|
|
|
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار!!!
2-ئاينىڭ 21-كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بېكىتكەن <<ئانا تىل>> كۈنى. بارلىق ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمنىڭ مۇشۇ بايرامدا بولسىمۇ ساپ ئۇيغۇرچە يەنى ئۆزىمىزنىڭ ئانا تىلىمىزدا سۆزلىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن. تىلىمىزنى قوغدايلى.
ئالدىنقى يىلى ئۆزۈم ئانا تىل كۈنىگە ئاتاپ ياسىغان بىر پارچە رەسىمىم بار ئىدى. بۇ يىلى ياسىمىغان ئىدىم. شۇنداقتىمۇ بۇ رەسىمنى ھەممىڭلارغا سوۋغا قىلاي. رەسىمدىكى بىر چاتاق يەر، ئاۋۇ كىچىك قىزچاقنىڭ چېچىنى ئۇزۇن قىلىۋەتمەپتىمەن. سەت بولدى. Ps ھالىتىنى يۇيۇۋېتىپ قاپتىمەن. رەسىم ھالىتى بار ئىكەن. شۇڭا ئوڭشايمەن دېسەم ۋاقىت كېتىدىكەن. ھۇزۇرىڭلارغا سۇندۇم.
باشقۇرغۇچىلارنىڭ بۇ تېمىنى تەستىقلاپ قويىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن. رەھمەت.
رەسم سۈزۈك كۆرۈنمىسە، رەسىمنى چەكسىڭىز يېڭى بەت ئېچىلىدۇ. شۇ چاغدا سۈزۈك كۆرۈنىدۇ. ئەگەر رەسىمنى چەككىلى بولمىسا تۆۋەندىكى ئادرىسنى چەكسىڭىزمۇ بولىدۇ.
http://img13.poco.cn/mypoco/myphoto/20130221/02/6441986020130221025231089.jpg
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا دىل گۈزەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-2-21 11:14 AM
|
|
|
|
|
|