|
|
|
|
بېلىقىز «ئارالدىكى سۈيقەست» ناملىق فىلىمدا
ئۆزىنىڭ سەنئەتتىكى تالانتى ۋە ئۆزگىچە ئوقۇتۇش مىتودى ئارقىلىق 2005-يىلىدىن باشلاپ ھازىرغىچە بېيجىڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتىدا تەكلىپ بىلەن ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىغا ئۇيغۇرچە ئۇسسۇل ئۆگىتىپ كىلىۋاتقان بىر ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچى بار، ئۇ بولسىمۇ ـ بېلىقىز ھاشىم.
كىچىكىدىنلا سەنئەتكە ئالاھىدە ئىشتىياق باغلىغان بېلىقىز 1982-يىلى قەشقەر سەنئەت ئىنىستىتۇتىدا ئوقۇۋاتقان ۋاقتىدا مەركىزىي مىللەتلەر ناخشا ـ ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ ئارتىس قوبۇل قىلىش ئۆمىكى تەرىپىدىن تاللىنىپ بېيجىڭغا كەلگەن بىردىنبىر قىز ئوقۇغۇچى بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا ئۇ ئارانلا 15 ياشتا ئىدى. كېلىپلا مەركىزىي مىللەتلەر ناخشا ـ ئۇسسۇل ئۆمىكىدە خىزمەتكە چۈشكەن بېلىقىز بىر تەرەپتىن كەسىپ جەھەتتىن ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ ئىشلىسە، يەنە بىر تەرەپتىن قىتىرقىنىپ ئۆگىنىپ، 1985-يىلى بېيجىڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتىغا ئىمتىھان بېرىپ ئۆتكەن، لېكىن ئىدارىنىڭ قوشۇلماسلىقى بىلەن ئوقۇشقا كىرىش ئىشىنى ۋاقتىنچە كېچىكتۈرۈپ، 1987-يىلى ئاندىن مەكتەپكە كىرەلىگەن. مەكتەپكە كىرگەن بىرىنچى يىلىلا يەنى 1988-يىلى بېلىقىز ئۈچ يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان مەملىكەتلىك ئىككىنچى نۆۋەتلىك «شاگىرتلار لوڭقىسى» ئۇسۇل مۇسابىقىسىدە، ھەر قايسى مىللەت ئۇسۇلىنى ئويناپ «ئون مۇنەۋۋەر ماھىر» بولۇپ باھالىنىپ، ئەتراپتىكىلەرنى ھاڭ ـ تاڭ قالدۇرغان. بېلىقىز ھاشىمنىڭ تالانتى رېژىسسورلارنىڭمۇ دىققىتىنى تارتقان. بېلىقىز 1988-يىلى تەكلىپ بىلەن ليۇ شياۋگۇاڭ رېژىسسورلۇق قىلغان، «ئالتۇن بۈركۈت» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن «ئاق قىيىن دەرىخى سۆيگۈسى» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا ئايال باش رولچىنىڭ رولىنى ئالغان. 1989-يىلى ئىچكىرىدە ئىشلەنگەن ۋاڭ يابىياۋ رېژىسسورلۇق قىلغان «ئارالدىكى سۇيقەست» فىلىمىدىمۇ ئايال باش رولچى ئەينانىڭ رولىنى ئالغان.
ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كىيىن بىرمۇ كىنودا رول ئېلىپ باقمىغانلىقىدىن ئەجەبلەنگەن مەن بېلىقىز ھەدىدىن «نېمىشقا ئوقۇش پۈتتۈرۈپلا كىنو ئارتىسلىق ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرغانلىقىنى، ئەينى ۋاقىتتا نېمە سەۋەبلىك كىنو ـ تېلېۋىزىيە ساھەسىگە قاراپ تەرەققىي قىلىشنى ئويلىشىپ باقمىغانلىقىنى سورىغىنىمدا بېلىقىز ھەدە «ئۆزىنىڭ ئەنئەنىۋى ئەخلاق كۆز قارىشى تۈپەيلىدىن مۇھەببەت تەسۋىرلەنگەن فىلىملەردىكى قىسمەن كۆرۈنۈشلەرنى قوبۇل قىلالمىغانلىقى، شۇ سەۋەبلىك ئۆزى رول ئالغان فىلىملاردا بۇ خىل كۆرۈنۈشلەرنى رېژسسورلاردىن تەلەپ قىلىپ چىقىرىۋەتكەنلىكىنى، بىر قىسىم رېژسسورلار چىقىرۋېتىشكە قوشۇلمىغاندا، رول ئېلىشنى رەت قىلغانلىقىنى ۋە ئاخىردا ئۆزىنىڭ ئەتراپلىق ئويلاشقاندىن كىيىن يەنىلا ئۇسسۇل ساھەسىگە قاراپ تەرەققىي قىلىشنى تاللىغانلىقىنى ئېيتتى.
مەركىزىي مىللەتلەر ناخشا ـ ئۇسۇل ئۆمىكىدە ئىشلەۋاتقان چېغىدا بىلقىز ھاشىم كۆپ قېتىم ئۇسۇل يېتەكچىسى بولۇپ ئامېرىكا، ياپونىيە، تايلاند، يېڭى زېلاندىيە، كورىيە قاتارلىق جايلاردا نومۇر كۆرسىتىپ كۆپ قىتىم مۇنەۋۋەر ئارتىس بولۇپ باھالانغان.
2005-يىلىدىن باشلاپ بېيجىڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتى بېلىقىز ھاشىمنى دەرس ئۆتۈپ بېرىشكە تەكلىپ قىلغاندىن كىيىن، ئۇ سەھنىدىن چېكىنىشنى ئىلتىماس قىلىپ سەھنىدىن چېكىنگەن ۋە ئوقۇتقۇچىلىق ھاياتىنى باشلىغان. بېلىقىز ھەدە تىلىفوندا ئۆزىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق كەسىپىنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى، بۇنىڭدىن كېيىنكى ھاياتىنى ياش ئەۋلادلارنى تەربىيەلەشكە سەرپ قىلىش پىلانى بارلىقىنى ئېيتتى. مەن ئۇنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىجادىيەتلىرىگە ئۇتۇق تىلەپ خوشلاشتىم
|
|
|
|
|
|