا بەخت ئەپكەلگەنلىكىنى ئېيتىپ بەرسەم ئۇ ئاچاش ماڭا ئاجايىپ گەپلەرنى قىلدى،ئۇ"سىڭلىم،ئىلىم-پەن ئىنسانلارغا بەخت ئەپ كىلەمدۇ؟ئۇ ئىنسانلار تۇرمۇشىنى قولايلىقلاشتۇرىدۇ،ئۇ كىشىلەرگە ماكان ۋە زاماننى يېقىنلاشتۇرۇپ بىرىدۇ ۋاقىتنى كۈچنى تىجەپ بىرىدۇ ،ئەمما ئىنسانلارغا بەخىتلا ئېلىپ كىلىشى ناتايىن،نوبىل ئىنسانلارغا بەخىت ئېلىپ كىلىش ئۈچۈن شۇنچە تىرىشىپ تەتقىق قىلىپ
مىسلى كۆرۈلمىگەن كۈچ قۇدرەتكە ئىگە پارىتلاتقۇچ دورىنى __ بىر خىل ئالاھىدە ئۈنۈملۈك ھالاك قىلىش ۋاستىسىنى كەشىپ قىلدى .ئاخىرىدا تالاي بىگۇنا كىشىلەرنى قىرىدىغان قورال ئورنىدا ئىشلىتىلىپ،ئۇنى ئىنتايىن پۇشايمان قىلدۇردى،ئۇ بۇ 'مۇۋەپپىقىيىتى ' گە خاتىمە بېرىش ، ئۆز ۋىجدانىغا تەسەللىي بېرىش ئۈچۈن ، نوبىل مۇكاپاتىنى تەسىس قىلىپ ، ئۆز كۆڭلىنى تەسكىن تاپقۇزماقچى بولدى،ئېينىشتىيىنمۇ شۇنچە تەكىتلەپ يادىرو قورالىنى تەتقىق قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان بىلەن  ئەمىلىيەتتە ئۇ ئۆز تەشەببۇسىنىڭ ياپونىيەگە تاشلانغان ئىككى ئاتوم بومبىسى بىلەن ئىنسانىيەتنىڭ دۈشمىنىگە ئايلىنىپ قالغانلىقىنى ھىس قىلىپ ھەسرەتمۇ چەككەن،شۇڭا نوقۇل پەن-تېخنىكىنى ئىنسانلارنى بەخىتلىك قىلىدۇ دىيىش سەل يۈزەكى بولۇپ قالىدۇ ،ئىنساننى بەختلىك قىلىدىغىنى ئۇنىڭ دۇنيا قارىشى ۋە توغرا قىممەت قارىشى ،شۇندىلا پەن -تېخنىكا ئىنسانلارغا بەخت ئەپكىلىشنىڭ ماددىي شارائىتىنى يارىتالايدۇ،سىزمۇ تىرىشىپ ئىلىم-پەن ئۈگۈنۈپلا قالماي،يەنە مەنىۋىيىتىڭىزنىمۇ بېيىتىپ مېڭىشىڭىز،ئىنسانلارغا ھەقىقىي بەخىت ئېلىپ كىلىش ئۈچۈن تىرىشىشىڭىز كىرەك....."دىگەندەك گەپلەرنى قىلغانتى مەن ھەيران قالدىم،بۇمۇ بىز ئويلىنىدىغان بىر تەرەپكەن ئەمەسمۇ،گەرچە مەن بۇ گەپلەرنى تولۇق چۈشۈنۈپ كىتەلمىگەن بولساممۇ ئەمما ئىچىمدە ،بىز تىرىشىپ ئىلىم ئۈگۈنۈپ خەلىقنىڭ ھەقىقى بەخت-سائادىتى ئۈچۈن سەرىپ قىلىشىمىز كىرەككەن....دىگەنلەرنى ئويلىدىم....  
مەنبەسى:قېرىندىشىمنڭ خاتىرسىدىن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5425
يازما سانى: 680
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 387 سائەت
تىزىم: 2015-1-16
ئاخىرقى: 2015-2-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-21 09:09:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۆرگە چىقىدىغان ئوخشايمەن .بۇ تىما يوللىنىپ 4 سائەتتىن كىيىن مەن كىرىپتىمەن .بۇ تىمىغا كىرىشتىن بۇرۇن مۇسۇلمان .دىن تۇغرۇلۇق يىزىلغان تىمالار شۇنچىكى تىز ئىنكاسلار بىلەن تولۇپ كىتىپتۇ .لىكىن بۇنداق تىمىلار بولسا ئەل نەزىرىدىن چۈشۈپ قاپتۇ . قەلەم ئىگىسى ھارمىغايسىز،

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش