مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3272|ئىنكاس: 41

خوتۇن ئالغاندا ئانىسىغا قارا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91801
يازما سانى: 59
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 160
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 31 سائەت
تىزىم: 2013-2-17
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-21 12:10:38 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

456.jpg





خوتۇن ئالغاندا ئانىسىغا قارا



  قەدىمدە بىر سودىگەر بولغان ئىكەن. يىلنىڭ كۆپ ۋاقىتلىردا باشقا شەھەردە بولىدىكەن ،ئائىلىسىگە ئانچە بەك قايتالمايدىكەن . شۇنداق سودا قىلىپ يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە بارلىق تۆگىلەنى باشلاپ ماڭىدىغان باشلامچى تۆگىسى قېرىپ قاپتۇ. باي باشلامچى  تۆگىنىڭ ئورنىغا يىڭىدىن باشقا تۆگە سېتىۋىلىش ئۈچۈن تۆگە بازىرىنى ئارلاپ ھېچ مۇۋاپىق تۆگە تاپالماي قايتاي دىگەندە بىر تۆگە ئۇچراپقاپتۇ ،بويى،يېشى قاتارلىقلار     باينىڭ ئۆلچىمىگە تامامەن توشىدىكەن. باي تۆگىنىڭ ئىگىسى بىلەن باھا تالىشىپ يۈرۈپ    ئاخىرى يەتتە دىنارغا تۆگىنى سېتىۋاپتۇ . باي پۇلنى بىرىۋاتقاندا ھېلىقى تۆگىنىڭ   ئىگىسى   مۇنداق دەپتۇ :
  -مۇندا بىر گەپ بار دىمىسەم ماڭا قىيامەتلىك قەرز بوپقالىدۇ ، شۇڭا دەۋىتەي تۆگىنىڭ ھېچ قانداق ئەيىپى يوق،ئانىسىنىڭ بىر ئەيىپى بارئىدى ،يەنى دەريادىن ئۆتۈشكە توغرا كەلگەندە دەريانىڭ ئوتتۇرسىغا كىلىپ يېتىۋالاتتى.ئەمدى بۇ ئەيىپ بالىسىدا بارمۇ يوقمۇ بىلمەيمەن .

  باي ئويلاپتۇ <ئانىسىدىكى ئەيىپ بالىسىدا نىمە قىلا >. شۇنىڭ بىلەن باي تۆگىنى ئېلىپ كىتىپتۇ .  كىيىن باي ئۇ ئىشلارنى پۈتۈنلەي ئىسىدىن چىقىرۋىتىپتۇ.ئارىدىن ئۈچ يىل ئۆتۈپتۇ،باي تۆگىلەرگە ناھايتى قىممەت باھالىق ماللارنى بېسىپ شامغا قاراپ يولغا چىقىپتۇ،يولدا بىر دەرياغا يولۇقۇپ تۆگىنى دەريغا ساپتۇ ،ھېلىقى باشلامچى تۆگە دەريانى ئوتتۇرسىغا كەلگەندە يېتىۋاپتۇ باشقا تۆگىلەرمۇ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ يېتىپتۇ .  باينىڭ بارلىق ماللىرى قاتتىق زىيانغا ئۇچراپتۇ ،باي مىڭ تەستە دەريادىن چىقىپ چاكىرىغا   دەپتۇ :
  -ماڭ سەن بېرىپ خوتۇنۇمغا يەتكۈز مەن ئۇنى تالاق قىلدىم ئۆيدىن ئالىدىغىنىنى ئېلىپ يوقالسۇن .
  چاكار شۇ ماڭغانچە ئۆيگە كىلىپ باينىڭ خوتۇنىغا دەپتۇ  :
  -غوجام سىنى تالاق قىلدى ،ئۆيدىن ئالىدىغىنىنى ئېلىپ يوقالسۇن دەيدۇ .
  باينىڭ خوتۇنى بۇ گەپنى ئاڭلاپ :
  -ۋاي نىمىشقا تالاق قىلىدىكەن يەي ......
  دەپ بىر ھازا يىغلاپتۇ . چاكار نىمە دىيىشىنى بىلەلمەي. ياناي دەپ تۇرغاندا دەرىزىدىن ئۆي ئىچىدە بىر يالىڭاچ بەدەننى كۆرۈپتۇدە ھەممىنى چۈشەنگەندەك بوپتۇ .
  ئەسلىدە باينىڭ قېينئانىسى ئىلگىرى ئىرىگە ۋاپاسىزلىق قىلىپ مەھەللىدە رەسۋا بولغان ئىكەن ، باي ئايالىغا <ئۇ دىگەن سىنىڭ ئاناڭنىڭ ئىشى بىز بىلەن مۇناسىۋىتى يوق. مەن  ىنى ياخشى كۆرمەن مەن ساڭا ئىشىنىمەن > دەپ ئۇنى ئەمرىگە ئالغان ئىكەن .

  يۇقارقى ھىكايىنىمۇ ئاڭلاپ بولدىڭىز ئەمدى قانداراق خىيال كاللىڭىزدا ئەكىس ئىتىۋاتىدۇ <خوتۇن ئالغاندا ئانىسىغا قارا > بۇ ھەقىقەتەنمۇ توغرا گەپ، ئەتراپىمىزدىكى نۇرغۇن نۇرغۇن ئىشلار بۇنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ. بەلكىم سىز بۇ قۇرلارنى ئوقۇۋېتىپ كۆز ئالدىڭىزغا مەلۇم كىشىلەر كېلىپ ئۆزىڭىزچىلا <ھەي توغرا جۇمۇ > دەۋەتكەنسىز ، بۇ ھەقتە خەلق ئارىسىدا نۇرغۇن ماقال تەمسىللەر بارئەلۋەتتە.
  ئانا بولسا ئىنساننىڭ تۇنجى ئۇستازى ئۇنىڭدىن ئادەم بۇلۇپمۇ قىزلار نۇرغۇن نەرسىلەرنى   ئۇلگە ئالىدۇ (ئوغۇللار دادىسىنى ئۈلگە قىپ ياشايدۇ كۆپىنچە.... )شۇڭائىتىقادلىق،ئەخلاقلىق،پاكىزە بولغان ئانىنىڭ قىزىمۇ تەبىئىيلا ئانىسىنى ئۈلگە قىلىدۇ .

  سىز توي قىلماقچى بولغان قىزنىڭ ئانىسىغا قاراپ شۇ قىزنىڭ قېرىغان ۋاقتىدىكى چىراي تۇرقىنى پەرز قىلالايسىز .
  يېقىندا رادىئودىن ئاڭلىغان بىر خەۋەرگە ئاساسلانغاندا ئەنگىلىيەلىك ئالىملار 1000 دىن ئارتۇق ئانا بىلەن قىزنى 20 يىل ئىز قوغلاپ كۆزىتىش ئارقىلىق ئانا ۋە قىزنىڭ قېرىغان ئوخشاش ۋاقىتتىكى چىرايىنىڭ ئاساسەن ئوخشاش بولىدىغانلىقىنى بايقىغان .
  يەنى سىز 20 ياشلىق بىر قىز بىلەن توي قىلغان بولسىڭىز ،سىزنىڭ قېينئانىڭىز 40 ياشقاكىرگەن بولسا، سىزنىڭ خوتۇنىڭىز 40 ياشقا كىرگەندە،ھازىرقى قېيئانىڭىزنىڭ چىرايىغائوخشاش بولىدىكەن .
  < توي قىلغاندا ئانىسىغا قارا >، بۇگەپ پەن تېخنىكىدىمۇ ئىسپاتلىنىپتۇ .

  مەندە ئىلگىرى مۇنداق بىركۆز قاراش بار ئىدى،<ئەگەر مەن بىرە قىز بىلەن مۇھەببەتلىشىپ قالسام ئۇنىڭغا يىراق يەرلەرگە قېچىپ كىتىش تەكلىپىنى قويمەن ئەگەر ئۇ   مەن ئۈچۈن ھەممىدىن كىچىپ مەن بىلەن ماڭالىسا،مەن ئۇنى ئېلىپ قېچىپ ئۇنى ئاسرىغان ئاساستا قايتۇرۇپ كېلىپ ئاتا ئانىسىنىڭ رازىلىغىنى ئېلىپ توي قىلىمەن >.
  خېلى بۇرۇن مۇش توي ۋە قىز توغرۇلۇق نەۋرە ئاچام بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپ مۇشۇ گەپنى دىدىم.
  نەۋرە ئاچام :
  -بۇ كۆز قارىشىڭىز بەكلا خاتا قاراشكەن.بىر كىشى ئۈچۈن نەچچە ئون يىل جاپا تارتىپ باققان ئاتا ئانىسىنى ئويلىماي سىز بىلەن قاچقان قىز ۋاختى كەلگەندە،يەنى بىرى ئۈچۈن سىز دىنمۇ كىچەلەيدۇ.

  بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ بەك قاتتىق ئويلاپ كەتتىم،دىمىسىمۇ توغرىكەن،بىراۋلاردىن ئاسانلا     يۈز ئۆرىگەن ئادەم يەنە ۋاختى كەلگەندە شۇنداق ئاسانلا يەنە يۈز ئۆرەلەيدىكەن .(بۇ     چىڭگىز خاننىڭ ئادەم ئىشلىتىش ئۇسۇلىغا بەكلا چۈشىدىغان گەپكەن) ھازىر شۇ ۋاقىتتىكى كۆز قارىشىمنى ئويلىسام <ھەي كىچىكلىك... >دەپلا قويىمەن خالاس .

  مەن بۇيەدە نىمىلا دىمەي قانداقلا تۇرمۇش ئارقىلىق ھىس قىلغانلىرىمنى بىلجىرلار  ھەممىسى بىكار باشقا كەلمىسە بىلگىلى بولمايدۇ .

   ئاخىردا ھەممىڭلارغا ئىتىقادلىق ،ئەخلاقلىق ،ئىناق بولغان ئائىلە قۇرۇپ چىقىشىڭلارنى ئاللاھدىن تىلەيمەن.



          مەنبە: ئىلگىركى دىيارىم (سەلكىن)مۇنبىرى ۋە تۇرمۇشتا ھىس قىلغانلىرىم









ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86790
يازما سانى: 647
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2099
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 265 سائەت
تىزىم: 2012-11-3
ئاخىرقى: 2015-4-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-21 01:09:02 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خۇتۇن ئالغاندا ئانىسىغا قارا ؛بۇ سوزنى يۇزدە  يۈز توغرا دىگەلى بولمىسىمۇ مەلۇم ئاساسى با .بۇ ئادەمدىلا ئەمەس باشقا جانلىقلادىمۇبا ئورتاقلىق .بۇ مەسىلىنى كەپتەرۋازلادىن سورىسىڭىزمۇ ئېنىق جاۋاپ بىرىدۇ

يالغانچىنىڭ رىسقى كام بۇلۇر .سەمىمىلىك ،راستچىللىق مىنىڭ مىزانىمدۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85728
يازما سانى: 1035
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4169
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 407 سائەت
تىزىم: 2012-10-5
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-21 01:16:12 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بالا دىگەن ئۈگەنگۈچى شۇڭا ئانا ھەر بىر گەپ سۆزگە ئىش ھەركىتىگە دىققەت قىلىش كىرەك بولمىسا ئاننىڭ يامان ئادىتىنى ئۈگۈنۈپ قالدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91443
يازما سانى: 119
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 309
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 46 سائەت
تىزىم: 2013-2-10
ئاخىرقى: 2014-1-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-21 01:16:16 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياۋ پانا !!! نىمە گەپ بۇ ئەمدى . ...ھازىرقى قىزلارنىڭ
ئانىسىغا ئەمەس بەلكى ئۆزىگە قاراپمۇ ، خوتۇن ئالغۇسى كەلمەيۋاتسا ئادەمنىڭ .
كوچا كويلاردا ، يەنە تىخى بەزىسى قاۋاقتا . . . ....ھەي بولدىلا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73000
يازما سانى: 1053
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 65
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2639 سائەت
تىزىم: 2012-1-12
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-21 02:06:14 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خوتۇن ئالساڭ ئانىسىنى ئال !

مۇشۇنداق بىر گەپ بولدىغان راس گەپتە مۇشۇ ...

پىلدىن بۈيۈك پىل ئوۋچىسى بار . ـــــــــــــــــــ بۆرىلەر ۋادىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87194
يازما سانى: 189
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 710
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 773 سائەت
تىزىم: 2012-11-14
ئاخىرقى: 2014-11-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-21 06:57:30 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەگە تەگسەڭ دادىسىغا قاراپ تەگ،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91801
يازما سانى: 59
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 160
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 31 سائەت
تىزىم: 2013-2-17
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-21 09:53:13 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كېچە يوللىغان ۋاقتى  2013-2-21 06:57 AM
ئەگە تەگسەڭ دادىسىغا قاراپ تەگ،

بۇ گەپنىڭ مۇ ئاساسى بار. ‹ئاكام پۈتۈنلەي دادامنىڭ مىجەز خارەكتىرىنى ئالدى .........›

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86315
يازما سانى: 136
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 396
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 51 سائەت
تىزىم: 2012-10-21
ئاخىرقى: 2014-10-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-21 10:08:51 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەمدى يىگىتلەر قىز ئىزدىمەي ئانا ئىزدەيدىغان بولدىدە. ھې ھې ھې...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86315
يازما سانى: 136
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 396
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 51 سائەت
تىزىم: 2012-10-21
ئاخىرقى: 2014-10-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-21 10:09:45 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چاخچاق جىما ئاۋۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91801
يازما سانى: 59
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 160
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 31 سائەت
تىزىم: 2013-2-17
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-21 10:16:45 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
baykiz يوللىغان ۋاقتى  2013-2-21 10:08 AM
ئەمدى يىگىتلەر قىز ئىزدىمەي ئانا ئىزدەيدىغان بولدىدە.  ...

گەپنىڭ ئىچىدە گەپ بادەك قىلىدىيا

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش