گەرچە مېنىڭ باشقىلارنى كىنو كۆرۈشكە رىغبەتلەندۈرۈش ئادىتىم بولمىسىمۇ، بىراق بۇ فىلىمنى بىر كۆرۈپ قويۇشقا ھەقىقەتەن ئەرزىيدىكەن.
1. فىلىمدىكى باش پىرسوناژ قىز-ئاياللىرىمىزغا جاسارەت تۇيغۇسى بېرەلەيدىكەن.
2.سىزنىڭ جەمئىيەتتىكى نۇرغۇن ئىشلارنى، قىسقىسى جەمئىيەتتە بولۇۋاتقان ئىشلارنى چۈشىنىشىڭىزگە يېڭى ئىلمىنت تەقدىم قىلالايدىكەن.
3.ئالاھىدە خادىملارنى چۈشىنىشىڭىزگە ياردىمى بولىدىكەن.
4.مەسىلىگە يولۇققىنىڭىزدا، ھەققى-ھوقۇقىڭىز دەخلىگە ئۇچرىغاندا مەسىلىلەرنى قانداق تەھلىل قىلىشنى، يوللارنى قانداق مېڭىشنى، تۈگۈنلەرنى قانداق يېشىشنى، يىپ ئۇچىنى قانداق تېپىشنى ئىزاھلاپ بېرىدىكەن.
5.قالغىنىنى كۆرگەندىن كېيىن ئۆزىڭىز چۈشىنىۋالسڭىز بولار. بەك چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ كەتمىدىم. كۆپ ئويلاپ كەتكۈدەك يېرىمىغۇ يوق، پەقەت بىر كىنو. ئەمما ۋاقتىڭىز بوپ قالسا كۆرۈپ قويغۇچىلىكى باركەن.
كىنودىكى ئېتىقادى مەسىلىلەرگە چېتىلىدىغان مەزمۇنلار شۇ خەلقنىڭ ئېتىقادىغىلا ۋەكىللىك قىلىدۇ. شاكىلىنى ئايرىۋېتىشنى ئۆزىڭىزگە تاپشۇرىمەن. كىنو يارىماي قالسا مېنى ئەيىبلەپ كەتمەڭ، ياخشى نىيەت بىلەن يوللىدىم. يارىمىسا ئىنكاس يېزىپ ۋاقتىڭىزنى ئىسراپ قىلماڭ!
ئانا تىل بايرىمىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن! ساپ تىلدا سۆزلىشىش مەندىن، سىزدىن باشلانسۇن!
تۆۋەننى چېكىپ كۆرۈڭ
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا honzade تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-2-21 02:52 PM