مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1028|ئىنكاس: 20

ئانا تىلىم. [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 971
يازما سانى: 1640
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 15406
تۆھپە نۇمۇرى: 352
توردا: 2015 سائەت
تىزىم: 2010-5-26
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-21 11:10:36 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئانا تىلىم

ئەخمەت ئىمىن



ئەي ئانا تىلىم-ئانامنىڭ تىلى ئانا تىلىم!ئەي ئانام بەرگەن تىل!


مەن سىنى ئانامدەك ئەزىزلەيمەن!سىنى ئاڭلىسام،ئانامىنىڭ ئوتلۇق يۈرەك خىتابىنى ئاڭلىغاندەك بولىمەن؛ سىنى سۆزلىسەم،شۇ خىتابقا جاۋاپ سادايىمنى ياڭراتقاندەك بولىمەن.




ئانام ماڭا تۇنجى قېتىم بالام-باغرىم ،دىگىنىدە سەن بىلەن-دەل مۇشۇ ئۇيغۇر تىلى بىلەن سۆزلىگەن.مەنمۇ تۇنجى قېتىم
ئانا ئانام دىگىنىمدە،سەن بىلەن-مۇشۇ تەۋەرۈك تىل بىلەن سۆزلىگەن.




ئانا تىلىم ،سىنىڭ ھەر بىر تاۋۇشىڭدا ئانامنىڭ يېقىملىق تىنىقلىرى بار؛ سىنىڭ ھەر بىر ئۇرغۇڭدا ئانامنىڭ نەپىس ھېسسياتىنىڭ ئۇرغۇشلىرى بار؛سىنىڭ ھەر بىر ياڭرىشىڭدا ئانامنىڭ غۇرۇرى بار،ئپتىخارى بار.



مەن سەن ئارقىلىق ئانامنىڭ كەچمىشلىرىنى ئۇققان؛سەن ئارقىلىقلا ئەجدادلارنىڭ كىملىكىنى ئۇققان؛سەن ئارقىلىقلا ئانا ۋەتەننىڭ نېمىلىكىنى ئۇققان.


شۇنداق،سەن ئارقىلىق مىنىڭ ئۇققان-بىلگەنلىرىم جىق،ناھايتى جىق: سەن ئارقىلىق ئۇرخۇن ۋادىسىدىكى مەڭگۈ تاشلارنىڭ سىرىنى ئۇقتۇم،ئەجدادلىرىمنىڭ گۈللىنىش ۋە خاراپلىشىش تارىخى كۆز ئالدىمدا ئايان بولدى.ئۇنىڭدىكى غالىبلىققا بولغان مەدھىيە كۆڭلۈمنى يايراتتى، مەغلۇبىيەتكە ئۇقۇلغان مەرسىيە يۈرىكىمنى قاقشاتتى.




سەن ئارقىلىق ئۇغۇزنامەنى-مەشھۇر قەھرىمانلىق داستانىنى ئۇقۇدۇم.ئۇغۇز خاقاننىڭ ئاتلان دەپ نەرە تارتىشلىرى يۈركۈمنى لەرزىگە سالدى،جەڭ تۇلپارلىرىنىڭ تاشقا تەگكەن تۇياقلىرىدىن چاچرىغان ئۇچقۇن كۈزۈمنى چاقناتتى.





سەن ئارقىلىق ئالتۇن يارۇقنىڭ نىمىلىكىنى ئۇقتۇم.بېشبالىقلىق تىلشۇناسىمىزنىڭ تاۋغاچ تىلىدىن ئۆرۈگەن بۇددا ھىكايىلىرى مىنى گۈزەل بىر ئەپسانە دۇنياسىغا باشلاپ باردى. بۈگۈنكى ئىدىقۇت خارابىسىگە قاراپ ئۆتمۈشتىكى ئاجايىپ بىر سەلتەنەتنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈردۈم.




سەن ئارقىلىق ئىككى تېكىننىڭ ھىكايىسىمۇ، چاشتانى ئېلىگ داستانىمۇ قەلىپ سەھىپەمگە نەقىشلەندى.مەن ئۇلارنى ئانام ئېيتىپ بەرگەن چۆچەكلەردەك زوق-ئىشتىياق بىلەن ئاڭلىدىم.




سەن ئارقىلق مايتىرى سىمىتتەك قەدىمكى بىر دىرامىنى كۈرۈش بەختىگە مۇيەسسەر بولدۇم؛مايتىرىدىن مەسھىكىچە،مەسھىتىن ئىمام مەھدى ئاخىر زامانغىچە بولغان باغلىنىش مىنى چوڭقۇر ئويغا سالدى.




سەن ئارقىلىق تۈركىي تىللار دىۋانىنى ئۇقۇدۇم.قۇتادغۇبىلىكنى ئۇقۇدۇم ەتەبەتۇل ھەقايىقنى ئۇقۇدۇم،قەدىمكى شېئىر-داستانلارنى ئۇقۇدۇم،نۇرغۇن-نۇرغۇن بىباھا ئىلمىي ھەقىقەتلەرنى ئۇقۇدۇم.




سەن ئارقىلىق ئون ئىككى مۇقامنى ئاڭلىدىم،سەن ئارقىلىق ئون ئىككى مۇقامنى توۋلىدىم،كۈي-مۇقام دېڭىزىدىكى ھېكمەت گۆھەرلىرى سەن ئارقىلىق،پەقەت سەن ئارقىلىقلا ئۆز قىممىتىنى ،كارامىتىنى نامايان قىلدى.




شۇنداق! ئانا تىلىم-پاراسەتلىك،باتۇر،ئەمگەكچان مىللىتىمىزنىڭ تىلى! سەن ماڭا نۇرغۇن نەرسىلەرنى بىلدۈردۈڭ،سەن ماڭا نۇرغۇن ھېكىمەتنى سىڭدۈردۈڭ.سەنسىز مەن مەۋجۈدىيىتىمنى تەسەۋۋۇر قىلالمايمەن،سەنسىز مەدەنىيىتىمنىمۇ تەسەۋۋۇر قىلالمايمەن.




ئەي ئانا تىلىم- ئانىلىرىم سۆزلىگەن تىل،ئاتىلىرىم سۆزلىگەن تىل؛سەن ئاكىلىرىم سۆزلىگەن تىل؛ ئاچىلىرىم سۆزلىگەن تىل؛ سەن ئىنىلىرىم سۆزلىگەن تىل،سىڭىللىرىم سۆزلىگەن تىل؛ سەن باللىرىمنىڭ تىلى؛سەن ھەممىمىزنىڭ تىلى! ھەممىزنىڭ تىلى سەن بىلەن، پەقەت سەن بىلەن چىققان.




ئاتامنىڭ قارا،بالام دىگەنلىرىدىن مەن خۇددى تەرەپنى پەرىق قىلدىغان كومپاسقا ئىرىشىمەن.


ئانامنىڭ ئويلا،بالام دىگەنلىرىدىن مەن خۇددى قاراڭغۇلۇقنى يۇرۇتىدىغان مەشئەلگە ئېرىشىمەن.




جانانىمنىڭ بېقىڭ،جېنىم دىيىشلىرىدىن مەن گويا چاڭقىغان يۈرەكنى سۇغىرىدىغان بۇلاققا ئېرىشىمەن.




بالامنىڭ مانا،دادا دىيىشلىرىدىن مەن گويا مېنى كۆككە ئۆرلىتىدىغان قاناتقا ئېرىشىمەن.



ھەر جۈملەڭدە بىر ھېكمەت، ھەر جۈملەڭدە زور قىممەت.
ھەر جۈملەڭكى بىر سەنئەت،ھەر جۈملەڭكى بىر رىغبەت.
شۇنداق،سەن مەن ئۈچۈن قۇۋۋەت،سەن مەن ئۈچۈن قۇدرەت.
سەن مەن ئۈچۈن سۆلەت ،سەن مەن ئۈچۈن دۆلەت.




ئۇيغۇرۇمنىڭ ئۆزگىچىلىكى دۇنيادا سەن بىلەن نامايان بۇلۇپ تۇرىدۇ.سەن گويا ئىنسانىيەت تىل دېڭىزىغا قۇيۇلۇپ تۇرغان بىر دەريا. ئىنسانىيەت دېڭىزىنىڭ شاۋقۇنلىرىدا سىنىڭ پىچىرلاشلىرىڭ بار،ئانا تىلىم!




جاھان گۈلىستانىدا تۈمەن مىڭ قۇشلار ناۋا قىلدۇ،سەنمۇ ئۇنىڭدا ئۆزگىچە سايراۋاتقان بىر قۇش. سېنىڭ سايرىشىڭدىن باشقىلارمۇ زوق ۋە بەھىر ئالىدۇ.




ئىنسانىيەت سىمفونىيىسى پۈتكۈل ئىنساننىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن مۇكەممەللىككە ئېرىشكەن.ئۇنىڭدا سېنىڭ ئۆزگىچە ياڭراۋاتقان كۈيۈڭ بار.




ئانا تىلىم ،سەن بىر گۈل،ھەر خىل تىلنى ھەر خىل گۈلگە ئوخشاتقانغا ئوخشاش،مەنمۇ سىنى بىر گۈلگە ئوخشىتىمەن.گۈلزار بىر خىل گۈل بىلەنلا رەڭدارلىققا ئىگە بولالمايدۇ.جاھان گۈلزارىنىڭ رەڭدارلىقىدا سېنىڭمۇ بىر ئۈلۈش جىلۋەڭ بار.




ئانا تىلىم-ئانام بەرگەن تىل! مەن سىنى ئانام قەدىرلىگەندەك قەدىرلەيمەن،ئانامنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلەيمەن.ئانامنى قەدىرلىگىنىم ئانىلارنى قەدىرلىگىنىم،ھەممە ئىنساننىڭ ئانىلىرىنى قەدىرلىگىنىم! ئاشۇ ئانىلارنى
ئۇلۇغلاۋاتقانمۇ مىنىڭ تىلىم،مىنىڭ مۇشۇ ئانا تىلىم!





ھازىرغىچە 6 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
Dakyanos + 310 ياخشى
pasil + 100 تەپەككۇرى كۈچلۈك
oygurum + 100 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى
@يۇرتۇم@ + 300 ئاناتىل بايرىمىڭىزنى .
tuntaxvixi + 100 بايراملىق ئىسىل سوۋغا.
تاڭنۇر + 200 بايرام مۇبارەك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 1110   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5566
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32189
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3382 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-21 11:32:18 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىنسانىيەت سىمفونىيىسى پۈتكۈل ئىنساننىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن مۇكەممەللىككە ئېرىشكەن.ئۇنىڭدا سېنىڭ ئۆزگىچە ياڭراۋاتقان كۈيۈڭ بار.
ئانا تىلىم-ئانام بەرگەن تىل! مەن سىنى ئانام قەدىرلىگەندەك قەدىرلەيمەن،ئانامنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلەيمەن.
ئانا تىلىم-ئانام بەرگەن تىل! مەن سىنى ئانام قەدىرلىگەندەك قەدىرلەيمەن،ئانامنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلەيمەن.ئانامنى قەدىرلىگىنىم ئانىلارنى قەدىرلىگىنىم،ھەممە ئىنساننىڭ ئانىلىرىنى قەدىرلىگىنىم! ئاشۇ ئانىلارنى
ئۇلۇغلاۋاتقانمۇ مىنىڭ تىلىم،مىنىڭ مۇشۇ ئانا تىلىم!

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80244
يازما سانى: 1566
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1582 سائەت
تىزىم: 2014-12-12
ئاخىرقى: 2015-1-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-21 11:33:28 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يېزپسىز ئانا تىلنى قوغداش ئانا تىلنى ھۆرمەتلەش ھەمىمىزنىڭ مەجبۇريىتى ياشىسۇن ئانا تىل گۇللەنسۇن روناخ تاپسۇن ئانا تىل

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84102
يازما سانى: 1131
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6223
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 538 سائەت
تىزىم: 2012-8-18
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-21 11:36:53 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ا

ئانا تىل، ئانامنىڭ تىلى ،ئاتامنىڭ تىلى،يەنە شۇنداق دىيەلەيمەنكى ئىسمىدىنلا ئۇيۇشۇش دىگەن مەنا چىقىدىغان ئۇيغۇرۇمنىڭ تىلى...توغرا بىز بىرلىشەيلى ،ئۇيۇشايلى ،بۇلارنىڭ ھەممىسى يەنىلا شۇ ئۇيغۇرىمىزنىڭ تەقدىرى ئۈچۈن...... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tuntaxvixi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-2-21 11:47 AM  


خەلىقلا قارشى تۇردىكەن ھەر قانداق دۈشمەن ئارزۇسىغا يىتەلمەيدۇ،

ئۈمىد ئەتىنى يار

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 39957
يازما سانى: 492
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5022
تۆھپە نۇمۇرى: 240
توردا: 228 سائەت
تىزىم: 2011-5-7
ئاخىرقى: 2015-1-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-21 11:40:17 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بارلىق تورداشلارنىڭ ئانا تىل بايرىمىغا مۇبارەك بولسۇن! ساپ ئانا تىلىمىزدا سۆزلىشەيلى! ساپ سۆزلەشنى ئانا تىلىمىزگە ئايلاندۇرايلى!

دۇنيا مەڭگۈلۈك ئەمەس، شۇنىڭدەك دەۋر ھەم مەڭگۈلۈك ئەمەس، ئۇ ھامان ئالمىشىدۇ! شاھ گاداي، پۇقرا بايمۇ بولىدۇ... بۇ دۇنيانىڭ ئويۇنلىرىغا ئاھ ئۇرمىغىن! ئۈمىدۋار بول!

تېخىچە ئ‍ۆتمۈش ئ‍ىچىدە ياشاۋات

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11654
يازما سانى: 718
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13804
تۆھپە نۇمۇرى: 882
توردا: 333 سائەت
تىزىم: 2010-9-26
ئاخىرقى: 2015-4-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-21 11:59:17 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئانا تىلىم بايرىمىغا مۇبارەك !

ھايات ساڭا كۈلۈپ باقمىسا، سەن ھاياتقا كۈلۈپ باق، ئ‍اچچق كۈلسەڭمۇ مەيلى................

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85913
يازما سانى: 140
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1667
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 125 سائەت
تىزىم: 2012-10-10
ئاخىرقى: 2015-4-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-21 12:02:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن ياخشى ئەسەر ئىكەن، مەنمۇ ياقتۇرىمەن. يەنە  بولسا ئايىمىغايسىز !

ئادەم ئادەمدىن قورۇقمايدۇ، پەقەتلا ھۆرمەتلەيدۇ.
بەزىلەر ئۆزىنى مەن يامان دەيدۇ، ئەمما ئۇلاردىن ھېچكىم قورۇقمايدۇ!.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80924
يازما سانى: 385
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4653
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 983 سائەت
تىزىم: 2012-6-1
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-21 12:12:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

تىيىپجان ئېلىيۇپ

ئانا تىلىم


ئانا تىلىم،
مۇھەببەت بابىدا چەكسىز يېقىملىق،
جىلۋىدار تىلىم،
نەپرەت بابىدا شۇنچە شىددەتلىك
زۇلپىقار تىلىم.
مىللىتىمىزنى،
خسلىتىمىزنى،
ئىززىتىمىزنى،
ساقلاپ قالغان تۆھپىكار تىلىم.

ئانا تىلىم،
سەن ئاچقان ئەقلىي كۆزىمىزنىمۇ،
سەن بىلەن چۈشەندۇق مۇشۇ دۇنيانى،
ھەم چۈشەندۇق،
چۈشەندۈردۇق ئۆزىمىزنىمۇ.
سەن بولغاچقا،
ئۇزاق تارىخمۇ شۇنچىلىك يېقىن،
سەن بولغاچقا،
نەچچە مىڭ يىللىق ئابىدىلەردىن،
ياڭرايدۇ سادا،
چاقنىغاندەك گوياكى چېقىن.
سەن بولغاچقا،
ئالدىمدا ھازىر ھايات ئادەمدەك،
شېئىر ئوقۇيدۇ ئاپرىنچورتېكىن.

سىنىڭ بىلەن
ئالەمشۇمۇل سۆز قىلالىدى
ئۇيغۇر بالىسى.
سەندە جەملەڭەن جەۋھەرلەر بىلەن
ئىلىم دۇنياسىنى ھەيرەتكە سالدى
قەشقەرنىڭ ئۇلۇغ قامۇسى.
سىنىڭ جىلۋىدار نەقىشىڭ بىلەن
ـ ـ ـ   يارالدى نەزمىلىك ئىنسانى دەستۇر
بوۋام يۈسۈپنىڭ بەخىتنامىسى*

سىنىڭ"فۇسەھا"،"بولەغا"لىرىڭ**
سېنى مىسرالارغا تىزىپ ياراتتى
ئۇيغۇرچە غەزەلنىڭ نەمۇنىسىنى.
سىنىڭ بىلەنمۇ
ناۋايى تىزىپ بەخىش ئەتتى ئەلگە
ئېسىل مەنىلەرنىڭ خەزىنىسىنى***،
نامايىش قىلدى يۈكسەك چوققىغا
داستانچىلىق تەنتەنىسىنى.

سەن بولغاچقا،
تۇغدى زەلىلىنى يەركەن دىيارى
(ئۇنىڭ غەزىلىگە تالاي شائىرنىڭ
مۇخەممەس باغلاشقا****تۇتتى خۇمارى).

سەن بولغاچقا،
نەۋبىتى شۇنچە گۈلدەستە تىزدى،
خۇشبۇيى خۇددى خوتەن ئىپارى.
سەن بولغاچقا،
خىرقىتىنىڭ سۇلمىدى گۈلى،
قالمىدى سايراشتىن توختاپ بۇلبۇلى،
گۈل بولمىدى گۇمنامنىڭ مۇنارى.
سەن بولغاچقا،
ماڭدى ئۇلاپ داستان يولىنى
نازىم بىلال ھەمدە نېزارى.

سەن بولغاچقا،
"مىللەت نامىنى ياڭراتقان"ئۇيغۇر،
سايرامىنىڭ پۇشتى ئارمىيە
مەرىپەتكە ئۈندەپ يۇرتىنى،
يېقىپ جاھالەتكە ئىسيان ئوتىنى،
(بولۇپ شىھىت ھەم يېرىم شىھىت)،
ئاچتى شېئىرىيەتنىڭ يىڭى بېتىنى.
سەن بولغاچقا،
خانتەڭرىنىڭ بۇلبۇلى لۇتۇن
كۈيلىدى باھار ئەلچىسى بولۇپ
ماركىسىزىم ھەقىقىتىنى...

ئەي، بىباھا ئانا تىلىم،
سەندىن ئاڭلىدۇق
دانالارنىڭ نەسىھىتىنى،
ئەجداتلارنىڭ ۋەسىيىتىنى.
سەن ئارقىلىق چۈشەندۇق ئىنىق
تارىخنىڭ قانۇنى،بىشارىتىنى
ۋە ئىنقىلاپ ئادالىتىنى.
شۇڭا چوغلىدۇق زۇلمەتنى سۆكۈپ،
ۋە سەن بىلەن ئالقىشلار تۆكۈپ،
قۇچتۇق ئازاتلىق پاراغىتىنى.

ئانا تىلىم،
ئۆمۈر كۆردۈڭ شۇنچە كۆپ يىل سەن،
بەردىڭ بىزگە نۇرەئۇن ئەقىل سەن.
ئەزەلدىن بىرى
قەلبىمىزنىڭ ئەزىز ۋەكىلى ئىدىڭ،
بىز مەۋجۇت ئىكەنمىز،
يەنىلا شۇنچە ئەزىز ۋەكىلى سەن،
مەۋجۇتلىقىمىزغا ئەڭ چوڭ دەلىل سەن.
سەنمۇ جەۋھەر ئېلىپ جىمى زۇۋاندىن،
بېيىپ،تېخىمۇ بولغىن ئېسىل سەن.

ئانا تىلىم،
سۆيىمەن سىنى،
سەن ئۆمرۈمنىڭ جىمى زىننىتى،
يايرايدۇ جېنىم،
ئاڭلىسام سېنى باي،ئۇز،پاك پېتى.
قاخشايدۇ جېنىم،
يېپىشسا ساڭا مايمۇن ئىللىتى.
تېخىمۇ ھار كىلىدۇ ماڭا
تاپسا ئىناۋەت ئورىلىپ ساڭا
كاززاپلارنىڭ ئىغۋا تۆھمىتى،
بىشەملەرنىڭ ھازازۇللىقى،
ئالدامچىلارنىڭ ساختا ھىممىتى.
ئوغرىلارنىڭ ھارام ئوقىتى.

لېكىن بىز يەنە ئىمىن شۇنىڭغا،
ئىنسانىيەت تاپار كامالەت.
دەيدىغىنىنى ھامان دەپ بولۇپ،
ئۇجۇقىدۇ ئاخىت لەت بولۇپ
ئەقىل ئالدىدا خۇنۇك جاھالەت،
پاكلىق ئالدىدا مەشۇم قاباھەت.
ئەنە شۇ چاغدا،
قىلار تەنتەنە
ئىنسان تىلىدا راۋان لاتاپەت.

ئانا تىلىم،
چىللايدۇ سىنى،
تىل دۇنياسىنىڭ بەس-بەس مۇنبىرى،
يىلتىزىڭ چىڭ سېنىڭ،
زىمىنىڭ مۇنبەت،
مىۋەڭگە تېخىمۇ تولىدۇ شەربەت
قانچە پەرۋىش ئەيلىگەنسىرى.
ئۆسكەنسىرى ئەقىل زوقىمىز،
ئۆچۈپ نادانلىق غەلبە-غەشلىرى،
جىلۋىلىنىدۇ سەندە مۇكەممەل
سەمىمىيەتنىڭ سۈزۈك ساداسى،
پەن ئىپادىسى،
سەنەت تەسۋىرى...
ئاھ، ئانداق بولمىسا،
نىمە دىگۈلۈك،
ياراتمىسا تارىخ تەھرىرى؟
بۇ بىز ئۈچۈن ئۆلۈم ئەمەسمۇ؟
ۋە،"نەس باستىمۇ سىنى؟"دېمەسمۇ؟
قەبرىدە يېتىپ مەخمۇت قەشقىرى...

1985-يىل ئاپرىل


ياشاش ئۈچۈن ھېچكىمگە يالۋۇرمىدۇق ، ئۆلۈم ئالدىدىمۇ ھېچكىمگە يالۋۇرمايمىز .

ئــــــۇيــــغـــــۇرۇم

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4975
يازما سانى: 368
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6200
تۆھپە نۇمۇرى: 350
توردا: 496 سائەت
تىزىم: 2010-7-28
ئاخىرقى: 2015-4-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-21 12:32:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن كىمنى  كۆرىۋاتىمەن، ئانا تىل بايرىمىزغا مۇبارەك بولسۇن! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   oygurum تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-2-21 01:09 PM  


ئـــــــــــەرنىڭ بــــــــــــــــــــەختى ۋاپادىن ، ئـــــــــــــــــايــــــــــــــالنىڭ بەختى  ھايادىن.

دىللار پەقەت ئال

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30340
يازما سانى: 1988
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12078
تۆھپە نۇمۇرى: 3275
توردا: 8712 سائەت
تىزىم: 2011-2-14
ئاخىرقى: 2015-4-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-21 12:33:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇگۈن خەلقئارالىق (ئانا تىل )كۇنى. مەيلى سز خەنچە مائارىپ تۇزۇلمىسىدە بىلم ئالغان بولۇڭ
ياكى قوش تىل مائارىپ سىستىمىسدا بولۇڭ. پەقەت تىنڭىزدا ئىقۋاتىقىنى ساپ ئۇيغۇرنىڭ قىنى
بولسىلابۇگۈن تولۇق بىر كۇن ئانا تىلدا سۆزلەپ سىناپ بىقىڭ، باشقلارمۇ سىناپ باقسۇن!مەنمۇ سىناپ
باقاي!!!!!!ھەممە ئىشىنى ئۆزىمىزدىن باشلاپ ئانا تىلىنڭ ئىللىقلقىنى ھەممىگە ھېس قىلدۇرايلى،سېنى
سۆيىمەن ئانا تىلىم ئۇيغۇر تىلىم!!!!!!!!!!!!!!!!

ئۈلۇمدىن قورۇقمايمەن .ئەمما.گورۇمدە يالغۇزلۇقتىن قاراڭغۇلىقتىن گۇرنىڭ ئازاۋېدىن قورقىمەن
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش