مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 885|ئىنكاس: 3

دۇنيا ئانا تىل كۈنىگە سوغاتلىق تەپەككۇر ئۈنچىلىرىم [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91315
يازما سانى: 32
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 917
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 50 سائەت
تىزىم: 2013-2-7
ئاخىرقى: 2013-12-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-21 12:53:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

تىل ھەم ئانا تىل ھەققىدە تەپەككۇردىن ئۈنچىلەر

关于语言文化学习与交流的理性思考

غەيرەتجان ئوسمان بىلىكيار

تىل پەقەت ئاددى ھالدىكى ئالاقە قورالىلا بولۇپ قالماستىن ،ئىنتايىن مۇھىم بولغان مەدەنىيەت ۋاستىسى ۋە مەدەنىيەتنىڭ تىپىك نامايەندىسى. ئادەم ئانا تىلى ئارقىلىق ئۆز مەۋجۇتلىقىنى ھەقىقى ھىس قىلالايدۇ ۋە ئۆز قىممىتىنى تاپالايدۇ؛ھەرقانداق ئىنسان ئەڭ ئالدى بىلەن ئۆز ئانا تىلىدا تەپەككۇر قىلىدۇ، ئوي-پىكىر ۋە ھىس-تۇيغۇلىرىنى ئىپادىلەيدۇ ھەم ئالماشتۇرىدۇ.ئانا تىلنى پۇختا بىلمىگەن ۋە ئۇنىڭغا سەل قارىغان كىشى ھەرقانچە كاتتا ئالىم -يۇقىرى ئىستىدات ئىگىسى بولغان تەقدىردىمۇ ئۆز مىللىتى ئۈچۈن ئۈنۈملۈك خىزمەت قىلالمايدۇ، ھەم ئۆز خەلقىنىڭ ھەقىقى ھۆرمىتىگە ئېرىشەلمەيدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر كىم ئەڭ ئالدى بىلەن ئۆز ئانا تىلىنى پۇختا ۋە مۈكەممەل ئىگەللىشى ۋە ئۇنى قەدىرلىشى لازىم. بىر تىلنىڭ يوقۇلىشى بىر خىل تەپەككۇرنىڭ، يەني ئۆزگىچە خاسلىققا ئىگە بولغان يېڭىچە بىر خىل تەپەككۇرنىڭ يوقۇلىشىدىن دېرەك بىرىدۇ ۋە تەدرىجى ھالدا بىر مىللەتنىڭ يوقۇلىشىغا سەۋەپ بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. ئەمما بۇنىڭلىق بىلەن باشقا قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ ،بولۇپمۇ بىزگە نىسبەتەن ئىلغارراق ھىساپلىنىپ كېلىۋاتقان مىللەتلەرنىڭ،شۇنداقلا بىزنىڭ مەۋجۇتلۇق ۋە تەرققىياتىمىزغا بولغان تەسىرى زور ۋە كۈچلۈكرەك بولىۋاتقان مىللەتلەرنىڭ تىل مەدەنىيەتلىرىنى ئۈگەنمەسلىككە،ئۇنىڭغا سەل قاراشقا ئەسلا بولمايدۇ.ئەگەر ئۇنداق قىلىدىكەنمىز تەرەققىيات پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ قويىمىز ۋە ياكى پاسسىپ ئورۇنغا چۈشۈپ قالىمىز.بۇ يەردە شۇنداق بىر نۇقتىنى ئەستە ساقلاش زۆرۈركى، ئۇ بولسىمۇ تىل گەرچە مىللەتنىڭ مۇھىم بەلگىلىرىدىن بىرى بولسىمۇ ، بۈگۈنكىدەك بىلىم پارتلاش خاراكتىرلىك تېز سۈرئەتتە تەرەققى قىلىۋاتقان، يەر شارى خاراكتىرلىك مىللەتلەر ئارا تۈرلۈك ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىق كۆپىيىۋاتقان، رىقابەت كۈنسىرى كەسكىنلىشىۋاتقان، مەۋجۇتلۇق بېسىمى كۈچلۈك بولۇۋاتقان ئاچقۇچلۇق پەيتلەردە نوقۇل ھالدىكى تىلدىن ئىبارەت بۇ ئالاقە قورالى ھەرگىزمۇ بىر مىللەتنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ساقلاپ تەرەققىياتىنى كاپالەتلەندۈرىشىنىڭ ھەل قىلغۇچ ئامىلى ياكى ئالدىنقى شەرتى بولالماي قالدى. شۇڭا ئەمدىلىكتە ئىككىلىنىپ ئولتۇرماستىن ئانا تىلنى پۇختا ئىگەللەش ئاساسىدا يەنە بىزنىڭ مەدىنىيەت تەرەققىياتىمىز بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان بىر قانچە مىللەتنىڭ تىل مەدەنىيىتىنى تىرىشىپ ياخشى ئۈگىنىشىمىز كىرەك. ئەجداتلىرىمىزدىن فارابى،ناۋايى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ، مەھمۇدقەشقىرى تەجەللىي قاتارلىق ئالىملىرىمىزنىڭ مىڭ يىللار ئىگىرىلا ئىلىم ئىجادىيەتتە شانلىق تۆھپىلەرنى قوشۇپ دۇنياۋى شۆھرەتلەرنى قازىنالىشىمۇ ئۇلارنىڭ دەل ئانا تىلغا پىششىق بولغاندىن باشقا يەنە بىر قانچە تىللارنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئۈگەنگەنلىكى ۋە شۇ تىللاردىمۇ تەپەككۇر قىلالىغۇدەك قوش تىللىق ھەتتا كۆپ تىللىق ئىلىم-ئىجادىيەت ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەنلىكىدىن ،ئۇلارنىڭ كۆپ خىل تىل ۋە مەدىنىيەتلىك ئارقا كۆرۈنىشىدىن ئايرىپ قاراشقا بولمايدۇ.

    بىرخىل تىل بىر مەدەنىيەتنىڭ رۇجىكى،بىر خىل تىل بىرخىل تەپەككۇر ئەندىزىسى ۋە شەكلى .بۇ مەنىدىن قارىغاندا بىرخىل تىلنى ئارتۇق بىلگەنلىك بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيىتىنى ئارتۇق بىلگەنلەك،بىر خىل ئۈگۈنىش ۋە تەپەككۇر قىلىش ئۇسۇلى ھەم ئىقتىدارىنى ئارتۇق ئىگەللىگەنلىك دىمەكتۇر.ئوخشىمىغان تىل كىشىلەرگە ئوخشىمىغان تەپەككۇر، ئىجادىيەت بوشلۇقى ۋە چەكسىز تەپەككۇر-يىڭىلىق يارىتىش ئىمكانىيىتى بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا قوش تىللىق ئوقۇتۇش ماھىيەتتە بىر مىللەتنىڭ ئۆزىنى باشقا بىرمەيدان ياكى باشقىچە بىر كۈزىتىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ ئۆزىنى كۈزىتىش ۋە بايقاش جەريانىدىن ئىبارەت.

    تىلنىڭ ئۇلۇغلىقى ئۇنى تىرەپ تۇرغان مەدەنىيەتنىڭ يۈكسەكلىدە.مەدىنىيەت گوياكى بىر مىللەت مەۋجۇتلىقى ۋە تەرەققىياتىنىڭ پاراۋۇزى ھەم ھەركەتلەندۈرگۈچ ماتۇرى، ئۇنىڭ يادروسى ۋە جېنى ئىدىيە-تونۇش ۋە ئەمىلىيەتچىل روھ ھەم ھەركەتتىن ئىبارەت.

    شېئرغا ئامراق خەلقىمگە گەرچە ئوخشىتالمىساممۇ مۇنۇ مىسرانى ھەدىيە قىلغۇم كېلۇر:

   ئۈگەن ئەل ئانا تىل ھەم خەنزۇچە -دۆلەت تىلىنى،

                         ھەتتا ئەرەب،ئىنگىلىس ناسارانىڭ تىلىنى؛

  زەررىچە بولسا سەندىن ئارتۇق تېخنىكا بىلگىنى،

                          پەرىز قىلغان كالامۇللا ئۈگۈنىشنى ئىلىمنى.

      ئۇنداق ئىكەن بىلىم پارتلاۋاتقان، رىقابەت بىلەن تولۇپ- تاشقان بۈگۈنكى كۈندە بىلىم ئىگىلىگىگە پائال ئاتلىنىپ، دەۋىر بىلەن تەڭ ئىلگىرلەپ، غالىپ ئورۇنغا ئۆتۇپ، ئىلغار- مۇنەۋۋەر مەدەنىي مىللەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئېلىشنى ئارزۇ قىلىدىكەنمىز، پەقەت ئانا تىل مەدەنىيەت سەۋىيسىدىلا توختاپ قالماستىن، بەلكى ئىجتىمائى فونكىسىيەسى تېخىمۇ زور، تېخىمۇ كۆپلىگەن كىشلەر بىلەن ئالاقە قىلىش ئىمكانىيىتى بولغان تىل ياكى پەن - تېخنىكا مەدەنىيەت تەرەققىياتىدىكى ئىلغار مىللەتلەرنىڭ تىلىنى تىرىشىپ ئۆگىنىپ ۋە ئىگەللەپ، قوش تىللىق ئىقتىساس ئىگىلىرىدىن بولۇپ چىقىپ، ئىنگىلىز تىلى ۋە باشقا تىل مەدەنىيەتلىرىنى ئۆزلۈكسىز تىرىشىپ ئۆگىنىپ، كۆپ خىل تىل ۋە كۆپ خىل مەدەنىيەتنىڭ دۇردانىلىرى ۋە جەۋھەرلىرىنى ئۆزىمىزگە مۇجەسسەملەشتۈرۈپ، كۆپ ئىقتىدارلىق بىرگە ماھىر كۆپكە قادىر ، يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى ئىقتىساس ئىگىلىرىدىن بولۇپ يىتىشىپ چىقىشنى ئۆزىمىزنىڭ كىشلىك ھاياتتىكى ئەڭ ئالى غايىسى ۋە ئىنتىلىشى قىلىشىمىز لازىم.مېنىڭچە جۇڭگو ئۇيغۇرلىرى،ئانا تىلنى پۇختا ئۈگەنگەندىن باشقا ھىچ بولمىغاندا خەنزۇ تىلىنى جەزمەن ياخشى ئۈگۈنىشىمىز كىرەك.چۈنكى بىز جۇڭگۇلۇق، ئۇ ھەم دۆلەت تىلى، دۇنيادا ئەڭ كۆپ ئادەم ئىشلىتىدىغان تىل،بۇ تىلنى پۇختا بىلسەك، ھىچ بولمىغاندا ئۆزىمىزنى تېخىمۇ كۈچ-قۇۋۋەت ۋە مادارغا ئىگە قىلىپ شەرقتىكى بۈيۈك دۆلەت جۇڭگودا مۇۋەپپىقىيەتلىك ياشاش-تىرىكچىلىك قىلىشقا ئاساس يارىتالايمىز، دۇنيادىكى%30گە يىقىن ئادەم بىلەن راۋان ئىدىيە پىكىر ئالماشتۇرالايمىز؛ بىز ئىنگىلىز تىلىنى ياخشى ئۈگۈنىشىمىز كىرەك.چۈنكى ئۇ دۇنياۋىي تىل،ئىلىم-پەن تىلى،ئىلغارلىق ۋە تەرەققىياتنىڭ سىمۋۇلى،بۇ تىلنى پىشىشىق بىلسەك ھىچ بولمىغاندا ئىنسانىيەت مەدىنىيەت خەزىنىسىدىكى ئەڭ ئىلغار مۇۋەپپىقىيەتلەرنى ئالدىن ۋە بىۋاستە قوبۇل قىلىپ ئۆزلەشتۈرۈپ ئۇنىڭدىن بىۋاستە ئوزۇق ئالالايمىز ۋە ئىنسانىيەت مەدىنىيەت خەزىنىسىگە بىۋاستە تۆھپە قوشالايدىغان ئالىم بولۇشنىڭ زۆرۈر شەرتىنى ھازىرلىيالايمىز،ئۆزىمىزنىڭ دۇنياۋى ئورنىنى تاپالايمىز؛ بىز رۇس تىلىنى ياخشى ئۈگۈنىشىمىز كىرەك.چۈنكى ئۇ بىزنىڭ ئەتراپىمىزدىكى بىز بىلەن نۇرغۇن ئورتاقلىققا ئىگە ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە شەرقى ياۋرۇپادىكى كۆپلىگەن دۆلەتنىڭ مەدەنىيىتى بىلەن گىرەلىشىپ كەتكەن،بىز بۇ تىلنى پۇختا ئۈگەنسەك 21- ئەسىردىكى جۇڭگو ئىسلاھات ئېچىۋىتىشنىڭ ئالدىنقى فرونتى بولغان شىنجاڭنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىكى خەلقئارا خوشنىلىرىمىز بىلەن بولغان خەلقئارا ھەمكارلىق ۋە ئالماشتۇرۇشلارنى يۇقىرى ئۈنۈملىك قانات يايدۇرۇپ تەرەققىياتىمىزنى يەنىمۇ تېزلىتەلەيمىز، ھەمدە جۇڭگونىڭ بىر پۈتۈن تەرەققىياتى ئۈچۈن تۆھپە قوشالايمىز؛ بىز تىرىشىپ يوللۇق يوسۇندا توغرا پوزىتسىيەدە تۇرۇپ ئەرەب تىلىنى پۇختا ئۈگۈنىشىمىز كىرەك.چۈنكى ئۇ ئېتىقادىمىزنىڭ ئاساسى بولغان مۇقەددەس -ساماۋى كىتاپنىڭ تىلى، بۇ تىلنى پۇختا ئۈگەنسەك ھىچ بولمىغاندا ئاتا بوۋىلىرىمىز شۇنداق قىلىپ كەپتىكەن دەپ قارغۇلارچە چوقۇنماستىن ،ئەسلى ۋەسلىدىن چۈشۈنۈپ ئۆزلەشتۈرگىلى،توغرا كىشىلىك قىممەت قارىشى تۇرغۇزغىلى، ئېتىقادىمىزنى مۇستەھكەملىگىلى،دىلىمىزنى پاكلىغىلى،تۈرلۈك قىسمەتلەر بىلەن تولۇپ-تاشقان بۇ دۇنيانى بىلىشنىڭ نەقەدەر چەكسىز ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىۋىلىشىمىزغا ياردىمى تېگىدۇ.

