توردىكى بارلىق قېرىنداشلار!
1. ئا
(ئانا تىلىم) ئانامدۇر،
ئاسراي ئالتۇن ئانامنى.
ئالغا ئاتلاپ ئارمانسىز،
ئاقلاي ئارزۇ-ئارماننى.
2. ئە
(ئەجدات تىلىم) ئەزەلدىن،
ئەزىزلەشكە ئەرزىيدۇ.
ئەدەپ-ئەخلاق ئەسكەرتىپ،
ئەنبەرلەردەك ئەۋجىيدۇ.
3. ئې
(ئېرپان تىلىم) ئېقىنى،
ئېرىق-ئېرىق ئېقىشار.
ئېڭىن ئېچىپ ئېچىشىپ،
ئېلىم-ئېھسان ئېيتىشار.
4. ئى
(ئىلىم تىلىم) ئىسىلدۇر،
ئىللىتىدۇ ئىقلىمنى.
ئىزدىنىدۇ ئىزلاردىن،
ئىلگىرلىتىپ ئىلىمنى.
5. ئو
(ئويغاق تىلىم) ئورۇنلۇق،
ئويغىتىدۇ ئوسالنى.
ئويغىتىدۇ ئوۋلاردا،
ئويغانمىغان ئوغالنى.
6. ئۆ
(ئۆزلۈك تىلىم) ئۆزلۈكتە،
ئۆرلەلەيدۇ ئۆملۈكتە.
ئۆچۈرۈلمەس ئۆرنەكتەك،
ئۆتمەيمىزمۇ ئۆملۈكتە.
7. ئۇ
(ئۇيغۇر تىلىم) ئۇنتۇلماس،
ئۇيغۇرۇمدۇر ئۇيۇلتاش.
ئۇيغۇرلارغا ئۇياتتۇر،
ئۇتۇقسىزلىق ئۇ ئۇخلاش.
8. ئۈ
(ئۈلگە تىلىم) ئۈزدۈرەر،
ئۈمىتلەردىن ئۈمىتلەپ.
ئۈگۈنۈشتە ئۈزەيلى،
ئۈلگىلەردىن ئۈنچىلەپ.
9. ب
(بۇغداي تىلىم) بايلىقتۇر،
بېرەر بىلىم بەتمۇ-بەت.
( بۇلبۇل تىلىم) باھاردۇر،
بېرەر بىزگە بەرىكەت.
10. س
(سۇلتان تىلىم) سىماھى،
سۇلتان سىياق سالاپەت.
سالتانىتى ساناقسىز،
سوغاتلايدۇ سائادەت.
11. د
(دانا تىلىم) دېڭىزدەك،
دۇنيالارنى دېرەكلەر.
دانالارنىڭ داناسى،
دىلنى دەريا-دېڭىز دەر.
12. ف
(فونتان تىلىم) فونتاندەك،
فونتانلايدۇ فونتاندەك.
فۇنكىتسىيە فورمۇلا،
فىزىكىدا فونتاندەك.
13. گ
(گۆھەر تىلىم) گۈزەلدۇر،
گۈللىتىدۇ گۈلىستان.
گۈلبېغىدا گۈلزارلىق،
گۈللىنىدۇ گۈلبوستان.
14. غ
(غەزەل تىلىم) غەزەللەر،
غەلىبىلىك غەيرەتنى.
غورۇرلارنى غىدىقلاپ.
غەمسىزلىتەر غۇربەتنى.
15. خ
(خۇشخۇي تىلىم) خىسلەتلىك،
خەتنى خەتلەر خىلمۇ-خىل.
خۇشخۇي خەلقىم خەۋەرلەر،
خوشاللىقتىن خىلمۇ-خىل.
16. ھ
(ھېكمەت تىلىم) ھەقىقەت،
ھىكايەتلەر ھاياتلىق.
ھەققانىيەت ھارماستۇر،
ھەقىقەتتۇر ھەقچىللىق.
17. ج
(جانلىق تىلىم) جىلمىيىپ،
جانلاندۇرار جاھاننى.
جاھالەتنى جانسىزلاپ،
جانلاندۇرار جان-جاننى.
18. ك
(كۈيچى تىلىم) كۈيلەيدۇ،
كائىناتنى كۈيىدە.
كىتاپ كۆرگەن كۆرىدۇ،
كەلگۈسىنى كۆزىدە.
19. ق
(قارچۇق تىلىم) قاناتىم،
قەدىرلەيمەن قەلبىمدە.
قورقماسلارنى قوللايمەن.
قېزىپ قۇتتىن قەسىدە.
20. ل
(لېرىك تىلىم) لېرىكا،
لايىق لالە-لىباسقا.
لەنەتلەرگە لايىقتۇر،
لايغەزەلدەك لىڭتاسما.
21. م
(مەزمۇت تىلىم) مېھنەتكەش،
مۇشەققەتكە مۇڭلانماس.
مېھنەتسىزلەر مۈدۈرۈپ،
مەڭگۈ مەغرۇر ماڭالماس.
22. ن
(نۇرلۇق تىلىم) نۇرىدىن،
نۇرلىنىدۇ نەۋباھار.
نۇرلىنىدۇ نەۋرۇزدا،
نەزمە، نەغمە-ناۋالار.
23. پ
(پارلاق تىلىم) پەخرىمدۇر.
پەزىلەتتە پەرىشتە.
پىتنە-پاسات، پەتىۋا،
پارلىيالماس پەلەكتە.
24. چ
(چولپان تىلىم) چاقنايدۇ،
چېھرى چىراق چۇغلۇقتەك.
چەكسىزلىكتە، چىنلىقتا،
چاقناۋاتقان چولپاندەك.
25. ر
(راۋان تىلىم) رەنادەك،
روشەنلىكنى راۋالار.
راۋالانسا روشەنلىك،
روھسىزلارمۇ روھلىنار.
26. ت
(تۇلپار تىلىم) تىلسىمدۇر،
تىلسىماتنى تىترىتەر.
توسقۇنلاردا توختىماي،
توسقۇنلارنى تىزگىنلەر.
27. ۋ
(ۋارىس تىلىم) ۋەزنىڭدىن،
ۋۇجۇد ۋىجدان ۋولقانلار.
ۋۇجۇدىڭدىن ۋارىسقا،
ۋارىسلىغىن ۋارىسلار.
28. ش
(شۇڭقار تىلىم) شۇڭغۇيدۇ،
شىجائەتلىك شىرلاردەك.
شانۇ-شەۋكەت شەرھىلەر،
شاپائەتچى شاھلارەك.
29. ي
(يۈرەك تىلىم) ياشنىسۇن،
يوقاتمايلى يۈرەكنى.
ياشنىتايلى يىلمۇ-يىل،
يالقۇنجاپلا يۈرمەكنى.
30. ز
(زىبا تىلىم) زەپەرلىك،
زوراي زامان زىمىنغا.
زەرەپشاننى زىبانى،
زەنجىرلىگىن زېھىنغا.
31. ژ
(ژانىر تىلىم) ژانىردەك،
ژانىرلايدۇ ژورنالنى.
ژانىرلانسا ژورناللار،
ژانىرلايمىز ژانىرنى.
32. ڭ
ياشنا تىلىم ياشناڭلار،
پارلا تىلىم پارلاڭلار.
قاراڭغۇدا قالماڭلار،
ئۆزلۈكىڭدە ئۆرلەڭلار.
مەنبە: ئانا تىل بايرىمى ئۈچۈن، ئانا تىلىمىزنىڭ مول تىللىرىدىن تولۇق پايدىلىنىپ تۇرىشىمىز ئۈچۈن، ئانا تىل ھەرپلىرىدىن سۆز ئويۇنى باشلىدىم، بۇ ئويۇنغا قىزىقىدىغان مۇنبەرداشلار بار بولسا كۆرۈپ، قاتنىشىپ قويارسىزلەر.
2013-يىل 2-ئانىڭ 20-كۈنى