      ئىدىيە تونۇشىنى ھەل قىلغاندىن كېيىنكى بىرىنجى مەسىلە تىل مەدەنىيەت ئوقۇتۇشىدىن ئىبارەت بۇ ھالقىنى زىچ چۆرۈدەپ، مائارىپنى ئالدىن ئومومىيۈزلۈك تەرەققى قىلدۇرۇپ، نوپوسنىڭ ئومومى ساپاسىنى ئۆستۈرۈش لازىم. ھەر قانداق بىر پەن-تېخنىكا پەقەت تىل ئارقىلىق تولۇق ۋە مۇكەممەللىك دەرىجىسىگە قەدەم بېسىپ، كېڭىيىپ ،ئوموملىشىپ، قوللۇنۇشقا ئىرىشەلەيدۇ،ھەم ئۆزىنىڭ ھەقىقى قىممىتى ۋە ئىقتىدارىنى نامايەن قىلالايدۇ. تىل ئاددىلا بىر ئالاقىلىشىش قورالى بولماستىن، بەلكى پەن - تېخنىكىنى تارقىتىش، ئوموملاشتۇرۇشنى ياخشى ئىشلەپ، ئىنسانىيەتنىڭ پەن -مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، چۈشۈنۈشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئالاقە ۋە ئالماشتۇرۇشنى قولايلاشتۇرۇپ، دوستلۇقنى كۈچەيتىپ، ئىنسانىيەتنىڭ ئوخشىمىغان مەدەنىيەتلىرىنىڭ سۆزلىشىشى ۋە ئىناق گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈدىغان، تەرەققىيات ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم قورال، مەدەنىيەت ۋە بىلىمنىڭ ئالماشتۇرۇش ھەم تارقىتىشنىڭ ئاساسى ۋاستىسى. شۇنداقلا بارلىق پەن - تېخنىكا مائارىپى ۋە دۇنيا مەدەنىيەت خەزىنىسىنىڭ ئالتۇن ئاچقۇچى، بارلىق ئوخشىمىغان مەدەنىيەتنىڭ كۆپ تەرەپلىك ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنىڭ ۋاستىسى ھەم كۆۋرۈكىدۇر. ئىنساننىڭ ھەر قانداق شەكىلدىكى پەن - مەدەنىيەت ئۆگىنىش، ئالماشتۇرۇش ۋە تارقىتىپ ئومۇملاشتۇرۇشتا تىلدىن ئىبارەت بۇ مەدەنىيەت ۋاستىسىنىڭ قاتنىشىشى ۋە قوللىشىغا مۇھتاج، تىلدىن ئىبارەت بۇ ۋاستە قوللىنىلمايدىكەن ۋە ئۇنىڭ ياردىمىسىز مۇۋەپپىقىيەت قازىنىش مۈمكىن ئەمەس. ئۇندىن باشقا، يەنە مۇنداق بىر ئىجتىمائى تىئورىما باركى ئۇ بولسىمۇ، "ئادەمنىڭ بىر خىل تىلنى كۆپرەك ئىگەللىشى، بىر خىل ئۆگىنىش، تەپەككۇر قىلىش، ئىجات-ئىختىرا قىلىش، ئىلىم ئالماشتۇرۇش-تارقىتىش يولى ۋە ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، ئەمگەك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پۇرسىتىنى كۆپەيتىپ، ھايات يولىنى تېخىمۇ كېڭەيتىپ، كىشلىك ھاياتنىڭ ئەھمىيتى ۋە قىممىتىنى ئاشۇرۇپ، ئادەمنى تېخىمۇ كۈچلۈك ۋە بەخىتلىك قىلىدۇ." شۇڭلاشقا تىل مەدىنىيىتىنى تىرىشىپ ياخشى ئۆگىنپ تىل ئۆتكۈلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋە بۆسۈپ ئۆتۈش لازىم. ئۇنداق ئىكەن تىل ئوقۇتۇشتا جەزمەن پەن - مەدەنىيەت ئامىللىرىنى سىڭدۈرۈش، قوش تىللىق ئوقۇتۇش چوقۇم جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيتى ۋە ھازىرقى زامان ئىلغار پەن - تېخنىكا مائارىپى، ئىلىم ئالماشتۇرۇش،تارقىتىش، كېڭەيتىش ۋە ئوموملاشتۇرۇش بىلەن ئۆز - ئارا زىچ گىرەلەشتۈرۈلگەن ئاساستا ئېلىپ بىرىلىشى لازىم.

      ئاخىرىدا مۇئەللىپ بىر ۋەتەنپەر،ئەل سۆيەر زىيالى بولۇش سۈپىتىم بىلەن،ئۆز قەۋمگە شۇنداق ئەسكەرتىش قىلىپ ئۆتۈشنى لايىق كۆردۈمكى: تىل ئىنسانلارنىڭ ئەڭ مۇھىم ئالاقە قورالى،ئىنسانلارنىڭ بىلىمى ،ئىدىيىلىرى ۋە ھىس- تۇيغۇلىرىنىڭ ھەممىسى تىل ئارقىلىق ئالماشتۇرلىدۇ، يەتكۈزىلىدۇ.تىل دىگەن ۋاستە ۋە ئالاھىدە زۆرۈرىيەت، ھەرگىز مەخسەت ئەمەس. بىراق ،مەۋجۇتلۇق ۋە تەرەققىياتتىن ئىبارەت بۇ مەقسەتكە ئۇتۇغلۇق يىتىش ئۈچۈن چوقۇم تىلمەدەنىيەت ئۆگۈنىشتىن ئىبرەت بۇ ئۆتكەلدىن چوقۇم ئۆتىش كېرەك. ۋاھالەنكى ،بىرخىل تىلنى ئارتۇق بىلىش بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيىتى بىلەن ئارتۇق تونۇشۇش،بىر خىل تەپەككۇر ۋاستىسى ۋە شەكلىنى، ئىلىم-ھىكمەت ئىگەللەش،ئىلىم ئىختىرا قىلىش ۋە ئەمگەك ئىشقا ئورۇنلۇشۇش يولى ۋە ئىقتىدارىنى ئارتۇق ئىگەللەش دىگەنلىك. ئىسلاھات-ئېچىۋىتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، رايونىمىز شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى كومپارتىيەنىڭ رەھبەرلىگىدە،ئادەمنى ئاساس قىلغان ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىپ ئەمىلىي ئىشلەپ، مىسلىسىز ئۇلۇغ تەرەققىياتلارغا ئىرىشىپ پۈتۈن دۇنيانىڭ كۆزىنى قاماشتۇرغۇدەك مۇۋەپپىقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى،ئەجداتلىرىمىزمۇ ئالەمشۇمۇل تۆھپىلەرنى قوشقان،بىز ئەلۋەتتە بۇلاردىن پەخرلىنىش ۋە سۆيۈنىشكە ھەقلىقمىز. بىراق، بۇنىڭلىق بىلەنلا قانائەتلىنىپ كېتىپ مەغرۇرلىنىپ قېلىشقا، ئاتىكاچىلىق- ھاكاۋۇرلۇق قىلىشقا، بۇنىڭلىق بىلەن ئۈگەنمەسلىككە، بىر ئىزدا توختاپ قېلىشقا-ئالغا ئىنتىلمەسلىككە،ئەجداتلار تۆھپىسىنى ئىگىز ياستۇق قىلىپ ناخشا-ئۇسۇلدىن ئىبارەت بايلىقىمىز بار دەپ پو ئېىپ ھەقىقى جانغا ئەسقاتىدىغان مەڭگۈلۈك بايلىق__ ئەقىل-اراسەت ۋە ئىلىم-ھىكمەت ئىزدىمەي غەپلەتتە ئۆتۈۋىرىشكە ئەسلا بولمايدۇ. چۈنكى رايونىمىز يەنىلا ئېلىمىزدىكى تەرەققى قىلمىغان رايۇنلارنىڭ بىرى،ئىقتىسادى ئىجتىمائى تەرەققىياتىمىز يەنىلا قالاق،تەرەققىيات ئاساسىمىز يەنىلا ئاجىز، تەرەققىيات سەۋىيىمىز يەنىلا تۆۋەن، تەرەققىيات سۈرئتىمىز يەنىلا تەكشىسىز .مەيلى قايسى نۇقتىدىن بولمىسۇن،يېتەرسىز جايلىرىمىز تولىمۇ گەۋدىلىك بولۇپ، تالايلىغان مۈشكۈلات ۋە يېڭى خىرىسلارغا دۇچ كەلمەكتىمىز. مۇشۇ دەقىقىدە،بىز شىنجاڭلىقلارغا(جۈملىدىن بىز ئۇيغۇرلارغا) ئانىمىزنىڭ سۈتىدىنمۇ ھالال ۋە زۆرۈر بولىۋاتقان نەرسە__دەل ئۈگۈنىشنى كۇچەيتىپ، ئەقلىمىزنى ھۆر ، قەلبىمىزنى پاك قىلىپ، تەپەككۇر قاتماللىقىنى تۈگۈتىپ،كۆز-قاراشنى يېڭىلاش،ئىدىيىنى ئازات قىلىپ،ئىستىلنى رۇسلاش،ئۈملىك-ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ،مىڭ يىللاردا ئاران بىر كىلىدىغان بۇنداق ياخشى تەرەققىيات پۇرسىتنى چىڭ تۇتۇپ، جان تىكىپ ئەمىلىي ئىشلەپ تەرەققىيات قەدىمىمىزنى ھەسسىلەپ تېزلىتىشتىن ئىبارەت.شۇڭلاشقا ،ئۈگۈنەيلى،ئۈگۈنەيلى! يەنە ئۈگۈنەيلى! پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ بارلىق ئىلغار مەدەنىيەت مىۋىلىرىلا بولىدىكەن ئۈگۈنەيلى! ئۆزلەشتۈرەيلى! ئۆز ئەمىلىيىتىمىزگە تەدبىقلايلى!ئەمەلدە كۆرسىتەيلى! ناخشا -ئۇسۇلدىن ئىلىم-پەنگە كۆچەيلى! قوشاقچى جىسمانى مىللەتتىن پاراسەتلىك ئەقلىي مىللەت بولۇشقا يۈرۈش قىلايلى! ۋە ھەقىقى مەنادىكى بىر مەيدان ئۈگۈنۈش ئىنقىلاۋى ئېلىپ بېرىپ،بىر مەيدان مەدەنىيەت ئىنقىلاۋى (يەنى بارلىق ئىلغار مەدەنىيەتلەرنى ئۈگىنىش ۋە تەرەققى قىلدۇرۇش قىزغىنلىقى) ئەۋىج ئالدۇرۇپ مەدەنىيەت تەرەققىياتىمىزنى تىزلىتەيلى! تەرەققى قىلايلى! شۇ ئارقىلىق ئىنسانىيەت مەدەنىيەت خەزىنىسىگە يىڭى تۆھپىلەرنى قوشايلى! جوڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ قايتا گۈللىنىشىدىن ئىبارەت بۈيۈك ئىشقا ھەممىمىز تېگىشلىك تۆھپىمىزنى قوشايلى! ئېھتىرام بىلەن بىلىكيار  [بۇ تېما ئۆزەمنىڭ «قوش تىللىق ئوقۇتۇش ھەققىدىكى ئىدراكى تونۇش ۋە ئىلھام»ەرلەۋىلىك ماقالىسىدىن تاللاپ يوللاندى.]

     ئەسكەرتىش: بۇ  بىر قانچە يىللار بۇرۇنقى تىل ھەققىدىكى  تەپەككۇر ۋە  ئىلھاملىرىم ئىدى، تامامەن توغرا دەپ كە تكىلى بولمايدۇ. بۈگۈن دۈجۈرنىلىك قىلغاچ  ئۇخلىماي  ئىشلەپ قالدۇق ،شۇنىڭ بىلەن  باشقا ماتىريالنى ئىزدەۋىتىپ  ئۇچرىتىپ قالدىم دە ، بۈگۈنكى ئانا تىل بايرىمىلىق سوغات سۈپىتىدە قىرىنداشلىرىمىزغا بەلگۈلۈك پايدىلىنىش قىممىتى بارغۇ  دەپ  قاراپ  يوللاپ قويدۇم. مۇۋاپىق كۆرسە تەستىقلاپ چىقىرىپ قويسا بولىدۇ. رەھمەت.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Bilik_yar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-2-21 03:34 PM  


ئىلىم-پەنسىز تۇرمۇش ئوكسىگېنسىز ھايات .دۇرۇس ۋە لىللا ياشاش ئىمان جۈملىسىدىن. تەپەككۇر  ئىنساندىكى ئەڭ ئالى ئىقتىدار ۋە مۇھىم فونكىسىيە. ئۆگۈنىش ۋە تەپەككۇر ھاياتىم،بەختىمنىڭ بىر قىسمى.__   غەيرەتجان ئوسمان بىلىكيار

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88361
يازما سانى: 18
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 68
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 6 سائەت
تىزىم: 2012-12-9
ئاخىرقى: 2014-2-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-21 06:26:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇگۇن ئانا تىل كۇنى بۇ كۇندە مەن ئانا تىلىمىزدا سۆزلەيدىغان،يېزىقچىلىق قىلىدىغان بارلىق ئۇيغۇرۇمغا ۋە ئانا تىلىنى ئىشلىتىدىغان باشقا قەۋىمدىكىلەرگە سەمىمىي مىنەددارلىق بىلدۇرمەن،مەن بۇگۇن مىسراىنىم مۇنبىرىدە غەيرەتجان ئوسمان بىلىكيارىنىڭ ئانا تىل ھەم ئانا تىل ھەققىدە تەپەككۇردىن ئۈنچىلەرنى كۆرۇپ ئوقۇپ چىقتىم.مەن بۇ مەسئۇلىيەتجان ئېلىم پەن-مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسىنىڭ بۇ ماقالىسىنى ئوقۇش ئارقىلىق ئانا تىلغا بولغان ھۆرمىتىم ئاشتى گەرچە مەن باشقا تىل بىلمىسەممۇ باشقىلارنى دوراپ سۆزلەپ قوياتتىم چالا -بۇلا ئەپسۇس مەن بۇ دوردانلاردىن ئۆرنەك ئىلىپ، ئانا تىلىنى ئۆلچەملىك سۆزلەش،يېزىشقا تىرىشىمەن.........

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79754
يازما سانى: 2400
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11181
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2822 سائەت
تىزىم: 2012-5-5
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-21 06:50:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57007
يازما سانى: 3398
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 12648
تۆھپە نۇمۇرى: 1148
توردا: 1053 سائەت
تىزىم: 2011-9-18
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-21 08:42:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
[color=Red]ئەجداتلىرىمىزدىن فارابى،ناۋايى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ، مەھمۇدقەشقىرى تەجەللىي قاتارلىق ئالىملىرىمىزنىڭ مىڭ يىللار ئىگىرىلا ئىلىم ئىجادىيەتتە شانلىق تۆھپىلەرنى قوشۇپ دۇنياۋى شۆھرەتلەرنى قازىنالىشىمۇ ئۇلارنىڭ دەل ئانا تىلغا پىششىق بولغاندىن باشقا يەنە بىر قانچە تىللارنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئۈگەنگەنلىكى ۋە شۇ تىللاردىمۇ تەپەككۇر قىلالىغۇدەك قوش تىللىق ھەتتا كۆپ تىللىق ئىلىم-ئىجادىيەت ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەنلىكىدىن ،ئۇلارنىڭ كۆپ خىل تىل ۋە مەدىنىيەتلىك ئارقا كۆرۈنىشىدىن ئايرىپ قاراشقا بولمايدۇ.
ئوخشىمىغان تىل كىشىلەرگە ئوخشىمىغان تەپەككۇر، ئىجادىيەت بوشلۇقى ۋە چەكسىز تەپەككۇر-يىڭىلىق يارىتىش ئىمكانىيىتى بىلەن تەمىن ئېتىدۇ.
بىلىم پارتلاۋاتقان، رىقابەت بىلەن تولۇپ- تاشقان بۈگۈنكى كۈندە بىلىم ئىگىلىگىگە پائال ئاتلىنىپ، دەۋىر بىلەن تەڭ ئىلگىرلەپ، غالىپ ئورۇنغا ئۆتۇپ، ئىلغار- مۇنەۋۋەر مەدەنىي مىللەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئېلىشنى ئارزۇ قىلىدىكەنمىز، پەقەت ئانا تىل مەدەنىيەت سەۋىيسىدىلا توختاپ قالماستىن، بەلكى ئىجتىمائى فونكىسىيەسى تېخىمۇ زور، تېخىمۇ كۆپلىگەن كىشلەر بىلەن ئالاقە قىلىش ئىمكانىيىتى بولغان تىل ياكى پەن - تېخنىكا مەدەنىيەت تەرەققىياتىدىكى ئىلغار مىللەتلەرنىڭ تىلىنى تىرىشىپ ئۆگىنىپ ۋە ئىگەللەپ، قوش تىللىق ئىقتىساس ئىگىلىرىدىن بولۇپ چىقىپ، ئىنگىلىز تىلى ۋە باشقا تىل مەدەنىيەتلىرىنى ئۆزلۈكسىز تىرىشىپ ئۆگىنىپ، كۆپ خىل تىل ۋە كۆپ خىل مەدەنىيەتنىڭ دۇردانىلىرى ۋە جەۋھەرلىرىنى ئۆزىمىزگە مۇجەسسەملەشتۈرۈپ، كۆپ ئىقتىدارلىق بىرگە ماھىر كۆپكە قادىر ، يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى ئىقتىساس ئىگىلىرىدىن بولۇپ يىتىشىپ چىقىشنى ئۆزىمىزنىڭ كىشلىك ھاياتتىكى ئەڭ ئالى غايىسى ۋە ئىنتىلىشى قىلىشىمىز لازىم.[/c
olor]
ئانا تىلىمىز ئۈچۈن، مىللىتىمىز ئۈچۈن كۆيىۋاتقانلار ھەممەيلەن يۇقۇرىدا دىيىلگەندەك،  بىرگە ماھىر كۆپكە قادىر بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرالىسىلا، مىللىتىمىزنىڭ تەرەققى قىلىشىدا گەپ يوق ئىدى

پەقەت خەتتىن ساۋادى چىققان نادان،ناچار بىلەرمەنلەگە گەپ چۈشەندۈرۈش، خۇددى كالىغا ساز چېلىش بىلەن باراۋەر. ياخشى جاۋاپ پەقەت: سۈكۈت! رېئالدا ياشىماي، ئۆز خىيالىدىكى غايىۋانە دۇنيادا ياشاۋاتقانلاغىمۇ ھەم. چۈنكى بۇمۇنبەر (ئەڭ ئالىجاناپلار) يىغىلغان جايكەن![
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش